ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-04

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە - نىكاھ ئادەتلىرى - [ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40458856.html

    ئائىلە قۇرۇلمىسى

    ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە ئەسىرلەر بويى ئەر ئاساس قىلىنغان فېئودال ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمى ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن. ئائىلە قۇرۇلمىسى ئاتا قان سېستىمىسى ئاساس قىلىنغان بىر ئەر - خوتۇنلۇق چوڭ ئائىلىدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى:
    1)
    ئائىلە ئەزالىرى ئەر جەمەتىنى ئاساس قىلغان ئۈچ ياكى تۆت ئەۋلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار چوڭ دادا ۋە ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولغان ئاكا - ئۇكا ھەم ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئىبارەت. ئادەتتە ئۈچ ئەۋلات بىرگە ياشايدىغان ئائىلىلەر بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، چوڭ دادا ھايات ۋاقتىدا ئاكا - ئۇكىلار ئاسانلىقچە بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتمەيدۇ. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئەر جەمەتىدىن بولغان چوڭ دادىنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ. ئائىلىنىڭ چوڭ ھوقۇقى چوڭ دادىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ ئائىلە ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، <ئۆينىڭ بەرىكىتى> دەپ ھۆرمەتلىنىدۇ، ئاسرىلىدۇ. ئۇنىڭ سۆز ھەرىكىتى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئائىلە قانۇنى ھېسابلىنىدۇ، پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى ئولتۇرسا - قوپسا ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيدۇ، ئۆزلىرى ھەرقانچە غورىگىل قالسىمۇ، ھەممە نەرسىنىڭ باش بۇرنىنى ئۇنىڭغا ئاتايدۇ.
    2)
    تۇنجى ئوغۇلنىڭ ئورۇن مەرتىۋىسى يۇقىرى.
    ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە تۇنجى ئوغۇل <ئىككىنچى ئاتىلىق> ھۆرمىتىگە سازاۋەر. ئۇ سىرتقا قارىتا ئائىلە باشلىقىغا ۋاكالىتەن بارلىق <تاشقى ئىشلار> غا؛ ئائىلە ئىچىدە بولسا، ئائىلىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل. ئەمما ئائىلىنىڭ بىر يىللىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، كىرىم - چىقىم ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مال - مۈلۈكىنى باشقۇرۇش، پەرزەنتلەرنىڭ نىكاھ ئىشلىرى قاتارلىق ئىشلاردا بىر قارارغا كىلىشتە ئالدى بىلەن ئائىلە باشلىقىنىڭ سەمىگە سېلىپ، ئۇنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
    3)
    ئائىلە ئەنئەنىسىنى ئەلا بىلىش، ئاتا - ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسراش، ئائىلە ئىتتىپاقى، ئىناقلىقىنى ساقلاش ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن. ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە بۇنىڭغا خىلاپ ئىشلار سادىر قىلىنسا، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئاتا - ئانىغا ۋاپاسىزلىق، ئائىلە ئەنئەنىسىگە ئاسىيلىق دەپ قارىلىپ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قاغىش - نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر ئائىلىسىدىكى مۇنداق مۇھەببەت نەپرەت <يەر سۇ بىلەن كۆكۈرەر، ئەر ئەر ئاتا - ئانا دۇئاسى بىلەن (كۆكۈرەر)>، <ئاتا قارغىش ئوق> دېگەن تەمسىلدە ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن.
    ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تىپى ۋە قۇرۇلمىسىدا ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىش بىلەن فېئودال چوڭ جەمەتلىك ئائىلە ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى ئائىلىلەرمۇ شەكىللەنگەن. مەسىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا قەشقەردىكى تاش ئاخۇن بايلار ئائىلىسى؛ قەشقەر شىنجاڭ رايونىدا تۇرپاندىكى مۇسۇلبايلار ئائىلىسى؛ شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا ئىلىدىكى مۇسابايوۋلار ئائىلىسى قاتارلىق ئائىلىلەر ئەنە شۇنداق فىئودال چوڭ جەمەتلىك ئائىلىلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىندۇر. ئىككى ئەۋلات بىرگە ياشايدىغان ئائىلىلەر ئوتتۇرا تىپتىكى ئائىلىلەردىن بولۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. فېئودال چوڭ جەمەتلىك ئائىلىلەر، ئوتتۇرا تىپتىكى ئائىلىلەرگە ئوخشاش تەرەققىي قىلالمىغان.

    تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى

    ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى مۇنداق تۆت سېستىمىغا بۆلۈنىدۇ:
    1)
    قانداش تۇغقان بىر ئاتا - ئانىدىن بولغان، ئاتا بىر، ئانا باشقا ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار.
    2)
    يېقىن تۇغقان: ئانا جەمەت تۇغقانلار ۋە بىر ئاتىدىن بولغان ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىلنىڭ پەرزەنتىلىرى ھەم ئانابىر، ئاتا بۆلەك ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار.
    3)
    يىراق تۇغقان: ئاتا جەمەت، ئانا جەمەت سېستىمىسىدىكى غەيرىي قانداش تۇغقانلارنىڭ ئەۋلادلىرى، مۇنداق تۇغقانلار ئادەتتە <شىرەم تۇغقان> دەپ ئاتىلىدۇ.
    4)
    قۇدا تۇغقان: پەرزەنتلىرىنىڭ قېيىن ئاتا، قېيىن ئانا ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى. ئادەتتە يۇقىرىقى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى <تۇغقان> دەپ ئاتىلىدۇ.

    تۇغقان ناملىرى

    ئۇيغۇرلاردا بىر ئائىلە ئەزالىرى يەنى قانداش جەمەت بىرلىكى ئاساسىدىكى تۇغقانلار ئەجداد تەرتىپى، ئەۋلاد تەرتىپى، ياش تەرتىپى بويىچە خاس نام بىلەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
    1)
    ئەجداد تەرتىپى بويىچە: ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنە بويىچە ئەجداد تەرتىپىنىڭ خاس نامى ۋە شەخس ئىسمى يەتتىنچى ئەجدادقىچە خاتىرىدە تۇتۇلىدۇ: ①دادا(ئاتا)، (ئانا) (ئاپا)؛ ②چوڭ دادا (ئاتا)، چوڭ نانا (ئاپا)؛③بوۋا (م) موما (م)؛ ④چوڭ بوۋام (م) چوڭ موما(م)؛ ⑤ئۇلۇغ بوۋا(م) ئۇلۇغ موما(م)؛ ⑥بەشىنچى ئەجدادتىن يەنى ئۇلۇغ بوۋىدىن يۇقىرىدىكىلەر ئۇلۇغ بوۋامنىڭبوۋىسى ياكى ئالتىنى، يەتتىنچى بوۋام دەپ يۈرگۈزۈلىدۇ. بۇرۇن ئالتىنچى، يەتتىنچى ئەجدادنىڭ خاس نامى بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگۈچە ئۇنتۇلغان بولسا كېرەك. شۇنىڭدەك ھازىر ئۈچىنچى ئەجدادلىرىدىن يۇقىرى ئەجدادىنىڭ خاس نامى شەخس ئىسىملىرىنى تولۇق ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلار ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى.
    2)
    ئەۋلاد تەرتىپى بويىچە: ئۇيغۇرلاردا دادا جەمەت ئەۋلادى ئالتە بوغۇمدا يەنى ئالتە ئەۋلادىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئۇلار: ①ئوغۇل، قىز، ②نەۋرە، ③ئەۋرە، ④چەۋرە، ⑤پەي نەۋرە، ⑥كوكۇن نەۋرە دېيىلىدۇ. نەۋرە ئوغۇل نەۋرە، قىز نەۋرە دەپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
    3(
    دادا، ئانا جەمەت بويىچە: دادا، ئانىسىنىڭ ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تاغا ياكى ئاغا، ئاكا، ھامما دەپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئەمما ئادەتتە يېقىنلىق، مېھرى ھۈرمەت ئېتىبارى بىلەن ئۇلارنىڭ شەخس ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا دادا(م)، ئانا(م)، ئاپا(م) سۆزى قوشۇلىدۇ. بەزى رايونلاردا دادىنىڭ ئاكىسى چوڭ ئاتا، ئۇكىسى كىچىك ئاتا؛ ئانىنىڭ ئاچىسى چوڭ ئاپا، سىڭلىسى كىچىك ئاپا دەپمۇ يۈرگۈزۈلىدۇ.
    4)
    قۇدا تۇغقان ناملىرى: پەرزەنتلىرىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن شەكىللەنگەن غەيرىي قانداش سىستېمىسى ئاساسىدىكى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەت <قۇدا تۇغقان> دېيىلىدۇ ۋە خاس نام بىلەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
    ئوغۇل ۋە قىز تەرەپ ئاتا - ئانىلىرى قۇدىلارنى پەرقلەندۈرۈش زۆرۈرىيىتى بولغاندا ئەر (ئەركەك) قۇدا، ئايال (چىشى) قۇدا دەپ يۈرگۈزۈلىدۇ. ②ئوغۇلنىڭ ئايالى <كېلىن ياكى كېلىن بالا> قىزنىڭ ئېرى <كۈيە ياكى كۈيئوغۇل> دەپ يۈرگۈزۈلىدۇ. ئەمما ئوغۇل تەرەپ ئادەتتە كېلىننى ئائىلىنىڭ رەسمىي ئەزاسى سۈپىتىدە <قىزىم ياكى بالام> دەپ ئاتايدۇ. قىز تەرەپ بولسا، كۈيئوغۇلنى <ئوغلۇم ياكى بالام> دەپ ئاتايدۇ. ③ئوغۇلنىڭ ئايالىنىڭ شۇنىڭدەك، كېلىننىڭ ئېرىنىڭ دادا (ئاتا)سى، ئانا (ئاپا)سى، <قېيىن ئاتا>، <قېيىن ئانا> دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە دادا (ئاتا) ئانا (ئاپا) دەپ يۈرگۈزۈلىدۇ. ④كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەردە چوڭ ئوغۇلنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئۇكا، سىڭىللىرى تەرىپىدىن <يەڭگە> ياكى <ئېگىچە>، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا بولسا <ئايلا> دەپ ئاتىلىدۇ. كېلىنلەر ئارىدىن چوڭلىرىنى ئاكا ياكى ئاغا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا <موللاكا>، <ئاچا> ياكى <ھەدە>، <ئايلا>؛ كىچىكلىرىنى <ئۇكام>ش <سىڭلىم> دەپ ئاتايدۇ. بىر ئائىلىدىكى ئاكا - ئۇكىنىڭ ئاياللىرى ئۆز ئارا <ئېپى يەڭگە> دەپ ئاتىشىدۇ. ⑤ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئاكا - ئۇكىسى <قېيىن ئاغا>، <قېيىن ئىنى>، ئاچا - سىڭىللىرى <قېيىن ئېگىچە>، <قېيىن سىڭىل> دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە بولسا، ئاكا ياكى ئاغا، ئاچا، ئىگىچە ياكى سىڭىل دەپ يۈرگۈزۈلىدۇ. ⑥بىر ئائىلىدىن ياتلىق بولغان ئاچا، سىڭىلنىڭ ئەرلىرى شۇنىڭدەك ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرى ئارىسىدا قۇدىلاشقانلارمۇ <باجا> دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى <قايچا قۇدا> دەپ ئاتىلىدۇ.
    ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قۇدا تۇغقانلاردىن ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن ئۆزئارا قاتتىق ھۈرمەتلىشىدۇ. بۇ <قۇدا كەلدى، خۇدا كەلدى>، <كۈيئوغۇل كەلدى، خان كەلدى> دېگەن تەمسىلدە ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن. ⑦پەرزەنتلەرگە ئائىت خاس نام: يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بىر جان ئىگىسى بىر تۇتاش <بالا>، جىنسىي پەرقىگە قاراپ <ئوغۇل>، <قىز> دەپ ئاتىلىدۇ. بالا تۇغۇلۇپ يېشىغا توشقۇچە <بوۋاق>، <قىز> دەپ ئاتىلىدۇ. بالا تۇغۇلۇپ يېشىغا توشقىچە <بوۋاق>، ئالتە - يەتتە ياشلىق بالىلار <نارەسىدە>، يەتتە - سەككىز ياشتىن 11 - 12 ياش ئارىلىقىدىكى بالىلار يەنى ئۇششاق يېشىدىكى بالىلار <ئۆسمۈر> دەپ ئاتىلىدۇ. بىر قېتىملىق تۇغۇتتا تۇغۇلغان ئىككى بالا <قوشكېزەك> دەپ ئاتىلىدۇ. ⑧نەۋرىلەر: بىر جەمەتتىن بولغان نەۋرىلەر ئادەتتە تۇغقان دەپ يۈرگۈزۈلسىمۇ، ياش تەرتىپى بويىچە يەنىلا <نەۋرەئاكا>، <نەۋرە ئىنى>، <نەۋرە ئاچا ياكى نەۋرە ھەدە>، <نەۋرە سىڭىل>دېگەن خاس نام ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا تۇغقان ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان دادا، بوۋا، ئانا (ئاپا)، ئاكا - ئۇكا (ئىنى)، ئاچا - سىڭىل، يەڭگە، ئايلا، بالا، قىز، ئوغۇل قاتارلىق ئاتالغۇلار ئادەتتە يېقىنلىق، مېھرى - ھۈرمەت ئىپادىسىدە يەنە كەڭ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، قولۇم - قوشنا، يارۇ - بۇرادەرلەر ئۆز ئارا ئۆزىدىن چوڭلارنى - ئەرلەرنى بوۋا، دادا، ئاكا؛ ئاياللارنى ئانا ( ئاپا) ئايلا، ئاچا، يەڭگە؛ كىچىكلەرنى ئۇكام، ئىنىم، بالام، ئوغلۇم، سىڭلىم، قىزىم دەپ ئاتايدۇ. ناتونۇش كىشىلەر مەلۇم زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئۇدۇل كەلگەن بىرىدىن گەپ سوراش توغرا كەلگەندە قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي پەرقى بويىچە قىياسەن ياش - قۇرامىغا قاراپ يۇقىرىدىكى ناملاردا چاقىرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا دىنىي زاتلارنىڭ ئاياللىرى <قۇشناچ>، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئاياللىرى <ئاغچا> دەپ ئاتىلىدۇ.

    مۈلۈك ۋارىسلىقى

    ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوغۇل، قىز، ئايال ھەممىسى مۈلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقىغا ئىگە. ئەمما، ئەمەلىي تەقسىماتتا ئوغۇلغا قارىغاندا قىزغا ئىككىدىن بىر ئۈلۈش؛ ئايالغا تۆتتىن ياكى سەككىزدىن بىر ئۈلۈش تەقسىم قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۆلگۈچىنىڭ ئوغلى يوق بولغان تەقدىردە مۈلۈك قىزلار ئوتتۇرىسىدا تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ. ھېچقانداق پەرزەنتى يوق، ئەمما قانداش تۇغقان ۋە ئايالى بولغان تەقدىردىمۇ شۇلار ئوتتۇرىسىدا بىر ئۈلۈشتىن تەقسىم قىلىنىدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ باشقا ھېچقانداق يېقىنلىرى بولماي، پەقەت ئۆگەي ئاكىسى، ئاسراندى پەرزەنتى بولسا مۈلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقى شۇنىڭغا مەنسۇپ بولىدۇ. مۇنداق پەرزەنتلەردىن بىردىن ئوشۇق بولغان تەقدىردە ئۇلارغا تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ. ئۆلگۈچى يەككە - يېگانە بولسا، ئۇنىڭ مۈلكى جامائەتنىڭ كېڭىشى بىلەن جامائەت خەيرى - ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا مال - مۈلۈكنىڭ مەلۇم قىسمىنى پەرزەنتلىرىنىڭ بىرەرىگە ياكى ئايالىغا (ئۆگەي ۋە ئاسراندى پەرزەنتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بەخشەندە قىلىپ بەرگەن ياكى شۇنداق قىلىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، مۈلۈكنىڭ شۇ قىسمى تەقسىماتقا كىرگۈزۈلمەيدۇ.
    ئۇيغۇرلارمۇ قىز بالا ياتلىق قىلىنغاندا بىر يۈرۈش تويلۇق ۋە باشقا سەرەمجانلار بىلەن ئۇزىتىدۇ. ئەمما ئۇ يەنىلا مۈلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقىغا ئىگە. تۇرمۇشلۇق بولمىغان ئوغۇل قىزلارغا مۈلۈك تەقسىماتىدا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە توي ئىشلىرىنىڭ خىراجىتى نەزەردە تۇتۇلۇپ، تېگىشلىك ئەنئەنىۋى نىسبەتتىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇقراق مۈلۈك قالدۇرۇلىدۇ.

    نىكاھ تۈزۈم - رەسمىيەتلىرى

     1( نىكاھ تۈزۈمى.
    ئازادلىقتىن بۇرۇن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قېئوداللىق ھۆددىگەرلىك ئاساسىدىكى بىر ئەرگە بىر ئاياللىق تۈزۈمى ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئالاھىدىكلىرى:ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ھوقۇق - ئىمتىيازى مۇقەددەس ئىدى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە گەرچە بىر ئەر بىر ئاياللىق تۈزۈم ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەرلەر ئەرلىك ھوقۇق - ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ ئىككى، ھەتتا ئۈچ، تۆت خوتۇن ئالىدىغان ئەھۋالمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. مۇنداق ئەھۋال ئومۇميۈزلۈك بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇنداق ئەھۋاللار سەۋەب بولغان:①ئوتتۇرىدا پەرزەنت بولماسلىقى ياكى ئايالىنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارى بولماسلىقى سەۋەبى بىلەن ئەر خوتۇن ئۈستىگە يەنە بىر خوتۇن ئالىدۇ. مۇنداق سەۋەب زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا، ئەر خوتۇن رازىلىشىش ئاساسىدا ئىش كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئايال تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ لايىق تاللايدۇ ۋە توي ئىشىغا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مۇنداق بىر ئەرلىك ئىككى خوتۇن <چوڭ خوتۇن>، <كىچىك خوتۇن> دەپ ئاتىلىدۇ. كىچىك خوتۇن ئادەتتە <توقال> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ②تىجارەت بىلەن ياكى باشقا ئىشلار بىلەن سىرتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قېلىش ئەھۋالى بولغاندا، ئەر يەنە بىر خوتۇن ئېلىشقا بولىدۇ. بەزى ئەرلەر ئەرلىك ھوقۇق ئىمتىيازى، جەمئىيەتتىكى نوپۇز، بايلىق، ھوقۇق ئىمتىيازىغا تايىنىپ خاھىشىچە توقال ئالىدىغانلارمۇ بار. ئەمما بۇ خىلدىكى توقال ئالغۇچىلار بىر قەدەر ئاز بولغان، بولۇپمۇ ئۈچ، تۆت توقال ئېلىش ناھايىتى ئاز ساندىكى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئىچىدىلا مەۋجۇت بولغاچقا، ئۇنداق ئەھۋال تېخىمۇ ئاز بولغان.
    پەرزەنتلەرنىڭ نىكاھ ئىشى ئاساسەن ئاتا - ئانىنىڭ ھۆددىگەرلىكىدە بولۇپ كەلگەن. ئوغۇل - قىز ئۆز ئارا تېپىشىپ رايىلاشقاندىن كېيىن ئاتا - ئانىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ تويلىشىدىغان ئەھۋالمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئەمما تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئەمما ئاتا - ئانىنىڭ پىكرى يەنىلا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايتتى.

    نىكاھلىنىش دائىرىسى

    ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھلىنىشى ئادەتتە ئۆز مىللەت قوۋمىسى بىلەن چەكلىنىپ، ئاساسلىقى يات ئائىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىۋاستە قانداش تۇغقانلار ياكى دادىغا يا ئانىغا ئۆگەي، جۈملىدىن ئاسراندى پەرزەنتلەر ئارا نىكاھلىنىشقا پەقەت بولمايدۇ. ئەمما تۇغقانچىلىق قوغلىشىپ يېقىن تۇغقانلار ئارا نەۋرىلەرنى ئۆز ئارا چېتىش ئادەتلىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئەمما تەجرىبىلەرگە ئاساسەن، ئەۋلادنىڭ ھېينپناق تۇغۇلۇپ قېلىشى، ئەر - خوتۇن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولماي ئاجرىشىپ كېتىشى ئارقىسىدا ئاتا - ئانىلارنىڭ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ، ھەتتا ياتلىشىپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ سادىر بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق پوزىتسىيە تۇتۇلىدۇ. مۇمكىن قەدەر نەۋرىلەرنى چېتىشتىن ساقلىنىدۇ. شۇڭا بۇ خىلدىكى نىكاھلىنىش ئاز ئۇچرايدۇ.
    مۇندىن باشقا ئۇيغۇرلاردا يەنە دىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئارقىسىدا غەيرىي مىللەت قوۋمى بىلەن، جۈملىدىن مۇھەببەت تۈپەيلىدىن غەيرىي دىندىكى غەيرىي مىللەت قوۋمى بىلەن نىكاھلىنىش ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.
    ئۇيغۇرلاردا كېلىننىڭ كۆيۈسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن تەقدىردە ئاكىسى ياكى ئۇكىسى ئۇنىڭغا ئۆيلىنىشكە بولمايدۇ. ئەمما بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئاكىسى ۋاپات بولۇپ كېتىپ يەڭگىسى تۇل قالغان (ئۇلار بۆلەك ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرغان تەقدىردە) بولسا، ئاكىسىنىڭ مال - مۈلكى، پەرزەنتلىرىنى دەپ ئۇكىسى يەڭگىسىگە ئۆيلىنىدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەن. ئەمما جامائەتچىلىك تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىپ كەلگەچكە ئۇنداق ئەھۋال كەمدىن - كەم ئۇچرايتتى. ئاكىسى ئۇكىسىنىڭ ئايالىغا ئۆيلىنىشكە پەقەت بولمايدۇ. ئايال ئۆلۈپ كەتسە ئەر ئايالنىڭ سىڭلىسىغا (تەڭ دىمەت بولسا ئاچىسىغا) ئۆيلىنىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىمۇ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەت ئۈزۈلۈپ قالماسلىق، پەرزەنتلىرىنىڭڭ ياتسىراپ قالماسلىقى مەقسەت قىلىنىدۇ.

    نىكاھلىنىش يېشى

    ئۇيغۇرلار بالدۇر ئۆي - ئوچاقلىق بۇلۇپ ئادەتلەنگەن. شۇڭا ئوغۇللار ئادەتتە 16 ـ 18 يېشىدا ئۆيلىنىدۇ. قىزلار 15 - 17 ياشتا ياتلىق بولىدۇ. ھازىر بۇ ئادەت ئۆزگەردى، <نىكاھ قانۇنى> بويىچە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يېشى 18 گە توشمىسا توي خېتى بېرىلمەيدىغان بولدى.

    تويلىشىش ئادەتلىرى

    ئۇيغۇرلار توي ئىشىنى <ئۆمۈر سودىسى> دەپ ھېسابلايدۇ. شۇڭا توي ئىشى، توي مۇراسىمى، بولۇپمۇ، لايىق تاللاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە فېئوداللىق ھۆددىگەرلىك ئاساسىدىكى نىكاھ تۈزۈمى ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەچكە، تويلىشىشتىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ بەزى فېئوداللىق ئەخلاقىي قاراشلار شەكىللەنگەن. <قىرغاق كۆرۈپ بوز ئايال، ئانا كۆرۈپ قىز ئال> دېگەن ماقالىدە ئەنە شۇنداق فېئوداللىق ئەخلاقى قاراش ئىپادىلەنگەن. ئۇيغۇرلاردا تويلىشىش جەريانى تۆۋەندىكىچە باسقۇچلاردىن ئۆتىدۇ:
    بىرىنچى، لايىق تاللاش: لايىق تاللاشتا ئادەتتە مۇنداق ئۈچ خىل ئۇسۇل قوللىنىدۇ:
    1)
    ئاتا - ئانا بىلەن ئەل - مەھەللە، قولۇم - قوشنا، يارۇ - بۇرادەرلەر، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئىچىدىن، ئاندىن قالسا يات يېزا - قىشلاقلاردىن ئۆز پەرزەنتى (ئوغلى) ئۈچۈن لايىق كۆزىتىدۇ. ئاتا - ئانىنىڭ پىكرى بىر يەرگە كەلگەندىن كېيىن باشقىلار ئارقىلىق ئوغلىغا بېشارەت بېرىلىدۇ ياكى ئوغلىنىڭ رايى ئاڭلىنىدۇ. ئوغۇلدا باشقا ئىنكاس بولمىسا ئاتا - ئانا كۆزىتىپ تاللىغان لايىق نىشانلىنىدۇ. ئەگەر ئوغلىنىڭ ياقتۇرۇپ سۆزلىشىپ يۈرگەن لايىقى بولغان تەقدىردە بۇ لايىق ئاتا - ئانىغىمۇ مۇناسىپ كۆرۈلسە، ئاخىرقى ھېسابتا شۇ لايىق نىشانلىنىدۇ. ئادەتتە ئاتا - ئانىنىڭ پىكرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئوغۇل بىلەن قىز بىر - بىرىنى ياقتۇرۇپ قالغان بولسا ئۆز ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ سىمۋولى قىلىپ ئۆزئارا خاتىرە قالدۇرۇشىدۇ. ئوغۇللار ئادەتتە كۈمۈش ئۈزۈك (ھاللىق ئائىلىدىكىلەر ئالتۇن ئۈزۈك)، بويۇنتۇمار، قىزلار ئۆزى گۈل چېكىپ ئىشلىگەن قول ياغلىق تەقدىم قىلىدۇ.
    (2)
    بەزى ئائىلىلەر مەلۇم بىرىنىڭ ئوغلىنى (قىزىنى) كىچىكىدىن ياخشى كۆرۈپ كەلگەن بولسا، ھەرخىل سورۇن پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ <بالا قىلىۋالىمەن>، <ئوبدان بالا بولدى> دېگەندەك سۆز - ئىبارىلەر بىلەن ئوغۇلغا (قىزغا) جۈملىدىن ئوغۇل (قىز) نىڭ ئاتا - ئانىسىغا بېشارەت بېرىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئوغۇل (قىز) دا، ئوغۇل (قىز) نىڭ ئاتا - ئانىسىدا بۇ بېشارەتكە مۇناسىپ بىرەر ئىپادە كۆرۈلسە، ئوغۇل (قىز)دا، ئوغۇل (قىز) نىڭ ئاتا - ئانىسىغا بۇ بېشارەتكە مۇناسىپ بىرەر ئىپادە كۆرۈلسە، ئوغۇل (قىز) تەرەپ تۇغقان، يارۇ - بۇرادەرلىرى ئارقىلىق ئۆز ئىستەكلىرىنى بىلدۈرىشىدۇ. ئىككى تەرەپ رەسمىي مۇناسىپ كۆرۈشسە، ئاندىن قۇدىلىشىش تەدبىرلىرىنى كۆرىدۇ.
    (3)
    بەزى ئائىلىلەر، بولۇپمۇ كۆپ قىزلىق ئائىلىلەر ئۆزلىرى بىۋاستە ياۋاش، تىرىشچان ئاتىسىز ياكى ئانىسىز ياكى قارا يىتىم بالىلارنى تاللاپ قىزلىرىدىن بىرىنى ئۇنىڭغا چېتىپ قويىدۇ. ئۇ شۇ ئۆينىڭ ئوغلى ھېسابىدا بولىدۇ. بۇ ئادەتتە <ئوغۇلچىلاپ ئەكىرىش (كىرىش)> دەپ ئاتىلىدۇ.
    (4)
    مەخسۇس ئادەم ئارقىلىق تاللاش: ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە ياش ئوغۇل - قىزلارغا، جۈملىدىن ئوتتۇرا ياشلىق يويتاق ياكى سويتاق (تۇل ئايال) لارغا لايىق تونۇشتۇرۇشنى كەسىپ قىلغان ئاياللار بولۇپ كەلگەن. بۇنداق ئايال <دەللال> دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ئائىلىلەر ئۆز ئوغلى، )قىز(لىرى ئۈچۈن جۈملىدىن ئوتتۇرا ياشلىق بويتاق - سويتاقلار ئۆزلىرى ئۈچۈن شۇنداق ئاياللار ئارقىلىق لايىق تاللايدۇ، بۇنداق ئاياللار ھازىرقى <لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنى>نىڭ رولىنى ئويناپ كەلگەن.
    (5)
    لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا لايىق تاللاشتا مۇنداق ئالاھىدە ئۇسۇلمۇ قوللىنىپ كېلىنگەن:
    ئوغۇل بىلەن قىزنى ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىن باشلاپ كۆزىتىش: بالىلار بىللە ئويناپ، كېلىپ - كېتىپ يۈرگەن چاغلىرىدىن باشلاپ، ئاتا - ئانىلار ئۇلارنى سۆز ھەرىكىتىنىڭ چاققانلىقى، تۈرگۈن، جۇشقۇنلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆزىتىپ، شۇلا


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.