ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-04

    ئۇيغۇرلاردا ئىلىم - پەن - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40463005.html

    ساددا پەلسەپىۋى قاراش

    باشقا مىللەت خەلقىنىڭ ئەجداتلىرىغا ئوخشاش بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزمۇ ئەڭ قەدىمكى دەۋردە كۈن، يەر، سۇ، ئوت، ھاۋا قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىگە چوقۇناتتى، ئەجدادلىرىمىز بۇ ئېتىقاد ئاساسىد تەبىئەتتە يۈز بېرىدىغان ھەرخىل ھادىسىلەرگە قاراپ يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشنىڭ ئاسمان، كۈن، ئاي، يۇلتۇز، ھاۋا . . . ۋە يورۇقلۇق - قاراڭغۇلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەدىرىجىي ھېس قىلىپ، دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراق (يەر) دىن يارالغان (بۇ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ <تۆت زات قارشى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دېگەن تونۇشقا كەلگەن، تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان بەزى قەۋملار ئىچىدە دۇنيانىڭ يارىلىشى توغرىسىدىكى ئەپسانىلەردە <بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئالەمنى قاراڭغۇ ئىس - تۈتەك قاپلىغانىكەن، كېيىن ئۇزاق زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەر بىلەن ئاسمان ئاستا - ئاستا چوڭىيىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كۈن بىلەن ئاي تۇغۇلۇپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن قاراڭغۇ بىلەن يورۇقلۇق ئايرىلىپ، ئادەمزات، جان - جانىۋارنىڭ تىرىكچىلىكى پەيدا بولغان ئىكەن> دەپ ھېكايە قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادەمنىڭ يارىلىشى توغرىسىدىكى ئەپسانە - رىۋايەتلەر ۋە ئەقىدىلەرگىمۇ شۇ قاراشنىڭ روھى سىڭگەن. ئۇ ئەپسانە - رىۋايەتلەردا ئادەمزاتنىڭ ئادەم ئاتام بىلەن ھاۋا ئانامدىن تۆرەلگەنلىكى، ئادەم ئاتىنىڭ تۇپراقتىن يارىتىلغانلىقى؛ ھاۋا ئانىنىڭ ئادەم ئاتىغا جەننەتتە جور بولغانلىقى ۋە ئادەمنىڭ تەقدىرىنىڭ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا باغلىنىشلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرمەسلىك، يۈزىنى يۇماي كۈنگە قارىماسلىق، كۈنگە، ئايغا قاراپ تەرەت قىلماسلىق، ئاي يېڭى تۇغۇلغان كۈنى ئىچىدە <
    كېلەر مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنگىچە ئامان - ئېسە ن قىلغايسەن> دەپ ئايغا قاراپ دۇئا قىلىش، ئاسماندا يۇلتۇز كۆچكەننى كۆرگەندە ئىچىدە <ئۆلۈمدىن خەۋىرىم بار، دوزاختىن قورقۇنچۇم بار> دەپ يەرگە قارىۋېلىش؛ كىندىك قېنى تۆكۈلۈپ ئۆسكەن يېرىنى <ئانا يۇرت>، <ئانا ۋەتەن> دەپ ئاتاش، يەرنى پاك بىلىپ مېيىتنى يەرگە كۆمۈش قاتارلىق ئادەتلەرگە ئاشۇ ئاسماننى، تۇپراق (يەر)نى ئۇلۇغلاش ئەقىدىسى سىڭگەن.
    ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۆت زات قارشىنى ئۇلارنىڭ كۈن، ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسمان جىسىملىرىنى ئۇزۇن مۇددەت كۆزىتىش ئارقىلىق بەزى يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ بەلگىلىك بىر ۋاقىتتا <تۇغۇلۇپ>، <مېڭىپ>، <پېتىش> تەڭ بۇرجلۇق ھەرىكەت ھالىتىنى ۋە ئۇنىڭ ھاۋارايى، جۈملىدىن يەر يۈزىدىكى مەۋجۇداتلارغا بولغان تەسىرىگە قارىتا ھاسىل قىلغان چۈشەنچىلىرىنىڭ يەكۈنى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ چۈشەنچىسىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ يەتتە يۇلتۇز، ئون ئىككى بۇرجقا باغلاپ، ئۇلارنىڭ خاسىيىتىنى بىر - بىرلەپ تەرىپلەپ مۇنداق ئىلمىي يەكۈن چىقارغان.
    143
    ئۈچى سۇ، ئۈچى يەل، ئۈچى بولدى ئوت.
    ئۈچى تۇپراق، بۇلاردىن دۇنيا ۋۇجۇت.
    (<
    قۇتادغۇبىلىك> بەشىنچى بابقا قاراڭ) بۇندىن باشقا ئەجدادلىرىمىزنىڭ دۇنيا ۋە تۇرمۇش ھەققىدىكى ئوي - چۈشەنچىلىرى ماقال - تەمسىللەردىمۇ يەكۈنلەنگەن، <ئىشلىگەن چىشلەيدۇ>، <بەخىت نەدە، پېشانەڭدىكى تەردە> ئەنە شۇنداق ئوي - چۈشەنچە يەكۈنلەنگەن ماقاللاردىن. ئۇ تەقدىر ئىلاھلىقنى يادرو قىلغان ئىسلامىيەت پەلسەپىسىگە قارشى قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيانى ئەمگەك ياراتقانلىقى، ئادەمنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ساددا ماتېرىيالىستىك چۈشەنچە گەۋدىلەنگەن.

    ئاسترونومىيىلىك قاراشلار

    بىپايان يايلاقتا كۈندۈزى مال، كېچىسى مال ساقلاش بىلەن، كەڭ يېزا - قىشلاقلاردا سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، ئېتىز - ئېرىق، تېرىم - يىغىم ئىش بىلەن بەند بولۇپ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىز دائىم تەبىئەتنىڭ، بولۇپمۇ، ھاۋارايىنىڭ ھەرخىل ۋەھىمىلىرىدىن خالىي بولالمىغان. ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئاساسىدا تەكرار كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇنداق ۋەھىمىلەرنىڭ بەزى ئاسمان جىسىملىرىدا پەيدا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكىنى ۋە ئۇنىڭ مەلۇم قانۇنىيەتكە باغلىنىشلىقىنى ھېس قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەجدادلىرىمىز كۈن، ئاي ۋە بەزى يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ چىقىش - پېتىش قاتارلىق ئۆزگىرىش ھەرىكىتىنىڭ دەۋر قىلىش ۋاقتىنى (بۇرجلۇق ۋاقتىنى) ھېسابلاپ ئېنىقلاپ چىققان ۋە شۇ ئاسمان جىسىملىرىنى پەرقلەندۈرۈپ ئۇلارغا ئايرىم - ئايرىم ئات قويغان. شۇ ئاساستا يىل، پەسىل، ئاي پەرقلىرىنى تېپىپ چىقىش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەت مەزگىللىرىنى بەلگىلىگەن، ئادەتتە ھاۋارايىدا بولىدىغان ئۆزگىرىشنى ئالدىن تەخمىن قىلالايدىغان بولغان، خەلق ئىچىدە مۇنداق خەۋەر قىلىدىغانلار <مۇنەججىم> نامى بىلەن مەشھۇر.
    مۇنەججىملەرنىڭ ھۆكىمە: ئەگەر ئۈكەر (ھۈكەر) (<تۆمۈر قوزۇق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) كۆپىيىپ، ئايغا يېقىنلىشىپ ماڭسا (ھەرىكەتلەنسە) شۇ ئايدا بوران - چاپقۇن ئاز بولىدۇ؛ يەرگە يېقىنلاشسا، كۆكلەم يېقىنلىشىدۇ؛ سۇغا يېقىنلاشسا، يامغۇر - يېشىن كۆپ بولىدۇ؛ قۇرغاق يەرگە يېقىنلاشسا، قۇرغاقچىلىق ، تاغقا يېقىنلاشسا، پىژغىرىم ئىسسىق بولىدۇ؛ ئۈكەر ياتسا(كۆرۈنمىسە) تومۇز كىرىدۇ، ئۈكەر تۇغسا، (قايتا چىقسا)، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى توختاپ دان تۇتىدۇ، مېۋىلەيدۇ. ئادەتتە 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7 - ئاينىڭ بېشىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا ئاسمان بوشلۇقىدا ئۈكەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ، بۇ ھالەت تەخمىنەن قىرىق كۈن داۋاملىشىدۇ. بۇ خەلق ئىچىدە <ئۈكەر پاتتى> ياكى <يەرگە چۈشتى> دەپ ئاتىلىدۇ.
    ئەجدادلىرىمىز ئۈكەردىن كېچىسى يول يۈرگەندە كومپاس ئورنىدا پايدىلىنىپ كەلگەن. ئۇلار ئۈكەرگە قوشنا ئىككى يۇلتۇزنىڭ خۇسۇسىيىتىگە قاراپ بىرىنى <بېلىق يۇلتۇز> يەنە بىرىنى <قوزا يۇلتۇز>؛ ئەڭ ئېگىزدىكى ساتوردىن يۇلتۇز تۈركۈمىنى <ئاقار يۇلتۇز>؛ مېركۇرىي يۇلتۇز تۈركۈمىنى سۈمبىلە (<بۇغداي بېشى>) دەپ ئاتىغان، مۇنەججىملەرنىڭ ھۆكىمى بويىچە: بېلىق يۇلتۇز غۇۋالاشسا، قىش ئاخىرلىشىدۇ، قوزا يۇلتۇز ئۆرلىسە كۆكلەم باشلىنىدۇ؛ تارازا يۇلتۇز تۇغۇلسا، ئىسسىق يېنىشقا باشلاپ، تاڭ سالقىنلىشىپ ئارپا، بۇغداي پىشىدۇ. سۈمبىلە تۇغسا، كۈن كۈزگە تايايدۇ، قىشنىڭ تەييارلىقى باشلىنىدۇ. <سۈمبىلە يېمى، قىشنىڭ غېمى> دېگەن بۇ ماقال شۇ ئادەت ئاساسىدا چىققان. مۇنەججىملەرنىڭ ھۆكىمى بويىچە، كۈن قوتانلاپ خۇنۇكلەشسە قار ياغىدۇ، ئاي قوتانلاپ خۇنۈكلەشسە ئوچۇق كۈن بولىدۇ، يېڭى ئاي تىڭ چىقسا، شۇ ئاي ئىچىدە ھۆل - يېغىن، بوران - چاپقۇن كۆپرەك بولىدۇ، كۆڭۈلسىز ۋەقەلەرمۇ كۆپرەك سادىر بولىدۇ؛ ئۇدۇل چىقسا، كۈن ئوچۇق بولىدۇ؛ كونا ئاينىڭ چىقىشى، يېڭى ئاينىڭ بېشىدا ھاۋارايىدا يا مۇنداق، يا ئۇنداق ئۆزگىرىش بولىدۇ، مۇنەججىملەر بۇنى <توقال> دەپ ئاتايدۇ. بۇنداق ئەھۋال باش ئەتىياز، كەچ كۈزدە كۆپرەك سادىر بولىدۇ. <ئاينىڭ بېشىدىن قورقماي، بەشىدىن قورق> دېگەن ماقال ئەجدادلىرىمىزنىڭ شۇ تەجرىبىسى ئاساسىدا كېلىپ چىققان.
    ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەجرىبىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، تومۇز مەزگىلىدە كۈن قاتتىق ئىسسىپ كەتسە قىش ئوتتۇرىسىدا قاتتىق سوغۇق بولىدۇ. شەبنەم چۈشسە، كۈن كۈزگە تايايدۇ. قىراۋ كېچىكىپ چۈشسە، كۆكلەممۇ كېچىكىدۇ. مۇنەججىملەرنىڭ يۇقىرىقىدەك ھۆكۈملىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن توغرىلىقى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان.
    ئەجدادلىرىمىزدا باشقا مىللەتلەردىكىگە ئوخشاش ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھاۋارايىغا بولغان تەسىرىگە قارىت ئۇلارنى ياخشىلىق - يامانلىققا سىمۋول قىلىش ئەقىدىسى كېلىپ چىققان. كۈن، ئاي توغرىسىدا ناھايىتى ئوبرازلىق رىۋايەتلەر توقۇلغان. ئەجدادلىرىمىز كۈننى يەر يۈزىدىكى بارلىق ھاياتلىقنىڭ، ئاينى تۈن چىرىغىنىڭ سىمۋولى؛ مارىسنى، جۈملىدىن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى يامانلىققا ( ئۇ چىققاندا ھەرخىل بالايىئاپەت بولىدۇ دپ قارىلىدۇ)؛ ۋېنرا (چولپان) نى شادىيانىلىققا؛ مېركۇرىي (سۇ يۇلتۇز) نى پاراۋانلىققا؛ پۇپېتىر (ئوت يۇلتۇز) نى بەخىتكە؛ مىرىخ (شامال يۇلتۇز) نى شادىيانىلىققا؛ مېركۇرىي (سۇ يۇلتۇز) نى پاراۋانلىققا؛ يۇپېتىر ( ئوت يۇلتۇز) نى بەخىتكە؛ مىرىخ (شامال يۇلتۇز) نى پالاكەتچىلىككە؛ ئاتارود (سۇ يۇلتۇز) نى باياشادلىققا سىمۋول قىلغان ۋە مۇشۇ ئاساستا ھاۋادا بولغۇسى ئۆزگىرىشكە روھىي ھازىرلىق كۆرۈپ ئادەتلەنگەن. ئاي، كۈن توغرىسىدىكى رىۋايەتتە مۇنداق ھېكايە قىلىنىدۇ:
    <
    ئەلمىساقتا كۈن بىلەن ئاي قوشكېزەك ئىكەن، كىچىكىدىن ئايرىلماي چوڭ بولغانىكەن. ئۇلار پەرىزاتتىنمۇ چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن چوڭ بولغانسېرى چىراي تالىشىپ قىزغىنىشىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئىككىسى >سەندىن مەن چىرايلىق< دەپ جودالىشىپ، ئاچچىقلىرىغا پايلىماي يۈزلىرىگە قوغ چېچىشىپتۇ، كۈن شۇئان يۈزىنى سۈرتۈۋاپتۇ، يۈزى ۋاللىدە ئېچىلىپ بۇرۇنقىدەك نۇر چاقناپتۇ، ئاي ئالاقىزادىلىكتە يۈزىنى شۇئان سۈرتەلمىگەنكەن، يۈزى داغلىشىپ پارقىرىماس بولۇپ قاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ئاداۋەتلىشىپ كۈن ئالدى بىلەن كۈندۈزى ئاسمانغا چىقىپ كېتىپتۇ، ئاي ئارقىسىدىن كېچىسى چىقىپتۇ. كۈن كۈندۈزنى، ئاي كېچىنى يورۇتىدىغان بولغانىكەن>. ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايە - چۆچەكلىرىدە قىز - ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئاي بىلەن كۈنگە ئوخشىتىلىپ <ئاي دېسە، ئاغزى بار، كۈن دېسە، كۆزى بار> دەپ تەسۋىرلىنىدۇ، روشەنكى، بۇنىڭغا ئاشۇ رىۋايەتنىڭ روھى سىڭدۈرۈلگەن.
    ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ ساددا ئاسترونومىيىلىك قارشى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆزىتىش ئەمەلىيىتىدىن كەلگەن ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان.

    يىلنامە - تەقۋىم

    ئەجدادلىرىمىز يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ئاسترونومىيىلىك قارشى ئاساسىدا ئۆز تىرىچىلىكىنى ھاۋارايىدا بولىدىغان ئۆزگىرىشكە ماسلاشتۇرۇش ئېھتىياجى بىلەن كۈن، ئاي ۋە بەزى يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ <چىقىش>، <پېتىش> قاتارلىق ھەرىكىتىنىڭ دەۋر قىلىش ۋاقتى بويىچە يىلنامە تۈزۈپ چىققان. بۇ يىلنامە بويىچە ئون بەش كۈن بىر مەزگىل؛ ئىككى مەزگىل ئوتتۇز كۈن؛ ئوتتۇز كۈن بىر ئاي؛ ئۈچ ئاي بىر توقسان (بىر پەسىل)، تۆت پەسىل ئون ئىككى ئاي؛ ئون ئىككى ئاي بىر يىل قىلىپ بەلگىلەنگەن. يىل - ئايلارغا ئايرىم - ئايرىم ئات قويغان. ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئۆزلىرى كۆزىتىپ كەلگەن كۈن، ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتىنىڭ ئون ئىككى يىلدا بىر دەۋر قىلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىپ ئۇنى <مۆچەل> دەپ ئاتىغان ۋە يېزىق يوق شارائىتتا ئەستە تۇتۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ھەر يىلغا بىرخىل ھايۋان نامىدا ئات قويۇپ بەرگەن پەرقلەندۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ تۇغۇلغان ۋە مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەن يىل - ۋاقتىنى خاتىرلەش، ياش ھېسابلاشتا شۇ مۆچەل يىل نامى ئاساس قىلىنىدىغان بولغان. بۇ يىلنامە بويىچە 3 - ئاي يىل بېشى ھېسابلانغان، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەجرىبە - سىناقلىرىدا 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭلىشىپ، يەرنىڭ ھارارىتى ئۆرلەپ تەبىئەتتە قايتىدىن ئويغىنىش باشلىنىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ كۈننى يىلنىڭ، ئاينىڭ، كۈننىڭ يېڭلىنىش شاراپىتىدىن يېڭى يىل قىلىپ خاتىرلەپ كەلگەن. ئىسلامىيەتتىن كېيىن، بۇ مىللىي ئەنئەنىۋى بايرام <نورۇز> دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.
    ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىدىن كەلگەن بۇ تەجرىبىلەر كىشىلەر تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ ئەقىدە - ئادەتكە ئايلانغان. ئۇيغۇرلاردىكى مۆچىلىدىن ئامان - ئېسەن ئۆتۈپ كېتىشنى تىلەش ۋە مۆچىلى كەلگەن يىلى ئېھتىياتچان، ساخاۋەتكوي بولۇش، بىرەر قېتىم قازان قاينىتىش، مۇمكىنقەدەر قىزغۇچ رەختتە كۆڭلەك ياكى ئىشتاندەك بىر نەرسە كىيىش؛ ئادەم ۋاپات بولۇپ دەپنە قىلىش ئالدىدا مەرھۇمنىڭ يىلىنى سوراش قاتارلىق ئادەتلەر ئاشۇ ئەقىدىدىن كېلىپ چىققان.
    ئومۇمەن ئەجدادلىرىمىز بىر يىللىق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنى، ئالايلۇق، قانداق ۋاقىتتا قانداق ئوۋغا چىقىش، چارۋا مالنى قانداق ۋاقىتتا كۆككە قويۇش، قانداق ۋاقىتتا كۈزلەككە، قانداق ۋاقىتتا قىشلاققا يۆتكىلىش، قانداق ۋاقىتتا قوشقار، ئايغىر، بۇقىغا قويۇش، قانداق ۋاقىتتا تۆل ئېلىش؛ قانداق ۋاقىتتا قوشقا چىقىپ ئۇرۇق سېلىش، قانداق ۋاقىتتا قانداق پەرۋىش قىلىش، قانداق چاغدا ئۇرۇپ - يىغىش، باغ - ۋاران پەرۋىشىنى قانداق قىلىش، قانداق ۋاقىتتا ئوسا قىلىش . . . قاتارلىق تىرىكچىلىك ئىشلىرىنى شۇ يىلنامە بويىچە قىلىشقان ۋە بۇ يىلنامىگە چىڭ ئەقىدە قىلىپ ئادەتلەنگەن. ئۇلار ئۆز ئەقىدىلىرىگە خىلاپەن ئىش كۆرگەندە ھەرخىل زىيان - زەخمەتلەرگە ئۇچرىغان.
    دەۋر ئېتىبارى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇ پاكىتلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەقۋىمچىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسترونومىيىلىك قارشىنىڭ ئىلغار ئىلمىيلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، شۇڭا ئۇ ھېلھەم ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق.
    يەتتە يۇلتۇز (پلانېت)، ئون ئىككى بۇرچ ۋە مۆچەلنىڭ ئاتىلىشى:
    پلانېتلار: سەكەنتىر (ساتۇن).
    ئوڭاي (يۇپىتېر).
    كورود (مارس).
    ئارزۇ (مېركۇرىي).
    سوۋېت (چولپان) (ۋېنىرا).
    قۇياش
    يالچىق (ئاي)
    ئون ئىككى بۇرچ: قوزا، ئۇي (ئۇد)، قوشكېزەك، بارس (يولۋاس)، تىمساھ، بۇغداي بېشى،
    تارازا، چايان، ياچاق،
    ئوغلاق، سوغا (كۆنەك)، بېلىق.
    مۆچەل: سىجقاق يىلى، ئۇي (ئۇد) يىلى، بارىس (يولۋاس) يىلى، تىۋىشقان (توشقان) يىلى، يىلان يىلى، يىند (ئات) يىلى، قوي يىلى،
    بىجىق (مايمۇن) يىلى، تاقاغۇ (توخۇ) يىلى، ئىت يىلى، توڭگۇز يىلى

    تىبابەتچىلىك ساۋادى

    ئەجدادلىرىمىز ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيەتلىرى جەريانىدا ساقلىقنى ساقلاش، كېسەل كۆرۈش، ئەملەش (داۋالاش)، دورىگەرلىك ۋە مال دوختۇرلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش تىببىي ئىلىم نەزەرىيىسىنىمۇ يەكۈنلەپ چىققان. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك نەزەرىيىسىدە ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى تەقدىر ئىلاھىنىڭ كارامىتى ئەمەس، بەلكى تەبىئەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، ئادەم بەدىنىنىڭ ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە ئىكەنلىكى، ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەت - قۇۋۋەت، ئوزۇق - قۇۋۋەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىلمىي قاراش ئالغا سۈرۈلگەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ قارشى مەركەزلىك ھالدا تۆۋەندىكى ئەمەلىيەت ئۈنۈملىرىدە گەۋدىلىنىدۇ.
    1)
    ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرى بويىچە: تېۋىپلىرىمىز ئادەمنىڭ جىسمانىي، مەنىۋى سالامەتلىكىنى كۈچەيتىش، قوغداش، ئادەمنى ئاغرىقنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى تىبابەتچىلىكنىڭ تۈپ مەقسىتى دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇلار شۇ مەقسەتتە:
    (1)
    كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە شەخسىي ۋە مۇھىت تازىلىقىغا، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا، ھەرىكەت قىلىشقا، كېسەلنى سەل چاغلىماسلىققا، شاد - خۇرام يۈرۈشكە دىققەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەرغىپ قىلىپ ساقلىقنى ساقلاش ساۋادلىرى، تەۋسىيە - نەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوللانما - كىتابلارنى يېزىش ئارقىلىق جەمئىيەتكە تىببىي بىلىم تارقىتىپ كەلگەن. <سالامەتلىك تېپىلماس دۇنيا>، <تەننىڭ ساقلىقى پادىشاھلىق> دېگەن ماقال تەمسىل ئاشۇنداق تەۋسىيە - نەسىھەتلەرنىڭ مەھسۇلى. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ تەۋسىيە - نەسىھەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇش بىلەن ئىلمىي ئىخچاملاپ <قۇتادغۇبىلىك> داستانىدا مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ:
    4615
    كېسەل گالدىن كىرۇر، ئۇنى چىڭ كۆزەت،
    يېگىن ئاشنى تەڭشەپ، ئاز - ئاز پەقەت.
    (2)
    شەھەر - يۇرتلاردا <دۇرۇت - نىجاد>، <مازايى - ماشايىق>، <جىن - ئالۋاستىنى قوغلاش> نىڭ تەرغىباتچىلىرى - ھۆكۈمالار بىلەن رىقابەتلىشىپ شىپاخانىلار ئېچىپ ، ئەملەش ۋە سەييارە ئەملەشنى يولغا قويغان.
    )3(
    ئىز باسار يېتىشتۈرۈشنى جامائەتنىڭ ساقلىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىم تەدبىرى سۈپىتىدە قاراپ شاگىرىت تەربىيلەشنى يولغا قويغان.
    )4(
    ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان كىچىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش رېتسىپلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. بۇنىڭ ئارقىسىدا ئۆي بويىچە ئىگىر، چىلان، دانەكچە، زىرە، موزا، بوزبۇغا، يانتاق شېكىرى )تەرەنجۋىل( قاتارلىق خام دورىلاردىن ئايرىلماس ئادىتى ئومۇملاشقان.
    2)
    داۋالاش بويىچە: كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاش بىرلەشتۈرۈلگەن. تېۋىپلىرىمىز كېسەل سەۋەبىنى ئادەم مىجەزىدە پەيدا بولغان ئۆزگىرىش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ، داۋالاش بويىچە <بىر پۈتۈنلۈك> (ئادەم ئەزايىنىڭ ئورگانىك بىر پۈتۈنلۈكى) نەزەرىيىسى، <ئىسسىق>، <سوغۇق>، <يەل - قوقاق> نەزەرىيىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش نەزەرىيە سېستىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار شۇ ئاساستا كېسەل كۆرۈش، داۋالاش، دورا ھازىرلاش چارە - تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان:
    (1)
    كېسەل كۆرۈشتە سوراش، تومۇر تۇتۇش، تىلىغا قاراش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەن.
    (2)
    داۋالاشتا دورا ۋە يېمەكلىك بىلەن داۋالاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل داۋالاشنى ئادەت قىلغان.
    دورا بىلەن داۋالاشتان كېسەل خاراكتىرىگە قاراپ <زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش>، <ئىسسىقنى سوغۇق بىلەن، سوغۇقنى ئىسسىق بىلەن قايتۇرۇش> چارە - تەدبىرىنى قوللىنىپ كەلگەن. زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش چارىسى بويىچە بەزى ئېغىز ئالماي ئادەم قىينايدىغان ئۆسمە تىپىدىكى ئىششىق، ئاقما جاراھەت قاتارلىق ئاغرىقلارغا كۆكتاش، سىماب، نۆشۈدۈر، زەمچە، تاش سىر قاتارلىق كان - مەدەن ماددىلىرى، يىلان، چايان، كېلە، ئۇچقۇن پاقا قاتارلىق جانلىقلار، كۇچۇلىغا ئوخشاش زەھەر تەركىبلىك ئوت - چۆپ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - مېۋە، يىلتىزلىرىدىن ھازىرلانغان دورا بېرىلىدۇ. ئىسسىقنى سوغۇق بىلەن، سوغۇقنى ئىسسىق بىلەن قايتۇرۇش چارىسى بويىچە ئىسسىق مىجەزلەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبى بىلەن ئاغرىغانلارغا تەبىئىتى سوغۇق، سوغۇق مىجەزلەرگە تەبىئىتى ئىسسىق ئوت - چۆپلەردىن ھازىرلانغان دورا ۋە تەبىئىتى سوغۇق (ئىسسىق) يېمەكلىكلەر بۇيرۇلىدۇ.
    يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئادەم ئەزالىرىنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى، تەڭپۇڭسىزلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن كېلىپ چىققان بەدەن ئاجىزلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل كېسەللىكلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كېسەل خاراكتېرىگە قاراپ ئوزۇقلۇق، شىپالىق رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەر بىلەن مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ۋە بەزى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىش بۇيرۇلىدۇ. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە بۇغداي - قوناق، نۇقۇت - پۇرچاقتىن باشقا يەنە گۆش، قوي، كالا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرى، سۈت، تۇخۇم، ئەنجۈر، ياڭاق، بادام - پىستە، ئۆرۈك مېغىزى ۋە شۇ مېغىزلاردىن ھازىرلانغان تالقانلار، توخۇ، چىل، كەكلىك قاتارلىق ئۇچار - قاناتلارنىڭ گۆشلىرى شىپالىق ۋە بەدەن قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە دەپ قارىلىپ كەم ماغدۇرلۇق، سىل (ئۆپكە كېسىلى)، بۆرەك ئاغرىقى قاتارلىق ئاغرىقلار بېرىلىدۇ. قىزىلگۈل، بىھى، ئانار، سەۋزە، شاتۇت قاتارلىق مېۋىلەردە ئىشلەنگەن قىيام - مۇارببالار نېرۋا، يۈرەك ئاجىزلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە، زىرە، بىدىيان، ئىگىر قاتارلىقلار كەم ئىشتەيلىك، مەيدە سۇسلۇقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە بېرىلىدۇ.
    گۆشلەر ئىچىدەقوي گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەبىئىتى ئىسسىق، ئۇنىڭدىن قالسا ئات گۆشى، كېيىك، ئارقار، بۆكەن قاتارلىق ھايۋانات گۆشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرى، مۈڭگۈز، غولتومۇر قېنى شىپالىق رولغا ئىگە دەپ بەدەن قۇۋۋەتلەشكە بۇيرۇلىدۇ. ئەمما بۇ نەرسىلەرگە ئىگە بولۇش تەس بولغاچقا ئادەتتە، ئۇنىڭ ئورنىغا قوي گۆشى ئىستېمال قىلىنىدۇ. <قوي گۆشى ئىسسىق، كالا گۆشى سوغۇق، ئۆچكە گۆشى قوقاق> دېگەن ماقال تەمسىل ۋە <تۇغۇتلۇق ئاياللارغا قىرقى ئىچىدە قوينىڭ كاللا - پاقالچىقىنى يېگۈزۈش> ئادىتى شۇ ئەقىدە ئاساسىدا كېلىپ چىققان.
    ئۈگە كېسەللىكلىرى، بەل - پۇت ئاغرىقلىرى، تېرە كېسەللىكلىرى تاش مىجەز سوغۇقلۇقىدىن، سوغۇق يەلدىن دەپ قارىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق كېسەللىكلەرگە بەدەن سىرتىدىن ئىسسىقلىق قىلىش يەنى قارا قوي ياكى قىرقىلمايدىغان سېرىق ئوغلاق تېرىسىگە كىرىش؛ بوز بۇغا، جويزا، موزىدا دورا تۇتۇش، ئات، قوداي، تۆگە (لوكا يېغى)، ئېيىق يېغى قاتارلىق ياغلارنى سۈرۈش؛ قۇمغا، شورغا كىرىش، ئاپتاپتا يېتىش، ھىڭ، قوۋزاق داچىن، مىقداچىن، پىلپىل، ئاق مۇچ، قارا مۇچ، خاجۇ قاتارلىق ئىسسىقلىق دورىلار ھوردىنىش - يۇيۇنۇش بۇيرۇلىدۇ.
    ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە سۆگەل، تەمرەتكە، قىچىشقاق، ئاق كېسەل قاتارلىق جاھىل تېرە كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى. بۇ كېسەللىكلەرمۇ تازىلىقنىڭ نارچارلىقى، سوغۇق يەلدىن دەپ قارىلىپ قاتتىق پەرھىز قىلىش بۇيرۇلىدۇ.
    يۇقىرىقىلاردىن باشقا، داۋالاشتا <قان ئېلىش> ئۇسۇلىمۇ قوللىنىلغان. تۇيۇقسىز بېشى قېيىپ، كۆزى، بەدەن ئەزاسى چىڭقىلىپ، قىزىپ ئاغرىغانلارنى <قان قويۇلغانلىق> نىڭ ئالامىتى دەپ پېشانىسى ياكى بىلەك تومۇرىدىن قان ئېلىپ داۋالاپ كەلگەن.

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.