ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-04

    ئەخلاق ئېڭى ئويغانمىغان مىللەتنىڭ ھوقۇق ئېڭىمۇ ئويغانمايدۇ - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40504200.html


     

      ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە مۇنداق سواللار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ: " ئۇيغۇرلار تۈركۈملەپ تۈرمىگە تاشلىنىۋاتىدۇ . ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئايدىز ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەۋج ئېلىپ, ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ پاجىەلىك كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتىدۇ......."


    تۈرمىگە كىرىش, نامراتلىق, يانچۇقچىلىق, زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىش, ئايدىز كېسىلى يامراش......

    ئۇيغۇرنىڭ پاتېنت ھوقۇقىمىدى? ياكى تەقدىر ئۇيغۇرنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈپ كەتكەنمىدى؟
    كىم شۇنداق سوال قويدى؟ سوئال قويغان كىشىلەرنى سەن كىم ئىدىڭ دېسەڭچۇ؟ سوال قويۇپ يەنە كىم شۇنداق ئەھۋالدا قويغان سوالنىڭ مەزمۇنىنى ئويلاندى? يەنە كىم قويغان سوالغا چوڭقۇر ئويلاش ئارقىلىق جاۋاب تاپالىدى? يۇقىرىقى مەسىلە ۋە ھادىسىلەر بىر مىللەتنىڭ ئەخلاق ئېڭىغا ۋە بىر مىللەتنىڭ ھوقۇق ئېڭىغا باغلىق مەسىلىلەر ۋە ھادىسىلەر ئىدى. ئەخلاق ئېڭى ئويغانمىغان مىللەتنىڭ ھوقۇق ئېڭىمۇ ئويغانمايدۇ دېگەن بىر گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم.
    مەلۇم تور بېتىدە كۆڭۈلنىڭ ئىزتىراپلىرى تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن باشلاندى: "مەن بەزىدە مىللىتىمىزنىڭ ياخشى مىللەت ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قالىمەن, داىم ئويلايمەن؛ نېمە ئۈچۈن بىزدە ھاراقكەش, بۇزۇق, ئەپيۇنكەش, تىلەمچى, نامرات, مۇھەببەتسىز, ساداقەتسىز, غەيۋەتخور, ھېسسىياتچان, نادان, ھۇرۇن, ھەسەتخور... كىشىلەر كۆپ. ئانىسىنى خورلىغان ھېلىقى دەۋزەخى بالا بىلەن بالىسىنى خورلىغان بۈگۈنكى بۇ ئانا زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ?" سوال شۇنداق قويۇلدى.
    مەلۇم تور بېتىدە يېقىندا "ئەخلەت ساندۇقىدىكى بىچارە بوۋاق ۋە ئۇيغۇر جەم'ىيىتى" سەرلەۋھىلىك ماقالىدە خەۋەرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق جارى قىلدۇرۇلدى: دۆڭ كۆۋرۈكتە ئەمدىلا تۇغۇلغان بىر بوۋاق خەلقنىڭ كۆزىچىلا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىلدى. تېخى تۈنۈگۈنلا كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنى ھەر قانچە ئويلىماي دېسەممۇ كاللامغا كىرىۋالدى....
    ھوي, قاراڭلار! بايا مىدىرلىغان ئىدى ئاۋۇ بالا... ھازىر جىم - جىملا تۇرىدۇ... تىنىقتىن قالغانمىدۇ... بوۋاق مەسچىتكە كىرىپلا تولىمۇ ئاپئاق تاۋۇتلىنىپ چىقتى. نامىزى چۈشۈرۈلدى, ئۇزۇندىن - ئۇزاق دۇا قىلىشتى... ئارىدا كۆز يېشى قىلغان ئەرلەرمۇ بولدى... كۈپ - كۈندۈزدە بولغان بۇ ئىشنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەچكىمىكىن تولىمۇ كۆڭلۈم بىارام بولدى....
    ئۇيغۇر مىللىتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر مىنى ھەر داىم خىيالغا سالماقتا... پىكىرلىرىم تاقا - تۇققا. مۇشۇ ئاپتورنىڭ شۇنچىلىك ئېچىنىش ئىچىدە شۇنچىلىك ئويغىنىشى مىللەتنىڭ بېشىدىكى قىسمەتلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ پەقەت ئېھتىماللىق.
    50 ‏ - يىللاردا شاىر مىرزاھىت كېرىمى"ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق" ماۋزۇلۇق داستانى ئارقىلىق ئۇيغۇر روھىيىتىنىڭ
    بۈشۇگىدە بوغۇپ تاشلاڭھانلىقىنى بەدىىي ۋاستىلار ئارقىلىق قەيت قىلغان ۋە زامانغا لەنەت ئوقىغان ئىدى. بۈگۈن ئۇيغۇر بۇۋاقلىرى, ھەتتا ئۇيغۇر ئادەملەر, ئۇيغۇر ئادەملەرنىڭ ئىستەكلىرى, ھاياتلىق, ياشاش مۇددىالىرى يۇقىرىقى بوۋاققا ئوخشاش ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاندى
    .


    ئەسلى بۇ خىل قىسمەت باشقىلار تەرىپىدىن بولغان بولسا ئۇنى چۇشۇنىشكە بولاتتى , ئەمما ئۇيغۇر,ئۇيغۇرنىڭ قولى بىلەن بۇغۈپ ئۆلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر, ئۇيغۇرنىڭ قەلىمى ئارقىلىق چېقىشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر, ئۇيغۇرنىڭ قولى ئارقىلىق
    تۇتۇپ بېرىلدى. ئۇيغۇرنىڭ چېقىپ قويۇشى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىېتىۋېتىلدى. ئۇيغۇرنىڭ چېقىپ قويۇشى ئارقىلىق ئۇيغۇر تۈرمىگە تاشلاندى. ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ بېرىشى ئارقىلىق, ئۇيغۇر
    قىزلىرى ئىچكىرى ئولكىلەرگە
    يۆتكەپ كېتىلدى
    .

    ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئارقىلىق, ئۇيغۇر چىقىمغا, غەيۋەت‏ - شىكايەتكە, تىل ‏ - ھاقارەتكە دۇچار بولدى. ئۇيغۇرنىڭ ئىش قىلغانلىرى تور بەتلىرىدە قەلەم ئارقىلىق ھاقارەتلەندى. ئۇيغۇرۇم دىگەنلەر
    ھەسەتخورلارنىڭ قەلىمى ئارقىلىق تۆھمەتلەرگە دۇچار بولدى. ئۇيغۇر - ئۇيغۇردىن قاچتى, ئۇيغۇرنى - ئۇيغۇر بىر - بىرىگە دۈشمەن دەپ قارىدى
    .

    بۇ ھادىسىلەرنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟ ئويلا, ئىنسان تۈنۈگۈن سەن كىم ئىدىڭ, بۈگۈن كىم بولۇپ قالدىڭ!؟

    http://bbs.retim.cn/viewthread.php?tid=1757&extra=page%3D2

     

     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.