ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-13

    مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا (2) نىڭ داۋامى - [تەتقىقاتلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40940092.html

    B. ئوغۇزلار تۈركمەنلەردۇر. (مەھمۇد قەشقىرى)

    ئوغۇز قاراخاننىڭ ئوغلى، ئۇيغۇر ئوغۇزنىڭ ئىنىسى ياكى بىر ئاتىنىڭ نەسلى. (رەشىددىن)

    ئەمەلىيەتتە، يۇقىرىقى مەلۇماتلاردا زىتلىق يوق، مەھمۇد قەشقىرى ئۆزى ئۇيغۇر بولغانلىقى، تۈركىي ئۇلۇسلارنىڭ (ئەڭ مۇھىملىرىنى) ئاساسەن ئارىلاپ چىققانلىقى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى ئاساسىدا، مىللەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئەمەس، تىلشۇناسلىقنى چىقىش قىلغان. رەشىددىن بولسا قاراقوق ئىسلام تېئولوگىيىسىنى چىقىش قىلغان، بۇنى تۆۋەندىكى مەلۇمات بىلەن ئېنىقلىغىلى بولىدۇ:

    بارسىغان شەھىرىنى ئافراسياپنىڭ ئوغلى بارسىغان سالدۇرغانلىقى ئۈچۈن شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان «بارسىغان» نىڭ مەنبەسىنى رەشىددىننىڭ مەلۇماتى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. «جەمىئۇل تەۋارىخ» مۇنداق يازىدۇ:

    «تۈركىي (قەۋملەر) بۇرۇن ۋە ھازىر ئىزچىل تۈردە (نوھنىڭ ئوغلى) يافەسنى بۇلجاخان دەپ ئاتايدۇ...

    بۇلجاخان يايلاقتا مال باقىدىكەن. ئۇنىڭ يازلىق تۇرالغۇسى ئېگىز تاغلار (ئارىسىدىكى) ئورتاغ ھەم قىزتاغدا ئىكەن. ئۇ يەردە ئىينانچ دېگەن شەھەر بار ئىكەن. بولجاخاننىڭ قىشلىق لاگىرىمۇ (تۇرالغۇسىمۇ) ئاشۇ ئەتراپلاردىكى بورسۇق، قاقىئان ۋە قارا قۇرۇم دەپ ئاتىلىدىغان جايلاردا ئىكەن. مۇشۇ جايلارنىڭ يېنىدا تالاس ۋە قارا سايرام دېگەن ئىككى شەھەر بار ئىكەن.»

    يۇقىرىقى بايانلارنى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «ئۇيغۇر خاقانىنىڭ بىر يىلقا باشقۇرغۇچىسى بولغان، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇ شۇ يەردە يىلقا باققان، كېيىن بۇ يەر شۇنىڭ ئىسمى بىلەن بارسىغان ئاتالغان.» دېگەن مەلۇماتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ. يەنى، «جەمىئۇل تەۋارىخ» تىلغا ئالغان بۇلجاخان شەك - شۈبھىسىزكى مەھمۇد قەشقىرى مەلۇم قىلغان ئافراسياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا) نىڭ ئوغلى بارسىغاندۇر. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئافراسياپنىڭ بارچۇق شەھىرىنى بىنا قىلغانلىقى، ھاۋاسى ياخشى بولغانلىقتىن ئوردۇ كەنت قەشقەردە تۇرغانلىقى يېزىلغان، رەشىددىن بۇلجاخاننىڭ قىشلىق لاگىرى (تۇرالغۇسى) دەپ بايان قىلغان «بورسۇق» دەل ئاشۇ «بارچۇق» نىڭ پارىسچە تەلەپپۇز قىلىنىشىدىن ئىبارەت.

    بۇلجاخان، يەنى بارسىغاننىڭ يازلىق تۇرالغۇسى «ئېگىز تاغلار ئارىسىدىكى ئورتاغ ھەم قىز تاغدا» دېگەن باياننى چۈشىنىش تېخىمۇ ئاسان. چۈنكى، قەشقەرنىڭ غەربىي، غەربىي جەنۇبىدىكى ئېگىز پامىر تاغ تىزمىلىرىنىڭ تۈزلەڭلىككە يېقىنراق باغرىدا ئويتاغ، قىزىلتاغ ناملىق تاغلار بار بولۇپ، ئۇلۇغچات، يېڭىسار ناھىيىلىرى تەۋەسىدە.

    ئەمدى «جەمىئۇل تەۋارىخ» تا يېزىلغان «مۇشۇ جايلارغا يېقىن يەردە تالاس، قارا سايرام شەھەرلىرى بار» دېگەن بايانغا كەلسەك، تالاسنى «جەمىئۇل تەۋارىخ» نىڭ مىلادى 1317 - يىلى ئىستانبولدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى «بلا» دەپ كۆچۈرگەن. (بۇ نۇسخا ھازىر تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىدىكى توپۇكاپ سالىھ كۇتۇبخانىسىدا 1518 نومۇر بىلەن ساقلانماقتا. بۇ نۇسخىنىڭ ئۈستىگە <ھېجرى> 717 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرى <مىلادى 1317 - يىلى 11 - ئاينىڭ بېشىدا> باغداتتا كۆچۈرۈلدى، دەپ ئېنىق يېزىلغان، بۇ نۇسخا كۆچۈرۈلگەن ۋاقىتتا راشىددىن تېخى ھايات بولۇپ، خېتى ئوچۇق، رەتلىك) بولۇپ، ئەرەب يېزىقىدا «ب» بىلەن « » نىڭ سەھۋەن يېزىلىپ قېلىشى، ئالماشتۇرۇپ قويۇلۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى قېيىن. شۇڭا، يۇقىرىدا دېيىلگەن «لا» (تالاس) «بلا » (بالاس) بولۇشى ئەقىلگە مۇۋاپىق. ئۇنداق بولغاندا، مەزكۇر «بالاس» بالاساغۇن شەھىرى بولۇپ تونۇلۇشى لازىم.

    مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئوغۇزلارنى تۈركمەنلەردۇر، دېيىشىگە كەلسەك، بۇ مەسىلىنى رەشىددىن ئىزاھ بېرىپ، «جەمىئۇل تەۋارىخ» تا ھەل قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ئىزاھاتنى تەكرارلاش ئوشۇقچە ئەمەس: «بۈگۈنكى كۈندە ئاساسىي جەھەتتىن تۈركمەن دېيىلىۋاتقان ئوغۇزلارنى ئالساق، ئۇلار قىپچاق، قالاچ، قاڭلى، قارلۇق ھەمدە ئۇلارغا مەنسۇپ بىر مۇنچە قەبىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» رەشىددىن يەنە مۇنداق دەيدۇ: «(ئۇيغۇر) تۈركچە <ئۇيۇشقۇر>، <ئۇيۇغۇر> مەنىسىنى بېرىدۇ. بۇ (ئۇيغۇر) ئاتالغۇسى مۇشۇ بىر بۆلۈك كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادىدىن بولغان ئۇلارنىڭ بارلىق ئۇرۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇ قەبىلىلەر ئىچىدىكى بەزى قەبىلىلەر مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن باشقىچە نام بىلەن، مەسىلەن، قارلۇق، قالاچ، قىپچاق دەپ ئاتىلىپ كەتكەن.» دېمەك، «بۈگۈنكى كۈندە ئاساسىي جەھەتتىن تۈركمەن» دېيىلگەن «قىپچاق، قالاچ، قارلۇق، قاڭلى» لارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوغۇزلار «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن باشقىچە نام بىلەن ئاتىلىپ قالغان» قەبىلىلەردۇر.

    يۇقىرىقىلاردىن خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئىزاھاتى سەھۋەن ئەمەس، ئالىم پەقەت تىل دېئالىكتلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئۇيۇرمىسىنى بۆلەكلەرگە ئايرىپ چۈشەندۈرمەكچى بولغان.

    مەنبە:شىنجاڭ تارىخ-مەدىنيىتى ژورنىلى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.