ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-04

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىز تىلى سەنئىتى نىڭ داۋامى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40462118.html

    ئىرسالنامە
    ئىرسالنامە - <يوللانما>، <پۈتۈكنامە> دېمەكتۇر.، ئىرسالنامە ئەۋەتىش (دوستلىرىغا، سۆيگەن يارىغا سالام خەت يوللاش) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئارا خەت يۈزىدە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئادىتى بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان. ئىرسالنامىنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، كۆپرەك بېيت شەكلىدە ھەم نەسرىي شېئىر شەكلىدە يېزىلىدۇ. بەزىدە ئىرسالنامە ئورنىدا قىزىلگۈل دەستىلىرىنى ياكى گۈل دەستىلەر بىلەن قوشۇپ بۇغداي سامانلىرىنىمۇ ئەۋەتىدىغان ئادەتلەر بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆڭۈلنى سىمۋوللۇق ئىزھار قىلىش شەكلى بولۇپ، مۇئەييەن مەزمۇنغا ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېستېتىك ئېڭىدا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەردىن تەييارلانغان گۈل دەستىلەر ئومۇمەن مۇھەببەتكە سىمۋول قىلىنغان. شۇڭا گۈل دەستە سۇنۇش قىز - يىگىتلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ۋاستىسى. گۈل دەستىنىڭ ئارىسىغا ساماننى قوشۇپ ئەۋەتىش <سىنىڭ دەردىڭدە ياكى سېنى سېغىنىپ چىرايىم ساماندەك ساغىرىپ كەتتى> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
    ئىرسالنامە مەزمۇن جەھەتتە كۆپىنچە مۇھەببەتى، مۇھەببەت جۇدالىقنى، يارىغا ۋە دوستلىرىغا بولغان سېغىنىشنى ئىپادىلەيدۇ.
    ئىرسالنامە ئەۋەتىش ئاساسەن كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت ئەركىنلىكى بوغۇلغان. ئىنسانىي ئەركىنلىككە يول قويۇلمىغان فېئودالىزم دەۋرى دە پەيدا بولغان بىر خىل ئادەت ھېسابلىنىدۇ. قىزلارنىڭ ياخشى كۆرگەن يىگىتكە قول ياغلىق ۋە تاماكا خالتىسى سوۋغا قىلىشىمۇ ئىرسالنامە دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇنداق قول ياغلىق ۋە تاماكا خالتىسىغا خەت ئورنىدا پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان گۈللەرنىڭ نۇسخىسى، گۈل شېخىدا سايراۋاتقان بۇلبۇل ياكى كاككۇكنىڭ سۈرىتى بار ئىشقىدا گۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان يۈرەكنىڭ شەكلى مەشۇت يىپ بىلەن كەشتىلىنىدۇ. قەغەزگە پۈتۈلىدىغان ئىرسالنامىلەر ناھايىتى تەسىرلىك، جانلىق ۋە ھېسسىياتلىق بولىدۇ. ئۆز زامانىسىدا ئىرسالنامە يېزىشنى كەسىپ قىلغان خەتتات ۋە رەسساملار بولغان. ئۇلار پاتلانغان <خوتەن قەغىزى> گە بېيت ياكى نەسرىي شېئىر شەكلىدىكى پۈتۈكنامىلەرنى ھۆسن خەت شەكلىدە پۈتۈپ، ئۇنىڭ گىرۋەكلىرىگە تەشنالىق ۋە جۇدالىقنى ئىپادىلەيدىغان ياكى مۇھەببەت غايىسىنى سۈرەتلەيدىغان رەسىملەرنى سىزىپ تەييارلىغان. ئىرسالنامە ئەۋەتىشكە ھاجىتى بار كىشىلەر ئۇلارغا مۇۋاپىق ھەق بېرىپ ئۆزلىرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ سېتىۋالغان ۋە ئۇنى قىممەتلىك مۈلۈك سۈپىتىدە ساقلىغان.
    ئىرسالنامە كۆپىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەسۋىرىي ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ، پاساھەتلىك تىل، ئوخشىتىش، سېلىشتۇرۇش، سىمۋول، مېتافورا، مۇبالىغە قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا روشەن ئېستېتىك زوق قوزغايدۇ. مەسىلەن:
    پۈتۈكنامە ئىۋەردىم قاشلىرىغا،
    تىلەپ دۆلەتنى ئالتۇن باشلىرىغا،
    قانات بەرسە ئۇچۇپ بارسام قاشلىرىغا،
    قارا قۇشقاچ بولۇپ قونسام باشلىرىغا.
    قارا قۇشقاچ بولۇپ چىقسام ھاۋاغا،
    خۇدا سالدى مېنى بۇنداق بالاغا.
    سېغىندۇق بىناھايات ئۆزلىرىنى،
    تولا شېرىن مۇبارەك سۆزلىرىنى.
    نى سائەتتە نېسىپ بولۇر كۆرۈشكە،
    تولۇن ئايدەك نۇر چاقنىغان يۈزلىرىنى.
    ئۇشبۇ نامە ئۆزلىرىگە تەئەللۇقتۇر-
    ئوقۇغايلا يوغان ئېچىپ كۆزلىرىنى.

     

    مەدداھلىق

     


    مەدداھلىق - ئاغزاكى تىل ئادەتلىرىنىڭ كەڭ تۈردە ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى شەكىللىرىدىن بىرى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەدداھلىق ناھايىتى تەرەققىي قىلغان ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى <مەدداھ> (ۋائىز) دەپ ئاتىلىدۇ. مەدداھلار خەلق ئارىسىدىكى تالانتلىق ۋە ئىقتىدارلىق سۆز سەنئەتكارلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئەلنەغمە سەنئىتى ئەنە شۇ مەدداھلىق ئادىتىدىن ئۆسۈپ چىققان.
    مەدداھلىق - ناخشا ، مۇزىكا ۋە دراماتىك ھەرىكەتنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان ئۇنىۋېرسال سەنئەت ئادىتى بولۇپ، ئۇنىڭ كىشىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچى ناھايىتى زور. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان مەدداھلار خەلق ئارىسىدا زور ئىناۋەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەن. مەدداھلىق ئادىتى بولۇپمۇ خوتەن، قەشقەر، يەكەن قاتارلىق شەھەرلەردە كەڭ ئەۋج ئالغان. بازار كۈنلىرى ئاتاقلىق مەدداھلار تەرەپ - تەرەپتىن بۇ شەھەرلەرگە يىغىلىپ مۇۋاپىق سورۇندا بەس - بەس بىلەن مەدداھلىق قىلغۇچى بىر قانچە مەدداھتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرى ئاساسلىق رول ئالغۇچى باش مەدداھ، بىر ياكى ئىككىسى <دوست تارتىپ بېرىدىغان> قوشۇمچە مەدداھ ھېسابلىنىدۇ. بەزىدە مۇزىكا تەڭكەش قىلىپ بەرگۈچى سازەندە ئايرىم بولسا، بەزىدە باش مەدداھ ئۆزى ھەم مۇزىكا چالىدۇ، ھەم ناخشا ئېيتىدۇ، ھەم سۆزلەيدۇ. مەدداھنىڭ سۆزلەيدىغانلىرى كۆپىنچە قەدىمكى تارىخىي قىسسەلەر، ئاتاقلىق خەلق داستانلىرى، ئەپسانە - رىۋايەتلەر، قىزىقارلىق ھېكايە - چۆچەكلەر، جەڭنامىلەر ۋە بەزى داڭلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ھېكايە قىلغاندا خۇددى دراما ئارتىسلىرىدەك يالغۇز ئۆزى بىر قانچە پېرسوناژنىڭ ئوبرازىنى جانلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. شۇڭا مەدداھ سورۇن تۈزمەكچى بولۇپ چاقىرىش دۇمبىقىنى ياكى ناغرىسىنى چالغان ھامان مەدداھقا ئادەتلىنىپ قالغان خەلق توپى ئۇنىڭ ئەتراپىغا دەرھال يىغىلىپ، ئۆزلۈكىدىن چەمبەر شەكلىدە مەيدان ھازىرلايدۇ. مەدداھنىڭ سەنئەت ماھارىتىگە مەپتۇن بولغان خەلق ئۇنىڭ مەدداھلىق پائالىيىتى ئاخىرلاشقىچە بىر قانچە سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرىدۇ ياكى ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلايدۇ.
    ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۇقىرىقىدەك كەسىپلەشكەن مەدداھلىقتىن باشقا، يەنە بەزى رايونلاردا ياشانغانلار بىرەر ئۆيگە توپلىشىپ ھەر كىم ئۆزى بىلگەنچە قىسسە ياكى ھېكايە ئېيتىشىدىغان، قىزىقارلىق قەدىمكى كىتاب - رىسالىلەرنى ئوقۇپ ئاڭلايدىغان ئادەتمۇ بار. مەسىلەن، تۇرپان رايونىدىكى ياشانغانلار ئارىسىدا قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان <دادۇر مەشرىپى> ئەنە شۇنداق خاراكتېرىگە ئىگە. بۇمۇ مەزمۇن ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،م مەدداھلىقنىڭ بىر خىل تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
    مەدداھلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى مۇراسىم ۋە ھەر خىل سەيلە پائالىيەتلىرىدە ناھايىتى قىزىپ كېتىدۇ. قەشقەرنىڭ <ھەزرەت سەيلىسى>، ئوپالدىكى <نورۇز بۇلاق سەيلىسى>، يېڭساردىكى <ئودىخېنىم سەيلىسى>، خوتەندىكى <كوھمارىم سەيلىسى> قاتارلىق كۆلىمى چوڭ مۇراسىم پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرىدىن بىرى مەدداھلىق بولۇپ، مۇشۇ سەيلە مەزگىللىرىدە يۇرت - يۇرتلاردىن كەلگەن مەدداھلار تەرەپ - تەرەپتە سورۇن تۈزۈپ، مىڭلىغان سەيلىچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.
    مەدداھلىق ئەدەبىياتنىڭ مەزمۇنى ئىچىدە گەرچە ساغلام بولمىغان بەزى دىنىي تەركىبلەرنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ خەلق سەنئىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى تارقىتىش ۋە بېيىتىش، خەلقنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوينىغان رولىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ.

     

    چاقچاق

     


    چاقچاق - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، خەلق ئاغزاكى ئىجادىيىتىنىڭ ھەجۋىي تۈرىگە خاس ئاممىۋى ژانىردۇر. چاقچاق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شۇنچىلىك كەڭ ئومۇملاشقانكى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشنى چاقچاقسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۆزىنىڭ شەكلى بويىچە، چاقچاق ئالاھىدە بىر خىل دىئالوگ بولۇپ، ئۇ ئادەتتە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بىر توپ ئادەملەر ئارىسىدا قانات يايىدۇ. ئەمما چاقچاقنىڭ خاراكتېر جەھەتتىن كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى سۆھبىتى ئەمەس. چاقچاقنىڭ يادروسى جاراڭلىق كۈلكە بولغاچقا، ئۇ كىشىلەردە ئىختىيارسىز تەبىئىي كۈلكە قوزغاشنى مەقسەت قىلىدۇ.
    ئىنسان كۈلكىگە موھتاج. شۇڭا كىشىلەر <بىر قېتىم كۈلسەڭ ئون يىل ياشىرىسەن> دېيىشىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدا چاقچاق بىر خىل مەنىۋى كۈچ سۈپىتىدە، ئىنساق قەلبىگە ئېستېتىك تۇيغۇ بېغىشلاپ روھنى ئۇرغۇتىدۇ، ھايات مەئىشەتلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.
    ئۇيغۇرلار خۇش چاقچاق، يۇمۇرغا باي خەلق. شۇڭا ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ چاقچانى ئۆز تۇرمۇشىغا ھەمرا قىلىپ كەلگەن. ئۇلار ئۆز ئارا بىر - بىرى بىلەن كۆرۈشكەندە گېپىنى چاقچاق بىلەن باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى توي - تۆكۈن ۋە باشقا مۇراسىملار، خىلمۇ خىل سەيلە پائالىيەتلىرى، ئاممىۋى مەشرەپلەر، مېھماندارچىلىق ۋە سۆھبەتلەر ... نىڭ ھەممىسى چاقچاقسىز ئۆتمەيدۇ. شۇڭا كۈلكە - چاقچىقى بولمىغان ئولتۇرۇشلارنى <راھىبلارنىڭ بۇتخانىدىكى تىلاۋىتى> گە ئوخشىتىپ، ئۇنىڭدىن رازى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. <نەسىرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى>، <سەلەي چاققان لەتىپىلىرى>، <موللازەيدىن لەتىپىلىرى> دىن تارتىپ تاكى بۈگۈنكى رېئال تۇرمۇشىمىزغا كۈلكە بېغىشلاۋاتقان ھېسام قاتارلىق لەتىپىچىلەرنىڭ خۇش خۇي ئوبرازلىرى ئۇيغۇرلاردىكى ئەنە شۇ چاقچاق ئادىتىنىڭ جانلىق سىماسى. ئۇيغۇر سۆز سەنئىتىدە چاقچاق ژانىرىنىڭ شۇنچىلىك ئەۋج ئېلىشى ئۇلارنىڭ مىللىي پسخىكىسىدىكى يۇمۇرلۇق خاراكتېر بىلەن زىچ مۇناسىۋەترلىك. بۇ خىل خاراكتېرنىڭ يېتىلىشىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىلىك شارائىتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي شارائىتى، تارىخىي شارائىتى، مەدەنىيەت قاتلىمى قاتارلىق ئىچكى - تاشقى ئامىللارنىڭ مىللىي خاسلىقى سەۋەب بولغان.
    ئۇيغۇر چاقچاقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، ھازىر جاۋابلىق، مەنتىقىلىقلىق، دەلمۇ دەللىك، قاراتمىلىقلىق، يوشۇرۇن مەنىدارلىق، ئوبيېكتىپلىق (پىكىر مەزمۇنىنىڭ بىر - بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىشى) قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە مەركەزلىشىدۇ. ھەر قانداق ۋاقىتتا چاقچاق بىرەر تېمىغا، بىرەر نىشان (ئوبيېكت) غا مەركەزلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن چەتنەپ كەتسە چاقچاقنىڭ كۈچى بولمايدۇ ھەمدە كۈلكە پەيدا قىلالمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا چاقچاقنىڭ تۈرلىرى سورۇنغا قاراپ ھەر خىل بولىدۇ. مەسىلەن:
    <
    ئۇچۇم قىلىش> خاراكتېرىدىكى چاقچاقلار، يەنى كونكرېت بىر ماۋزۇ ئەتراپىدا ئايلىنىپ تۇرغان چەمبەر ئىچىدە چاقچاقلىشىش. چاقچاقنىڭ بۇ خىل شەكلىدە مەلۇم بىر شەخسنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ھەر بىر ئېپىزوت ۋە قىزىق پەيتلىرىنى، خاراكتېرىدىكى ئۆزگىچىلىكلەرنى كۈلكىلىك تەسۋىرلەش، مۇبالىغىلەشتۈرۈش ئارقىلىق غەيرىي <ئادەم> ياساپ چىقىش - <ئۇچۇم قىلىش> دېيىلىدۇ. چاقچاقلار ئاجايىپ ماھارەت بىلەن ئۆز ئوبيېكتىنى <ئۇچۇم> قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا ئەپچىل ئۇسۇل بىلەن ئۇنى قايتۇرۇپ قاتارغا قوشۇۋالىدۇ. نەتىجىدە چاقچاق ئوبيېكتى جۈملىدىن باشقىلارمۇ بۇنىڭدىن ھېچقانداق غەيرىيىلىك ھېس قىلمايدۇ.
    <
    لەقەملىك چاقچاق> - چاقچاقنىڭ ئەڭ كەڭ تارقالغان شەكلى. ئۇيغۇرلاردا شەخسىلەرنىڭ خاس ئىسىمغا قانداقتۇر بىر لەقەمنى قوشۇپ ئاتاش ئادەتكە ئايلانغان. خەلقتە <لەقەمسىز كىشى بولماس> دېگەن ئىبارە بار. دەرۋەقە، ئۇيغۇرلاردا شەخسىي لەقەمدىن باشقا ئاتىدىن باشقا، ئاتىدىن بالىغا، بالىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان ئەۋلادلار لەقىمى ھەتتا يۇرت - مەھەللىلەرگە ئورتاق يۇرت لەقەلىرى بولىدۇ. لەقەملىك چاقچاقتا چاقچاق ئوبيېكتىنىڭ لەقىمىنى توغرىدىن توغرا تىلغا ئالماي، خىلمۇ خىل بوياق بىلەن پەردازلاپ ئىشارىلىك سۈرەتلەش ئارقىلىق كۈلكە پەيدا قىلىدۇ. لەقەلىك چاقچاقتا چاقچاقچىنىڭ ھازىر جاۋاب بولۇشى، تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
    ماقال - تەمسىللىك چاقچاقلار: چاقچاقنىڭ بۇ تۈرى كۆپ ھاللاردا لەقەلىك چاقچاقلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ لەقىمى <تۆگە> بولۇپ، ئۇ بىر ئولتۇرۇشتا قوپال، قاملاشمىغان ئىش قىلىپ قويسا، بۇنى بايقىغان چاقچاقچى <تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق> دېگەن ماقالدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق چاقچاق باشلايدۇ. چۈنكى ھەر قانداق ماقال - تەمسىل پەيدا بولۇش جەھەتتىن قاراتمىلىققا ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن چاقچاقلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىچىدىكى ماقال - تەمسىللەردىن، ئەپەندى لەتىپىلىرىدىن، خەلقنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك.
    چاقچاقچىنىڭ <ئوخشىتىش> شەكلىدە ئوبيېكت قىلىنغان شەخسنىڭ غەلىتە كۆرۈنۈش ۋە غەيرىي ھالەتلىرىنى خۇددى شۇنىڭغا ئوخشىشىدىغان تۈرلۈك نەرسىلەرگە - ھايۋانات، ئۇچار قانات ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئوخشىتىش، تەڭلەشتۈرۈش ۋە تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چاقچاقنى راۋاجلاندۇرىدۇ.
    قاپىيىلىك چاقچاق: چاقچاقنىڭ بۇ شەكلى شېئىرىي شەكلىدە قاپىيە قوغلىشىش ئۇسۇلى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. قاپىيىلىك چاقچاق ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، كىشىلەرگە بەدىئىي لەززەت بېرىدۇ. خەلق ئارىسىدىكى <قاپىيىگە كەلگەندە ئاناڭدىن قايتما> دېگەن ئىبارە بار، بۇ قاپىيىلىك چاقچاق شەكلىنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا ئالاھىدە ئېتىبارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
    <
    سۆز ئويۇنى> مۇ چاقچاقنىڭ ئۆزىگە خاس بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇبالىغە، ئوخشىتىش، سىمۋول، مېتافورا قاتارلىق ستىلىستىك ۋاستىلەرگە تايىنىدۇ.
    دېمەك، خەلق دانىشمەنلىكىنىڭ يۈكسەك بىر ئىپادىسى بولغان چاقچاقتا خەلق تىلىنىڭ ھەقىقىي بايلىقى، رەڭمۇ رەڭلىكى، ئەۋرىشىملىكى، مەنىدارلىقى، تەسۋىرىي قۇۋۋىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى نامايان قىلىنىدۇ.
    بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھەقىقىي مەنىدىكى چاقچاق بىلەن ئادەتتىكى مازاق قىلىش ماھىيەت جەھەتتە ئوخشاشمايدۇ. چۈنكى مازاق قىلىشتا بىرىنچىدىن، مەنتىقە يوق، ئىككىنچىدىن، ئىجابىي مەزمۇنىدىن كۆرە، ئۇنىڭدا تەنە ۋە دوق قىلىش ئىپادىسى ياكى بىراۋنىڭ زىتىغا - غۇرۇرىغا تېگىش، شەخسنى كەمسىتىش، مەسخىرە قىلىش ئوخشاش سەلبىي مەزمۇندىكى پىكىرلەر ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئەكىسچە، چاقچاق ئىلمى بولىدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ۋە ئەدەب - ئەخلاق مىزانلىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىدۇ، كىشىنىڭ ئەيىبىنى ئېچىپ دىلنى رەنجىشتىن ساقلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چاقچاق سورۇنىغا ۋە ئوبيېكتىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. كىچىكلەر چوڭلارغا، ئەرلەر ئاياللارغا چاقچاق قىلىشتىن ساقلىنىدۇ. قىسقىسى، چاقچاق تۇرمۇشقا خۇش خۇي مەزمۇن بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

     

    خەتتاتلىق

     


    خەتتاتلىق - ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەنئەت تۈرلىرى ئىچىدە ئۇزاق تارىخقا، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان يېزىق سەنئىتى. ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى، تەرەققىياتى يېزىق بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.
    ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا تۈرك يېزىقى يەنى ئورخۇن - يەنسەي يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى قاتارلىق يېزىقلارنى قوللىنىشتىن باشقا، تارىختا براخمان يېزىقى، مانىي يېزىقى، قەدىمكى سۈرىيە يېزىقى قاتارلىق يېزىقلاردىن پايدىلىنىپ، ھەممە ساھەدىن قىممەتلىك يادىكارلىقلار قالدۇرغان. يەنە ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن يېتىلىپ چىققان يۈكسەك ماھارەتكە ئىگە خەتتاتلارنىڭ ئورخۇن - يەنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدىن تارتىپ، تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلاردىن تېپىلغان ھەر خىل يېزىقتىكى بېغىشلىما مەزمۇنىدىكى ھۆسن خەتلەر ۋە ئىسلامىيەتتىن بۇيانقى كلاسسىك قول يازمىلار، دىيارىمىزدىكى قەدىمكى مەسچىت، مازار ۋە ئىمارەتلەرنىڭ ۋاسا، كاھىشلىرى، مېھراب ۋە تامغا ئويۇپ ھەل بېرىلگەن ھۆسن خەتلەردىن قارىغاندا ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىناكارلىق سەنئىتىمىزدىمۇ ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن.
    ئۇيغۇرلاردا ئۇزۇندىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان تۈز خەت نۇسخىسى، روقئى خەت نۇسخىسى، تەئلىق خەت نۇسخىسى، ئەسلىيە خەت نۇسخىسى، سولۇس خەت نۇسخىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھەرپ شەكلىگە ئىگە نەسخى خەت نۇسخىسى، كۇفى خەت نۇسخىسى، شەتەرەنجى كوفى خگت نۇسخىسى، رەيھانى خەت نۇسخىسى، ئىجازەت خەت نۇسخىسى، دىۋانى خەت نۇسخىسى ۋە چەللى دىۋانى خەت نۇسخىسى قاتارلىقلار ۋە تۆۋنەم، تەسۋىرىي، كۈرگۈل، جەللى خەت نۇسخىلىرى بار. ئۇيغۇر خەتتاتلىرى بۇ نۇسخىلاردىن ئاجايىپ گۈزەل خەتلەرنى يازىدۇ. ئۇلارنىڭ خەتلىرىنڭ بەزىلىرى ئۆركەشلەپ تۇرغان دېڭىز دولقۇنلىرىدەك جۇلالاپ كىشىگە ئۆمۈر ۋە جاسارەت ئاتا قىلسا، بەزىلىرى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان بۇلاق سۇلىرىنى، خۇش ناۋا سايراۋاتقان بۇلبۇللارنى ئەسلىتىپ كىشى قەلبىگە شادلىق، خاتىرجەملىك بېغىشلايدۇ. بەزى خەتلەر ساھىبجاماللارنىڭ ھۆسىنى ئەكىس ئەتتۈرسە، يەنە بەزىلىرى ئۇچار قۇشلارنى، گۈل - گىياھلارنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ.
    ئۇيغۇر خەتتاتلىقى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قەلەم، قەغەز، سىياھلارنى ئىشلىتىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، ھەرپلىرى ئۇلىنىپ يېزىلىدىغان بولغاچقا، خەتتاتلار خەتنىڭ تەكشى، كۆركەم، چىرايلىق يېزىلىشى ئۈچۈن قومۇش (بامبۇك)، ئىرغاي ياغىچى، قارىغاي ياىغىچى قاتارلىقلاردا مەلۇم كەڭلىككە، مۇقىم ئۆلچەمگە، ئېلاستىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، سىياھ راۋان چىقىدىغان، ياپىلاق ئۇچلۇق قەلەملەرنى ياساپ ئىشلىتىدۇ. قەلەم ئۇچى ئىككى - ئۈچ سانتىمېتر ياپىلاق ئۇچلىنىپ بىر ئاز ئېلاستىكىلىق ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇچىنىڭ ئىككى قىرلىق تەرىپى زۆرۈر بولغان كەڭلىكتە ئۆلچەمگە ئىككى قىرلىق تەرىپى زۆرۈر بولغان كەڭلىكتە ئۆلچەمگە ئاساسەن سىلىقلىنىدۇ ۋە ئۇچىنى ئون بەش گرادۇستىن ئوتتۇز بەش گرادۇسقىچە تەكشىلەپ كېسىپ ئۇچىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىن تەخمىنەن بىر سانتىمېتردىن بىر يېرىم سانتىمېترغىچە جىراق ئېچىپ قويىدۇ.
    قەغەز: ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان كەندىر، ئۈجمە دەرىخى قوۋزىقىدىن قەغەز (خوتەن قەغىزى) ياساپ، قەغەزنى تاختاي ئۈستىدە قويۇپ، قاشتېشى ياكى سىلىق تاش بىلەن سۈرۈپ چىڭداپ - سىلغايتىپ پىششىقلايدۇ.
    سىياھ: قارا سىياھ ئىشلىتىدىغان بولۇپ سىياھقا ناۋات ئارىلاشتۇرىدۇ. بۇنداق سىياھ يېيىلمايدۇ، ئاسان توزىمايدۇ. قەدىمدىن باشلاپ راۋاج تاپقان ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەنئەنىسى بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغايدىغان ئالاھىدە بىر سەنئەت تۈرىگە ئايلاندى.

     

    مەنبە : <ئاتام يازغان بىر يۈرۈش كىتابلار> نىڭ <ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىز تىلى سەنئىتى > قىسمى .


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.