ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-13

    مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا (2) - [تەتقىقاتلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40939946.html

    سەمەت دۇگايلى

     

    ئەرەبچە، پارسچە يازمىلار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا

     

     ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىگە ئائىت ئەرەبچە، پارىسچە يازمىلارنىڭ كۆپرەكى مىلادى 8 -، 9 - ئەسىرلەردىن كېيىنكى ۋاقىتلاردىن باشلىنىدۇ. ئەمما، بۇ تارىخىي يازمىلارنىڭ تولىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مەلۇم قىلىدىغان پاكىتلارغا يىپ ئۇچى بولالىغۇدەك ئىلمىي بايانلار يوق دېيەرلىك، بار دېيىلگەنلىرىدە بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تۈرك −− ياپەس −− نوھ ئەلەھىسسالامغا ئاپىرىپ تىركەپ چۈشەندۈرۈش ئومۇمىي تۈس ئالغان.

    ئومۇمەن، ئۇيغۇرلارغا دائىر مەلۇمات بەرگەن ئەرەبچە، پارسچە تارىخىي يازمىلارنىڭ مۇئەللىپلىرىدىن مۇھىمراقلىرىنى تۆۋەندىكىچە كۆرسىتىشكە بولىدۇ:

     1. بەلازورى. ئۇ مىلادى 9 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا «ئىشغالىيەت تارىخى» (ياكى «ھەر قايسى ئەللەرنى ئىشغال قىلىش تارىخى») ناملىق ئەسەر يازغان. ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئەرەبلەرنىڭ ئىشغالىيەت پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئەرەبلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئىلكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنلىرىگە باستۇرۇپ كىرىش جەريانىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى بايان قىلىش جەريانىدا، ئۇيغۇرلار ئۈستىدە خېلى سالماق سەھىپىلەر بىلەن توختىلىپ ئۆتكەن.

     2. قۇدامە. ئۇ ئەرەب جۇغراپىئونى بولۇپ، مىلادى 10 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاماملىغان ئەسىرى ئارقىلىق، ئەتراپتىكى ئەللەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇش جەريانىدا، ئۇيغۇرلار ئىلكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنلىرى ئۈستىدە كۆپ توختالغان.

     3. سامئانى (مىلادى 1167 - يىلى ۋاپات بولغان). ئۇ ئەرەب لوغەتشۇناسى بولۇپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا، بولۇپمۇ قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ قۇرۇلغان دەسلەپكى ھەرىكەتلىرى، زېمىن تەۋەلىكى قاتارلىقلارغا ئائىت مەلۇماتلار توغرىسىدا مۇھىم پاكىتلارنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ يازمىلىرى كېيىنكى تارىخشۇناسلار ئۈچۈن بىر مۇنچە پاكىت مەنبەسى بولغان.

     4. مۇسۇلمان دۇنياسىغا داڭلىق تارىخچى ئەبۇ نەسرۇل ئۇتبى. ئۇ مىلادى 11 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغا تەئەللۇق تارىخ كىتابىدا قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى، خاندانلىقنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا كەڭ سەھىپە بىلەن مەخسۇس توختالغان. بولۇپمۇ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىشىشى ۋە ئۇنىڭ تەپسىلىي جەريانى توغرىسىدا تولىمۇ پايدىلىق مەلۇماتلارنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇ يازغان تارىخىي ئەسەرنىڭ نامى «تارىخىي ئەمىنىيە» بولۇپ، بۇ كىتاب كېيىنكى تارىخچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۈچۈن بىر مۇنچە ماتېرىيال ۋە سىتاتا مەنبەسى بولغانلىقى بىلەن داڭق چىقارغان.

     5. شۇ دەۋرگە تەئەللۇق يەنە بىر تارىخىي ئەسەر ئىبىن ئەسىرنىڭ «ئومۇمىي تارىخ» دېگەن كىتابى سانىلىدۇ. بارتولد قاتارلىق ئالىملارنىڭ تەرىپلىشىچە، ئىبىن ئەسىرنىڭ بۇ كىتابى ناھايىتى ئەستايىدىل، ئىزدىنىش روھىغا باي، ئەمەلىيەتلىكلىكى كۈچلۈك، كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە يېزىلغان. ئىبىن ئەسىر بۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا، بولۇپمۇ قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا تەڭداشسىز پايدىلىق ماتېرىياللارنى يېزىپ قالدۇرغان.

     6. ئەبۇل فۇتۇھ ئابدۇل جافۇر (ياكى جاففار) ئىبىن ھۈسەين ئەلمائى. ئۇ ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي شەخس ۋە تارىخشۇناستۇر. ئۇ قەشقەردە ياشىغان ۋە ئۆز دەۋرىدىلا قاراخانىيلار خاندانلىقى تەۋەسىدىكى مەشھۇر تارىخشۇناس نامى بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئۇنىڭ نەدە تۇغۇلغانلىقى، قاچان تۇغۇلۇپ، قاچان، نەدە ۋاپات بولغانلىقى ھەمدە مىللەت تەۋەلىكى ئېنىق ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، ئۇنى ئۇيغۇر مىللىتىدىن، قەشقەردە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە ۋاپات بولغان، دەپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «قەشقەر تارىخى» دا بايان قىلىنغان قاراخانىيلار خاندانلىقىغا ئائىت ماتېرىياللار ئۆزىنىڭ موللۇقى، كەڭلىكى، بولۇپمۇ قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئائىت ماتېرىياللارنىڭ ئىشەنچلىكلىكى نۇرغۇن ئالىملارنى قايىل قىلغان ۋە تەسىرلەندۈرگەن. ئۇنىڭ «قەشقەر تارىخى» كېيىنكى دەۋرلەردە يوقىلىپ كەتكەن. ئاشۇنداق بىر ئالىمنىڭ ياشىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ «قەشقەر تارىخى» غا ئېلىنغان قىسمەن مەلۇماتلار مىلادى 14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان جامال قارىشىنىڭ «سۇرراھ لوغىتىنىڭ داۋامى» دا تىلغا ئېلىنغان ۋە نەقىل كەلتۈرۈلگەن. جامال قارشى «قەشقەر تارىخى» نى مىلادى 11 - ئەسىردە يېزىلغان دەپ ئۇچۇر بەرگەن. بۇنىڭغا قارىغاندا، مۇئەللىپنىڭ مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىبلار بىلەن زامانداش ئىكەنلىكىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.

     7. ئەڭ مۇھىم تارىخشۇناسلاردىن بىرى تەبەرىدۇر. تەبەرىنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى ھازىرغا قەدەر دۇنيا تارىخشۇناسلىق ساھەسىنىڭ «ماتېرىيال مەنبەسى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.

    تەبەرىنىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەت بن جەرىر، لەقىمى ئەبۇجەئفار. ئۇ ھىجىرىيە كالىندارى بويىچە 224 - يىلىنىڭ ئاخىرى ياكى 225 - يىلىنىڭ بېشىدا (مىلادى 839 - يىلى) پرسىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ شىمالىدىكى تەبەرىستان ئۆلكىسىنىڭ ئامۇل شەھىرىدە تۇغۇلغان. يەتتە يېشىدىن باشلاپلا «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» ئۆگىنىشكە كىرىشكەن. 12 يېشىدىن باشلاپ رايى قاتارلىق جايلاردا ئىراق فىقھىسىنى ئۆگەنگەن. داڭلىق شەرىئەتشۇناس فىقھ ئالىمى ئەھمەد بن ھەنبەلىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئۆگىنىش ئىشتىياقى بىلەن باغداتقا بارماقچى بولغان. ئەمما، سەپەر ئۈستىدە ئەھمەد بن ھەنبەلىنىڭ ۋاپات بولغىنىنى ئاڭلاپ، سەپىرىنى بەسرەگە توغرىلاپ، ئاۋۋال بەسرەدە «ھەدىس» ئۆگەنگەن، كېيىن باغداتقا بېرىپ «قۇرئان» ئۆگەنگەن ۋە شافىئىي فىقھىسىنى تەتقىق قىلغان.

    شۇ چاغلاردا شافىئىينىڭ ئىشداشلىرى ۋە مۇخلىسلىرى مىسىرغا كۆپرەك يىغىلغانلىقتىن ئۇمۇ مىسىرغا بارماقچى بولغان. ھىجىرىيىنىڭ 253 - يىلى (مىلادى 867 - يىلى) ئۇ مىسىرنىڭ پايتەختى فۇستاتقا بېرىپ ئەدەبىي ماھارەت ۋە شافىئىي، مالىك فىقھىسىنى بىر نەچچە يىل ئۆگەنگەن، كېيىن باغداتقا كېلىپ تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شوغۇللانغان.

    تەبەرى مۇشۇ ئارىلىقتا خەلىفىنىڭ ۋەزىرى ئەبۇ ھەسەن ئابدۇللابن يەھيا خاقانىنىڭ ئوغۇللىرىغا دەرس سۆزلىگەنلىكتىن، خەلىفە ۋە ئوردا ئەھلىنىڭ كاتتا ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.

    تەبەرى يېزىقچىلىق ئىشلىرىدا كۆپ ھوسۇللۇق ئالىم دەم نام ئالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ باغداتنىڭ يەئقۇب مەيدانىدىكى تۇرالغۇسىدا ئولتۇرغان چاغلىرىدا ھەر كۈنى 40 ۋاراق ئەسەر يازىدىكەن.

    تەبەرى ھىجىرىيىنىڭ 310 - يىلى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى (مىلادى 923 - يىلى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) 71 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ نامىزىغا ۋە دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقانلار «سانىنى ئالغىلى بولمىغۇدەك» دەرىجىدە كۆپ بولغان، تۇپراق بېشىدا بىر نەچچە ئايغىچە ئادەم ئۈزۈلمىگەن.

    تەبەرىنىڭ يازغان ئەسەرلىرى كۆپ تەرەپلىمە بولغان. ئۇ ئىلمىي فىقھ (دىن قانۇن ئىلمى)،«قۇرئان تەفسىرى»، «ھەدىس» ۋە قىرائەت ئىلمىي جەھەتلەردە يېتىشكەن ئالىم سۈپىتىدە داڭ چىقارغان، يازغان ئەسەرلىرى 26 خىلدىن ئاشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەجىمى زورراق بولغىنى ئىككى: بىرى «قۇرئان تەفسىرى» بولۇپ، بۇ 1 - قول ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن كېيىنكى دەۋرلەرگە تەئەللۇق تەفسىرچىلەرنىڭ «ماتېرىيال مەنبەسى» لىك رولىنى ئۆتىگەن. ئۇنىڭ يەنە بىر داڭلىق ئىلمىي ئەمگىكى «تارىخ تەبەرى (تەبەرى تارىخى)» دۇر.

    «تەبەرى تارىخى» نىڭ ئەسلىي تولۇق نامى «تارىخۇل رۇسۇل ۋە ئول مۇلك (پەيغەمبەرلەر ۋە ھۆكۈمدارلار تارىخى)» دەپ ئاتالغان. ئۇنى يەنە «تارىخۇل ئۇمەم ۋە ئول مۇلك (ھەر قايسى مىللەتلەر ۋە ھۆكۈمدارلار تارىخى)» دەپمۇ ئاتىغان. مۇئەللىپنىڭ تەبەرىستاندا تۇغۇلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، كېيىنكىلەر بۇ ئەسەرنى «تەبەرى تارىخى (تارىخ تەبەرى)» دەپمۇ پايدىلانغان ۋە مۇشۇ نام كەڭرەك ئومۇملىشىپ كەتكەن.

    «تەبەرى تارىخى» ھېجىرىيىنىڭ 303 - يىلى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى (مىلادى 915 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى) يېزىلىپ پۈتكەن. ئۇنىڭدا ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ يېزىلىپ، يەھۇدى دىنىنىڭ ئەپسانە - رىۋايەتلىرى؛ خىرىستئان دىنىنىڭ توقۇلمىلىرى؛ ئالەم، زېمىن، ئادىمىزاتنىڭ يارىلىشى ھەمدە ئىلگىرى ئۆتكەن دەپ رىۋايەت قىلىنغان پەيغەمبەرلەر ھەققىدىكى قىسسە، ئەپسانە - رىۋايەتلەر تۈگەل بايان قىلىنغان. ئاشۇ بايانلار ئارىسىغا ئەرەب يېرىم ئارىلى، ئۇنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى قەدىمكى ئەللەر ۋە مىللەتلەر توغرىسىدىكى نۇرغۇن رىۋايەتلەر قىستۇرۇلغان.

    لېكىن، «تەبەرى تارىخى» نىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى پىرسىيە تارىخىغا قارىتىلغان. كىتاب پىرسىيە تارىخىدىكى ھەر قايسى سۇلالىلەر، شاھلىقلار تارىخى ۋە ئەرەبلەرنىڭ ھەر قايسى قەبىلىلىرىنىڭ تارىخىنى بىرمۇ بىر بايان قىلغان. كىتابنىڭ مانا شۇ قىسمى ھىجىرىيىنىڭ باشلىنىشى (مىلادى 622 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) دىن باشلاپ سالنامە (يىل تەرتىپى) شەكلىدە ھىجىرىيىنىڭ 302 - يىلى (مىلادى 915 - يىلى) غىچە بولغان مۇھىم ۋەقەلەر، ئاساسلىق چوڭ ئۇرۇش - ماجىرالارنى تەپسىلىي خاتىرىلەشكە بېغىشلانغان. مۇئەللىپ بۇ تارىخنى بايان قىلغاندا ناھايىتى نۇرغۇن ماتېرىياللارنى مەنبە قىلغان. ئۇ شۇ چاغدا بار بولغان ئىبن ئىسھاق، كەلبى، ۋاقىدى، ئىبن سەئە، ئىبن مۇقاففەر، بەلازورى قاتارلىق تارىخچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە پىرسىيە تارىخىنىڭ ئەرەبچە تەرجىمىلىرىدىن پايدىلىنىپلا قالماستىن، ئۆزى شەخسەن ھەر قايسى جايلارغا قىلغان ساياھىتى ۋە ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن ماڭغان سەپەرلىرى جەريانىدا يىغقان ماتېرىياللار ۋە رىۋايەتلەردىنمۇ پايدىلانغان. «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس شېرىف» نىڭ ھەرخىل ئىزاھلىرىدىن، تەزكىرىلەردىن، جەڭنامىلەردىن، ھېكايەدلەردىن، شېئىر - قوشاق، يادنامە، ۋاھىز - مەدداھلارنىڭ نوتۇقلىرى، قەبىلىلەر ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توختام - شەرتنامىلەردىنمۇ ئاز بولمىغان ماتېرىياللارنى ئالغان.

    «تەبەرى تارىخى» دا ئۇيغۇرلارغا تەۋە ماتېرىياللارمۇ ئاز ئەمەس. بولۇپمۇ غەرب تارىخچىلىرى تەرىپىدىن «ئىفتالىتلار» دەپ ئاتالغان ئاق ھۇن - ئۇيغۇرلارنىڭ پارىسلار بىلەن بولغان نەچچە ئەسىرلىك مۇناسىۋەتلىرى، توقۇنۇش - جەڭ بولغان يىللار، ئورۇن ۋە ئادەم ئىسىملىرى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.

    «تەبەرى تارىخى» يەنە شۇنىڭدىن كېيىن تۈرك - ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق ھۇن - ئۇيغۇرلار بىرلەشمىسىدىن بۆلۈنۈپ، باشقىچە ئۇيۇشۇپ ئاق ھۇنلارغا قارشى كۆتۈرۈلۈپ يەڭگەندىن كېيىن ئاندىن پىرسىيىگە قارشى قىلغان ھەرىكەتلىرى توغرىلىقمۇ مەخسۇس باب ئېچىپ بايان قىلغان. تۈرك - ئۇيغۇرلار بىرلەشمىسىنىڭ پەرغانە، بەلخ قاتارلىق جايلارغىچە ئىشغال قىلىپ پىرسىيە بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ ئۆتكەن تارىخىي پاكىتلار توغرىسىدا باشقا مەنبەدىكى يازمىلاردىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدىغان قىسمەن مەلۇماتلارنى تولۇقلىغان.

    «تەبەرى تارىخى» نىڭ قىممەتلىك بىر يېرى شۇكى، كىتاب دىنى ئەقىدىدىن تاشقىرى خالىسلىق بىلەن توختالغان پىرسىيە، ئاق ھۇن - ئۇيغۇرلار ۋە تۇرا - ئۇيغۇرلار تېخى ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن دەۋرلەر ئىدى، ئەدناسى، ئىسلام دىنىمۇ تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىغان دەۋرلەر ئىدى. مىلادى 4 -، 5 - ئەسىرلەردىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە تەئەللۇق بولغان يۇقىرىقى مەلۇماتلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيىتىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەتىۋارلىقتۇر.

    ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، مەھمۇد قەشقىرى تىلشۇناس ئالىم بولۇشتىن تاشقىرى قاراخانىيلار خان جەمەتىگە مەنسۇپ سىياسىئون، ئۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا، قاراخانىيلار خاندانلىقىنى تىكلەش ۋە مۇستەھكەملەشتە جەڭگىۋارلىق رولىنى ئوينىغان كاتتا ھەربىي قوماندانلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىغان. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلاردىنمۇ پۇختا خەۋىرى بارلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا بېرىلگەن ھەربىي ئىشلارغا ئائىت سۆز، سۆزلەم ۋە بىر مۇنچە مەلۇماتلارمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. گېرمانىيە قاراخانىيشۇناسى، نېمىس ئالىمى ئومىلجام پرىتساكنىڭ قىياسىچە، قاراخانىيلار خاندانلىقى خان جەمەتىنىڭ يادرولۇق ئەزاسى بولغان مەھمۇد قەشقىرى بىر قېتىملىق ئوردا ئىچكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشىدە قەشقەردىن قېچىپ چىقىپ كەتكەن بولۇشى، قالغان ئۆمرىنى سەرگەردانچىلىق ئىچىدە يۇرت كېزىپ ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1982 - يىل 1 -، 2 - سانلىرىغا قاراڭ.

    بۇ پىكىرگە قوشۇلىدىغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» شۇناسلىرى ئۇنىڭ يۇرت كېزىپ يۈرگەن چاغدا قىلغان ئىشى تىل تەكشۈرۈش، تۈركىي تىللارنى خاتىرىلەش ۋە سېلىشتۇرۇش، ئاندىن باغداتقا بېرىپ، مىلادى 1074 - يىللىرىنىڭ ئالدى- كەينىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى رەتلەپ كىتاب قىلىپ باغدات خەلىفىسىگە تەقدىم قىلىش بولغان، دەپ بايان قىلىشىدۇ.

    يۇرت كېزىپ يۈرۈپ تۈركىي تىللارنى تەكشۈرگەنلىكى ۋە تۈركىي تىللار بىلەن ئەرەب تىلىنى سېلىشتۇرۇپ، «ئەرەبلەرنىڭ تۈركىي تىل ئۆگىنىش ئېھتىياجى ئۈچۈن» «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تۈزۈپ چىققانلىقىنى مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 - توم (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1980 - يىل 8 - ئاي نەشرى)

    ئالىمنىڭ ئۆزىمۇ قەيت قىلىدۇ. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئۆزى ئۈستىدە بەرگەن مەلۇماتىنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىدا گۇمان يوق. ئۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تاماملىغاندىن كېيىن، باغدات خەلىفىسى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە كىتابىنى تەقدىم قىلالىشىدىمۇ سالاھىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، قاراخانىيلار خان جەمەتىنىڭ ئابرويلۇق ئەزاسىلىقىدەك ئىمتىيازدىن پايدىلانغانلىقىمۇ ئەمەلىي ئېھتىماللىققا يېقىن.

    لېكىن، ئالىملارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان مەھمۇد قەشقىرىنىڭ شەرقتە سىبىردىن تارتىپ غەربتە رۇمغىچە بولغان 25 مىڭ پەرسەخ دائىرىنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» گە قىستۇرۇلغان «دائىرە» خەرىتىسىگە، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئۆز ئىزاھىغا قاراڭ.

    ئۆز ۋاقتىدىكى قاتناش سەۋىيىسى بىلەن ئايلىنىپ چىقىشى، تۈرك ئۇلۇسلىرىنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ ئۇلارنىڭ، بولۇپمۇ بۇ ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي پائالىيەتلىرىنى ئۇنداق تەپسىلىي ئىگىلەپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق ئېنىقسىزلىقنى يېشەلەيدىغان ئاچقۇچ يەنىلا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قولىدا، يەنى ئەرەب تىلىغا ئەرەب تىلشۇناسلىرىنىڭ ئۆزىدەك پۇختا تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخىي مەلۇماتلارنىڭ بىر بۆلىكىنى يۇرت كېزىپ يۈرگەندە يۇرتداشلىرىدىن يىغقان بولسا، يەنە بىر بۆلىكىنى يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئەرەب تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق بىلگەن، پەقەت «تۈركىي تىللار دىۋانى» تىل نۇقتىسىدىن يېزىلغان كىتاب بولغاچقا، مەخسۇس توختىلىپ ئالاھىدە ئىزاھات بەرمىگەن، خالاس!

    ئەرەبچە يازمىلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋردىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ۋە تۇرمۇش ئۆرپ - ئادىتى، دىنى ئېتقادى، كىشىلىك قارىشى، قىممەت قارىشى... قاتارلىق تەرەپلەردىكى مۇھىم، ئەسلىيەتلىك مەلۇماتلىرىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ۋە تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر.

     8. مەھمۇد قەشقىرىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ناھايىتى كۆپ توختالغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك تارىخشۇناس رەشىددىندۇر.

     رەشىددىن ھەممىگە مەلۇملۇق مەشھۇر «جەمىئۇل تەۋارىخ (ئومۇمىي تارىخ)» بەزى تەرجىمىلەردە «تارىخلار توپلىمى» مۇ دېيىلىدۇ −−− ئۆز ئىزاھىمىز.

    كىتابىنىڭ داڭلىق باش تۈزگۈچىسى ھەم نامى ئۆلمەس مۇئەللىپىدۇر. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى رەشىددىن فەزلىئاللا بولۇپ، مىلادى 1247 - يىلى ئىراننىڭ ھەمەدان دېگەن يېرىدە توغۇلغان. ئۇ موڭغۇللار ئىراندا قۇرغان ئىلخان خانلىقىنىڭ خانى ئاباقاخان (مىلادى 1265 −− 1282 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە تىۋىپلىكتە داڭق چىقىرىپ، خانلىق ئوردىدا خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ كېسىلىنى داۋالاش، خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ بالا - چاقىلىرىغا دەرس ئۆتۈش بىلەن شوغۇللانغان. 1295 - يىلى غازان خان تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن رەشىددىن ئېتىۋارغا ئېرىشىپ، مىلادى 1298 - يىلى غازان خان تەرىپىدىن باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن.

    رەشىددىن غازات خانغا، كېيىن ئولچايتۇخان (مىلادى 1304 - يىلىدىن 1316 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) غا باش ۋەزىر بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئولچايتۇخان مىلادى 1316 - يىلى كېسەل بولۇپ قالغاندا، رەشىددىن ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا مەسئۇل بولغان. ئولچايتۇخان ساقىيالماي ئۆلۈپ، مىلادى 1317 - يىلى ئۇنىڭ 12 ياشلىق ئوغلى بۇسىيىن باتۇ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغان. شۇ يىلى 10 - ئايدا رەشىددىننىڭ سىياسىي رەقىبى بولغان يەنە بىر باش ۋەزىر ئەلى سەئىددىن ئۆسمۈر خانغا چېقىشتۇرۇپ يۈرۈپ، رەشىددىننى باش ۋەزىرلىكتىن قالدۇرغۇزۇۋەتكەن. مىلادى 1318 - يىلى ئەلى سەئىددىن رەشىددىننى ئولچايتۇخانغا زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى، دەپ شىكايەت قىلىپ يۈرۈپ زىندانغا تاشلاتقۇزغان. شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى 71 ياشلىق رەشىددىن كىچىك ئوغلى بىلەن بىرلىكتە جادۇدا بېلىدىن توغرىلىپ ئىككى پارچە قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

    رەشىددىننىڭ باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ قەلەم تەۋرىتىشى، شۇنداقلا بىۋاسىتە تۈزىتىشىدىن ئۆتكەن «جەمىئۇل تەۋارىخ (تارىخلار توپلىمى)» موڭغۇل ئىلىخانلىرىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن موڭغۇللار، بولۇپمۇ چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى توغرىسىدىكى ئەسەر بولۇپ، ئومۇمىي مەزمۇنى ئاساسەن مۇڭغۇللار تارىخىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر، ھەر قايسى مىللەتلەر ۋە قەبىلىلەر ھەققىدە ئىمكانىيەتلىك مەلۇماتلارنى خېلى تولۇق يىغقانلىقتىن، بۇ كىتاب بايقالغان نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيا بويىچە تارىخچىلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەرنى تەتقىق قىلىشىدا ئاساسىي ماتېرىيال مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.

    «جەمىئۇل تەۋارىخ» كىتابىنىڭ ئۈچتىن بىرى دېگۈدەك موڭغۇللار، موڭغۇللارغا يېقىن مىللەتلەر، بولۇپمۇ تۈركلەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلار بىلەن تولغان. رەشىددىن موڭغۇللارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تۈركلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. تەبىئىيكى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا دائىر بىر تالاي ماتېرىياللارمۇ خېلى زور سەھىپىنى ئىگىلىگەن.

    ئۇرخۇن - يېنسەي سىنتاش يادنامىلىرىنىڭ يېزىقى ئوقۇلۇشتىن ۋە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مەشھۇر «تۈركىي تىللار دىۋانى» بايقىلىشتىن ئىلگىرى، دۇنيا مىقياسىدا تارىخچىلار ئومۇمەن خەنزۇچە مەنبەلەر بىلەن «جەمىئۇل تەۋارىخ» ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنى تەتقىق قىلىشقانىدى. دوسسون، رادلوۋ، بارتولد قاتارلىق ئونلىغان تارىخچىلارنىڭ تۈرك، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا دائىر ئىلمىي ئەمگەكلىرىمۇ رەشىددىننىڭ «جەمىئۇل تەۋارىخ» ىنى مەنبە قىلغانىدى.

    رەشىددىنىڭ «جەمىئۇل تەۋارىخ» ىنىڭ قىممەتلىك يېرى شۇ يەردىكى، ئۇ «ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھەممە تارىخ كىتابلىرى ئىچىدىن جەۋھەرلىرىنى تاللىۋالغان، ھەر قايسى مىللەت ئالىملىرىنى كىتابنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش بېرىشكە قاتناشتۇرغان.» «جەمىئۇل تەۋارىخ» (شاڭۋۇ كىتاب بېسىش ئورنىنىڭ 1983 - يىلى 1 - ئاي خەنزۇچە نەشرى) 1 - قىسىم، 100 - بەت.

    شۇ سەۋەبتىن بۇ كىتاب تارىخ ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، دەپ باھالىنىپ كەلمەكتە.

    «جەمىئۇل تەۋارىخ» نىڭ «ئۇيغۇرلار» بابىدا مۇنداق دېيىلگەن:

    «بىردىنبىر ئاللاھقا چوقۇنغانلىقتىن ئوغۇزبىلەن ئۇنىڭ دادىسى، تاغىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك تۇغۇلۇپ، ئۆزئارا ئۇرۇش باشلىنىدۇ، بۇ چاغدا ئوغۇزنىڭ بەزى قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھەمدەملەشكەن. يەنە بەزىلىرى بولسا، ئۇنىڭ دادىسى، تاغىلىرى ۋە ئىنىلىرى تەرەپتە تۇرغان. ئىتائەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭغا ھەمدەملەشكەنلەرگە ئوغۇز <ئۇيغۇر> نامىنى بەرگەن. بۇ تۈركچە سۆز بولۇپ، پارىسچە مەنىسى <ئۇ بىز بىلەن ئۇيۇشتى (بىرلەشتى)، بىزگە ھەمدەملەشتى> دېگەن بولىدۇ.

    بۇ (ئۇيغۇر) لار دائىم ئوغۇز بىلەن بىللە تۇرغان. ئوغۇز باشقا ئەللەرگە يۈرۈش قىلماقچى بولسا، ئۇيغۇرلارنى تاغ جىرالىرىدىن چاقىرىپ كېلىپ، ئۆزى قايتىپ كەلگۈچە ئۆز دۆلىتىنى ساقلاپ تۇرۇشقا بۇيرۇغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى قەبىلىلىرى مۇشۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلاردىن چىققان...» «جەمىئۇل تەۋارىخ» (شاڭۋۇ كىتاب بېسىش ئورنىنىڭ 1983 - يىلى 1 - ئاي خەنزۇچە نەشرى) 136 -، 137 - بەتلەر.

    خەنزۇچە مەنبەلەردە كۆپ تىلغا ئېلىنغان «قاڭلى( 高车 )» توغرىسىدا «جەمىئۇل تەۋارىخ» مۇنداق دەيدۇ:«ئۇ (ئوغۇز) نىڭ يېقىن قەۋمى... ئۆز ئالدىغا بىر خىل ھارۋىلارنى ياسىغان، غەنىيمەت ئېلىنغان مال - مۈلۈكلەرنى ھارۋىلاردا توشىغان. تۈركىي تىلىدا ھارۋىنى <قاڭلى> دەيدۇ. شۇندىن تارتىپ ئۇلار <قاڭلى> دەپ ئاتالغان. قاڭلىلارنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ئاشۇلارنىڭ نەسلىدىن كەلگەن.» «جەمىئۇل تەۋارىخ» (شاڭۋۇ كىتاب بېسىش ئورنىنىڭ 1983 - يىل 1 - ئاي نەشرى) 1 - قىسىم، 239 - بەتلىرى.

    «ئۇيغۇر قەبىلىلىرى» توغرىسىدا توختالغىنىدا «جەمىئۇل تەۋارىخ» مۇنداق يازىدۇ:

    «تۈركىي تىلىدا <ئۇيغۇر> سۆزى <ئۇيۇشقۇر>، <ئۇيۇغۇر> مەنىسىنى بېرىدۇ. بۇ ئاتالغۇ بىر بۆلۈك كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادىدىن بولغان ئۇلارنىڭ بارلىق ئۇرۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇ قەبىلە ئىچىدىكى بەزى قەبىلىلەر مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن باشقىچە نام بىلەن، مەسىلەن: قارلۇق، قالاچ، قىپچاق دەپ ئاتىلىپ كەتكەنلىكتىن، <ئۇيغۇر> ئاتالمىسى باشقا بارلىق قەبىلىلەرگە مەنسۇپ بولۇپ قالغان. مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بارلىق ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ ئەجدادى بولىدۇ.

    ئۇيغۇرلار رايونىدا چوڭ ئىككى تاغ بولغان، بىرى، بۇقراتۇ −− بۇزلۇق، يەنە بىرى ئوشقۇنلۇق تەڭرىم (ياكى ئاشقۇنلۇق تەڭرىم) دەپ ئاتالغان. قارا قۇرۇم تېغى ئاشۇ ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، ئىككى تاغنىڭ يېنىدا يەنە بىر قۇت تاغ ناملىق تاغمۇ بولغان، مۇشۇ تاغلىق رايونلار ئىچىدىكى بىر جايدا ئون دەريا بولغان، يەنە بىر جايدا توققۇز دەريا بولغان. قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئاشۇ دەريا ئېقىنلىرىنىڭ بويىدا، ئاشۇ تاغلارنىڭ ئەتراپىدا ۋە تۈزلەڭلىكلەردە ياشىغان. ئون دەريا ئېقىمىنى بويلاپ ئولتۇرغان ئۇيغۇرلار <ئون ئۇيغۇر>، توققۇز دەريا ئېقىمىنى بويلاپ ئولتۇرغانلىرى <توققۇز ئۇيغۇر> دەپ ئاتالغان. دەريالار ساھىللىرىغا جايلاشقان يۇقىرىقى قەبىلىلەردىن باشقا، مۇشۇ رايونلاردا يەنە 122 قەبىلە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى مەلۇم ئەمەس.

    نۇرغۇن يىللار ۋە دەۋرلەر ئۆتكىچە، بۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ مۇقىم يېتەكچىسى بولمىغان، كېيىن ھەممە قەبىلىلەر ئورتاق مەنپەئىتى ئۈچۈن يىغىن ئاچقان ۋە يىغىندا ھەممەيلەنگە بۇيرۇق بېرەلىگۈدەك تولۇق ھوقۇققا ئىگە بىر ھۆكۈمدار بولماي تۇرۇپ باشقىچە چىقىش يولىمىز بولمايدىكەن، دېگەن مەسلىھەتكە كەلگەن. (شۇنىڭ بىلەن) ھەممەيلەن ھەر قايسى قەبىلىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەقىللىق قەبىلە باشلىقلىرى ئىچىدىن ماڭۇتاي ئىسىملىك بىر كىشىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا <ئېل ئىلتەبىر> نامىنى بەرگەن. ئۇز قۇندۇر قەبىلىسى ئىچىدىن يەنە بىر پەزىلەتلىك كىشىنى تاللاپ، ئۇنى كۆل ئېركىن دەپ ئاتىغان...

    ... ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش - ئىزلىرى، ئاجايىپ - غارايىپ ۋەقەلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بەزى ئېتىقادلىرى، ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىغا ئاساسەن، <ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى> دېگەن مەخسۇس بابتا تەپسىلىي يېزىلدى...»

    كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، «جەمىئۇل تەۋارىخ» بەرگەن مەلۇماتلار خەنزۇچە مەنبەلەردىن قالسىلا ئەڭ ئەتراپلىق، تەپسىلىي ۋە مول مەنبەلەر ئارقىلىق «جەمىئۇل تەۋارىخ» نى تولۇقلاشقا، «جەمىئۇل تەۋارىخ» ئارقىلىق خەنزۇچە مەنبەلەرنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.

    ئەمما، ئىسلام مۇھىتىدا يېتىلگەن ئالىم ئوغۇزلار توغرىسىدا بەرگەن باياناتىدا يەنىلا قىسمەن ئەپسانە، رىۋايەتلەرنى پاكىت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈركلەرنى، ئوغۇزلارنى، ئۇيغۇرلارنى «تەۋرات» قىسسىلىرىدىكى نوھ ئەلەيھىسسالامغا باغلاپ، مىللەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى يافەسكە تاقاپ چۈشەندۈرۈشىگە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئىلمىي نۇقتىدىن قاراش لازىم.

    ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى مەلۇماتى ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مەلۇماتىدىن تەپسىلىيرەك ۋە كونكرېتتەك تۇيۇلسىمۇ، چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىدە ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، ئورتاق - ئوخشاشلىق تەرىپى ۋە پەرقلىق تەرىپىمۇ بار. ئورتاق - ئوخشاشلىق تەرىپى مۇنۇلار:

    A. ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ناھايىتى قەدىمىي قەۋم بولۇپ، ئۇيغۇرلار تۈركلەر ئۇيۇرمىسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسلىق مىللەت. ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يافەسكە تاقىلىدۇ.

    B. ئۇيغۇرلار كۆپ قەۋم (قەبىلە)، كۆپ ئۇرۇقلۇق مىللەت بولۇپ، شەكىللىنىش دەۋرىدىن ئېيتقاندا، باشقا تۈركىي قەۋملەردىن كۆپ ئىلگىرى تۇرىدۇ.

    C. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن باتۇر، قەيسەر ئىدى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش - ۋەقەلىرى بار ئىدى.

    ئىككى ئالىمنىڭ مەلۇماتىدىكى پەرقلىق نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:

    A. ئۇيغۇرلارنىڭ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6 -، 7 - ئەسىرلەردىلا) ئافراسياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا)، بارسىغان (ئافراسياپنىڭ ئوغلى) دەك خاقانلىرى بار ئىدى. (مەھمۇد قەشقىرى)

    خېلى دەۋرلەرگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقىم ھۆكۈمدارى بولمىغان.(رەشىددىن)

    داۋامى بار...


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.