-
2009-06-12
ياخشىلارغا ۋە يامانلارغا ياخشىلىق قىلىش ھەققىدە - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/attirgul-logs/40915198.html
بىر كىشى چۆلدە بىر ئىتنى كۆردى . قارىسا ئۇ جانىۋار ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلەر ھالەتكە كىلىپ قالغانىكەن .
ھېلىقى كىشى بېشىدىكى كۇلاھىسىنى چېلەك ، سەللىسىنى ئارغامچا قىلىپ ، ئۇيەردىكى قۇدۇقتىن سۇتارتىپ ئىتقا بەردى . بىچارە ئىت سۇنى ئىچىپ جانلاندى .
ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن ، جانابىي ھەقنىڭ ھېلىقى ئادەمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى .
دوستۇم ، زالىم بولساڭ ئاقىۋىتىڭنى ئويلا . ۋاپادار بول ، ياخشىلىق قىلىشقا ئادەتلەن ۋە بۇنى ئۆزۈڭگە كەسىپ دەپ قارا .
بىر ئىتقا قىلىنغان ياخشىلىق ئاللانىڭ ئالدىدا زايە كەتمىگەن يەردە ، ئادەمگە قىلىنغان ياخشىلىقنى زايە كىتىدۇ دەپ قارامسەن ؟
جانابىي ھەق ياخشىلىقنىڭ ئىشىكىنى ھېچكىمگە ياپمايدۇ . قولۇڭدىن كىلىشىچە ياخشىلىق قىل .
بىر باينىڭ خەزىنىسىدىن بىر سەر ئالتۇن بېرىشى ، بىر كەمبەغەلنىڭ ئۆز ئەمگىكى بىلەن تاپقىنىدىن بەرگەن بىر مىسقال كۈمۈشىچىلىكمۇ بولالمايدۇ .
ھەركىم ئۆز كۈچىگە تۇشلۇق يۈك كۈتۈرەلەليدۇ .بىچارىلەرگە رەھىم قىلىشنىڭ پايدىسى
بىر كەمبەغەل چىرايى سەت بىر باينىڭ ئالدىغا بېرىپ يوقسۇللۇقىدىن ھال ئېيتىپ ياردەم تىلەپتۇ .
ئۇ كۆڭلى قارا باي بىچارە كەمبەغەلگە ئاز بولسىمۇ پۇل بەرمىگەننىڭ ئۈستىگە ئۇنى يوقال دەپ قوغلاپتۇ .
كەمبەغەل ئۇنىڭ قىلغان ھاقارىتىنى شۇنچىلىك ھار ئاپتۇكى ، يۈرىكىگە قان تولۇپتۇ ۋە خاپىلىقىدىن بېشىنى كۈتۈرۈپ دەپتۇ : - ھەيرانمەن ، مەن بولسام كەمبەغەل ، تەرىمنى تۈرسەم ئورۇنلۇق . لېكىن ، ئۇ نىمىگە تەرىنى تۈرىدىغاندۇ ؟ بىر كۈنى ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇنداق كەمبەغەل بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىدىن قورقمامدىغاندۇ ؟
باي مالىيىغا :-بۇ ئەبلەخنى ھاقارەتلەپ دەرۋازىدىن قوغلاپ چىقار !-دەپتۇ .
بۇ باي ھەقتائالاغا شۈكرى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئىشلىرى تەتۈرىگە مېڭىپ بايلىقىدىن ئەسەر قالماپتۇ . ئۈمىد يۇلتۇزى قەلىمىنى قارا سىياھقا چىلاپ ئۇنىڭ پېشانىسىگە قاراپ ئۇنىڭ بەختىنى يېزىپتۇ . بۇنىڭ بىلەن ئۇ سويۇلغان پىيازدەك يالىڭاچ قاپتۇ . نە مېلى قالماپتۇ ، نە جېنى ...تەقدىر ئۇنىڭ بېشىغا نامراتلىق توپىسىنى چېچىپتۇ . يانچۇقى تۆشۈك ، قاچىسى قۇرۇق قاپتۇ . قاقسەنەم قىزىل كۆزنىڭ ئۆزى بوپتۇ .
ئۇنىڭ ھالى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ ، زادى تۇنۇغىلى بولمىغۇدەك بۇلۇپ قاپتۇ . بىر مەزگىل مۇشۇنداق ياشىغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ مالىيىنى بىر ئادەم سېتىۋاپتۇ . ئۇ ھەم مەرد ، ھەم روھى باي ۋە پاك ئەخلاقلىق كىشى ئىكەن .
ھېلىقى باي پۇل -دۇنيا ، مال-مۈلۈككە قانچىلىك ھېرىسمەن بولسا ، بۇ مەرد يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ، ئۇلارغا يار-يۆلەك بۇلۇشقا شۇنچىلىك ھېرىسمەن ئىكەن .
بىر كۈنى بۇ مەردنىڭ دەرۋازىسىنى بىر تىلەمچى قېقىپتۇ . يوقسۇللۇقتىن قولى تۇتماس ، پۇتى باسماس بۇلۇپ قالغان بىر نامرات ئىكەن .
-مەرد مالىيىغا : ئۇ بىچارىنى رازى قىل ، نىمە تەلەپ قىلسا بەر-، دەپتۇ .
مالاي داستىخاندىن بىر تاۋاق ئاش ئېلىپ تىلەمچىگە بېرىپتۇ-دە ، بىردىنلا پەرياد قىلىپ يىغلاشقا باشلاپتۇ . ئۇ قايغۇلۇق ۋە پەرىشان ھالدا قايتىپ كىرگىنىدە مەرد ئۇنىڭدىن :
-نىمە بولدۇڭ ، نىمىگە كۆز يېشى قىلدىڭ ؟- دەپ سوراپتۇ .
-بۇ تىلەمچى ئۆز ۋاقتىدا باي ۋە مېنىڭ خوجايىنىم ئىدى ، بۇ بەختسىز بوۋاينىڭ ھالى مېنى پەرىشان قىلىۋەتتى .يۈرىكىم پارە-پارە بولدى . ئۇ ئۆز ۋاقتىدا كاتتا بايلىق ئىگىسى ئىدى ...بۈگۈن بولسا ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئالقان ئېچىپ يۈرۈپتۇ ،-دەپتۇ مالاي .
مەرد ئادەم ئاچچىق كۈلۈپ مۇنداق دەپتۇ :
-يىغلىما بالام ، زامان ھېچكىمگە زۇلۇم سالمايدۇ ، بۇ ھېلىقى كەمبەغەللەرگە تەرىنى تۈرۈپ كۈزۈمدىن يۇقال ، جەھەننەمگە كىرگەيسەن دەپ ھاقارەتلەپ مالىيىغا قوغلاتقان سودىگەر ئەمەسمۇ ؟ خۇداغا ئامانەت ، ئۇ ئاللاغىمۇ تەرىنى تۈرەتتى . ئۆز ۋاقتىدا مېنىمۇ ھاقارەتلەپ قوغلاتقانىدى . ئاللا ماڭا ياردەم قىلدى . مېنى ئۇنىڭ ئورنىغا ، ئۇنى مېنىڭ ئورنۇمغا قويدى .
ئاللانىڭ ھېكمىتى مانا شۇنداق . بىر ئىشىكنى تاقىسا ، ئۇلۇغلۇقى بىلەن يەنە بىر ئىشىكنى ئاچىدۇ .
قانچىلىغان يوقسۇل باي بولدى ، قانچىلىغان باينىڭ ئىشلىرى ئاستىن-ئۈستۈن بولدى .
مەنبە-"بوستان " ( شەيخ سەئىدى )历史上的今天:
ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش 2009-06-12ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى 2009-06-12كېلىنلەر ئەخلاقى 2009-06-12ئۇيغۇر مەدىنىيىتىمىزدىن قىسقىچە كۆرۈنۈش 2009-06-12
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.