ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-04

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىز تىلى سەنئىتى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40460527.html

    ئون ئىككى مۇقام
    <
    ئۇيغۇر بار يەردە ئون ئىككى مۇقام> بار، <ئون ئىككى مۇقام بار يەردە ئۇيغۇر بار> دېگەن بۇ ھېكمەتلىك سۆز چىن ھەقىقەتتۇر. ھەقىقەتەن <ئون ئىككى مۇقام> ئۇيغۇر فولكلورىغا مەنسۇپ بولغان بىر خىل سەنئەت ئۆرپ - ئادەت ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، ئۇيغۇر روھىنىڭ ئەڭ كەم ئاممىۋىلاشقان تىپىك بەدىئىي كۆرۈنۈشى. سەنئەت ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ سىستېمىلاشقان مۇجەسسەمى، شۇنىڭ ئۈچۈن <ئون ئىككى مۇقام> ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا ھەمراھ بولۇپ، زىمىستان كۈنلەر، ئاچچىق تۈنلەر ئىز قالدۇرغان خەستە كۆڭۈللەرگە شادلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان روھىي مەئبۇت بولۇپ كەلدى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىق كۈنلىرىدىمۇ، قايغۇ - ھەسرەتلىك ئاچچىق تۈنلىرىدىمۇ <ئون ئىككى مۇقام> غا ئىلتىجا قىلدى. خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى پەلسەپىلىك قارىشىدا پۈتۈن كائىناتقا ھاياتلىق بەخش ئەتكۈچى ئاسمان بوشلۇقىدىكى يورۇقلۇق سىستېمىسىنى <ئون ئىككى بۇرج> قا تەتبىقلىغىنىغا ئوخشاش، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇرى بويىچە <ئون ئىككى مۇقام> تىمسالىدا ئوبرازلاشتۇرۇپ، يۈكسەك مەنىۋى تۈۋرۈككە ئايلاندۇردى. شۇڭا <ئون ئىككى مۇقام> نوقۇل سەنئەت ھادىسىسى بولماستىن، بەلكى ئالدى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئاتا تەبىئەت قوينىدا قوزغالغان بەدىئىي تەسەۋۋۇرلىرى ۋە سەنئەت ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ مۇزىكىلىق يىغىندىسى دېيىشكە ھەقلىقمىز.
    ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئانىسى بولغان <ئون ئىككى مۇقام> بىر ۋاقىتتىلا بىر يەردە، بىرەر شەخس تەرىپىدىن بىر يوللا پەيدا بولغان ئەمەس، بەلكى ھەر يەردە، ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا كوللېكتىپ تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ ئىجاد قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئون ئىككى سېكىلدىن ئىبارەت ئۇيغۇر مىلودىيىسىنىڭ تىمسالىدۇر. شۇڭا <ئون ئىككى مۇقام> نىڭ پەيدا بولۇشىنى مۇئەييەن بىر تارىخىي دەۋر بىلەن چەكلەپ قويغىلى بولمايدۇ. تارىخ سەھنىسىدە ئۈزۈلمەس دولقۇندەك ئۆز ئارا ئىز بېسىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق تۇرمۇشى بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا چۆل - باياۋان، تاغ - دالا، دەريا - ئۆستەڭ، يايلاق ۋە ئېتىز - ئېرىق كۈيلىرىنى، ئۇنىڭغا مۇناسىپ ناخشا - قوشاقلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بۇ كۈيلەر ئۆزىنىڭ مىلودىيە ئالاھىدىلىكى بويىچە تۈركۈملىشىپ تەدرىجىي يۈرۈشلەشكەن مۇقام گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىل قىلغان.
    <
    مۇقام> سۆزى ئېتىمولوگىيىلىك جەھەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر كۈسەن - تۇخار تىلىدىكى <مەقەۋمە> - maka - yame سۆزىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇپ، <چوڭ نەغمە> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ <ئورۇن>، <دەرىجە> مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەرەبچە <مەقام> سۆزى بىلەن ئاھاڭداش بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىغا <مۇقام> بولۇپ ئۆزلەشكەن ۋە چوڭ ھەجىمدىكى يۈرۈشلەشكەن ناخشا - ئۇسسۇللۇق مۇزىكا چۈشەنچىسىنى بېرىدىغان خاس ئىسىمغا ئايلىنىپ كەتكەن.
    ئۇيغۇر <ئون ئىككى مۇقامى> نىڭ قېزىلىپ - رەتلىنىپ بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىشىدە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇ سەئىدخاننىڭ ئوغلى ئابدۇرېشىتخاننىڭ ھامىيلىقىدا ۋە مەدەتكارلىقىدا مەشھۇر مۇقامشۇناس، شائىر قىدىرخان ۋە خانىش ئامانىساخانلار ئۆچمەس ئۆچمەس تۆھپە قوشقا، ئەنە شۇ ئاماننىساخان باشچىلىقىدا رەتلىنىپ مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇرداخۇن ئاكا ۋارىسلىق قىلىپ ساقلىغان ۋە 1956 - يىلى نوتىغا ئېلىنغان <ئون ئىككى مۇقام> تىزىملىكلىرى تۆۋەندىكىچە:
    1.
    راك مۇقامى 23 نەغمە 205 مىسرا
    2.
    چەبىيات مۇقامى 23 نەغمە 251 مىسرا
    3.
    مۇشاۋىرەك مۇقامى 31 نەغمە 363 مىسرا
    4.
    چارىگاھ مۇقامى 18 نەغمە 212 مىسرا
    5.
    پەنجىگاھ مۇقامى 25 نەغمە 240 مىسرا
    6.
    ئۇزھال مۇقامى 29 نەغمە 224 مىسرا
    7.
    ئەجەم مۇقامى 17 نەغمە 143 مىسرا
    8.
    ئوشاق مۇقامى 23 نەغمە 286 مىسرا
    9.
    بايات مۇقامى 19 نەغمە 119 مىسرا
    10.
    ناۋا مۇقامى 20 نەغمە 119 مىسرا
    11.
    سىگاھ مۇقامى 6 نەغمە 72 مىسرا
    12.
    ئىراق مۇقامى 8 نەغمە 102 مىسرا
    جەمئىي <ئون ئىككى مۇقام>، ئىككى يۈز قىرىق ئىككى نەغمە (مۇزىكا)، ئىككى مىڭ تۆت يۈز يەتمىش مىسرا، بۇنىڭغا <ئەبۇچەشمە> مۇقامىدىكى ئون ئۈچ نەغمە، ئىككى يۈز ئوتتۇز ئىككى مىسرانى قوشقاندا، تۇرداخۇن ئاكىنىڭ ساقلاپ قالغىنى ئىككى يۈز ئەللىك بەش نەغمە، ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئىككى مۇزىكىلىق مىسرا بولىدۇ.
    لېكىن، <ئون ئىككى مۇقام> باشتىن - ئاياغ بىردەك ئون ئىككى بىلەن چەكلەنگەنمۇ ئەمەس. مۇقام ئۆز تارىخىدا كۆپ قېتىم كېمىيىش، كۆپىيىش، قوشۇلۇپ ئىخچاملىنىش، ئوخشاشمىغان يەرلىك ۋارىيانتلارنى پەيدا قىلىش تارىخىنى بېشىدىن كەچۈرگەن.
    <
    ئون ئىككى مۇقام> دا ناخشا - مۇزىكا شەكلى بىلەن ئىنسانىي مۇھەببەت، گۈزەل ئارزۇ - تىلەكلەر، كىشىلىك ھاياتتىكى شاد - خۇراملىق، ھەسرەت - نادامەت، جۇدالىق، بىرلىك - ئىناقلىق، كۆڭۈل ئازادىلىك، مۇڭ - پىغان، غەزەپ - نەپرەت، زۇلۇم - كۈلپەت قاتارلىق ئۆتمۈشنىڭ تۇرمۇش مەنزىرىلىرى بايان قىلىنغان.
    قىسقىسى، <ئون ئىككى مۇقام> ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىكى مۇقەددەس سەنئەت <ئىلاھى> سۈپىتىدە كىشىلەرگە مەنىۋى قۇۋۋەت ۋە ئېستېتىك زوق بەخش ئېتىپ كەلگەن. تىل بىلەن ئىزھار قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۈرەك تارىلىرىمىزنى تىترىتىپ، پسىخك ھالىتىمىز بىلەن ئورگانىك ھالدا بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن. <ئون ئىككى مۇقام> نىڭ مۇزىكىلىق سېزىمىگە ھەقىقىي ھالدا مەپتۇن بولغۇچى <ساتارنىڭ تارىسىغا جان رىشتىسىدىن تار ئېشىپ> چېلىشنى ۋە ئۇنىڭ ساداسىدىن <بىناۋانىڭ كۆڭلىنى ئېلىش> نى تەلەپ قىلغۇچىلار، شۈبھسىزكى، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ھەقداسى - ئۇيغۇر خەلقىدۇر. (ئا)

     

    دولان مەشرىپى ۋە دولان ئۇسسۇلى

     


    دولان مەشرىپى ئاساسەن مەكىت، مارالبېشى، يوپۇرغا (تېرىم يېزىسى)، ئاقسۇ ئاۋات، شايارنىڭ تارىم بويىدىكى يېزىلىرى قاتارلىق ناھىيە - رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋى سەنئەت پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي نامى. دولان مەشرىپى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، پائالىيەت مەزمۇنىنىڭ كۆپ خىللىقلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
    دولان مەشرىپى ئومۇمەن دولان مۇقاملىرىنىڭ شەنىگە ئاتاپ ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاممىۋى سەنئەت پائالىيتى بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇزىكا، ناخشا - ئۇسسۇل، ھەر خىل ئەدەبىي ئويۇن ۋە قىزىقچىلىقلار ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇ <خەلقنىڭ سەنئەت مەكتىپى> دەپ ئاتالغان.
    دولان مەشرىپىنىڭ پائالىيەتلىرى ئىچىدە ھەممىدىن قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك بولغىنى - دولان مۇقامىغا تەڭكەش قىلىپ ئوينىلىدىغان كوللېكتىپ ئۇسسۇل ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. دولان مەشرىپىدىكى كوللېكتىپ ئۇسسۇل ھەرىكىتى قەدىمكى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق دەۋرىدىكى ئەمگەك جەريانىنى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، ئاساسەن تۆت باسقۇچلۇق ئۇسسۇل ھەرىكىتىدىن تەركىب تاپقان: بىرىنچى باسقۇچ <چېكىتمە> بولۇپ باش مۇقام (پرولوگ) ئاخىرلاشقان ھامان مەشرەپ ئەھلى ئەر - ئايال جۈپ - جۈپ بولۇپ لەرزان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە مەردانە ھالدا سالماق قەدەم بىلەن ئاستا ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. ئەرلەر قولىنى نۆۋەت بىلەن ئوڭ - سولغا تاشلاپ، ئوڭغا يېرىم، سولغا يېرىم ئايلىنىدۇ. ئوڭغا يېرىم ئايلىنىش ۋاقتىدا، ئالدى بىلەن ئوڭ پۇتىدىن باشلاپ ئۈچ قەدەم تاشلىنىدۇ. ئۈچىنچى قەدەمدە ئوڭ پۇت يېرىم بۇرۇلۇپ سول پۇتىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ توغرىسىغا توختايدۇ - دە، سول پۇت دەرھال يۆتكىلىپ، ئوڭ پۇتىنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى بويىچە تەكرار داۋاملىشىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى گوياكى ئوۋچىلارنىڭ بۈك - باراقسان ئورمانلار، قېلىن چاتقاللارنى ئىككى قولى بىلەن ئاستا قايرىپ تۇرۇپ، ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئىزدەۋاتقاندەك جانلىق مەنزىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
    دولان ئۇسسۇلى <چېكىتمە> دىن ئىككىنچى باسقۇچ - <سەنەم> گە كۆچكەندە، ئۇسسۇل رىتىمى ئۆزگىرىپ، ھەرىكەت تېزلىشىدۇ. ئۇسسۇلچىلارنىڭ سېپىمۇ بارغانسېرى كېڭىيىدۇ. ئەر - ئاياللار قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر - بىرىگە بېقىشىپ، چەبدەسلىك بىلەن ئوڭ ۋە سولغا ماس قەدەم بىلەن تولۇق ئايلىنىدۇ. بۇ باسقۇچ ناھايىتى تېز، ئەمما تەرتىپلىك ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇسسۇلچىلارنىڭ چەبدەسلىك بىلەن ئالدى - ئارقىغا مېڭىش، ئوڭ - سولغا ئايلىنىش، قولىنى ئالدىغا شىلتىش ھەرىكەتلىرى ئوۋچىلارنىڭ ھايۋانلار بىلەن كەسكىن ئېلىشىۋاتقانلىقىدەك مەنزىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
    دولان ئۇسسۇلىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى - <سەلىقە> بولۇپ، بۇ باسقۇۋچتا ئۇسسۇلغا چۈشكەن ھەممە كىشى ئاستا - ئاستا بىر چوڭ بىر چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ، ئۇسسۇل ئەنە شۇ چەمبىرەك شەكلىدىكى دائىرىدە سىزىقنى بويلاپ داۋاملىشىدۇ. بۇ ھال ئوۋچىلارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا ھايۋىنى قورشىۋالغانلىقىدەك مەنزىرىنى سۈرەتلەيدۇ.
    تۆتىنچى باسقۇچ <سىيرىلما> بولۇپ، بۇ باسقۇچتا مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ چوڭ يۇمىلاق دائىرە بىر - بىرلەپ پارچىلىنىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇسسۇلچىلار ئۆز ئالدىغا ئەركىن پىرقىراپ چۆگىلەپ، خۇشاللىقنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق پىرقىراش سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلىشىپ، مەشرەپ سورۇنى شادىيانە كەيپىياتقا تولىدۇ. مانا بۇ ئۇسسۇل ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان ئوۋچىلىق جېڭىنىڭ غەلىبە تەنتەنىسىنى ئىپادە قىلىپ بېرىدۇ.
    دېمەك، دولان مەشرىپىدە ئوينىلىدىغان دولان ئۇسسۇلى ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە نەپىسلىكى، مۇزىكا رىتىمى بىلەن بىردەكلىكى، ئۇسسۇل مەزمۇنىنىڭ ئېنىقلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.
    دولان ئۇسسۇلى كوللېكتىپ ئۇسسۇل بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇسسۇلچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ. مەشرەپ مەيدانىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ، بىرلا ۋاقىتتا بەش - ئالتە جۈپتىن يىگىرمە - ئوتتۇز جۈپ ئەر - ئايال ياش، قېرى دېمەي، كىم خالىسا مەيدانغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناۋېرىدۇ. ناۋادا بىر يۈرۈش ئۇسسۇل ئاخىرلاشقۇچە ھېرىپ قالغانلار سەپتىن ئايرىلىپ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرۇشقىمۇ رۇخسەت قىلىنىدۇ. دولان مەشرىپى ۋە دولان ئۇسسۇلى ھەقىقەتەن <شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇلىنىڭ ماكانى> ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. (ئا)

    ھېيتگاھتىكى ساما ئۇسسۇلى
    ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدىكى كەڭ كەتكەن مەيدان ھەر يىلى قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيت كۈنلىرى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ. بۇ مەيداندا قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئۆزىگە خاس مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە بولغان ساما ئۇسۇلىنى ئويناش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تولۇپ تاشقان خۇشاللىق ھېسسىياتلىرىنى نامايان قىلىدۇ.
    ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى سەھەردە ئون مىڭ كىشى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا سەپ - سەپ بولۇپ ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيى، جامە دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان پىششىق كېسەكلىك ئېگىز پەشتاق ئۈستىدە ناغرا بىلەن سۇناينىڭ يېقىملىق ئاۋازى ياڭرايدۇ. پەشتاق ئالدىدىكى ئازادە، كەڭ مەيدانغا ھېيت نامىزىدىن يانغان جامائەت توپلىشىپ مىڭلىغان كىشى ئارقا - ئارقىدىن ساما ئويناشقا باشلايدۇ. ھەش - پەش دېگۈچە بۇ جايغا ساما كۆرگۈچىلەر توپلىشىپ نەچچە رەت چەمبەر ھاسىل قىلىدۇ. ھەتتا پەشتاقنىڭ ئىككى يېنىدا قەد كۆتۈرگەن ئوتتۇز نەچچە مېتر ئېگىزلىكتىكى مۇنارنىڭ ئۈستىمۇ ئادەم بىلەن لىق تولىدۇ.
    ساما ئاساسەن ئەرلەر تەرىپىدىن ئوينىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى بولۇپ، چوڭ كىشىلەردىن تارتىپ بالىلارغىچە ھەممىسى ئىشتىراك قىلىنىدۇ. كىم ئويناشنى خالىسا مەيدانغا چۈشۈپ ئويناۋېرىدۇ. ساماچىلارنىڭ سانى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. ھەتتا بىر قېتىمدا نەچچە يۈز كىشى ساما ئوينايدۇ. ساماغا چۈشكەن ئادەملەرنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىماي، چېلىنىۋاتقان ناغرا - سۇناينىڭ رىتىمىگە ماس ھالدا ناھايىتى رەتلىك ۋە قائىدىلىكڭ ئوينىلىدۇ.
    ساما ئۇسسۇلى باشقا ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىغا ئوخشاشمىغان ھالدا ئەڭ زور كوللېكتىپچانلىققا ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسسۇل ھەرىكىتىگە ئىگە بولغاچقا، ئادەتتىكى ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوينىيالىشى ناتايىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساما ئۇسسۇلى مەرداتىلىك ۋە باتۇرلۇقنى ئىپادىلەيدىغان سىرلىق مەزمۇنغا ئىگە.
    ساما ئۇسسۇلى ئۈچۈن ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىچىدىكى بايرام تەنتەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ناخشا - كۈيلەر تاللىۋېلىنغان بولغاچقا، بۇ ئۇسسۇلنىڭ مۇزىكىدارلىقى ۋە تەنتەنىنى ئىپادىلەش خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ناغرا - سۇناينىڭ ياڭراق ئاۋازىغا ماس ھالدا ساماچىلارنىڭ پۇت ۋە قوللىرى بىر خىل تەرتىپلىك ۋە رىتىملىك ھەرىكەت قىلىدۇ. ئايلىنىش ھەرىكەتلىرىدىمۇ تەكشى ۋە قائىدىلىك بولغاچقا، بىرلا ۋاقىتتا يۈزلىگەن كىشى ساما سالسىمۇ بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىدىغان قوپال ھەرىكەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. باشقا جايلاردىن كېلىپ قالغان ساياھەتچىلەر بۇنداق ھەيۋەتلىك ئۇسسۇل مەنزىرىسىنى كۆرۈپ <بۇنداق چوڭ كوللېكتىپ ئۇسسۇلنى قانچە ۋاقىت مەشىق قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرگەندۇ؟> دەپ ھەيران قېلىشلىرى مۇمكىن. لېكىن ساما ئۇسسۇلى ئۈچۈن ئالدىنئالا تەييارلىق مەشىقى قىلمايدۇ. ئۇ پەقەت خەلقنىڭ بىر خىل ئەنئەنىۋى پائالىىتى بولۇپ، بايرام تەنتەنىسى ھەممە كىشىنى ئىختىيارسىز ساما سېلىشقا ئۈندەيدۇ.
    ساما ھېيت كۈنلىرى ئەتىگەندن كەچكىچە كۈن بويى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ. ساماچىلار قانچىلىك ۋاقىت ئوينىسا ئۆزىنىڭ ئىختىيارىي. ناغرا - سۇنايچىلار ئادەتتە بىرەر سائەت ئەتراپىدا بىر خىل ئاھاڭغا ئۆزگەرتىپ ھارماي چالىدۇ. بىرەر مۇقام ئاخىرلاشقاندا ئون - ئون بەش مىنۇت دەم ئېلىۋېلىپ يەنە باشلايدۇ. ساماچىلار ھېرىپ - چارچىسا ئۆزلۈكىدىن توختاپ، تاماشىچىلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلىدۇ، لېكىن ساما مۇزىكا توختىمىغۇچە زادى توختاپ قالمايدۇ، بەلكى بەس - بەستە بىرىنىڭ ئورنىغا بىرى مەيدانغا چۈشۈپ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋېرىدۇ. بەزى ساما مەستانىلىرى ئۇسسۇلنى كۆپ ئويناپ ھېرىپ - چارچىغانلىقتىن ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بيۈز بېرىدۇ. قىسقىسى، ساما سېلىش قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنى بىر خىل تىلسىملىق كۈچ بىلەن ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ.
    ساما ئۇسسۇلىنىڭ خاراكتېرىدىن قارىغاندا ئۇنىڭدا غەلبىنى ۋە شاد - خۇراملىقنى تەنتەنە قىلىش مەزمۇن قىلىنغان.
    ساما ئۇسسۇلىنىڭ تارىخىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن. قەدىمكى كوللېكتىپ ئوۋچىلىق دەۋرلىرىدىلا ئوۋدىن غەلىبىلىك قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇرۇق قەبىلىلەر بويىچە بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئوۋ غەلىبىسىنى تەبرىكلەپ كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئويناش ئادىتى بار ئىدى. شامانىزم دەۋرىدە ساما (كۆك) غا چوقۇنۇش ئاساسىي ئورۇندا تۇرغاچقا، غەلىبە تەنتەنىسى بەدىلىگە ئوينىلىدىغان بۇنداق كوللېكتىپ ئۇسسۇل ساما ئۇسسۇلى (خەلق تىلىدا ساما سېلىش) دەپ ئاتالغانلىقى مەلۇم. ئېيتىلىشىچە، ئىسلام دىنىنىڭ غازات ئۇرۇشلىرىدا جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدا ناغرا بىلەن سۇناي چېلىنىدىكە، جەڭدە غەلىبە قىلسا غەلىبىنى تەنتەنە قىلىش يۈزىسىدىن ناغرا بىلەن سۇناينىڭ ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىپ كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئوينالغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەقەت قۇربان ھېيت بىلەن روزا ھېيت كۈنلىرىدىلا مۇشۇنداق كوللېكتىپ ساما ئۇسسۇلى ئارقىلىق ھېيت خۇشاللىقىنى تەنتەنە قىلىش ئادىتى شۇ قەدىمكى ئەنئەنە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. مەيلى ئۇنىڭ قايسى تارىخىي ئەنئەنىگە باغلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ساما ئۇسسۇلى شىنجاڭدىن ئىبارەت ناخشا - ئۇسسۇل ماكانىنىڭ سىمۋولىدۇر.

    ئەنئەنىۋى تەسرىرىي ۋاستىلەر
    ھەر قايسى خەلقلەرنىڭ مەنىۋى ئادىتىدە ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادلىرى ۋە پسخىك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بەلگىلىك دەرىجىدە قېلىپلاشقان تەسۋىرىي ۋاستىلىرى بولىدۇ. سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولغان بۇ تەسۋىرى ۋاستىلەر خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ماسلىشىپ، مىللىي ئاڭنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە، ئۇلارنىڭ ئاغزاكى نۇتۇقلىرىدا، پوئېتىك ئىجادىيەتلىرىدە، ئېستېتىك قاراشلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شۇنداقلا نىسپىي مۇقىم مەنىسى خەلقنىڭ تىل سەنئىتىگە سىڭىپ كىرىپ، فرازىئولوگىيىلىك بەدىئىي ئامىل بولۇپ قالغان.
    دەرۋەقە، ھەر قايسى خەلقلەرنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىدا قوللىنىلغان تەسۋىرىي (مەجازى) ۋاستىلەر ناھايىتى كۆپ ۋە خىلمۇ خىلدۇر. لېكىن بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز، پەقەت خەلقنىڭ تىل ئۆرپ - ئادەتلىرى شەكلىدە قېلىپلىشىپ، ئېتىقاد دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بەزى ئەنئەنىۋى تەسۋىرىي ۋاستىلەردۇر. مەسىلەن:
    بۇلبۇل ۋە قىزىلگۈل: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەللىك ئادىتىدە ۋە پىسخىك ئېڭىدا قىزىلگۈل دائىم سۆيۈملۈك يارنىڭ، ئەركىن مۇھەببەتنىڭ، گۈزەللىك ۋە ساپلىقنىڭ؛ بۇلبۇل بولسا ساداقەتمەن ئاشىقنىڭ، يار ۋىسالىدا پەرياد چەككۈچىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن. بۇ ۋاستىنىڭ قېلىپلىشىشىغا بۇلبۇلنىڭ قىزىلگۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇشى مەزمۇن قىلىنغان <بۇلبۇل ئۇيقۇسى> ناملىق رىۋايەتلەر سەۋەب بولغان.
    كاككۇك بىلەن زەينەپ: ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇرادىغا يېتەلمىگەن ئاشىق - مەشۇقلارنى كاككۇك بىلەن زەينەپكە ئوخشىتىش ئادىتى شەكىللەنگەن. ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى <كاككۇك ئاشىقى زەينەپ، بىرى باغدا، بىرى تاغدا> دېگەن مىسرالارمۇ كاككۇك بىلەن زەينەپنىڭ خەلقىمىز ئەقىدىسىدىكى سىمۋوللۇق مەنىسىنى ئىپادىلىگەن. كۈن، ئاي، يۇلتۇز، چولپان: خەلقىمىزنىڭ گۈزەللىك ئادىتىدە بۇ ئاسمان جىسىملىرى ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ تۇراقلىق سىمۋولى بولۇپ كەلگەن ھەمدە خەلقنىڭ ئاغزاكى تىل ئادىتىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئىجابىي مەنىدىكى تەسۋىرىي ۋاستىلەردۇر. بۇ ئەنئەنىۋى ئادەتكە ئايلىنىشى كۆككە چوقۇنۇشتىن ئىبارەت ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
    بۇلاق: كۆزنى بۇلاققا ئوخشىتىپ سۈرەتلەش ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئەنئەنە.
    ھەممىگە مەلۇمكى، كۆز بىلەن سۇ ئىنسانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىككى ئامىل، سۇ بىلەن كۆزنىڭ قىممەت ۋە ماھىيەت جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى، شۇنداقلا كۆز بىلەن بۇلاقنىڭ شەكىل جەھەتتىكى مەلۇم ئوخشاشلىقى خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىك قاراشلىرىدا ئەكىس ئېتىپ كۆزنى بۇلاققا ئوخشىتىش ئەنئەنىسىنى ھەمدە بۇلاقنى ئۇلۇغلاش ئادىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
    يارنىڭ يۈزىنى ئالمىغا ئوخشىتىش، چىنارنى باتۇرلۇققا، جاسارەت ۋە ئىرادىگە سىمۋول قىلىش، قارىياغاچنى يەكلەنگەن ئەمما چىداملىق مۇھەببەتكە سىمۋول قىلىش، ئەجدىھا، يىلاننى ۋەھشىيلىك ۋە ياۋۇزلۇقنىڭ سىمۋولى قىلىش قاتارلىق تەسۋىرىي ۋاستىلەرنىڭ قېلىپلىشىش سەۋەبلىرىمۇ بەلگىلىك بىر ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
    ئۇنىڭدىن باشقا <لەيلى - مەجنۇن>، <پەرھاد - شېرىن>، <تاھىر - زۆھرە>، <غېرىپ - سەنەم> قاتارلىق ناملارمۇ ھەم خەلق ئارىسىدىكى شۇ خىل داستاننىڭ ئىسمى، ھەم سىمۋوللۇق مەنىدىكى تەسۋىرىي ۋاستە ھېسابلىنىدۇ.
    خەلقنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىدىن كېلىپ چىققان مۇنداق ئەنئەنىۋى تەسۋىرىي ۋاستىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇ نوقۇل ئەدەبىي ھادىسىلا ئەمەس، بەلكى مۇئەييەن ئېتىقاد تەسىرىدە شەكىللەنگەن تىل ئادىتىدۇر.

     

     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.