-
2009-06-03
دانالار ھىكمەتلىرىدىن - [ھىكمەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40434936.html
پايدا يەتكۈزىدىغان دوست ئۈچ خىل بولىدۇ، زىيان يەتكۈزىدىغان دوستمۇ ئۈچ خىل بولىدۇ. تۈز كۆڭۈل، سەمىمىي ۋە بىلىملىك ئادەمنى
دوست تۇتۇش پايدىلىق، تەخسىكەشلەرنى، ئالدىدا خوشامەت قىلىپ ئارقىدا غەيۋەت قىلىدىغانلارنى، ياغلىما سۆز قىلىدىغانلارنى دوست
تۇتۇش زىيانلىق.ئەتىدىن كەچكىچە بىر يەرگە توپلىشىۋېلىپ، بىمەنە گەپ سېتىپ، بىلەرمەنلىك قىلىپ يۈرۈيدىغان كىشىلەرنىڭ بىرەر نەتىقە ياراتمىقى قىيىن!
تېشى قالتىس، ئىچى ھالسىز ئادەملەرنى چاكىنىلارغا تەمسىل قىلىپ، ئىشىك ماراپ يۈرۈيدىغان ئوغرىغا ئوخشاتسا بولىدۇ.
ئالىجاناپلار مۇنداق ئۈچ ئىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك : قورامىغا يەتمىگەن چاغدا كۈچ - قۇۋۋەتكە تولمىغان بولىدۇ، بۇ چاغدا
ھاۋايى - ھەۋەستىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. قۇرامىغا يەتكەندە كۈچ - قۇۋۋەتكە تازا تولغان بولىدۇ، بۇ چاغدا نوچىلىقتىن ھەزەر
ئەيلىشى كېرەك. قېرىغاندا كۈچ - قۇۋۋەتتىن قالىدۇ، بۇ چاغدا ئاچكۆزلىكتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك.ئالىجاناپلار توغرا يولدا چىڭ تۇرۇدىكى، ئەرزىمەس ئىناۋەت بىلەن ھىسابلىشىپ كەتمەيدۇ.
باشقىلاردىن كېيىن قالارمەنمۇ دەپ بەسلىشىش، ئۆگەنگەننى ئۇنتۇپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەش بىلىم ئېلىشنىڭ يولىدۇر.
بەس! مەن گۈزەل ئەخلاقنى ساھىپجامالنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى كۆرمىدىم.
历史上的今天:
ئائىلە 2010-06-03ئۇنتۇپ قالمايلى - مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز 2009-06-03«ئات » بىلەن «ئات مىنگەن كىشى » 2009-06-03
收藏到:Del.icio.us