ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-04

    ئۇيغۇرلاردا ئىلىم – پەن.....نىڭ داۋامى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40463875.html

    ھازىرقى زامان تىببىي ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمەلىيىتى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرى ۋە يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلانغان ئۈنۈملۈك مۇھىم داۋالاش ئۇسۇلى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە ئوزۇقلىنىشنىڭ مۇھىملىقى بىلىشكە تېگىشلىك ساۋات شەكلىدە ئىزچىل تەۋسىيە قىلىنىپ كەلگەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبە - ساۋاقلىرى <قۇتادغۇ بىلىك> دە يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ مۇنداق بايان قىلىنىغان:
    4613
    غىزانى يە ئۆلچەپ، يېمە تولا كۆپ،
    ئاقىل بىر ئەزىز سۆز ئېيتتى بۇڭا خوپ :
    4614
    تولا يېگۈچىنىڭ ئېشى سىڭمىغاي،
    ھەزىم بولمىسا ئاش، ھەريان ئاغرىغاي.
    4616
    كېتەر كۈچ ئەگەر قىلسا ئاغرىق ھۇجۇم،
    ئۇنى ئەملەتمىسەڭ ئالدىرىتار ئۆلۈم.
    4642
    تىلىسەڭ كېسەلسىز ئۆمۈر، ئەي تىگىن،
    ئېتى <ئاز يە> دېگەن دورىنى يېگىن.
    ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتى تېڭىقچىلىق. تېڭىقچىلار ئادەم ئىسكىلىتىنىڭ تۈزۈلۈشى جەھەتتە ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە بولغاچ، ئۇلار زەخمىلەنگەن، سۇنغان سۆڭەكلەرنى تېڭىپ ساقايتىشقا ماھىر. ماھىرلىقى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، بىر نەچچە يىللىق كونا سۇنۇق ۋە گېپىستە تەكشى تۇتماي قالغان سۇنۇقلارنىمۇ قايتىدىن تېڭىپ ساقايتىدۇ.
    3)
    دورىگەرلىك جەھەتتە: ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە ئاساسەن ئوت - چۆپتىن ھازىرلانغان دورا ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭدەك كۆك تاش، گۈڭگۈرت، سىماب، نۆشۈدۈر، تاش سىر، ئالتۇن، مەرۋايىت، كەھرىۋا قاتارلىق كان - مەدەن مەھسۇلاتلىرى ۋە ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزى، ئىچكى ئەزالىرىمۇ دورىغا سېلىنىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە دورا پىششىق، خام دورا دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. پىششىق دورىلار دورا ماتېرىياللىرىنى سوقۇپ ئەگلەكتىن ئۆتكۈزۈپ ھەسەل بىلەن مەلھەم قىلىش، قاينىتىپ شەربەت قىلىش، تالقان قىلىش ئارقىلىق ھازىرلىنىدۇ. خام دورىلار دورا ماتېرىياللىرى بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.
    مەيلى قايسى خىلدىكى دورا بولمىسۇن بىر كىشىلىك دورا، دورا ماتېرىياللىرىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە قاراپ بىر نەچچە خىل دورىدىن تەييارلىنىدۇ. مەسىلەن، بەرىششا، دۋايىمىسكى قاتارلىق دورىلارنى ئالساق ئۇ ئوتتۇز نەچچە خىل تەركىپ بىرىكمىسىدىن ياسالغان. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە بۇ ساھەدىمۇ ئۈنۈملۈك چارە - تەدبىرلەر يارىتىلغان.
    4)
    تازىلىق جەھەتتە: ئۇيغۇرلار تازىلىق سۆيەر خەلق. ئۇنىڭ ئىپادىلىرى: (1) يېمەك - ئىچمەك تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. تاماق ئېتىدىغان جابدۇق - سايمانلار مەخسۇس بولۇپ، باشقا نەرسىلەرگە ئىشلىتىلمەيدۇ. چىنە - قاچا، قازان - قومۇچ دائىم پاكىز يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. (2) چالا پىشقان ۋە تەمى ئۆزگەرگەن تاماق، نەرسىلەرنى ۋە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان قوي، كالا، ئۇچار - قانات گۆشلىرىنى يېمەيدۇ. (3) چاچ - تىرناقلىرىنى ئۆستۈرمەيدۇ. كۆرۈنگەن يەرگە چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىشنى، ئاممىۋى سورۇن ۋە تاماق ئۈستىدە كېكىرىپ، تۈكۈرۈش، مىشقىرىش، ئوسۇرۇش، بۇرۇن كوچىلاشنى يامان ئالىدۇ. (4) تاماق ئالدىدا ۋە چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيىدۇ، بولۇپمۇ تاماق ئېتىشتە قول تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. بۇرۇن تۇتمايدۇ، باش قاشلىمايدۇ. (5) چوڭلار ھەپتىدە بىر قېتىم يۇيۇنۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئادەتتە <غۇسلى قىلىش> دەپ ئاتىلىدۇ. چوڭلار چوڭ تەرەتتىن كېين سۇ ئىشلىتىدۇ. ئاياللار تەرەت لاتا تۇتىدۇ. (6) ساتىراشخانىلاردا سەرداپ، چوڭ شەھەرلەردە مۇنچا ئومۇملاشقان. (7) ئۆي قېقىش، كىر - قات يۇيۇش دائىملىق ئادەتكە ئايلانغان. كۈندە ھويلا - ئارام، ئىشىك ئالدىنى سۈپۈرۈپ تازىلاش ساۋابلىق ئىش دەپ قارىلىدۇ. (8) كېسەلنى يۇقىدۇ، دېگەن قاراش ئومۇملاشقان. شۇڭا كىشىلەر ئادەتتە، يۇقۇملۇق كېسەلدىن، بولۇپمۇ ۋابادىن بەك قورقىدۇ. شايار، بۈگۈرنىڭ تارىم بويلىرىدىكى ۋە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا تا يېقىنقى دەۋرلەرگىچە يۇقۇملۇق كېسەل يۈز بەرسە شۇ جايدىن باشقا جايغا كۆچۈپ كېتىدىغان، كۆچۈپ ماڭغان يولنى مەلۇم جايغا بارغۇچە ئوت - چۆپ بىلەن ئۆنەپ ماڭىدىغان ئادەت مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.
    ئېۋەنسىز نەرسە بولمىغاندەك ئۇيغۇرلاردا قول تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلگەندەك پۇت تازىلىقىغا دېگەندەك ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. گەرچە ناماز ئوقۇيدىغانلار ئاياغ تەرەت ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن پۇتنى يۇيسىمۇ، كۆپىنچە پايتىما بىلەن مەسە ئۆتۈك كىيىپ يۈرگەچ ياتاردا (ياز كۈنلىرى يالىڭاياق يۈرگەنلەرمۇ) ئايرىم پۇت يۇيمايدۇ. ناماز ئوقۇمايدىغانلاردا پۇت يۇيۇش پۇرسىتى تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. مۇندىن باشقا كىچىك بالىلارنىڭ بېشىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلىشى يېتەرسىز. بالىلاردا بولىدىغان يۇقۇملۇق باش يارىلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشى شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
    يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئۇيغۇرلاردا، بولۇپمۇ كەڭ يېزا - قىشلاقلاردا ئۆي بېسىپ دېگۈدەك بىرەر يېرىمدىن مال بېقىش ئادىتى بولغاچ، باققان مالنى ئەتىسى - ئاخشىمى، بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى ئارىلىق ئۆيدە ساقلايدىغان ئادەتمۇ تەڭ مەۋجۇت. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى تازىلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، تىرىشىپ ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ئادەتلەر جۈملىسىدىن. چوڭ تەرەتتىن كېيىن سۇ ئىشلىتىش، ئاياللارنىڭ تەرەت لاتا تۇتۇش ئادىتى كۆرۈنۈشتە غەيرىي تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تازىلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، سۇڭ چىقىش (گىموروي) كېسەللىكى ۋە ئاياللار كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
    ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قېتىرقىنىپ، تەكرار - تەكرار ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ھاسىل قىلغان ئۆزىگە خاس نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە چارە - تەدبىرلىرى ئاساسىدا خەلقنىڭ ساقلىقنى ساقلاش بويىچە ئۆزىگە تېگىشلىك ھەسسە قوشۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئازادلىقتىن بۇرۇن ئۇزۇن بىر مۇددەت ئېغىر ئېتىبارسىزلىققا ۋە قاتمۇ قات ئىقتىسادىي بوغۇلۇشقا دۇچ كېلىپ، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىمىز توختاپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئازادلىقتىن كېيىن بۇ ھالەتكە ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلىپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالتۇن دەۋر باشلاندى؛ پىلانلىق، تەشكىللىك ھالدا جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى تەشكىلىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. مەخسۇس كۈچ ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تىببىي مىراسلارنى توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلىش خىزمىتى ئىشلەندى؛ رايون دەرىجىلىك ئورۇن ۋە ۋىلايەت، ناھىيىلەردە دۆلەت ئىگىلىكىدە ياتاقلىق ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك شىپاخانىلىرى قۇرۇلدى، مىللىي تىببىي تېخنوكوملار تەسىس قىلىنىپ مىللىي، زامانىۋى تىببىي بىلىمگە ئىگە ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئىشى يولغا قويۇلدى. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ۋەتىنىمىزنىڭ پارلاق مەدەنىيەت مىراسى سۈپىتىدە <جۇڭگو تىببىي قامۇسى> غا مەخسۇس بىر توم قىلىپ كىرگۈزۈلدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلىشقا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ئىدى.

    سان ئۇقۇمى

    مەلۇمكى، سان كەڭ مەنىدە تۈپ سان ۋە مۇرەككەپ سان دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئىنسانلار ئەجدادىدا ئەڭ ئالدى بىلەن تۈپ سان ئۇقۇمى، ئىككىنچى قەدەمدە مۇرەككەپ سان ئۇقۇمى مەيدانغا كەلگەن. ئەمما بۇ جەرياننىڭ باشلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ھەممە يەر ۋە بارلىق قومىلاردا بىردەك بولمىغان.
    تارىخىي يادنامىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەجدادلىرىمىزدائەسىرلەردىن بۇرۇنلا مۇرەككەپ سان ئۇقۇمى شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلغان، خاسىيەتلىك سان ئۇقۇمى ئومۇملاشقان، تەقۋىم قوللىنىش ئادىتى شەكىللەنگەن. ئەجدادلىرىمىزدىكى خاسىيەتلىك سان ئۇقۇمىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلاردىكى ئىپتىدائىي تۈپ سان ئۇقۇمىنى ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي ئاڭ - ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە بولىدۇ. ئەجدادلىرىمىز تاق سان <توققۇز> خاسىيەتلىك سان سانىلىپ كەلگەن. بۇ چۈشەنچە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئالەم مەنبەسى بويىچە ئىپتىدائىي ئېتىقادىدىن كەلگەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ ئېتىقادى بويىچە كۆك (ئاسمان)، زېمىن، كۈن، ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە چوڭ يۇلتۇز يەنى پلانېت ئەڭ چوڭ ئىلاھلاردىن ھېسابلىناتتى. ئۇلاردىكى ئىپتىدائىي تۈپ سان ئۇقۇمى ئەنە شۇ ئېتىقاد ئاساسىدا شەكىللىنىپ <توققۇز> ئەڭ چوڭ سان ھېسابلانغان. ئىنسانلار ئەجدادى، جۈملىدىن بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزمۇ تەپەككۇر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ شەيئىلەرنى بارماقلىرى بىلەن ساناشنى بىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا تەدىرىجىي <ئون> لۇق سان ئۇقۇمى كېلىپ چىققان. بۇ ئۇقۇم ئۇزۇن بىر مۇددەت ئەڭ چوڭ سان دەپ قارىلىپ كەلگەن. كېيىن مەيدانغا كەلگەن مۇرەككەپ سان ئۇقۇمىنى تۈپ سان تەرتىپى بويىچە ئىپادىلەش ئادىتى شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن. مەسىلەن، <ئون> - بىرئون، <يىگىرمە> - ئىككى ئون، <ئوتتۇز> - ئۈچ ئون قاتارلىق. مۇشۇنداق ساناش ئادىتىئەسىرلەرگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەپەككۇر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، مۇرەككەپ سان بىرلىكلىرىنى <ئون>، <يىگىرمە>، <قىرىق>، <ئاتمىش>، <توقسان>، <يۈز>، <مىڭ>، <تۈمەن> (ئون مىڭ) دەپ ئاتايدىغان بولغان. كېيىنكى ۋەۋرلەردە شۇ تەرتىپ بويىچە چوڭ سانلار <ئون تۈمەن> (يۈزمىڭ)، <يۈز تۈمەن> (بىر مىليون)، <مىڭ تۈمەن> (بىر مىليارد) دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. ھازىرقى <مىليون>، <مىليارد> سۆزلىرى مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن كېيىن ئۆزلەشكەن.
    ھېكايە - چۆچەكلەردىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا ئەجدادلىرىمىزدا ئەڭ چوڭ سان <لەك>، <كۆتەك> دەپمۇ ئىپادىلىنىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. <لەك>، <كۆتەك> ھېكايىلەردە ئەسكەر سانىنىڭ كۆپلۈكىگە قارىتىلغان، بۇنىڭغا ئاساسەن <لەك> نى <بىرتوپ> قا قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن دېيىشكە بولىدۇ. <كۆتەك> ئۇقۇمىدىن قارىغاندا، ئاتنىڭ دەسسەپ ئۆتۈشى بىلەن بىر كۆتەكنىڭ ئۈزۈلۈشى ئەڭ چوڭ سان بىرلىكى قىلىنىپ <بىر كۆتەك> دەپ ئاتالغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. روشەنكى بۇنىڭدىن ھازىرقىدەك <ھەددى ھېسابسىز> دېگەن ئۇقۇم ئاڭلىنىدۇ. بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ سان چۈشەنچىسى دەرىجىسىنىڭ شۇ قەدەر مۇبالىغە قىلىش سەۋىيىسىگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    ۋاقىت - مىقدار (ئۆلچەم) ئۇقۇمى

     ئۇيغۇرلاردا ۋاقىتنى <دەقىقە>، <مىنۇت> (سېكۇنت)، <سائەت> كە، كۈننى ئون ئىككى سائەتكە، جۈملىدىن، ھەپتىگە، ھەپتىنى يەتتە كۈنگە بۆلۈپ مەخسۇس ئىسىم بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئادىتى ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئومۇملاشقان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىر كۈننى <ئەتىگەن>، <چۈش>، <كەچ> ەپ ئۈچكە بۆلۈپ، ئەتىگەننى يەنە <قاق بو> (تاڭ سۈزۈلۈپ كۈن چىققۇچىلىك بولغان ۋاقىت)، <ناشتا> (ئەتىگەن سائەت ئالتە - يەتتە)؛ <كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە>، <ئاش ۋاقتى> (ئەتىگەن سائەت ئون)، <قوزى چۈش> (ئەتىگەن سائەت ئون بىر) دەپ پەرقلەندۈرۈپ؛ كېچىلىك ۋاقىتنى <ياتقۇ> (كېچە سائەت توققۇز)؛ <تۈن> ياكى <يېرىم تۈن> ۋە ياكى <تۈن نىسپى>، (كېچە سائەت ئون ئىككى)؛ <باش توخۇ> (كېچە سائەت ئىككى - ئۈچ)؛ <ئىككىنچى توخۇ> (كېچە سائەت ئۈچ)، <ئاياغ توخۇ> (ئەتىگەن سائەت تۆت) كە بۆلۈپ پەرقلەندۈرۈپ ئادەتلەنگەن. بۇ ئادەت ھېلىھەم بار. <سېكۇنت>، <سوتكا> دېگەن سۆزلەر مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن كېيىنن ئۆزلەشكەن. <سوتكا> دېگەن ئۇقۇم ئۇنىڭدىن بۇرۇن <بىر كېچە - كۈندۈز> ياكى <ئون ئىككى ۋاق يىگىرمە تۆت سائەت> دەپ ئىپادىلىنىپ كەلگەن. ھازىر بىرەر ئىشقا تەمشەلگەندە، <ياھ! ئون ئىككى ۋاق يىگىرمە تۆت سائەت> دېيىش ئادىتى شۇنىڭدىن كەلگەن بولۇپ <ئىشىم ئوڭۇشلۇق بولسۇن> دېگەن مەقسەت ئىپادىلىنىدۇ.
    ئىسلامىيەتتىن كېىن كۈنلۈك ۋاقىتنى، بولۇپمۇ ۋەدە خاراكتېرىدىكى ۋاقىت بەلگىلەشتە بەش ۋاق ناماز نامىنى قوللىنىش ئادىتىمۇ ئومۇملاشقان، بۇ ئادەت، ئادەتتە تولاراق چوڭلار ئىچىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

    ئېغىرلىق ئۆلچىمى

    ئېغىرلىق ئۆلچىمى بويىچە ئەجدادلىرىمىز <فۇڭ>، <مىسقال>، <سەر>، <تاتىم (جىڭ)>، شىڭ، <كۈرە>، <ئىشيەك>، <چارەك>، <تاغار> نى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى قىلىپ كەلگەن. بۇ ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئىچىدە فۇڭ، مىسقال، سەر، جىڭ بىرلىككە كەلگەن ئورتاق بولۇپ، فۇڭ ئەڭ كىچىك بىرلىك، جىڭ ئەڭ چوڭ بىرلىك ئۆلچىمى ھېسابلىنىپ كەلگەن. ئالتۇن، كۈمۈش، تېۋىپ دورىلىرىنى ئۆلچەشتە فۇڭ، مىسقال، سەر، ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى ئۆلچەشتە مىسقال، سەر، جىڭ ئۆلچەم بىرلىكى قىلىنىپ كەلگەن. <سەر> جىڭدىن قانچىلىك ئارتۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۈپ سان، مۇرەككەپ سان ئاخىرىغا <سەر>، <جىڭ> سۆزىنى قوشۇپ ئىپادىلەپ كەلگەن. مەسىلەن، <ئالتە سەر>، <ئاتمىش سەر> (ئالتۇن)؛ <بەش جىڭ>، <بەشيۈز جىڭ> بۇغداي.
    <
    شىڭ>، <كۈرە>، <چارەك>، <تاغار> پەقەت ئاشلىقنىڭلا جىڭدىن يۇقىرى ئېغىرلىقىنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، <سەر>، <جىڭ> دەك بىرلىككە كەلمىگەن، مەسىلەن، بىر <شىڭ> تۆت جىڭ، بەش <شىڭ> (بەزى جايدا ئون شىڭ) بىر كۈرە؛ بىر <چارەك> ئون ئالتە جىڭ (بەزى جايلاردا ئون سەككىز جىڭ). بىر <ئىشيەك> تۆت جىڭ، تۆت <ئىشيەك> بىر چارەك؛ ئالتە چارەك بىر <تاغار>، بىر تاغار يۈز جىڭ ھېسابلىنىپ كەلگەن. خەلق ئىچىدىكى <چارەك - ئىشيەك>< (بىر تاغار) گەپ> دېگەن ئادەت تىل مۇشۇ <ئىشيەك>، <چارەك>، <تاغار> دېگەن سۆزدىن ئاڭلىنىدىغان <كۆپ> مەنىسى ئاساسىد شەكىللەنگەن.
    يۇقىرىدا ئېيتىلغان <فۇڭ>، <جىڭ> سۆزى خەنزۇچىدىن قوبۇل قىلىنغان. <جىڭ> بۇرۇن ئۇيغۇرچە <تاتىم> دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولۇپ، كېيىن ئۇنتۇلغان، ئەمما ئۇنىڭ پېئىل شەكلى ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، <تاتماق> (بىر جىڭ تارتىپ بېرەي). گرام، كىلوگرام، توننا، دادەن، دەن قاتارلىق سۆزلەر خەنزۇچە ۋە خەلقئارا تىلدىن قوبۇل قىلىنغان

    ئۇزۇنلۇق (ئارىلىق) ئۆلچىمى
    ئەجدادلىرىمىز ھازىرقى مىللىمېتىر، سانتىمېتىر، مېتىر، كىلومېتىر قاتارلىق ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكىنى ① <ئىلىك>، <چارەك>، <غىرىچ>، <غۇلاچ>؛ ② <ماڭدام>، <چام>، <ئۈن يېتىم>، <چاقىرىم>، <يول> بىلەن پەرقلەندۈرۈپ كەلگەن. بۇ ئۆلچەم بىرلىكلىرى بويىچە ① تۈركۈمدىكىنىڭ ئەڭ قىسقا بىرلىكى

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.