ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-04

    كىروران گۈزىلى - ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40503898.html



    ئۇلار ئاق تەنلىكلەرمۇ ياكى ئوتتۇرا يەر دېڭىزنى تىپىدىكىلەرگە تەۋەمۇ؟ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ،جۇڭگو غەربىي قىسمى-شىنجاڭدا ياشايدۇ،ئۇيغۇر رايونىدا ھەددى-ھېسابسىز نېفىت زاپىسى يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ ياتىدۇ . ئۇ يەردە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھىندى-ياۋروپا ئېتنىكىسدىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۇميالارمۇ بار.بۇ تارىخىي ئىز-دېرەكلەر سوئالىمىزغا جاۋاب بولالايدۇ. جۇڭگونىڭ يىراق چېگرا رايونى شىنجاڭنىڭ مەركىزىي شەھىرى ئۈرۈمچى خۇددى بۇ يەردىكى مول نېفىت زاپىسى كەبى چالقىنىپ تۇرماقتا. 3800 يىللىق« ئاپاق ئايىم»مۇشۇ چالقىنىشلارنىڭ بىر قىسمى .كاشتان رەڭلىك چېچى،دۈگىلەك كۆزى،ئاپاق تېرىسى،ئوتتۇرىدىن ياما ئاريىلغان چېچىغا قاراپ،يەرلىك ئاھالىلەرنى ئۇنى« ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى»دەپ ئاتاشقا كۆنگەن. مۇنداقلا قارىماققا مەركىزىي ئاسىيانىڭ كىندىكى شىنجاڭ ئۇنىڭ ئۆز يۇرتى ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ.چۈنكى،«كروران گۈزىلى»نىڭ ھاياتى بۈيۈك يىپەك يولىدىكى خاراب بولغان شەھەر كروران بىلەن بىللە تۈگىگەن. 1980-يىلى قۇم ئاستىدىن قوي خرومى ۋە يۇڭ توقۇلما كىيىملىرى بىلەن قېزىپ چىقىرىلدى. يېشى45،بويى1.65 مېتىر بولۇپ،ھەقىقىي دەۋرى ئۈرۈمچىدىكى مۇزېيدا نامايىش قىلىندى. لېكىن« ئاپاق ئايىم»تۇرغان شەھەردە ئادەملەر بىلەن لىق تولغان كوچا-سوقاقلاردا،كىچىك ئاپتوموبىللار ۋە چوڭ قوش چاقلىق ھارۋىلاردا،نېپىز ئەينەكلىك ماگىزىنلارنىڭ ئالدىدا«بازار ئىگىلىكى سوتسىيالىزمى» نىڭ پولات-بىتون بىلەن قوپۇرۇلغان بىنالىرىنىڭ تۈۋىدە،قوۋناق كىشىلەر توپى،قوزىلارنى يېتىلىگەن كىشىلەر ئارىسىدا،ھەرى كۆنىكىدەك تېلېفونلار يېنىدا،پرولېتارىياتنىڭ شەپكىسى ۋە كالتەك توپ تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ شەپكىسىنىڭ ئاستىدا پەقەتلا قىيسىق كۆزلەر يە بولمىسا بۇغداي ئۆڭ،قارامتۇل چىرايلا كۆزگە چېلىقىدۇ. ئېنىق ياۋروپا تىپىغا مەنسۇپ بۇ ئاق تەنلىك ئايالنىڭ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زېمىن بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟ ئۇ قانداق بولۇپ«سرېدىنىيە ئىمپېرىيىسى»تېررىتورىيىسىدە پەيدا بولۇپ قالدى. بازارلاردا قىزغۇچ چاچلىق،كۆك كۆزلۈك كىشىلەرنى ئۇچراتقان ئادەم ھەيران قالىدۇ. بۇ كىشىلەر ياۋروپا دېڭىز قاراقچىلىرىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئارغۇنلار ئەمەس،دەل ئۇيغۇرلاردۇر. ئەڭ تۆۋەن چەك بىلەن ستاتسىتكا قىلغاندا،ئۇيغۇرلاردا ياۋروپا ئىرقىدىكىلەر ٪30نى ئىگىلەيدۇ.ئۇلاردىكى ياۋورپاچە تەق-تۇرق،ئۇزاق تارىخىي مەنبە بىلەن مۇناسىۋەتلىك7-ئەسىردە ئۇلاردىن بىر قىسمى موڭغۇلىيىدىن بۇ يەرگە كەلگەندە،رىۋايەتلەردىكى خەلق-توخارلار بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرىكىشىپ كەتتى . ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى ھىندى-ياۋروپا ئىراقىدىكىلەرنىڭ بىر تارمىقى دېيىشكە بولىدۇ. خېلى كۆپ كىشىلەر ئۇيغۇرلارنى ئۇيسۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەيدۇ.بەزىلەر ئۇيغۇرلارنى يىلقىنى تۇنجى بولۇپ كۈندۈرگەن سىكىفلار ( ساكلار ) نىڭ ئەۋلادلىرى دەپ ھېسابلايدۇ. سىكىفلار قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان بولۇپ،ئۇلار تارىخچى ھىرودوتقىمۇ مەلۇم ئىدى. 2- ئەسردىكى ماكودونىيىلىك داڭلىق جۇغراپىيىچى پتولومىيى ئۆزىنىڭ « جۇغراپىيە » ناملىق كىتابىدا تەكىلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا،قارا قۇرۇم تاغ قايراقلىرىنىڭ جىلغىلىرىدا خائورۇن سىكىفلىرىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. ( تەكىلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى،جەنۇبىي يىپەك يولىدىكى قەدىمكى شەھەر خائۇران-كروران؟) پتولومىي باشقا سىكىفلارنى تەكلىماكاننىڭ شىمالىغا ۋە تەڭرىتاغنىڭ شىمال ۋە جەنۇب ئېتىكىگە جايلاشقانلىقىنى يازغان.بۇنىڭ ئىچىدە گۇتشېن چۆلىمۇ،ئۇنىڭغا ئۇلىنىپ ئىسسىدون شەھىرىمۇ ۋە بەشبالىق،ھەمدە شىمالىي يىپەك يولىدىكى كارۋانسارايلىرىنىڭ بىرى-ھازىرقى زامانىۋى شەھەر ئۈرۈمچىمۇ بار بولغانىكەن (پتولومىيىتىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى فرانسۇرالىمى بېرتولو تەرىپىدىن قايتا رەتلەندى) ،خەن سۇلالىسىنىڭ بىئولوگرافىك ئەسەرلىرىدە ( مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2 - ئەسىردىن مىلادىيەدىن كېيىنكى 2 - ئەسىرگىچە ) دۆلەتنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى يېشىل كۆزلۈك ، قىزغۇچ چاچلىق « ياۋايىلار » ھەققىدە كىشىنى قانائەتلەندۈرگۈدەك دېرەكلەر ئاز . ۋەھالەنكى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربنىڭ ئارخېئولوگلىرى توخارلارنىڭ ھىندى -ياۋروپا تىلىدا يېزىلغان ، قەدىمكى غەربىي ياۋروپادا ياشىغان كېئىتسىلارنىڭ تىلىغا يېقىن كېلىدىغان توخارچە بۇددا دىنى ۋەسىقىلىرىنى يېشىپ ، تىل -يېزىقىنىڭ مەنبەيىنى بېكىتىپ ھېچبولمىغاندا ، مىلادىيەدىن كېيىنكى 7 - ئەسىردىكى توخار -ئۇيغۇرلار تىل -يېزىقنىڭ ، توخار - ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن دەۋرىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىدى .ئۇ دەۋردە كرۇراندىكى ئاقسۇڭەكلەر ئاىلىلىرىدىكى رەسىم - قائىدىلەرنى بۇددىستلارنىڭ ۋە گرېكلەرنىڭ دەپ ئايرىدى . ئۇ يەردىكى سودىگەرلەرنىڭ كارۋانسارايلىرىغا رىم ۋە جۇڭگوغا جابدۇنۇپ ماڭغان كارۋانچىلار چۈشۈپ ئۆتۈپ ، بىزگە لازىملىق ئىسپاتلارنى ئەرەمەي مەنبەلىك ھىندى - چاروچ يېزىقىدا يېزىپ قالدۇردى . ئەپسۇسكى ، بۇ گرېك - بۇددىزم مەدەنىيىتى بىزگە يېقىنراق بولغان ئېرامىزنىڭ 4 - ئەسىرىدە توساتتىن غايىپ بولدى . 70 - يىلنىڭ ئاخىرىدا تەكلىماكان قۇملۇقىدىن يۈز ئەتراپىدا مۇميا قېزىۋېلىندى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا « ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى » مۇ بار بولۇپ ، ئۇنىڭ پورترېتى يەرلىك سەنەتكارلار تەرىپىدىن قايتا يارىتىلدى .ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ كوچا -سوقاقلىرىدىن ، ماگىزىنلارنىڭ ئەينەكلىرىدىن كرۇران گۈزىلىنىڭ سۈرىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ . قۇم ئارىسىدا ئوبدان ساقلانغان بۇ مۇميانىڭ يىلى 20 يىللىق تەتقىقاتتىن كېيىن ، 2000 يىلدىن 600 يىلغىچە ( كاربون 14 گە تايىنىپ چىقىرىلغان سان - سىفىرلارغا ئاساسلىنىپ ) دەپ چىقىرىلدى . جوڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلار بۇ مۇميا ھەققىدە پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان پىكىردە بولۇشتى . چۈنكى مۇميالا نېپىز ئەرنلىك ( لەۋلىك ) ، قاڭشارلىق ، ئورا كۆزلۈك بولۇپ ، شەرتسىزلا ھازىرقى بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلارغا ۋە قەدىمكى توخارلارغا ئوخشاش ھىندى - ياۋروپا ئېتنىكىسىدىن ئىدى . بۇ ھەقتە يېقىندا فىلادىلفىيىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ، خەنزۇ مەدەنىيەت تارىخىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋىكتور مايېر « بۇ مۇنازىرىسىز گېگىنىيىلىك پاكىت » دېدى . بىر ئامېرىكان ئالىم تەكلىماكاننىڭ ئارىخولوگىيىلىك نۇقتىلىرىدىن كۇلالچىلىك بارماق ئىزى قالغان دۈلۈك ( كاھىش پارچىسى ) نى تېپىۋېلىپ ئۆزىتىپ چىققان خەنزۇ ئالىمىدىن ئەۋۋەلىي تارىخنىڭ بۇ كىچىك ئوبرازىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېتىپ ، تەتقىق قىلىشنى ئۆتۈنگەن . ئامېرىكان ئالىم ئىختىيارسىز بايقالغان بۇ « ئىمزا » نىڭ ناھايىتى زور ئۇچۇرلارنىڭ قاينارى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن . بېجىڭدىكى كەسپىي رەھبەر يولسا ، « ئويلاپ كۆرۈڭ ، بۇنى ئاق تەنلىكلەر ياسىغان دەپ بېكىتىشكە بولامدۇ ؟» دەپ سوراپ قويۇپلا ، بۇ قىممەتلىك تېپىلمىنى يانچۇقىغا سالغان . ياۋروپا ئىراقىغا تەۋە بۇ مۇميانىڭ تەكشۈرۈلۈشى ياۋرو - ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ئاھالىلەر كۆچۈشى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى .مۇميا بىلەن بىللە كۆمۈلگەن ھەر خىل نەرسىلەر ئارىسىدا توقۇلما رەختلەرنىمۇ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ . بۇ رەختلەرنىڭ سۈرەت - نەقىشلىرىدىكى ئامىللار گېرىمان قەبىلىلىرىنىڭ دەۋرىدە ( مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1 - ، 2 - ئەسىردە ) تارىم ۋادىسىغا ئىككى قېتىم يۆتكەلگەنلىكىدىن قالغان نەرسىلەرنىڭكىگە ئوخشايدىغانلىغا تېخنولوگىيىلىك بوياق - سىرلاردىن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ . ئۇلارنىڭ كۆچۈشى بىرىنچى قېتىم مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000 - يىلىنىڭ دەسلىپىدە ، ئىككىنچى قېتىم غەربتىن بىرىنچى قېتىم كۆچكەن دەۋردىن بىر نەچچە ئەسىر كېيىنكى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن . بۇ رايونلاردا بېقىلغان يىلقىلارنىڭ دىنىي قائىدىلەر بىلەن كۆمۈلۈشى قارا دېڭىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يىلقىلارنىڭ كۆمۈلۈشىگە ئوخشايدىغانلىقى كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدۇ . جەنۇبىي روسىيە ۋە غەربىي قازاقىستان يايلاقلىرىدىكى يېڭى تاش قورال قورال دەۋرى ۋە كېيىنكى يېڭى تاش قورال دەۋرىگە ئاىت ئارخىلوگىيىلىك نۇقتىلاردىكى پالونتوپولوگەنلىيىلىك تەتقىقاتلاردىن ئىنسانلارنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5 - ئەسىردە يىلقىنى كۆندۈرگەنلىكى مەلۇم . كۆرۈۋالالايىمىزكى شىنجاڭ رايونىدا 3000 يىل ئىلگىرىلا يىلقا ھارۋىلىرى ئىجاد قىلىنغان ۋە كەڭ ياۋرو -ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى كۆچمەن خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئىشلىتىلگەن . ئۈرۈمچىدىكى مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان « زاغۇنلۇق ئادىمى » دىن تېخىمۇ روشەن پاكىتنى كۆرۈۋالالايمىز . زاغۇنلۇقتىن چىققان بۇ ئەرجەسەت مىلادىدىن ئىلگىرى 1000 يىلدىن ئۇزاق ۋاقىتقا تەۋە بولۇپ ، ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشى ساقلانغان چىراي شەكلى ئۇ ئەرنىڭ غەرب ، ھىندى - ياۋروپا ئېتنىكىسىدىن ئىكەنلىكىنى مۇنازىرىسىز كۆرسىتىپ تۇرىدۇ . تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى ئۇنىڭ كىيگەن ئۆتۈكى ھازىرقى ئۇيغۇر يىلقىچىلىرىنىڭ ئۆتۈكىگە بەكمۇ ئوخشايدۇ . يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ياۋرو ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى مىلاددىن 3 - 5 مىڭ يىل ئىلگىرىلا ياۋرو - ئاسىيانىڭ غەربىي يايلاقلىرى ئىكەنلىكىنى ، مىلادىدىن تۆت مىڭ يىل ئىلگىرىلا شۇ يەرلەردىكى ئېتنىك تەركىبلەرنىڭ قىسمەن قەبىلىلىرىنىڭ مىس ، برونزا بىلەن كېيىن تۆمۈر بىلەن قوراللارنلىقىنى ، ئۇلارنىڭ دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆز ئۇرۇش ھارۋىلىرى بىلەن غەرب ،جەنۇب ، ۋە شەرق ئۈچ يۆنىلىش بويىچە كۆچكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . بۇ خىل شەكىلدە كۆچكەن ھىندى - ياۋروپا قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى يۇرتلىردىن خېلى يىراقلاپ كەتكەن . ياۋرو - ئاسىيا يايلاقلىرىنى بويلاپ شەرققە كۆچكەن خەلق تەكلىماكان قۇملۇقىغا بېرىپ توختىغان . ئۇلار دەل توخارلاردۇر ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسمى تارىم ۋادىسىغا مىلادى 7 - ئەسىردە كۆچۈپ كېلىپ توخار ئاھالىلىرى بىلەن بىرىكىشىپ كەتكەن .بۇ مەزمۇنلار نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي جەرياندا ، ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىككى چېتىدىن كەلگەن خەلقلەرنىڭ ئۆز ئارا باردى - كەلدىنى ئۈزۈپ قويمىغانلىقىنى چۈشۈندۈرۈپ بېرىدۇ .

    مەزكۇر ماقالىنى قازاقىستان ئىنفورماتسىيە - ئىجتىمائىي پەن مىنىستىرلىقى چىقىرىدىغان «روسچە پروستور»زھورنىلىنىڭ 1998-يىللىق 5-سانىدىكى رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن يۈسۈف ئىگەم تەرجىمە قىلدى .
    http://www.orkhun.com/BBS/read.php?tid=2791

    http://bbs.retim.cn/viewthread.php?tid=3794


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.