ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-13

    شائىر يەسسەۋى ھېكمەتلىرىدە ئەخلاق تېمىسى - [تەتقىقاتلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40939687.html

    ئەمەت دەرۋىش 

    ئوتتۇرا ئەسىر قاراخانىيلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئەھمەد مەھمۇد يۈكنەكى قاتارلىق كاتتا ئالىم - ئۆلىمالارنى تەتقىق قىلىش قانچىلىك مۇھىم بولسا، شۇ دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە كېيىنكى چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن شائىر ئەھمەد يەسسەۋىنى تەتقىق قىلىشمۇ شۇنچىلىك مۇھىم. "قۇتادغۇبىلىك"، "تۈركىي تىللار دىۋانى"، "ئەتەبەتۇل - ھەقايىق" قاتارلىق شۆھرەتلىك ئەسەرلەرسىز قاراخانىيلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمىغانغا ئوخشاش، ئەھمەد يەسسەۋى ھېكمەتلىرىدىكى تىل، شېئىرىي ئۇسلۇب ۋە شۇ ئارقىلىق نامايان قىلىنغان ئەخلاق تېمىسىنى، بولۇپمۇ كىشىلىك قەدىر - قىممەت، دۇنيا قاراش، دۇنيانى تونۇش ۋە ئۇنى بىلىش، ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرى ... قاتارلىق تېمىلارنى نەزەرگە ئالماي تۇرۇپ قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ۋە شۇ چاغدا شەكىللىنىۋاتقان چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تېماتىك ئالاھىدىلىكىنى، ئومۇملىشىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، شائىر ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ شۇ دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى مۇناسىپ ئورنىنى كۆرسىتىش، تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.
    ئەھمەد يەسسەۋى ھېكمەتلىرى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇشىغا قارىماي، بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن سولچىل ئىدىيىۋى لۇشيەننىڭ تەسىرى بىلەن ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان سوپىستىك دىنىي يېپىنچا قايرىۋېتىلمەي، ئۇلارغا بولغان باھا ۋە كۆزقاراش مەسىلىلىرى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىنماي، خۇنۈك دىنىي پەردە ھېكمەتلەرنىڭ ئىچكى نۇرانە سېيماسىنى پەردىلەپ تۇرىۋەردى. شۇڭا، ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ ھېكمەتلىرىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەزمۇنىنى يورۇتۇش تەتقىقاتىمىزدىكى مۇھىم بىر تېمىلارنىڭ بىرىدۇر.

    1
     قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدېئولوگىيسىدە تۈپ ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىلگىرىكى تۈرلۈك دىنىي ئىدېئولوگىيە، بولۇپمۇ بۇددا دىنى ئىدېئولوگىيسىنىڭ ئورنىنى ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى ئىگىلەپ، پۈتكۈل ئاڭ سىستېمىسىدا ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتتى. ئەنئەنىۋى بەدىئىي ئەدەبىيات گۈللىنىۋاتقان ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنىڭ جانلىق تەشۋىقات قورالىغا ئايلىنىپ، كەڭ ئاۋامنىڭ دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشى، دىنىي ئەخلاقنى چۈشىنىشى، قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈشىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى. ئىلگىرىدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دۇنياۋى ئەدەبىيات تېمىسىغا ئىسلام ئەقىدىسىنى ئۆزەك قىلغان بىر قىسىم دېتاللار ئارىلىشىپ، دىنىي ئەقىدە بىلەن ئۇيغۇر ئەخلاق تېمىلىرى بىر - بىرىنى تولۇقلاش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. دىنىي تەرغىباتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولغان سوپىستىك دىنىي ئېقىم ئۆز سۈلىكىنى كېڭەيتىشتە جانلىق خەلق تىلى ئارقىلىق ئەدەبىياتنىڭ شېئىرىيەت ژانىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆز دەۋرىگە خاس تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىنى شەكىللەندۈردى. شائىر ئەھمەد يەسسەۋى مانا مۇشۇ خىل ئەدەبىي مەكتەپ بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە ئۆز ئالدىغا خاس ئىدىيىۋى پىكىر ئېقىمى شەكىللەندۈرگەن يىرىك شائىردۇر.
    شائىر ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇت. بەزى مەنبەلەردە "يەسسەۋى تەخمىنەن 11 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراخانىيلارغا قاراشلىق يەتتەسۇ ۋىلايىتىدىكى سايرامدا دۇنياغا كەلگەن ... 1116 - يىلى ئۆز يۇرتى يەسسىدە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرگەنلىكى سىرلىق رىۋايەتلەر بىلەن يوشۇرۇنغان. ئېيتىلىشىچە، ئۇ گەرچە مۇھەممەد پەيغەمبەردىن ئارتۇق ياشىماسلىقنى ئىستەپ 63 يېشىدا چىھلەخانىغا كىرىپ، روزا تۇتۇپ ئىستىقامەت قىلغان بولسىمۇ، ئىككى پەيغەمبەر يېشى -130 يىل ئۆمۈر كۆرگەن" دېيىلگەن. يەنە بەزى مەنبەلەردە "ئەھمەد يەسسەۋى ئوتتۇرا ئاسىيالىق بولۇپ، 1086 - يىلى تۇغۇلۇپ، 1166 - يىلى ۋاپات بولغان" دېيىلگەن.
    يۇقىرىقى قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، شائىر ئەھمەد يەسسەۋى قاراخانىيلار سۇلالىسىگە قاراشلىق يەتتەسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەسسى دېگەن يېرىدە تەخمىنەن 1036 - يىلى دۇنياغا كەلگەن. كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە، ئەنئەنە بويىچە ئانا يۇرتىنىڭ نامىنى ئۆزىگە تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ دادىسى سايرام شەھىرىدە خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىبراھىم شەيخ دېگەن كىشى بولۇپ، بوۋىسىنىڭ ئىسمى مەھمۇد ئىدى. شائىرنىڭ بالىلىق چاغلىرى سايرامدا ئۆتكەن. دادىسى ۋاپات بولغاندا شائىر يەتتە ياشتا ئىدى. كېيىن شائىر تۇغقانلىرى بىلەن يەسسى شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، شۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر ئىسلام ئۆلىماسى شەيخ ئارسلان بابادىن دەسلەپكى قەدەمدە دىنىي تەربىيە ۋە ئىسلام تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلدى. ئارسلان بابا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سوپىزم ئىدىيىسى قانات يېيىپ ئىسلام دىنى قائىدە - قانۇنىيەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ كېتىۋاتقان، پۈتكۈل خەلق ۋۇجۇدى بىلەن ئۇنىڭغا بېرىلىپ، كەڭ تۈردە مەلۇم بىر سۈلۈككە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ئەۋج ئېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا شائىر ئەھمەد يەسسەۋى ئۆز ئېتىقادى ۋە قىزغىنلىقىنى قىلچە سۇسلاشتۇرماي، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئىشتىياقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئەينى دەۋرنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان بۇخاراغا بېرىپ، سوپىزمنىڭ داڭلىق ۋەكىلى شەيخ يۈسۈپ ھەمىدانى تەربىيىسىگە كىردى ۋە پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن ھەمىدانىنىڭ پىكرىگە ئىشتىياق باغلاپ، ئۇنى ئىخلاس بىلەن ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە ئۆز ئىدىيىسىدە كېيىنكى دەۋر يەسسەۋىچىلىك پىكىر ئېقىمىنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇشقا باشلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ ئىككىنچى ئۇستازى يۈسۈپ ھەمىدانى ۋاپات بولدى.
     ئۇستازىنىڭ ۋاپات بولۇشى بىخ يېرىش ئالدىدا تۇرغان يەسسەۋىچىلىك پىكىر ئېقىمىنىڭ يىلتىز تارتىشىنى مۇنبەت زېمىن بىلەن تەمىن ئەتتى. ئەھمەد يەسسەۋى ئۇستازىنىڭ ئورنىدا سوپىزم پىكىر ئېقىمىنى ئۆزىگە خاس يول بىلەن راۋاجلاندۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنى ئىجادىي ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە يېڭى پىكىر سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى. كېيىن ئۆز يۇرتى يەسسىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆز ئالدىغا مۇرىت توپلاپ، تەرىقەت سوپىستىك ئىدىيىسىنى شېئىرىي يول بىلەن تەلقىن شەكلىدە كىشىلەر ئارىسىغا تارقىتىشقا باشلىدى.
    شائىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى ئاتا - بوۋىلىرى، قېرىنداشلىرى قويۇلغان قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنىپ، ھەشەمەتلىك گۈمبەز ياسالغان. كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە، شائىرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەئەللۇق ئاسارئەتىقىلەر جۇجىخان ئولۇسىنىڭ خانلىرىدىن توختامىشخان تەرىپىدىن بۇلاڭ - تالاڭغا ئۇچراپ ۋەيران قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمىر تۆمۈر ھاكىمىيەت ئىگىلىگەندىن كېيىن، بۇ نەرسىلەر قايتۇرۇۋېلىنىپ، ئۆز ئورنىغا قارارلاشتۇرۇلغاندىن سىرت، گۈمبەز تېخىمۇ ھەشەمەتلەشتۈرۈلۈپ كېڭەيتىلگەن.
    2
     
    ئەھمەد يەسسەۋى پىكىر سىستېمىسى ناھايىتى تېزلا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە زېمىنلىرىگىچە كېڭىيىپ، كىشىلەرنىڭ مايىللىقىنى ئۆزىگە قاراتتى. يەسسەۋى پىكىر ئېقىمىنىڭ مۇنداق تېزلا شۆھرەت قازىنىپ، شۇ دەۋردىكى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دىنىي ئىدىيىۋى ئېقىملاردىن تېزلا ئېشىپ كېتىشى ۋە خەلق قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىدا شائىرنىڭ پىكىر سىستېمىسىدىكى بىر قىسىم ئىلغار خاھىش، خەلقچىللىق ئىدىيىسى قاتارلىقلارنىڭ گەۋدىلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ.
    شائىر ئۆز شېئىرلىرىدىكى ھېكمەت جەۋھەرلىرىنى ئىسلام كالامىزم قانۇنلىرى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، كالامىزم ئىدىيىسىنى ئىدېئال، ئابستراكت چۈشەنچىدىن رېئال، كونكرېت مەسىلىلەرگە ئىگە قىلىپ، ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن قاراخانىيلار جەمئىيىتىنىڭ چىرىك ئەخلاقىي سۈپەتلىرىنى ئايىماي سۆكۈپ، ئۇنى خەلقنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى بىلەن بىرقەدەر يېقىنلاشتۇردى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئەڭ ئاۋۋال شائىرنىڭ شاھلارنى ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرۈشكە، ئۆزىنى ئىنسانىي ئەدەپ - ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن كونترول قىلىشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت ئەخلاق تېمىسىدىكى قاراشلىرىدا روشەن ئىپادىلىنىدۇ:

    مۇنافىقلەر يۇرۇرلەر فىسقۇ - فۇجۇر قىلۇلەر،
    ھارام شۈبھىلەر قورقۇپ يىغلار خوجا ئەھمەد.

    ئاخىر زامان بولغاندۇر پادىشاھ زالىم بولغاندۇر،
    ھارام شۈبھە تولغاندۇر ھەيران بولۇر خوجا ئەھمەد.
     
    شائىرنىڭ نەزىرىدە پادىشاھ ئەدلى - ئادالەتلىك ۋە مۇرۇۋۋەتلىك بولۇشى لازىم. شۇنداق بولغاندىلا خەلقنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەملىككە ئېرىشىپ، كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ. لېكىن، غەيرىي خاھىش ۋە ھادىسىلەرگە قارىتا قانۇنىي يوسۇندا چەك قويۇلماي، ئېزىش - ئېزىلىش بولمىغان باراۋەرلىك ئاساسىدىكى جەمئىيەت تەرتىپى يۈرگۈزۈلمەي، خەلقنىڭ ئەمىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، جەمئىيەتنى بولسا ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ناشايان ئىش - ھەرىكەتلەر قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن شائىر "ھەيران" بولۇپ، بۇ ھالەتنىڭ يۈز بېرىشىنى سىياسەتنىڭ ئىگىسى بولغان پادىشاھنىڭ زالىملىقى بىلەن باغلايدۇ. ئەخلاقىي چەكتىن ھالقىغان مۇناپىقلار فىسقۇ - فۇجۇر قىلىپ، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئۆز ئارا زىددىيەتكە سالىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ ھال ئەينى دەۋر قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنىڭ ئالدىن بېشارىتى ئىدى
    . شۇڭا شائىر:


    ئەھلى دۇنيا خەلقىمىزدە ساخاۋەت يوق،
    پادىشاھ - ۋەزىرلەردە ئادالەت يوق.
    دەرۋىشلەرنى دۇئاسىدە ئىجابەت يوق،
    تۈرلۈك بالا خەلق ئۇستىغە چۈشتى دوستلار.

    دەپ يېزىپ، ئۇنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇپ، ئەدلى - ئادالەت ئەڭ ئاۋۋال ھاكىمىيەت ئىگىسى بولغان شاھ - ۋەزىرلەرنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىشى لازىم، دەپ قارايدۇ. لېكىن، بۇ مەقسەت ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ئۈچۈن شائىر يەنە:

    ئۇلۇق - كىچىك يارەنلەردىن ئەدەب كەتتى،
    قىز ۋە زەيىف جۇۋانلاردىن ھايا كەتتى،
    ئەلھايائۇ مىنەلئىمان دەپ رەسۇل ئەيدى،
    ھاياسىز قوۋم ئاجايىپلار بولدى دوستلار.

    دەپ يېزىش ئارقىلىق خەلقنىڭ بۇ خىل جەمئىيەتتىن بىزار بولۇش تۇيغۇسىنى، تىنچ، بەختىيار تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى، كىشىلەر بىر - بىرىگە ۋاپادار، كۆيۈمچان بولغان جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھال ئەينى دەۋر تەركىدۇنيا روھانىيەتچىل ئىدىيىسى كۈچەپ بازارغا سېلىنىۋاتقان سوپىزم پىكىر سىستېمىسىدىكى ۋەكىللىك شائىر ئەھمەد يەسسەۋى ئۈچۈن ئېيتقاندا، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى بولۇپ، ئۇنى مەلۇم جەھەتتىن قارىغاندا يۈسۈپ خاس ھاجىپ غايىۋى جەمئىيەت ئىدىيىسىنىڭ شائىر ۋۇجۇدىدىكى ئەمەلىي ئىنكاسى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىيلار جەمئىيىتىنىڭ ھالاكەتلىك تەقدىرىنى توسۇپ قېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى سۈپىتىدە ئەڭ ئاۋۋال جەمئىيەت ئەخلاقىنى تۈزەش، بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت ئىگىسى بولغان شاھ ۋە ئۇنىڭ قولداشلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقىي سۈپەتلەر ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىپ، ئادىل پادىشاھ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ، خاتىرجەم تۇرمۇشنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ. شائىر ئەھمەد يەسسەۋى مانا مۇشۇ ئىدىيىنى چۆرىدىگەن ھالدا جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ ئومۇمىي ھالىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، "مۇرد پىرغە قىلمادىلەر يۈزۇ خاتىر، ئەجەب شۇملۇغ زامانەلەر بولدى دوستلار" دەرىجىسىگە يەتكەن ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ.
    ئېنىقكى، خەلق ئۆز تۇرمۇشىنىڭ باياشات، كۆڭلىنىڭ خاتىرجەم، كوللېكتىپ ھاياتىنىڭ ئىناق، ئىتتىپاق، مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك، ئەۋلادلىرىنىڭ بەختىيار، دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈن، سىياسىتىنىڭ مۇقىم بولۇشنى، جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە ئاشۇلار ئارقىلىق ھاياتىغا ئىزگۈ مەنە بېرىپ، مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاشۇ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش پادىشاھقا مەركەزلىشىپ قالغان فېئوداللىق جەمئىيەتتە بۇ ھالەتنى ئەڭ ئاۋۋال جەمئىيەتنىڭ سەگەك قۇلىقى، ئۆتكۈر كۆزى بولغان شائىر يازغۇچىلار تونۇپ يېتىپ، ئۇنى خەلقنىڭ ئارزۇسى سۈپىتىدە ئۆز قەلىمى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئۇقتۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن شائىر بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. شۇڭا، شائىردا ئەڭ ئاۋۋال يۈكسەك خەلقپەرۋەرلىك تۇيغۇسى، مۇكەممەل ئەخلاقىي چۈشەنچە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى تىلەك، ئۇلۇغ ئىستەك بولۇشى كېرەك. بۇ نۇقتىدا شائىر ئەھمەد يەسسەۋى جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىنى بىرقەدەر چوڭقۇر كۆزىتىپ، خەلقنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى چىقىش قىلغان ھالدا ھوقۇقنى قانداق خىسلەتلىك كىشىلەر تۇتۇش، قانداق ئىشلىتىش ۋە كىمگە ئىشلىتىش لازىملىقى توغرىسىدىكى كۆزقارىشىنى دادىللىق بىلەن ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:  

    موللا، مۇفتى بولغانلار، ناھەق دەئۋا قىلغانلار،
    ئاقنى قارا قىلغانلار ئول تامۇغقە كىرمىشلار.
    قازى، ئىمام بولغانلار، ناھەق دەئۋا قىلغانلار،
    ئول ھەممالدەك بولۇبان يۈك ئاستىدا قالمىشلار.
     
    بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان موللا، مۇپتى، قازى، ئىمام دېگەنلەر مۇقەررەركى، ئەينى دەۋردىكى مەلۇم مەنسەپ، ئەمەل ناملىرى بولۇپ، بۇ مەنسەپكە مۇيەسسەر بولغانلار شائىرنىڭ نەزىرىدە ناھەق دەۋا قىلىش، ئاقنى قارا دەپ يالغان ئېيتىش، تۆھمەت چاپلاش، يوقنى بار قىلىش، بارنى يوق قىلىش، ھارام يېيىش قاتارلىقلارنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى سەمرىتكۈچىلەر بىلەن بىر قاتاردىكى كىشىلەر بولۇپ، شائىر ئۇلارنى مۇقەررەر دوزاخ ئازابى تارتقۇچىلار، دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىقكى، شائىر بۇ مىسرالاردا گەرچە ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى تەپسىلىي شەرھلەپ، ئۇنىڭغا تېگىشلىك جازانى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىقىدەك مەنسەپ ئىگىلىرىنى شۇ خىل ئىللەتنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ياكى ئەنە شۇنداق بۇزۇقچىلىقلارنى پەيدا قىلغۇچىلار دەپ قاراپ، ئۇلارنى ئۆز چۈشەنچىسىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك ئازاب- دوزاخ ئازابى بىلەن جازالانغۇچىلار دەيدۇ. چۈنكى، شائىر مۇكەممەل تۈزۈمگە ئىگە فېئوداللىق جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن "شاھتىن ئادالەت كۆتۈرۈلگەن" لىكىنى بىلىپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئادالەتنى بىلمىگەن شاھنىڭ ئادالەتتىن سۆز ئېچىشىنى بىمەنىلىك دەپ چۈشەنگەنىدى. بۇ شائىر ئېڭىدىكى مەلۇم ئىلغارلىق خاھىشىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى بولۇپ، شاھ ھۆكۈمرانلىقى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن فېئودالىزم جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ئىسيانكارلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  شائىر نەزىرىنى جەمئىيەتكە ئاغدۇرغاندا، ئاچ كۆزلۈك، پىخسىقلىق، نەپسانىيەتچىلىك، يامان خۇيلۇق بولۇشقا ئوخشاش ناچار ئىللەتلەرنى پاش قىلىپ، "ئۇ خىل ئىللەتلەر ئادىمىي خىسلەتكە يات" دېگەن قاراشنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

    نەفس يولىغە كىرگەن كىشى رەسۋا بولۇر،
    يولدىن ئازىپ، تايىپ، توزۇپ، گۇمراھ بولۇر.
    ياتسە، قوپسە شەيتان بىلە ھەمراھ بولۇر،
    نەفسىنى تەپكىل، نەفسنى تەپكىل ئەي بەدكەردار.
     
    بىر پۈتۈن زەنجىرسىمان مۇناسىۋەتكە ئىگە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزغا تەپسىلىي نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ باشتىن - ئاخىر ئىلغار ئىدىيە ۋە ئىلغار خاھىشنى ئىپادىلەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىش بىلەن بىرگە، ھەرقايسى تارىخىي دەۋردە ياشىغان ئىلغار، تەرەققىيپەرۋەر شائىر - يازغۇچىلارنىڭ ياخشى ئەخلاق، ئىلغار ئىدىيىنى زامانىسىنىڭ ئومۇمىي خاھىشى بىلەن زىچ بىرىكتۈرۈپ ئىپادىلەشتە ئۆزگىچە يول تۇتقانلىقىنى بىلەلەيمىز.
     بۇ شائىر - يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بەدىئىي ماھارىتىدىكى پەرق بولسىمۇ، لېكىن ماھىيەت جەھەتتە شائىر - يازغۇچى ئۆزى ئىپادىلىمەكچى بولغان ئوبيېكىت بىلەن پىششىق تونۇشقان ياكى تونۇشمىغانلىقى، مۇھىمى شۇ نەرسىنىڭ خەلق ئومۇمىي كەيپىياتىغا بولغان تەسىرىنى بىلىش دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇر ياكى ئەمەسلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شائىر يەسسەۋى ھېكمەتلىرىدە ئەخلاق تېمىسىغا مۇراجىئەت قىلغاندا، بولۇپمۇ نەپس مەسىلىسىگە تەنقىدىي كۆز بىلەن قارىغاندا، نەپسنى خۇددى ياۋا قۇشتەك ئاسان قونمايدىغان بىرنەرسە، شۇڭا ئۇنى خاھىشىغا قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، ئۇنى ئۆزىنىڭ پەرۋازىغا قويۇۋەتسە، ئاقىۋەتتە "نەفس يولىغە كىرگەن كىشى رەسۋا بولۇر"، "نەفسىڭ سېنى ئاخىر دەمدە گەدا قىلغاي" دەپ يېزىپ، نەپسنىڭ ئادەمنى نابۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمەك، شائىر بارلىق ياخشى خۇلقلار ئالدى بىلەن ئۆز نەپسىنى يېڭىشتىن باشلىنىدۇ، شۇڭا نەپسنى ئۆزىگە قۇل قىلالىغان ئادەم مەڭگۈلۈك ئادىمىي خىسلەتنىڭ نادىر ئۈلگىسى بولۇشقا مۇناسىپ، دەپ قارايدۇ. بىز يەسسەۋى ھېكمەتلىرىدىن ئىنسان روھىيىتىنىڭ بىرىنچى دۈشمىنى نەپس ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىنسانىيەت بەختىنى نابۇت قىلغۇچى قارا كۈچ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان رەزىل كۈچنىڭ تېخى بايقالمىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بۇ ھەقتە شائىر:
     
    "قۇل خوجە ئەھمەد نەفس ئىلكىدىن قىلۇرمەن داد !"

     دەپ چۇقان كۆتۈرىدۇ. مانا بۇ شائىرنىڭ قەلبىدە مەۋج ئۇرغان نەپسكە قارشى ئىسيانكىرانە روھ. بۇنداق ئېسىل روھ پەقەت تەڭداشسىز مەنىۋى قۇدرەتكە ئىگە ئالىيجاناب كىشىلەرنىڭ يۈرەك قېتىدىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كېسىپ ئىيتالايمىزكى، ئەدەبىيات تارىخىمىزدا ھېچقانداق بىر شائىر - يازغۇچى نەپسكە قارشى ئەھمەد يەسسەۋىگە ئوخشاش دادىللىق بىلەن ئوت ئاچالىغان ئەمەس. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكەن يازغۇچى - شائىرلار نەپس تېمىسىدا يەسسەۋى ھېكمەتلىرىدىن روھىي ئوزۇق ئېلىپ، ئۇلارنى شەرھلەش، ئۇلارغا بولغان چەكسىز قايىللىقىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن مەلۇم مىسرالارنى تىزغان. مەسىلەن، ئابدۇللا ئارىپوف مۇنداق يازىدۇ:
     
    نەفس ئۈچۈن دۇنياغا دىل بەرگەن پاسىقلار شۇ بۇ كۈن،
    يەسەۋى خاك پايىدىن ئەيلەپ ئېلىڭ تۇمارلار.
     
    دېمەك، شائىر نەپس توغرىسىدا ئىنتايىن گۈزەل مىسرالارنى يېزىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز ۋۇجۇدىنى قاماللاپ تۇرغان نەپستىن ئىبارەت قارا كۈچنى ئۈزۈل - كېسىل بىتچىت قىلالىغان.  شائىر ھېكمەتلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئاكتۇئال تېمىلارنىڭ يەنە بىرى پۈتكۈل ئىشتىياقى بىلەن ئىلىم ئىگىلەپ، نادانلىقتىن قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت.
    شائىرنىڭ قارىشىچە، نادانلىق بارچە ئەخلاقسىزلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئۇنى تۈگەتمىسە ئىنسان روھى پاكلانمايدۇ، شۇنداقلا نادان كىشىلەر بىلەن ئۈلپەت بولغان ئادەممۇ ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ:
     
    ئايا دوستلار، نادان بىرلەن ئۇلفەت بولۇپ،
    باغرىم كۆيۈپ، جاندىن تويۇپ ئۆلدۈم مانا.
    توغرى ئېيتسام ئېگرى يولغە بوينىنى تولغار،
    قانلار يۇتۇپ غەم زەھرىغە تويدۇم مانا.
     
    نادان بىرلە ئۆتكەن ئۆمرۈڭ نارى سەقەر،
    نادان بارسە دەۋزەخ ئاندىن قىلغاي ئەزەر.
    نادان بىرلە دەۋزەخ سارى قىلماڭ سەفەر،
    نادان ئىچرە خازان يەڭلىغ سۇلدۇم مانا.
     
    ئىلمى ھېكمەت ئالىملىرى دۇنيادىكى بارچە ياۋۇزلۇقنىڭ تۈپ مەنبەسى نادانلىق دەپ كۆرسەتكەنىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش دۇنيادىكى بارچە ياخشىلىقنىڭ باشلىنىشى بىلىمدىن بولسا، بارچە يامانلىقنىڭ ۋە رەزىللىكنىڭ باشلىنىشى نادانلىقتىن بولىدۇ. نادانلىق ئەۋج ئالغان زاماندا ياخشىلىقنىڭ ئۆمرىگە نۇقسان يېتىپ، نۇرغۇنلىغان ئالىيجاناب ئەخلاق ئىگىلىرى نادانلىقنىڭ بىگۇناھ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. بىز سۇبيېكتىپ ئېڭىمىز بويىچە بارچە گۇناھكارنىڭ جازا مەيدانىنى دوزاخ، دوزاختا بۇ دۇنيادا كىشىلەر جازا بېرىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ياكى جازالاشتىن تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۆزىنى قاچۇرغان كىشىلەر يېتەرلىك ئازابقا ئۇچرايدۇ، دوزاخ گۇناھكارنى جازالايدىغان ئادىل مەيدان، دەپ قارايمىز. لېكىن، يەسسەۋى بىزنىڭ قارىشىمىزنىڭ ئەكسىچە، ئاشۇ رەھىمسىز، ئادىل مەيدان غغ دوزاخمۇ ناداندىن قاچىدۇ، دەپ قارايدۇ. دوزاخ قاچقان ناداندىن ئادەم ئەلۋەتتە نېرى تۇرۇش، ئۇنى ئاشۇ يول ئارقىلىق يېتىم قالدۇرۇش لازىم. شائىر نادانلىقنى يالغۇز ئىلىم ئىگىلىمەسلىك بىلەنلا چەكلەپ قويمىغان. ئۇ نادانلار قاتارىغا يەنە باشقىلار زۇلمەت ئىچىدە رىيازەت چېكىپ يولدىن ئادىشىپ قالغاندا، توغرا يول كۆرسىتىشتىن باش تارتىپ، ئۇلارنىڭ ئازاب - ئوقۇبىتى بەدىلىگە خۇشال بولىدىغان، خەير - ساخاۋەت داستىخىنىدىن قارنى توق تۇرسىمۇ نېسىۋە تەمە قىلىدىغان، زامان زۇلمىدىن رەنج تارتقان مىسكىن كۆڭۈلنى ياخشى گەپ بىلەن ئاۋۇندۇرۇش ئورنىغا ھەسسىلەپ ئازار بېرىدىغان، ۋىجدانسىز، ئاچ كۆز، رەھىمسىز ئادەملەرنىمۇ تىزىپ، ئۇلارنى ئىنسان ئەخلاقىنىڭ رەھىمسىز قاتىللىرى دەپ كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ بۇ دۇنيادىكى ۋاقىتلىق مال - مۈلۈكنى كۆز - كۆز قىلىپ باشقىلارنى مەنسىتمەيدىغان تەكەببۇر، دۇنيا خۇمار كىشىلەرنى ئەڭ جاھىل نادانلار دەپ تونۇيدۇ.
     
    دۇنياسىغە مەغرۇر بولۇپ يۈرگەنلەر،
    ھەيۋان ئېرور بەلكى ئاندىن بەتتەر ئەرمىش.

     
    شائىر كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەتنىڭ بارغانسېرى سۇسلىشىۋاتقانلىقىدىن قايغۇرۇش بىلەن بىرگە، ھاياسىزلىق، ئىنساپسىزلىق قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن زارلىنىدۇ، نادانلىقتىن قاتتىق يىرگىنىدۇ:

    يەر ئاستىغە قاچىپ كىردىم نادانلاردىن،
    ئىلكىم ئاچىپ دۇئا تىلەپ مەردانلاردىن.
    غېرىب جانىم يۇز تەسەددۇق دانالاردىن،
    دانا تاپماي يەر ئاستىغە كىردىم مانا.
     
    شائىر يەنە كىشىلەرنى ئۆز ئارا ئىناق - ئىجىل ياشاشقا، بىر - بىرىگە مېھرىبان، مۇرۇۋۋەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدۇ:
     
    قايۇ يەردە ئەزىزلەرنى جەمئى بولسە،
    ئەشۇ يەردە ھال ئىلىمنى ئەيغۇم كېلۇر.
    ئۇلارنى سۆھبەتىنى خۇشلاسەم مەن،
    ئۆزۈمنى ئۆزلەرىغە قاتقۇم كېلۇر.
     
    فېئوداللىق ئىجتىمائىي تۈزۈم ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرغان جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى ئىجتىمائىي گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىر - بىرىدىن ناھايىتى روشەن پەرقلىنىدۇ.
     ئەينى دەۋر جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ بۇزۇلۇشى، ناچار خاھىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىشى ۋە مەۋجۇت ئىجتىمائىي تۈزۈم تۈپەيلى، ھەر قايسى ئىجتىمائىي قاتلامدىكى كىشىلەرگە تۇتۇلغان مۇئامىلە ئۆز ئارا ئوخشىمايتتى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پەرقى چوڭ ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دىنىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئۆز مەقسەت - ئېھتىياجى بويىچە چۈشەندۈرۈپ كىشىلەرگە سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان تەسەۋۋۇپچىلار كۈچىيىپ، خەلقنى تۈرلۈك يول بىلەن شىلىشقا تەييار تۇراتتى. بۇنداق ئىجتىمائىي شارائىتتا شائىر ئەھمەد يەسسەۋى تۆۋەن تەبىقە ھېسابلانغان مېھنەتكەش خەلق ئاممىسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قايغۇسىغا قايغۇرۇپ، ئۇلارغا ئاللادىن شەپقەت تىلەيدۇ. ئۇ گەرچە سوپىزمنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى بولسىمۇ، ئەمما دىن ۋە سوپىستىك تەرغىبات ئۇسۇلىنى فېئودال ھاكىم مۇتلەقلىق ئىدىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماستىن، بەلكى دىننى دىنىي يول بويىچە يۈرگۈزۈشكە، خەلققە مېھرىبانلىق قىلىشنى، شەپقەت تىلەشنى ئۆز يولى بويىچە ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ:
     
    غەرىب، پېقىر يېتىملەرنى قىلغىل شادىمان،
    خۇلقلەر قىلىپ ئەزىز جانىڭ قىلغىل قۇربان

    .
    تۆئمە تاپساڭ جانىڭ بىلە قىلغىل مېھمان،
    بۇ سۆزلەرنى ھەقتىن ئىشىتىپ كەلدىم مانا.
     
    مىسكىنلەرنىڭ كۆڭلىنى شاد قىلىش ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىش، ئۆز قولىدىكى ياخشى نېمەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ، كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشنى "ھەق"نىڭ بۇيرۇقى ھېسابىدا كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى خەلق قاتمۇقات زۇلۇم ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئەينى دەۋر ئۈچۈن ئېيتقاندا، خەلقپەرۋەرلىكنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىدى. ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ نەزىرىدە تەڭرى يولى بارلىق ئىش - ھەرىكەتلەرنىڭ ئەڭ توغرا، ئەڭ ئادىل مىزان غغ ئۆلچىمى ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئادىمىيلىكنى ئاشۇ مىزان بىلەن ئۆلچەيدۇ ۋە ھەقىقىي ئادەم بولۇشنىڭ يولى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەق ئىش قىلىشقا ئىنتىلىش، شەخسىي مەنپەئەتتىن ئۈزۈل - كېسىل قول ئۈزۈپ مەقسەتكە يېتىشنى كۆزلەش دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇ "مەن" تەسۋىرىدە بىغەملىكنى ئادەت قىلغان بىر كىشىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، ئۇنىڭ ھەسرەتلىك تۇرمۇشى ئارقىلىق كىشىلەرگە نادانلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرىدۇ ھەم كىشىلەرنىڭ نادانلىقى تۈپەيلى تۈرلۈك يامان ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولغانلىقىدىن قەلبى پۇچۇلىنىپ، ئىلىم - مەرىپەتنى ئۇلۇغلايدۇ، كىشىلەرنى ئىلىم - مەرىپەتلىك بولۇشقا چاقىرىدۇ ھەم نادانلىق، بىغەملىكنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ:
     
    مۇھەببەتنى دەرياسىدە غەۋۋاس بولۇپ،
    مەئرىفەتنى گەۋھىرىنى ئالغۇم كېلۇر.
     
    *   *  *
    سۇنمە غەفلەتكە بويۇن، غەفلەت سېنى گۇمران ئېتەر،
    كىمكى سۇنسە بوينىنى غەفلەت ئانى زىنكار ئېتەر. 


    شائىر يۇقىرىقىدەك ئۆزىنىڭ مەرىپەت قارىشىنى ئېنىق شەرھلەپ، ئىلىم - مەرىپەتنى ئۇلۇغلاش بىلەن بىرگە ئۆزىنى ئىلىملىك ئەردىن ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ:
     
    ئىلكىڭدىن كەلسە قىلا كۆز خوجە ئەھمەد ئەر ئىشىن،
    ئەر ئىشىن قىلغان كىشىنى ھەر ئىشى ھەققە ياقار.
     
     ئەھمەد يەسسەۋى ھېكمەتلىرىنى ئەستايىدىل كۆزەتسەك، ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان ئىسلام دىنى يېپىنچىلىرى ئاستىدا خەلقپەرۋەرلىك ۋە گۇمانىستىك روھنىڭ جۇلالىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. شائىر ياشىغان دەۋر ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۇنىڭدەك ئۆز ئالدىغا سۈلۈك پەيدا قىلىپ، شۇ يول ئارقىلىق مەلۇم بىر مەقسەتكە يېتىشنى كۆزلىگەن شائىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ دىنىي توننى يېپىنماي تۇرۇپ ئمەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا، يەسسەۋى يۇقىرىقىدەك ئىلغار خاھىشنى جانلىق شېئىرىي سۇژىتلار قۇرۇلمىسىدا ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، يەنە مەردانىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسلام دىنى چۈشەنچىسىدىكى جەننەت ۋە دوزاخ ئوبرازلىرىنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ كونكرېت دېئالوگلىرى ئارقىلىق زامانىسىدىكى ئەخلاق چۈشەنچىلىرى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلىدۇ:
     
    بېھىش دوزاخ تالاشۇر تالاشماققا بايان بار،
    دوزاخ ئەيتۇر: مەن ئارتۇق، مەندە فىرئۇن ھامان بار.
    بېھىش ئەيتۇر: نە دەرسەن، سۆزنى بىلمەي ئېيتارسەن،
    فىرئۇن ھامان سەندەدۇر، مەندە يۈسۈف كەنئان بار.
    دوزاخ ئەيتۇر: مەن ئارتۇق، بىخىل قۇللار مەندە بار،
    بىخىل قۇللار بوينىدا ئوتلۇق زەنجىر - كىشەن بار.
    بېھىش ئەيتۇر: مەن ئارتۇق، مۆئمىن قۇللار مەندە بار،
    مۆئمىنلەرنىڭ ئالدىدا تۈرلۈك نېمەت، ئەلۋان بار.
    دوزاخ ئەيتۇر: مەن ئارتۇق، مۇنافىقلەر مەندە بار،
    مۇنافىقلەر بوينىدا ئوتتىن ئىشكەل - كىشەن بار.
    بېھىش ئەيتۇر: مەن ئارتۇق، ئالىم قۇللار مەندە بار،
    ئالىملارنىڭ كۆڭلىدە ئايەت، ھەدىس، قۇرئان بار.
     
    دوزاخ بىلەن جەننەتنىڭ بۇ دىئالوگى ناھايىتى ئېنىقكى، مۇناپىقلىق، زالىملىق، ئاچ كۆزلۈك، بىخىللىق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرنىڭ قاتتىق ئەيىبلىنىدىغانلىقى ۋە ئاشۇ ئىللەتلەرنى ئۆزىگە كەسىپ قىلغان كىشىلەرنىڭ ئازاب لاگېرى - دوزاختا جازاغا تارتىلىپ قاتتىق قىينىلىدىغانلىقى ھەم ياخشى كىشىلەرنىڭ ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىدىغانلىقى ۋە ئاللانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
    ئەھمەد يەسسەۋى باشتىن - ئاخىر خەلق مەنپەئىتىنى ئەڭ ئالدىغا قويۇپ، زامانىسىدىكى ناھەقچىلىك، نادانلىق، ئەخلاقسىزلىققا ئوخشاش ناچار ئىللەتلەرنىڭ ئەدەپ كېتىشىدىن ھەسرەتلىنىپ، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى ئوت ئاچقان مەردانە ئوغلان. ئۇ گەرچە تۇرمۇشىنى زاھىتلىق قىلىش ئارقىلىق قامدايدىغان بولسىمۇ، لېكىن زاھىتلىقنى خەلقنى شىلىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغان سوپى - زاھىتلارنى رەھىمسىزلەرچە پاش قىلىدۇ. شائىرنىڭ ئىلغار دېموكراتىك، خەلقپەرۋەرلىك ئىدىيىسى مانا مۇشۇ نۇقتىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ:
     
    سوفىلىق شۇنداقمىدۇ دائىم ئىشىڭ ئىسيان بىلەن،
    دانەئى تەسبىھ قولۇڭدا تىللارىڭ غەيبەت بىلەن،
    دائىما كەبلەر ئۇرارسەن نەفس بەد ئىززەت بىلەن،
    سوفى نەقشى ئولدۇڭ ۋەلى ھەرگىز مۇسۇلمان بولمادىڭ.
     سوفى نەفس ئۈچۈن ھەردەم ئىشىككە باقاسەن،
    نەزىر ئالىپ كەلدىڭمۇ دەپ ئارقاسىغە قاقاسەن.
    ھەرگۇناھ پىرى خەتەر شەرمەندە يۈزى قاراسەن،
    سوفى نەقشى ئولدۇڭ ۋەلى ھەرگىز مۇسۇلمان بولمادىڭ.
     
    قولىدىن تەسۋى چۈشمەيدىغان (كۆرۈنۈشى تەقۋادار)، ئەمەلىيەتتە تەمەنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان، يالغان سۆز - ھەرىكەت بىلەن ئادەم ئالداشنى مەقسەت قىلغان سوپىلار شائىر نەزىرىدە ئەرزىمەس بىر مەخلۇق. بۇنداق مەخلۇقلاردىن ئەلگە ئازار، ۋەتەنگە كۈلپەتتىن باشقا نەرسە كەلمەيدۇ. تارىخىمىزنى ۋاراقلاپ كۆرسەكمۇ، سوپى - ئىشانلارنىڭ خەلقىمىز بېشىغا كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرىنىڭ ھەددى - ھېسابسىز ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.
    ئەھمەد يەسسەۋى بۇزۇلۇۋاتقان ئەخلاقىي ھادىسىلەرنى كۆزەتكەندە، رىياكار، ئالدامچى سوپى - زاھىتلارنىڭ خەلقنى شىلىشتىكى تۈرلۈك ۋاسىتىلىرىنى ئايىماي سۆكىدۇ؛ خەلقنى ئالداپ توپلىغان مال - مۈلكى بىلەن مەغرۇرلىنىپ، لاپ ئۇرۇپ جان باقىدىغان پەسكەش تەبىئىتىنى پاش قىلىدۇ:
     
    سوفى بولماي نەيلەسۇن ئۆيدە قىلۇرغە ئىشى يوق،
    دەئۋايى سوفى قىلۇر خەلقىغە بېرۇرگە ئاشى يوق.
    ئاھ - ۋاھ دەرلەر يەنە كۆزىدە قەترە ياشى يوق،
    سوفى نەقشى ئولدۇڭ ۋەلى ھەرگىز مۇسۇلمان بولمادىڭ.
     
    خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئۇلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش شائىر نەزىرىدە ئەڭ ئالىي شەرەپ. ئۇ سوپىلارنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، رىياكار، يالغانچى، ئاچ كۆز سوپىلارنى:

    دانەئى تەسبىھ ئالىپ ئەلنى كۆزىگە سوفى سەن،
    نەفس بەدلەر ئالدىدا تەرسا جۇھۇدلار توپى سەن.
     
    دەپ تىللايدۇ.
     شائىرنىڭ سوپىلار ھەققىدىكى بۇ خىل ئەمەلىي قاراشلىرى كېيىنكى دەۋرلەردە نەۋائى ۋە زەلىلى ئىجادىيىتىگىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. نەۋائى ئىجادىيەت تېمىلىرى بايراق قىلىنغان 15 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تېماتىكىسىدا بولسۇن ياكى زەلىلىنىڭ رېئالىزملىق ئېلېمېنتلار بىلەن تويۇنغان ئىجادىيەت تېمىلىرىدا بولسۇن، رىياكار سوپى - زاھىتلارنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى پاش قىلىش ئەھمەد يەسسەۋى ھېكمەتلىرىدە چېچەك ئاچقان مۇشۇ خىل خاھىشنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسىنا ئەمەس. بۇ نۇقتىدا شائىر گەرچە ئۆزى ئاتاقلىق سوپىزم ۋەكىلى بولسىمۇ، لېكىن سوپىلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان رەزىل قىلمىشلىرىنى قامچىلاشتا دادىل ھەرىكەت قىلغان. مەلۇم جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ شائىرنىڭ ئەينى دەۋر جاھىلىيەت كۈچلىرى تەرىپىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن مەنسۇر ھەللاجى يولىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى تەنتەنە بىلەن جاكارلىشى ھېسابلىنىدۇ.  
    3
    سوپىزم ئەدەبىياتى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىغا سوپىزم ئىدىيىۋى خاھىشىنىڭ يامرىشى بىلەن تەڭ باشلانغان. ئېنگېلس"گېرمانىيىدە دېھقانلار ئۇرۇشى" دېگەن كىتابىدا "فېئودالىزمغا قارشى ئىنقىلابىي ئۆكتىچىلەر پۈتۈن ئوتتۇرا ئەسىر داۋامىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى. شارائىتنىڭ بىردەك بولمىغانلىقى تۈپەيلى ئۇ بەزىدە سوپىزم شەكلىدە، بەزىدە ئاشكارا دەھرىيلىك شەكلىدە، بەزىدە قوراللىق ئىسيان شەكلىدە ئىپادىلەندى" دەپ يازغانىدى. ئېنگېلسنىڭ مۇشۇ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئىلغار خاھىشتىكى سوپىستىك كۈچلەر تارىختا ئەدەبىياتنى ۋاسىتە قىلىپ، ئىنساننى ئۇلۇغلىغان، ئىنسانىي قەدىر - قىممەتنى ئاياغ ئاستى قىلىدىغان فېئودالىزىم جەمئىيىتىگە ۋە فېئودال كۈچلەرنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرغان. شائىر ئەھمەد يەسسەۋى مانا مۇشۇ مەقسەتنى چىقىش قىلغان ھالدا ئۆز زامانىسىدىكى روھانىي كۈچلەردىن پەرقلىق ھالدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، فېئودال روھانىيلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان بايەزدى، مەنسۇر ھەللاجى قاتارلىق ئىلغار خاھىشتىكى سوپىستىك كۈچلەر بىلەن بىر قاتاردا تۇرۇشنى ئىستىگەن.
    شائىر ئەھمەد يەسسەۋى ئىجادىيىتىدە زامانىسىدا ئېزىلىۋاتقان خەلق ئاممىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويالمىغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىغا ھېسداشلىق قىلغان؛ فېئودال زالىم كۈچلەر ئۈستىدىن ھەقلىق يوسۇندا ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چىرىك ئەخلاقىي دۇنياسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئېچىپ تاشلىغان؛ روھانىي كۈچلەرنىڭ ئالدامچى، ھىيلىگەر، نەيرەڭۋاز خۇسۇسىيىتىنى، خەلقنى شىلىشتىكى رەزىل ۋاستىسىنى دادىللىق بىلەن ماھىيەتلىك ھالدا پاش قىلغان. بۇ ھال ئەينى دەۋر ئۈچۈن ئېيتقاندا، يۈكسەك خەلقپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىدى.
    يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە شائىر ئىجادىيىتىدە ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر تەرەپ تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكتە كۆرۈلىدۇ. شائىر مەيلى ئۆز ئىدىيىسىنى خەلق ئىچىگە كەڭ تارقىتىش مەقسىتىدە بولسۇن ياكى ئەرەب، پارس تىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا كەڭ تۈردە ئومۇملىشىۋاتقان ئاشۇ دەۋردە ئەرەب - پارس تىللىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنىڭ ئورنىنى ئېلىش خەۋپىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بولسۇن، ساپ، جانلىق خەلق تىلى بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ خارەزم تەرەپلەردە كەڭ تۈردە ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا ئەھمەد يەسسەۋى شېئىرىيەتتە ۋەزىن يەڭگىل، پىكىرلەر ئويناق، راۋان، شوخ بولۇشتىن ئىبارەت ئاددىي شېئىرىي شەكىل ئارقىلىق يېڭىچە ئۇسلۇب ياراتتى. يۇقىرىقى نۇقتىلار شائىر ئىدىيىسىدىكى ئىلغار خاھىش بىلەن قوشۇلۇپ، شائىر ئىجادىيىتىنىڭ مۇناسىپ ئورنىنى بەلگىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.
    دەرۋەقە، سوپىزمنىڭ تەرغىبات ئىدىيىسى ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، تەركىدۇنيالىقنى تەشەببۇس قىلىپ، بۇ دۇنيادىكى بارلىق مەئىشەتتىن قول ئۈزۈپ ئۇ دۇنيالىقنى ئىزدەش، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئەمەللەرنى بېجىرىشتىن ئىبارەت. بۇ ئومۇمىي تەرەققىيات ئېڭىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، تەرەققىياتنى بوغۇپ، ئىنسان مەنىۋىيىتىنى چۈشەپ قويىدۇ. شائىر ئەھمەد يەسسەۋى ئىدىيىسىدە بۇ تەرەپمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئورۇن ئالغان. شائىر ئۆز ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلىشتا كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا ئۇ دۇنيا چۈشەنچىسىنى تولۇق سىڭدۈرۈپ، تەركىدۇنياچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان، ئۇ دۇنيا مەئىشىتىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، رېئال دۇنيا مەئىشەتلىرىنى چەتكە قاققان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا نوقۇل سوپىستىك ئىدىيىنى تەرغىب قىلىپ، پۈتكۈل خەلقنى قۇلغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، ئۆز مەقسىتىگە يېتىش يولىدا ھەر قانداق ئەسكىلىكنى قىلىشتىن يانمايدىغان روھانىي كۈچلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. بۇ دۇنيادىكى ئىنسانىي مېھىر- مۇھەببەت، خەلقنىڭ بەختى يولىدىكى پىداكارلىق، خالىس ياردەم، ياخشى ئەخلاق، ئېسىل پەزىلەتلەر ئۇ دۇنيا راھىتىنىڭ ئاساسى دېگەن ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇپ، شۇ ئاساستا ئۆز پىكرىنى يۈرۈشتۈرىدۇ ۋە مۇشۇ يول بويىچە ئۆز ئىدىيىسىنى قاناتلاندۇرىدۇ. بۇ ھال "جەننەت بىلەن دوزاخ" نىڭ دىئالوگىدىكى مەزمۇنلاردا روشەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
     
    پايدىلانغان ماتېرىياللار:
    1."ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى"، 1 - توم، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى،-  2002  يىلى نەشرى؛
    2."بۇلاق" ژۇرنىلى، ئومۇمىي 14 -، 16 -، 20 - سانلار؛
    3.شەرىپىدىن ئۆمەر: "ئۇيغۇرلاردا كلاسسىك ئەدەبىيات"، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1989 - يىلى نەشرى. 
    (ئاپتور قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىدا، دوتسېنت )

    مەنبەسى : بۇلاق ژورنىلى
    ۋاقتى :2007-12-30


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.