ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-04

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە - نىكاھ ئادەتلىرى......نىڭ داۋامى - [ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40459784.html

    شۇلاردىن بىرەرىنى نىشانلايدۇ. ئوغۇل تەرەپنىڭ ئانىسى شۇ نىشانلىغان قىزنىڭ كېلىپ - كېتىپ ئويناپ يۈرگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، قىزغا تۇيدۇرماي ئۇنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىنىڭ بىر يېرىنى قىيىپ قويىدۇ. قىز تەرەپنىڭ ئانىسى ئوغۇلنىڭ بېشىغا ياكى مۈرىسىگە بىر كالتە ئاق يىپنى يىپىشتۈرۈپ قويىدۇ. بالىلار ئۆيلىرىگە قايتقاندا بۇنى كۆرگەن ئاتا - ئانا ھە قىزىمىزغا(ئوغلىمىزغا) لايىق چىقىپتۇ دەپ (ئۇچۇر)ئەلچى كۈتىدۇ. ئوغۇل تەرەپ ئەلچى ئەۋەتىش تەرەددۇتىدا بولىدۇ. ئەلچى بېرىشتا توققۇز دانە بېلىق بېشىنى پىشۇرۇپ داستىخان قىلىپ بارىدۇ. ئوغۇل تەرەپ مۇناسىپ كۆرمىسە، قىز تەرەپ ئايرىم توققۇز دانە بېلىق بېشىنى پىشۇرۇپ داستىخاننى ياندۇرىدۇ.
    بۇرۇنقى چاغلاردا ئۇيغۇرلاردا قىيامەتلىك ئىككى دوست ئاياللىرى ھامىلدار چاغدىلا كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرىنى چېتىپ قويۇشنى ۋەدىلىشىدىغان ئادەتمۇ بولغان. ئەگەر ئاياللىرى ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك بىرى ئوغۇل، بىرى قىز تۇغقان بولسا، ئۇلار ساغلام چوڭ بولۇپ بالاغەتكە يەتكەن ھامان ئۇلارنى چېتىپ قوياتتى.
    ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، لايىق تاللاشتا مەيلى قانداق ئۇسۇل قوللىنىلمىسۇن، ئاتا - ئانىنىڭ ئىرادىسى ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كەلگەن. بۇ فېئوداللىق ئەخلاقى قاراش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بۇرۇن يەنە مۇنداق ئادەت - خاھىشلارمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن: ①بالاغەتكە يېتىپ قالغان قىزلار ئۆزى يالغۇز يىراق - يېقىنلارغا بېرىشتىن، بولۇپمۇ يىگىتلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن، يىگىتلەرگە تىكىلىپ قاراشتىن ساقلىناتتى. بۇ قىزلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق دەپ قارىلاتتى. ②لايىقنى ئاتا - ئانا تاللاپ بېكىتكەچكە، تويلىشىدىغان ئوغۇل - قىز ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىش بولمايتتى. بولۇپمۇ باشقا مەھەللە، يېزىلاردىن تويلاشقۇچىلار تا توي بولۇپ قىز كۆچۈرۈپ كېلىنىپ كەچكى يۈز ئاچقۇسى بولغاندا ئاندىن يۈز كۆرۈشەتتى. ③ياش ئوغۇل - قىزلاردا ئۆزئار مۇھەببەتلىشىش خاھىشلىرى بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى خۇپىيانە بولاتتى. ئەگەر سېزىلىپ قالسا، ئۇلار بولۇپمۇ قىزلار داپشاق، ئەخلاقسىز دەپ قارىلاتتى. ④ئۆز ئارا مۇھەببەت باغلىشىپ تويلىشىشقا ۋەدىلەشكەن ياش ئوغۇل - قىزلار ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىرادىسى بويىچە باشقىلارغا ياتلىق بولۇش (ئۆيلىنىش) كە مەجبۇر بولغان تەقدىردە، كېيىن ھەر باھانە - سەۋەبلەر بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ، ئاخىر ئىككىسى تويلىشىپ بىرگە ئۆتىدىغان ياكى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنماي بىر - ئىككى كۈن بىللە قېچىپ كېتىپ ئاتا - ئانىسىنى ئۆزلىرىنىڭ تويلىشىشىغا مەجبۇر قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. تۆۋەندىكى خەلق قوشاقلىرىدىن ياشلارنىڭ ئەركىن مۇھەببەت ۋە نىكاھ ئەركىنلىكىگە بولغان تەشنالىقىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلۈكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس:
    ئېتىم ئويناپ سۇندۇردى، قۇشباش ئېگەرىمنى،
    ئاتام ماڭا ئېپ بەرمەيدۇ، سۆيگەن يارىمنى.

    ئاققىنا كۆڭلەك كىيىپسىز، ئاق تىكەنلەر ئىلمىسۇن،
    ئاق تىكەنلەر ئىلسا ئىلسۇن، ۋەدە يالغان بولمىسۇ.

    سەن قاياقتىن كېلىسەن، چىرايلىقىم كۆزى خۇمار،
    ساڭا تىلىم تەگمىسۇن، بوينۇڭغا ئاسقىن تىلتۇمار.
    ئىككىنچى، ئادەم (ئەلچى) قويۇش: لايىق مۇقىملانغاندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە ئەلچى قويىدۇ. ئەلچى ئادەتتە ئىككى - ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. قىز تەرەپ بارغان ئەلچىلەرنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، داستىخان سېلىپ چىرايلىق كۈتىدۇ. داستىخان ئۈستىدە ئەلچىلەر <ئەلچىگە ئۆلۈم يوق> دەپ سۆز باشلاپ ئۆزلىرىنىڭ كەلگەن مۇددىئاسىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئوغۇل تەرەپ مۇناسىپ كۆرسە <ھەر قايسىلىرىدىن قىزىمىزنى ئايىمايمىز>؛ مۇناسىپ كۆرمىسە<قىزىمىزنى تېخى كىچىك> ياكى <قىزىمىزنىڭ بېشى باغلاقلىق> ياكى <باشقىلارنىڭ داستىخىنىنى ئېلىپ قويغان> دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
    ئۈچىنچى، داستىخان تاشلاش: بۇ <كىچىك چاي> ياكى <رەھمەت چېيى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئوغۇل تەرەپ ئۆز ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ يۇرت ئىچىدە ئېقىۋاتقان رەسمىيەتلەر بويىچە ئىككى - ئۈچ كىيىملىك رەخت، مەلۇم ساندا نان، قەنت - گېزەك، بىر تاختا چاي قاتارلىق نەرسىلەرنى ھازىرلاپ ئوغۇلنىڭ ئانىسى ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنىلىرىدىن تۆت - بەش ئايالنىڭ ھەمراھلىقىدا قىز تەرەپكە بارىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئانىسى رەسمىي يۈز كۆرۈشىدۇ. قىز تەرەپ كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپ رەھمەت ئېيتىش يۈزسىدىن ئەكەلگەن سوۋغاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تويلۇق توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىشنى سوراپ خوشلىشىپ قايتىدۇ.
    تۆتىنچى، تويلۇق مەسلىھەت: <تويلۇق> توي سۆزىدىن كەلگەن. ئۇيغۇرلاردا تويلۇق، خاس تويلۇق قويۇمچا، ئاش سۈيىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خاس تويلۇق مەخسۇس قىزغا ئاتالغان بىر يۈرۈش ئۈستىباش، ئىككى - ئۈچ كىيىملىك ئەن رەخت ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنى؛ قويۇمچا قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى، بىۋاستە تۇغقان ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا قويۇلىدىغان مېھمان (ئاساسەن كىيىملىك رەخت)؛ ئاش سۈيى مەرىكە كۈنى مېھمان ئۇزىتىشقا كېرەكلىك گۆش - ياغ، ئۇن ياكى گۈرۈچ، سەۋزە، چاي - تۇز، قەنت - گېزەك، ئوتۇن قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپكە يۇقىرىقى ئۈچ تۈر بويىچە تىزىملىك بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ ۋەكىلى قىز تەرەپ ئۆيىگە جەم بولۇپ، تىزىملىكتىكى تەلەپ بىلەن ئوغۇل تەرەپنىڭ ھازىرلىقى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىدۇ. قىز تەرەپ ئالدى بىلەن ۋەكىللەرنى چىرايلىق كۈتىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن رەسمىي مەسلىھەت باشلىنىدۇ. مەسلىھەت ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئېقىۋاتقان ئۆلچەم ئاساسىدا ئىككى تەرەپ رازى بولغۇدەك بىر قارارغا كېلىشىپ تارقىشىدۇ. مەسلىھەت جەريانىدا قىز تەرەپ دادىسى سۆز ئاچماي ئولتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك مۇشۇ قېتىم ئىككى تەرەپنىڭ قويۇمچا ۋە ياندۇرۇق قويۇمچا قويۇلىدىغانلارنىڭ دائىرىسى، ئادەم سانى ئۈستىدىمۇ مەسلىھەت بولىدۇ. مەسلىھەت ئارقىلىق بەزى ئائىلىلەر ئىككى تەرەپ ئاتا - ئانىسىدىن باشقىلارغا قويۇمچا قويماسلىقنى ياكى بىۋاسىتە تۇغقانلىرىدىن بىر نەچچىسىگىلا قويۇشنى قارار قىلىشىدۇ. بەزىلەر تويلۇق ئۈستىدە بىھۇدە تالاش - تارتىش بولۇشى بىلەن بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ سادىر بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئاتا - ئانىسى شەخسەن ئۆزلىرى يۈز تۇرانە كېلىشىپ ھەل قىلىدۇ. چۈنكى تويلۇق ئۈستىدىكى شۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەر ئارقىسىدا بولۇش ئالدىدا توي بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ سادىر بولاتتى.
    كونا ئادەت بويىچە قىز ئۈچۈن ئەڭ كۆپ دېگەندە، توققۇز قۇر، ئاز دېگەندە بەش قۇردىن يەتتە قۇرغىچە، ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ كىيىملىك، بىردىن دوپپا، ياغلىق، بىر جۈپ ئۆتۈك، زىننەت بۇيۇملىرىدىن بىر جۈپ ئالتۇن ياكى كۈمۈش ھالقا سېلىناتتى. ئەمما يۇقىرى تەبىقە باي ئائىلىلەر ئوتتۇرىسىدا يازلىق - قىشلىق بولۇپ ئون نەچچە قۇر كىيىملىك، جۈپلەپ ياغلىق، دوپپا، قاما تۇماق، ئۆتۈك قاتارلىق ئۈستىباش، بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا، ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن بىلەيزۈك ۋە ئالتۇن تاج، ئالتۇن قاداقلىق دوپپا قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى سېلىناتتى. مەرىكە ئۈچۈن ئون - يىگىرمە قوي، ئىككى - ئۈچ كالا، نەچچە يۈز جىڭلاپ ئۇن، گۈرۈچ ئىشلىتەتتى.
    تويلۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنىڭ <9> بولۇشىغا كەلسەك، <9>نىڭ قەدىمكى ئەنئەنىمىزدە <مۇقەددەس سان> دەپ قارىلىپ كەلگەنلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.
    بەشىنچى، تويلۇق تاپشۇرۇش: تويلۇق تاپشۇرۇش ئۇسۇلى ئاساسەن ئىككى خىل:①تويلۇق مەسلىھەتى پىشقاندىن كېيىن تويلۇقنى بازار باھاسى بويىچە پۇلغا سۇندۇرۇپ پۇل تاپشۇرۇپ تويلۇقنى قىز تەرەپ ئۆز خاھىشىچە ئېلىش. ②ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە تويلۇق ھازىرلاپ چوڭ چاي كۈنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا قويۇش. ئادەتتە ئىككىنچى خىل ئۇسۇل بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ كېلىنگەن.
    ئالتىنچى، چوڭ چاي: بۇ باسقۇچتا، قىزغا ھازىرلانغان تويلۇق تاپشۇرۇلىدۇ ۋە قىز تەرەپ ئاتا - ئانىسى قاتارلىقلارغا قويۇلىدىغان قويۇمچىلار قويۇلىدۇ. مەرىكە كۈنى رەسمىي بېكىتىلىدۇ. شۇڭا بۇ <چوڭ چاي> دەپ ئاتالغان. بۇ كۈنى رەسمىي بېكىتىلىدۇ. شۇڭا بۇ <چوڭ چاي> دەپ ئاتالغان. بۇ كۈنى قىز تەرەپنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنا، يارۇ - بۇرادەرلىرىمۇ ھازىر بولىدۇ. ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاتا - ئانىسى، ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنا، يارۇ - بۇرادەرلىرى بولۇپ 10 - 15 كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھازىرلىغان تويلۇق، قويۇمچا قاتارلىقلارغا بەلگىلىك مىقداردا ھازىرلىغان تويلۇق، قويۇمچا قاتارلىقلارغا بەلگىلىك مىقداردا گۆش، ماي، گۈرۈچ، سەۋزە، تۇز، قەنت - گېزەك، بىرەر تاختا چاي قوشۇپ قىز تەرەپكە داستىخان قىلىپ كېلىدۇ. قىز تەرەپ مېھمانلارنى چىرايلىق مېھمان قىلىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن، ئوغۇل تەرەپ ۋەكىلى (ئايال) ئەكەلگەن داستىخاننى مېھمانلار ئالدىدا ئېچى، ئۆز تەرتىپى بويىچە بىر - بىرلەپ ئېلان قىلىدۇ. بۇ رەسمىيەت تۈگىگەندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ۋەكىلى (ئەرلەر) توينىڭ ئاش سۈيى ۋە كەم نەرسىلەر ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپ بىر قارارغا كېلىپ، ئاش ـ سۇ ئەكىلىدىغان ۋاقىت بىلەن مەرىكە كۈنىنى بەلگىلەپ خوشلىشىپ قايتىدۇ.
    لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا بېلىق، بېلىق تۇتۇش قوراللىرى، چېگە - تۇرقا، تۈلكە قاتارلىق نەرسىلەرنى تويلۇق سېلىش ئادىتى بولغان، بۇ ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان دەريا، كۆل ۋە ئاراللاردا سىرت بىلەن ئالاقىسىز دېگۈدەك ھالەتتە ياشاپ كەلگەنلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك . روشەنكى، بۇ ئادەتلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدىكى ئىپتىدائىي ئادەتلىرىنىڭ ئىزنالىرىدىن ئىبارەت. بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ سىنپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغان باسقۇچلىرىدىكى تويلىشىش ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلاردا تويلۇق مىقدارى چوڭ باي، توي مەرىكىسىنىڭ كۆلىمى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتتە ئېقىۋاتقان ئۆلچەم ئاساسىدا بولىدۇ. قىز تەرەپ ئارتۇقچە تەلەپ قويسا، جامائەتچىلىكنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇرلار ئىلاجى بار تەڭ ئورۇندىكىلەر بىلەن تويلىشىدۇ.

    پەرزەنتلىك بولۇش

    1) ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت قارشى: ئۇيغۇرلار بالدۇر ۋە كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنى ئادەت قىلغان، بۇ ئادەت ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشىنىپ ماغدۇرىدىن ئايرىلغاندا يۆلەكسىز قېلىش قاتارلىق تۇرمۇش ئەمەلىيەتلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. شۇڭا ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ پەرزەنتلىرىنىڭ بالدۇر تۇرمۇشلۇق ۋە كۆپ پەرزەنتلىك قىلىشنى ئادەت قىلغان. خەلق ئىچىدە تارقىلىپ كېلىۋاتقان <بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار> دېگەن تەمسىل ئەنە شۇ قاراش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتكە بولغان ئارزۇ - ئۈمىدى ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن.
    ئۇيغۇرلارمۇ ئوغول بالىغا ھېرىسراق كېلىدۇ ئەمما قىز بالىنىمۇ كەمسىتمەيدۇ ۋە قىز بالىنى ئاتا - ئانىغا كۆيۈمچان كېلىدۇ، پەرزەنت بولسىلا ئەۋلاد قۇرۇمايدۇ، بەرىكەت كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ شۇڭا تۇرمۇش ئىقتىدارى بولغانلارنىڭ ھەممىسى كۆپ پەرزەنتلىك كېلىدۇ.
    2)
    تۇغۇت قارىشىغا ئائىت ئادەتلەر:①ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پەرزەنتسىزلىك كىشىلىك ھاياتىدىكى ئەڭ ئازابلىق ئىشلاردىن دەپ قارىلىدۇئ شۇنىڭ ئۈچۈن تويلىشىپ ئۇزۇنغىچە پەرزەنت كۆرمىگەنلەر ھەر تەرەپكە چېپىپ سەۋەب قىلىشقا تىرىشىدۇئ تېۋىپلەرگە داۋالىنىدۇ. باشقىلاردىن ئاڭلىغانلا ئاماللارنى قىلىپ كۆرىدۇ. مازار - ماشايىقلارغا بېرىپ نەرىز - نۇزرەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇلۇغ - خاسىيەتلىك دەپ قارالغان جايلارنىڭ توپىسىنى، كامارلىرىنى كولاپ قولىغا چىققان نەرسىلەرنى ئېرىم قىلىپ يەيدۇ. بەزىلەر كۆپ تۇغۇتلۇق بولغان ئاياللارنىڭ ئىسسىق ئېشىگە (ھەمراھى) ئولتۇرىدۇ. ②ئايال كىشى ھامىلدار بولغان ھامان شۇ ئائىلىدىكى چوڭ - كىچىك ھەممىسى چەكسىز سۆيۈنۈپ ئۇنى ھەر جەھەتتىن ئاسرايدۇ. ئېغىر ئىشلارنى قىلىشتىن چەكلەيدۇ. كېچىلىرى يالغۇز ئۆيدە ياتقۇزمايدۇ. بۇنىڭغا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى قاتتىق قورقۇپ كېتىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ بويىدىن ئاجراپ كېتىشتىن ساقلىنىش مەقسەت قىلىنغان. ③ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولغانلىقى ئادەت كېلىش مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىش بىلەن تەڭ غىزا - تاماق خالىماي قۇرۇق ھۆ تۇتۇشتەك ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. مۇنداق ھالەت ئاياللار ھامىلدار بولۇپ تەخمىنەن 40 كۈندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ ھەرخىل نەرسىلەرنى يېگۈسى كېلىدۇ. بەزىلەرنىڭ تاتلىق - چۈچۈك يېگۈسى كەلسە، بەزىلەرنىڭ تاتلىق، سوغۇق نەرسىلەرنى، بەزىلەرنىڭ ھەرخىل نەرسىلەرنى يېگۈسى كېلىدۇ. بەزىلەرنىڭ تاتلىق - چۈچۈك يېگۈسى كەلسە، بەزىلەرنىڭ تاتلىق، سوغۇق نەرسىلەرنى، بەزىلەرنىڭ ھەرخىل نەرسىلەرنى يېگۈسى كېلىدۇ. بۇ <سېزىك، سېزىك بولۇش> دەپ ئاتىلىدۇ. <ھامىلدار>، <يۈك، يۈكلۈك> دېگەن مەنىدىكى ئەرەپچە <ھامىل> سۆرىگە پارىسچە سۆز ياسىغۇچى <دار> قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسالغان بولۇپ، <يۈكى بار، يۈك كۆتۈرگەن> دېگەن بولىدۇ، بۇ سۆز ئاساسەن ئەدەبىي تىلدا قوللىنىلىدۇ. جانلىق تىلدا <ئېغىر بوي (بولۇش)، ئېغىر ئاياق (بولۇش)، ئىككى قات (بولۇش)، قورساقتا قېلىش، قورساق كۆتۈرۈش قاتارلىق بىرنەچچە خىل ئاتىلىدۇ.④ھامىلدار بولغۇچىنىڭ سېزىك بولغان نەرسىگە قاراپ تۇغۇلغۇسى بالىسىنىڭ جىنسىي پەرقىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئەگە تاتلىق - چۈچۈك نەرسىگە سېزىك بولساقىز، ئاچچىق - چۈچۈك نەرسىگە سېزىك بولسا ئوغۇل تۇغىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بەزىدە شۇنداق پەرەزلەر توغرىمۇ چىقىپ قالىدۇ.⑤ئادەتتە ئاياللارغا، بولۇپمۇ يېڭى ھامىلدار بولغان ئاياللارغا تۆگە گۆشى، توشقان گۆشى يېيىش چەكلىنىدۇ. چۈنكى ھايۋانات ئىچىدە تۆگە 10 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە تۇغقاچقا، تۆگە گۆشى يېسە تۇغۇت ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. توشقان گۆشى يېسە بالىنىڭ ئۈستى كالپۇكى توشقان كالپۇكىدەك يېرىق تۇغۇلۇپ قالىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.⑥بالا دادىسىغا ئوخشاپ تۇغۇلسا، ئانىسى ھامىلدار ۋاقتىدا دادىسىغا تولا قارىغانلىقتىن: ئانىسىغا ئوخشاش تۇغۇلسا، ئانىسى ھامىلدار ۋاقتىدا ئەينەككە تولا قارىغانلىقتىن دەپ قارىلىدۇ. ⑦ئۇيغۇرلار بالا توققۇز ئاي توققۇز كۈن، توققۇز سائەت، توققۇز دەقىقىدە تۇغۇلىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ.
    3)
    تۇغۇت ئۇسۇلى: ئۇيغۇرلاردا ئاياللار ئولتۇرغۇزۇپ توغدۇرۇلىدۇ. ھامىلدار ئايالنىڭ ۋقتى - سائىتى يېقىنلىشىپ تولغاق ئالامىتى كۆرۈلگەندە، كىندىك ئانىسى (تۇغۇت ئانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تەكلىپ قىلىنىدۇ. يېڭى زاكىلىق لاتا، يېڭى ئۇستۇرا، پاكىز سېغىز خامپا پارچىسى ھازىرلىنىدۇ.ھامىلدار ئايالنى رەسمىي تولغاق تۇتقاندا، كىندىك ئانىسى ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزى ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ مەيدىسىدىن قۇچاقلاپ ئولتۇرغۇزۇپ مەدەت بېرىپ تەڭ ئىنجىقلىشىپ بېرىدۇ. بالىنىڭ باش سۈيى چۈشۈش بىلەن تەڭ ئۇنى ياتقۇزۇپ ئۆزى ئالدىغا ئۆتۈپ بالىنى قولىغا چۈشۈرىدۇ. بالىنىڭ ھەمراھى چۈشكەندىن كېيىن بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىپ، زاكىلاپ بۇلماق بىلەن ئېغىزلاندۇرىدۇ. مۇشۇ مەشغۇلاتنى ئورۇندىغۇچى ئايال <كىندىك ئانىسى> دەپ ئاتالغان. ئادەتتە كىندىك ئانىسى ئۈچۈن ئۆزى ياۋاش، سۆز - ئاغزى يۇمشاق، قولى يېنىك، كۆپ تۇغۇتلۇق بولغان. تەجرىبىلىك پېشقەدەم ئايال تاللىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردا كىندىك ئانىسى چوڭ ھۈرمەتكە ئىگە. بالا ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە كىندىك ئانىسىنى <ئانا> دەپ ئاتايدۇ. ۋە ئاتا - ئانىسى ھازىرلاپ بەرگەن سوۋغاتلار بىلەن كىندىك ئانىسىنى يوقلاپ تۇرىدۇ. تۇغۇت ۋاقتىدا ئۆيگە كىندىك ئانىسى بىلەن تۇغقۇچىنىڭ ئانىسىدىن باشقا ھېچكىم كىرگۈزۈلمەيدۇ. ئايرىم ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا تۇغقۇچىنىڭ يولدىشى ئىشىك قېشىدا ساقلاپ تۇرىدۇ. بالا سالامەت تۇغۇلۇپ يىغا ئاۋازىن ئاڭلىنىش بىلەن <مۇبارەك بولسۇن> دەپ قۇتلۇقلايدۇ. بالىلار ئۇرۇق - تۇغقان، قۇلۇم - قوشنا ۋە چوڭلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ سۆيۈنچە ئالىدۇ.
    تۇغۇتلۇق ئايال ياتقان ئۆينىڭ ئىشىك بېشىغا يەتتە ياكى ئون ئىككى ئىدىرى توشقۇچە قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇلۇپ، يات كىشىلەرنىڭ كىرىشى چەكلىنىدۇ. ئىسسىقلىق ئېلىپ يوقلاپ كەلگۈچىلەرمۇ ئون ئىككى ئىدىرى توشقاندىن كېيىن كېلىپ يوقلايدۇ. بوۋاق يېشىغا توشقۇچە دادىسى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى يول يۈرۈپ تەرلىگەن ھالەتتە كەلگەندە، دېمىنى ئېلىپ تەرى قۇرۇمىغىچە بالىنى دەرھال قولىغا ئالمايدۇ. بۇنىڭدا بوۋاقنىڭ ئۇچۇقدىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش مەقسەت قىلىنغان.
    تۇغۇتلۇق ئايال ئىدىرى (قىرقى) ئىچىدە تۇخۇم، سۈت، شورپا بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. بىر نەچچە قېتىم مەخسۇس كاللا - پاقالچاق يېگۈزۈلىدۇ. ئىدىرى ئىچىدە قازان - قومۇچ كۆتۈرۈش، قول - پۇتىنى سوغۇق سۇغا تەگكۈزۈش، يۇيۇنۇش ۋە سوغۇق، يەللىك نەرسىلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىدۇ. ھامىلدار ۋاقتىدا بەل، قازان سۆڭەكلىرىدە ھاسىل بولغان بوشىشىش ھالىتىنى تېزراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىككى - ئۈچ قېتىم تۇخۇم بىلەن بېلى تېڭىلىدۇ. قاينىتىلغان ئىسسىقلىق دورا - دەرمەك سۈيىگە چىلانغان لۆڭگىدە بەدەنلىرى سۈرتۈلىدۇ. ئىدىرى توشقاندا يەنە شۇنداق سۇدا ھورداندۇرۇلىدۇ. پاكىز يۇيۇندۇرۇلۇپ، باش - كۆزى يۇيۇپ تارىلىپ، چىرايلىق كىيىندۈرۈلۈپ تالا - تۈزىگە چىقىرىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆي ئىشىغا كىرىشىدۇ.
    4)
    تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق ئۆزگىچە ئادەتلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن: ئاياللار تۇغۇت ئۈستىدە بالا ۋاقتىدا چۈشمەي تولغاققا كۈچەپ ھوشىدىن كەتسە ياكى ھەمراھى چۈشمەي ھوشسىز ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە >ھال باستى< (جىن - شاياتۇنلار چاپلىشىۋالدى) دەپ قارىلىپ كەلگەن. مۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە ئۆي ئىچىگە قارا قۇش (قۇش بولمىغاندا قارچىغا) ياكى بۆرە ئىت قويۇپ بېرىلىدۇ ياكى ئىشىك تۈۋىدە مىلتىق ئاتىدۇ. ئۆگزىگە چىقىپ تۇڭلۈك يېنىدا ئەرزان توۋلىنىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال ھوشىغا كېلىپ سالامەت بوشانسا >جىن - شاياتۇنلارغا قاچتى، ئەگەر ئۆلۈپ كەتسە قۇش جىن - شاياتۇنلارغا تەڭ كىلەلمىدى، ئۇنىڭ ئۆپكىسىنى جىن - شاياتۇنلارغا تەڭ كېلەلمىدى، ئۇنىڭ ئۆپكىسىنى جىن - شاياتۇنلار سۇغۇرۇپ ئېلىپ كەتتى< دەپ ئۇنداق بەخىتسىزلىككە تەن بېرىلىپ كەلگەن. روشەنكى بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ توتىم ئىتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خۇراپىيىلىق تۈسىنى ئالغان ئادەت. ئەجدادلىرىمىز قۇشنى باتۇرلۇقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئۇلۇغلاپ، ۋەھىمىيىلىك رەقىبلىرىنىڭ ئەشەددىي كۈشەندىسى ھېسابلاپ كەلگەن؛ بۇ ئادەت ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاشۇ ئىپتىدائىي ئېتىقادىنىڭ ئىسلام دىنىغا ماسلىشىپ داۋاملىشىپ كەلگەن ئىزنالىرىدىن ئىبارەت. ئازادلىقتىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئىچىدە زامانىۋى ئىلىم - پەن ساۋادىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇنداق ئادەتلەر ئاساسەن ئادەت كۈچىدىن قالدى. ئەمما چەت يېزا - قىشلاقلاردا شۇنداق قاراشنىڭ تەسىرى تېخى پۈتۈنلەي تۈگەپ كەتكىنى يوق.

    نىكاھتىن ئاجرىشىش - يېنىشىش

    1) نىكاھتىن ئاجرىشىش: نىكاھتىن ئاجرىشىش ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بىرخىل ئىجتىمائىي ھادىسە. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ . مۇھىملىرى: ①ئوتتۇرىدا پەرزەنت بولماسلىق؛ ②ئەرنىڭ ئايالغا ياكى ئايالنىڭ ئەرگە كۆڭلى چۈشمەسلىك؛ ③ئەر - ئايالنىڭ مىجەزىدە تەدرىجىي پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەر ئارقىسىدا دەسلەپكى مۇھەببەت ئاساسىنىڭ بۇزۇلۇشى؛ ④ئۆز ئارا ساداقەتسىزلىك؛ ⑤ئۈچىنچى بىر تەرەپ ئارىلىشىش؛ ⑥ئايال تەرەپ ھەددىدىن زىيادە خورلۇققا ئۇچراش؛ ⑦ئادەتتىكى ئائىلە ماجرالىرى قاتارلىق. مۇشۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرەرى كۆرۈلگەندە، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنىڭ كېلىشتۈرۈشى، نەسىھەتلىرى ئۈنۈم بەرمىگەندە نىكاھتىن ئاجرىشىش تەلىپى قويۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەر تەرەپ <قويدۇم> ياكى <تالاق> دەپ لەۋزى قىلسا، نىكاھتىن ئاجرىشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، ئەر - ئايال بىرگە ئۆتۈشكە بولمايدۇ. بۇرۇن مۇنداق نىكاھتىن ئاجرىشىش توغرا كەلگەندە باشقا قانۇنىي رەسمىيەتلەر ئۆتەلمەيتتى، قولۇم - قوشنا ۋە مەھەللە جامائىتىنىڭ بىلىپ قېلىشى بىلەن كۇپايىلىنەتتى. ئۆي - مۈلكى ئوتتۇرىدا تەڭ بۆلۈنەتتى. (ئۆي مۈلكىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىدىغان ئەرلەر، ئاياللارمۇ ئۇچرايدۇ). ئەگەر ئوتتۇرىدا بالا بولغان تەقدىردە بالىنى ئىختىيار قىلغان تەرەپ ئېلىپ قالىدۇ ياكى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ بۆلۈشۈۋالاتتى. بالا ۋە مۈلۈك مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىسە دىنىي مەھكىمىنىڭ بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىگە ئىلتىماس قىلىناتتى ۋە دىنىي مەھكىمىسىنىڭ چىقارغان ھۆكۈمىگە بويسۇناتتى.
    نىكاھتىن ئاجراشقان ئايال ياتلىق بولماقچى بولسا، ئۈچ ئاي ئون كۈن ئىدەت تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇ جەرياندا ئايالنىڭ ھامىلدار ياكى ئەمەسلىكى ئېنىقلىنىدۇ. ئەگەر ھامىلدارلىقى ئېنىقلانسا، تۇغۇلغان بالا، ئادەتتە ئەر تەرەپكە تەۋە بولىدۇ. بالىنىڭ راسخوتىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئەر تەرەپ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تۇغۇلغۇسى بالىنىڭ دادىلىق ھوقۇقىدىن ئىختىيارىي ۋاز كېچىپ، ئايالنىڭ بولغۇسى ئېرىگە بېرىۋېتىدىغانلارمۇ ئۇچرايدۇ.
    2)
    يېنىشىش: نىكاھتىن ئاجرىشىش شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ يېنىشىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ. ①ئادەتتىكى ئائىلە ماجراسى ئۈستىدە ئەر تەرەپ بىر پەسلىك ئاچچىق ئارقىسىدا يېنىكلىك قىلىپ <قويدۇم> دەپ لەۋزى قىلىپ تاشلىغان بولسا، مەزىن ياكى نىكاھ ئوقۇشنى بىلىدىغان مەھەللىدىكى بىرەر كىشىگە قايتا نىكاھ ئوقۇتۇپ ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ؛ ②يۇقىرىقى بىرەر سەۋەب تۈپەيلىدىن ئاجراشقان ئىككى تەرەپ يېنىشىشنى ئىستىسە ياكى ئاتا - ئانا، جامائەت ئارىغا كىرىپ رايىلاشتۇرغان بولسا ئەر تەرەپ بىرەر قۇر تويلۇق ئېلىپ قايتىدىن ئاددىي يارىشىش تويى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ③يۇقىرىقى بىرەر سەۋەب تۈپەيلىدىن ئەرنىڭ ئاغزىدىن ئۈچ قېتىم <قويدۇم> ياكى <تالاق> سۆزى چىقىپ كەتكەن بولسا، قايتا يېنىشىشقا مۇمكىن بولمايدۇ. چۈنكى يېنىشىشقا توغرا كەلسە، ئەر تەرەپ قوبۇل قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان رەسمىيەت ئۆتەشكە يەنى باشقا بىر ئەرگە ۋاقىتلىق ياتلىق بولۇپ ئاجراشقاندا يېنىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر شۇنداق رەسمىيەت ئۆتەلسە، ئاندىن يېنىشىشقا بولىدۇ.
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلەر نۇقتىسىدىن ئالغاندا يەنە مۇنداق ئالاھىدىلىكلەرمۇ مەۋجۇت: ①ياتلىق قىلىنغان قىزلار يەنىلا مۈلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقىغا ئىگە. ②قىزلار ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن مەيلى پەرزەنتلىك بولغان ياكى بولمىغان بولسۇن، ئەگەر ئېرى ئۆلۈپ كەتسە ئۆز ئۆيىگە كېتىش ياكى ياتلىق بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ③ئايالى (ئېرى) ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۆيلەنمەكچى ياكى ياتلىق بولماقچى بولسا، بىر - ئىككى يىلدىن كېيىن ياكى ئاز دېگەندە ئۆلگۈچىنىڭ يىلى توشقاندىن كېيىن ئاندىن ئۆيلىنىدۇ. (ياتلىق بولىدۇ). ئادەتتە كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ ئادەتكە رىئايە قىلىدۇ. ئەگەر بويتاق ياكى تۇل قالغۇچىنىڭ چوڭ بولۇپ قالغان پەرزەنتلىرى بولغان تەقدىردە، ئۆيلەنمەكچى ياكى ياتلىق بولماقچى بولسا، ئالدى بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ، جۈملىدىن قېيىن ئاتا - قېيىن ئانىسىنىڭ، ئۆز ئاتا - ئانىسىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆيلىنىدۇ (ياتلىق بولىدۇ). يۇقىرىقى ئادەت - قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار جامائەتچىلىكنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەرلىك ھوقۇقى مۇقەددەس قارىلىپ كەلگەن. ئاياللار ئەرلەرنىڭ بىرخىل ئەرمىكى بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە ھېچقانداق ئورنى يوق ئىدى. بۇ ئاياللارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن <ئايال جىنىس ئادەمنىڭ سول قوۋرىغىسىدىن ئاپىرىدە بولغان> شۇڭا <چېچى ئۇزۇن ئەقلى كالتە> ۋە <ئەر ئايالنىڭ كەت خۇداسى>، <ئەرنىڭ قولى> دېگەن فېئودال ئەدەب - قائىدىنىڭ قۇربانى قىلىپ كېلىنگەندە تىپىك ئىپادىلىنىدۇ.

    مەنبە : <ئاتام يازغان بىر يۈرۈش كىتابلار> نىڭ <ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە - نىكاھ ئادەتلىرى > قىسمى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.