ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-04

    ئۇيغۇرلاردا ئىلىم – پەن.....نىڭ داۋامى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40464100.html

    ئۇزۇنلۇق (ئارىلىق) ئۆلچىمى
    ئەجدادلىرىمىز ھازىرقى مىللىمېتىر، سانتىمېتىر، مېتىر، كىلومېتىر قاتارلىق ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكىنى ① <ئىلىك>، <چارەك>، <غىرىچ>، <غۇلاچ>؛ ② <ماڭدام>، <چام>، <ئۈن يېتىم>، <چاقىرىم>، <يول> بىلەن پەرقلەندۈرۈپ كەلگەن. بۇ ئۆلچەم بىرلىكلىرى بويىچە ① تۈركۈمدىكىنىڭ ئەڭ قىسقا بىرلىكى <ئىلىك>، ئەڭ ئۇزۇن بىرلىكى <گەز>، <غۇلاچ>؛ ② تۈركۈمدىكىنىڭ ئەڭ قىسقا بىرلىكى <ماڭدام>، ئەڭ ئۇزۇن بىرلىكى <چاقىرىم>، <يول> بولۇپ ئەمەلىي قوللانغاندا زۆرۈرىيەت ۋە ئېھتىياجغا قاراپ ھەربىر بىرلىكنىڭ ئالدىغا تۈپ سان، مۇرەككەپ سان قوشۇپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، بەش ئىلىك؛ چارەك؛ يىگىرمە غېرىچ؛ يۈزگەز، ئون بەش غۇلاچ؛ ئون ماڭدام؛ بەش چامدام بىر ئۈن يېتىم يەر، يۈز چاقىرىم (يول) قاتارلىق.
    يۈز (كۆلەم) ئۆلچەم بىرلىكى جەھەتتە، ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنىۋى يۈز ئۆلچەم بىرلىكىدىن <تاناپ>، <چارەك> نى كۆرسىتىشكە بولىدۇڭ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەنزۇچىدىن <فۇڭ>، <مو> قوبۇل قىلىنىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر قوللىنىلىپ كەلمەكتە. شۇ قاتاردا، <گېكتار>، <كۋادىرات>، <كۇپ> قاتارلىق خەلقئارا ھەجىم ئۆلچەم بىرلىكىمۇ قوللىنىلىدۇ.
    <
    تاناپ>، <چارەك> كە كەلسەك، توقسان ياشتىن ئاشقان پېشقەدەملەرنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى بەلگىلىك ئۇزۇنلۇقتىكى بىر تانا بىلەن ئۆلچىنىدىكەن. شۇڭا تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى <تاناپ> دەپ ئاتالغانىكەن. ئۆلچەملىك تاناپ بىلەن تۆت چاسا قىلىپ ئۆلچەنگەن يەر كۆلىمى <بىر تاناپ> بولىدىكەن. بىر تاناپ تەخمىنەن بىر يېرىم موغا باراۋەر ئىكەن. <چارەك> بىر چارەك ئېغىرلىقتىكى يەنە ئون ئالتە جىڭ ئۇرۇق چۈشىدىغان كۆلەمدىكى يەرگە قارىتىلغان بولۇپ تەخمىنەن سەككىز - ئون موغا توغرا كېلىدىكەن.
    ئەجدادلىرىمىز يەنە <پاتمان> دېگەن بىر ئاتالغۇنىمۇ قوللىنىپ كەلگەن. ئەمما ئۇنىڭ قايسى مىقدار بىرلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ھېكايە - چۆچەكلەردىكى، خەلق ئىچىدىكى <ئۇنىڭ گۈرزىسىنىڭ ئېغىرلىق × پاتمان كېلەتتى>،پاتمان يەر> دېگەن تەسۋىر ۋە سۆزگە ئاساسلانغاندا <پاتمان> نىڭ ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئەمما <بىر پاتمان> جىڭ ياكى كىلوگرام ھېسابىدا قانچىلىك يەر تەقلىتىدە <بىر پاتمان> يىگىرمە نەچچە موغا باراۋەر دېسە، بەزىلەر قىرىق - ئەللىك موغا باراۋەر بولۇشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلەيدۇ. خەلق ئىچىدە ئادەمنىڭ كېلەڭسىزلىكى، ئىشتەيلىكى <بەش پاتمان يەردە ئولتۇرىدۇ>، <بىر ئولتۇرۇشىدا بىر پاتماننى يەۋېتىدۇ> دېگەن تەسۋىرىي ئادەت تىلىمۇ شۇ <پاتمان> ئۇقۇمى ئاساسىدا شەكىللەنگەن.

    خاسىيەتلىك سان

    دۇنيادا خېلى نۇرغۇن مىللەتلەردە مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن خاسىيەتلىك سان بار. ئەمما، ئۇنىڭ مۇقەددەسلەشتۈرۈلۈش سەۋەب - جەريانى ۋە تۇرمۇشتا ئىپادىلىنىش شەكلى ھەرخىل. ئۇيغۇرلاردا، جۈملىدىن، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق قېرىنداش مىللەت خەلقىدە تاق سان <توققۇز> خاسىيەتلىك سان ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەقىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئالەم مەنبەسى توغرىسىدىكى ئىپتىدائىي چۈشەنچىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ئەجدادلىرىمىز ئاسمان، يەر ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش شارائىتىغا ھەرخىل تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغان يەتتە چوڭ پىلانېتنى ئالەم مەنبەسى سۈپىتىدە ئۇلۇغلاپ چوقۇنۇپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا سان ئۇقۇمى بويىچە <توققۇز> ئەڭ مۇقەددەس سان بولۇپ تونۇلغان. بۇ چۈشەنچە - ئەقىدە كېيىنچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش - پائالىيەتلىرىدە، قەبىلە ئىتتىپاقى قۇرۇلمىسى، ھەتتا خانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەدەپ - قائىدىلەردىمۇ جارىي قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك ئەنئەنىگە ئايلانغان. ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى قەبىلىلەرنىڭ <ئىچكى توققۇز قەبىلە>، <تاشقى توققۇز قەبىلە> دەپ ئاتىلىشى، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە <توققۇز> لۇق تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇشى ① ئەنە شۇ ئەقىدىدىن كەلگەن.
    ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ ئەنئەنە ئادىتى توغرىسىدا <جۇنامە> 5 - جىلددا <خان يېڭى تەختكە چىققاندا، مەھرەملىرى بىلەن بىرگە كىگىزدە ئولتۇرىدۇ، خان كۈنگە قاراپ توققۇز قېتىم ئايلىنىدۇ. ھەربىر ئايلانغاندا قول ئاستىدىكىلەر ئاسمانغا توققۇز قېتىم باش قويىدۇ. . . > دەپ ھېكايە قىلىنغان Ⅵ - Ⅶ ئەسىرلەرگە تەئەللۇق تاش پۈتۈكلەر، <ئوغۇزنامە>، <گۆر ئوغلى>، <سىنتاش> قاتارلىق تارىخىي يادنامىلەردە خاسىيەتلىك <توققۇز> سان چۈشەنچىسى بىلەن مۈجەسسەملەشتۈرۈلگەن جۈملە - پارچىلارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئوتتۇرا ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن بولغان <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا <تۇغ> سۆزلىمىگە مىسال كەلتۈرۈلۈپ: <خاننىڭ قول ئاستىدىكى ۋىلايەتلەر قانچە كۆپىيىپ، مەرتىۋىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلسىمۇ، تۇغلىرى توققۇزدىن ئاشمايدۇ، چۈنكى، توققۇز خاسىيەتلىك سان> دەپ ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىنغان (شۇ ئەسەر، 3 - توم 175 -، 176 - بەتلەر). مۇندىن باشقا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېغىز ئەدەبىيات ئىجادىيەتلىرى ۋە بەزى قەدىمكى يەر - جاي ناملىرى ھەم رېئال تۇرمۇشىمىزدا بۇ چۈشەنچە - ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك ئىبارىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. ئالايلۇق، ماقال - تەمسىل، تېپىشماقلاردىكى <تويغان يەرگە توققۇز تەزىم>، <توققۇز قىزنىڭ تولغىقى تەڭ تۇتۇپتۇ>، <مەن قىلارمەن ئوتتۇز، خۇدايىم قىلار توققۇز>، <تۆت تەڭگىگە قىممەت، توققۇز تەڭگىگە ئەرزان>، <پاكار - پاكار بويى بار، توققۇز قەۋەت تونى بار> (پىياز). ھېكايە - چۆچەكلەردە پادىشاھ ئوردىلىرىنىڭ ھەشەمەتلىكى، بايلىقىنىڭ كۆپلۈكى، كىيىنىشىنىڭ كاتتىلىقىنىڭ <توققۇز قات شاھانە كىيىم كېيىدىغانلىقى> بىلەن تەسۋىرلىنىشى ۋە <توققۇز سۇ>، <توققۇزاق>، <توققۇز خان شەھىرى> (خوتەندە <مەلىكە شاھ> دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، <توققۇز بۇلاق> قاتارلىق يەر - جاي ناملىرى ئەنە شۇ خاسىيەتلىك <توققۇز> سان چۈشەنچىسىدىن كەلگەن.
    رېئال تۇرمۇشىمىزدا كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ خۇشاللىق ئىشلار جۈملىسىدىن بولغان تويدا ئىككى ياشقا بىلدۈرۈلىدىغان ئارزۇ - تىلەكلەردە، تۇغۇت ۋە تۇرمۇش پاراۋانلىقى، تويلۇق ئۆلچىمى قاتارلىقلارمۇ خاسىيەتلىك <توققۇز> سان چۈشەنچىسى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، <توققۇزۇڭلار تەل بولسۇن! توققۇز ئوغۇل بىر قىزلىق بولۇڭلار>، <بالا توققۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز سائەت، توققۇز دەقىقىدە توغۇلىدۇ.> <توققۇزىمىز تەل> دېيىلىشى قاتارلىقلار. بۇ چۈشەنچە ھەتتا ئادەتتىكى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنىڭ نامىغىمۇ سىڭدۈرۈلگەن. مەسىلەن، <توققۇز قاتار>.
    مۇقەددەس <توققز> سانىدىن باشقا تەمسىل، ھېكايە - چۆچەكلەردە <يەتتە> ۋە <قىرىق> مۇ مۇقەددەس سان سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە <يەتتە> نىڭ مۇقەددەس سان دەپ قارىلىشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ مانى ۋە بۇددا دىنى ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى <يەتتە> پارىسلار بىلەن ھىندىلاردا بۇرۇندىنلا مۇقەددەس سان ھېسابلىنىپ كەلگەن. رېئال تۇرمۇشىمىزدا <توققۇز> غا سېلىشتۇرغاندا <يەتتە> نىڭ مۇقەددەس سان قاتارىدا كۆپ تىلغا ئېلىنماسلىقىمۇ شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
    <
    قىرىق> سانىغا كەلسەك، بۇ ئەجدادلىرىمىزدا كېيىنچە ئىككى قول بارمىقىنى ساناشتىن كېلىپ چىققان ئەڭ چوڭ سان <ئون> ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ئۆز دەۋرىدە بەش بارماق قوشۇلسا <ئون> ھاسىل بولىدىغانلىقىغا قاراپ ئۇنى (كۈن) چىقىش، (كۈن) پېتىش، تاغ، جەنۇبتىن ئىبارەت تۆت تەرەپكە تەدبىقلاشنى چۈشىنىپ يەتكەن بولۇشى، نەتىجىدە، <ئون> بارماقنىڭ تۆت تەرەپكە تەدبىقلىنىشىدىن كېلىپ چىققان <قىرىق> ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئەڭ كۆپ (چوڭ) سانغا ئايلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن <قىرىق> مۇ مۇقەددەس سان تۈسىنى ئالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن <قىرىق> ھېكايە - چۆچۈكلەردە كۆپ تىلغا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن، <قىرىق كېچە - كۈندۈز توي بولدى>، <بىر ئۈزۈم قىرىق ئادەمگە يېتىپتۇ>، <قىرىق خېچىر ئالتۇن بىلەن يولغا چىقىپتۇ>، <قىرىق غۇلاچ قۇدۇق> ۋەھاكازا. <قىرىق> سانى بىلەن كەلگەن تەسۋىرىي ئىبارىلەر تارىخىي داستانىمىزدا <ئوغۇزنامە> دىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. قېرىنداش قىرغىز خەلقىدىكى <قىرىق قىز> ئەپسانىسىمۇ مۇشۇ مۇقەددەس سان <قىرىق> بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دېمەك <قىرىق> نى مۇقەددەس سان ھېسابلاش ئادىتى تۈركىي قوۋملاردا شەكىللەنگەن

    ھېسابلاش ئادىتى

    ئەجدادلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا سودا - سېتىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغاچقا شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆزىگە خاس ھېسابات قىلىش ئۇسۇلىنىمۇ تاپقان. بۇ قۇمۇلاق ھېسابىدىن ئىبارەت. بۇ ھېسابات قوي ياكى توشقان قۇمۇلىقىنى سان ئورنىدا قوللىنىش ئارقىلىق چىقىرىلىدىغان بولغاچقا <قۇمۇلاق ھېسابى> دەپ ئاتالغان بولسا كېرەك. كېيىنچە ئۇششاق شېغىل تاش، قوناق، ياماق (داچەن) دىن پايدىلىنىدىغان بولغان. بۇنىڭدىن قۇمۇلاق ھېسابىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى ھېسابلاش ئادىتى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. قۇمۇلاق ھېسابىنىڭ ھېسابلاش قائىدىسى مۇنداق:
    ھېساب چىقىرىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا يىگىرمە
    -
    ئوتتۇز تال قۇمۇلاق (تاش، قوناق ياكى داچەن) ھازىرلىنىدۇ. ئاندىن قۇمۇلاقلار قوشۇلىدىغان، ئېلىنىدىغان ساننىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلىك تەرتىپتە يەرگە تىزىلىدۇ. تىزىش تۈپ سان ۋە مۇرەككەپ سان بىرلىك تەرتىپى بويىچە بولىدۇ. قۇمۇلاقلار شۇ تىزىش تەرتىپى ئاساسىدا خۇددى چوت - سەنپەن ئۇرۇقلىرىنى يۆتكەپ، قوشقاندەك قۇمۇلاق ئۇرۇقلىرىنىڭمۇ ئورنى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. كونكرېت ھېسابلاش قائىدىسى چوت - سەنپەن ھېسابلاش قائىدىسىگە ئوخشاش. بۇ ئوخشاشلىققا ئاساسەن، قۇمۇلاق ھېسابىنى <يەر چوتى" ياكى ئىپتىدائىي ھېسابلاش شەكلىدىن بولسىمۇ، ھېسابلاش قائىدىسىنىڭ چوت - سەنپەن ھېسابلاش قائىدىسى بىلەن ئوخشاشلىقى ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن بەلگىلىك ئىلغار ھېسابلاش تېخنىكىسى سەۋىيىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇمۇلاق ھېسابى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى چوت - سەنپەن ھېسابى بىلەن بىر قاتاردا تا 50 - يىللارغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. بەزى يېزا - قىشلاقلاردا شېغىل تاش ياكى قوناق بىلەن شۇ ئۇسۇلدا ھېساب چىقىرىدىغانلار ھېلىھەم مەۋجۇت.
    يەڭ سودا ھېسابى. بۇ بىرخىل سودا باھا كېلىشىمى دائىرىسدىلا قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ئاساسەن سودىگەر، بىدىكلەر ئارىسىدىلا ئومۇملاشقان. سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئېغىزدا باھالاشماي باھانى قوللىرىنى يەڭلىرىگە تىقىشىپ بارماقلىرىنى تۇتۇش ئارقىلىق ئۇقتۇرۇشىدۇ. شۇڭا ئۇ <يەڭ سودىسى> دەپ ئاتالغان. يەڭ سودىسى كۆپىنچە نەق مەيدان سودىسىدا رىقابەت، قىزغىنىش يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا قوللىنىلىدۇ. ئۇسۇلى:
    ئەگەر بەش بارماق قوشۇپ تۇتولسا، بەش، ئەللىك، بەش يۈز. . . ئۇقۇمىنى؛ باش بارماق ياكى بىگىز قول، ئوتتۇرا قولىنىڭ بىرى تۇتۇلسا، بىر، ئون، بىر يۈز، بىرمىڭ، ئون مىڭ . . . ئۇقۇمىنى؛ ئىككى بارماق قوشۇپ تۇتۇلسا، ئىككى، يىگىرمە، ئىككى يۈز، ئىككى مىڭ، . . . ئۇقۇمىنى؛ ئۈچى قوشۇپ تۇتۇلسا، ئۈچ، ئوتتۇز، ئۈچيۈز، ئۈچ مىڭ . . . ئۇقۇمىنى؛ تۆتى قوشۇپ تۇتۇلسا، تۆت، قىرىق، تۆت يۈز، تۆت مىڭ . . . ئۇقۇمىنى؛ باش بارماق بىلەن چىمچىلاق قوشۇپ تۇتۇلسا، ئالتە، ئاتمىش، ئالتە يۈز، ئالتە مىڭ . . . ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدۇ.
    ئەگەر باش بارماق بىلەن بىگىز قول كېرىلسە، سەككىز، سەكسەن، سەككىزيۈز، سەككىز مىڭ . . . ئۇقۇمىنى؛ بىگىز قول ئىگىلىپ تۇتۇلسا، توققۇز، توقسان، توققۇز يۈز، توققۇز مىڭ . . . ئۇقۇمىنى؛ باش بارماق بىلەن چىمچىلاق، يان قول قوشۇپ تۇتۇلسا، يەتتە، يەتمىش، يەتتە يۈز، يەتتە مىڭ ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر بارماقلار تۈگۈپ مۇشت قىلىپ تۇتۇلسا، شۇ سودىلىشىۋاتقان نەرسىنىڭ ئادەتتە بولۇۋاتقان باھاسىغا يېقىن مەلۇم بىر چوڭ سان ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر شۇنداق سان ھېسابىدىكى باھاغا يەنە ئازراق باھا قوشۇشقا توغرا كەلسە، ئۈنلۈك قىلىپ تۇرۇپ مۇشتىنى تۇتۇپ <ماۋۇ ئانىسى> دەپ بارماقلىرىنى بوشاشتۇرۇپ يۇقىرىقىدەك بارماق تۇتۇش ھالىتىدىن بىرنى تەكرارلاپ، <ماۋۇ بالىسى> دەپ قوشماقچى بولغان باھانى ئۇقتۇرىدۇ. ئادەتتە بەزىلەرنىڭ پىچىرلاشقىنىغا قاراپ يېنىدىكىلەر <نىمە يەڭ سودىسى قىلىشىۋاتىسىلەر>، <ئىككىسىنىڭ يەڭ سودىسى بار> دەپ چاقچقاق قىلىش ئادىتى شۇ ئۇسۇلغا تەقلىد قىلىش ئاساسىدا كېلىپ چىققان.
    مۇندىن باشقا بارماق ھېسابىمۇ بولۇپ، پەقەت تۈپ سانلارنىلا قوشۇشتا قوللىنىلىدۇ. بارماق ساناش گەرچە ئەڭ ئىپتىدائىي ئۇسۇل بولسىمۇ، ھازىرغىچە يەنىلا ئۆز رولىنى يوقاتقىنى يوق. بالىلارغا ساناق ئۆگىتىش ۋە ئاددىي قوشۇش - ئېلىش ئەمىلىنى ئۆگىتىشتە مۇشۇ ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا بارماق كۆرسىتىپ سان (باھا سانى) ئىپادىلەيدىغان ئۇسۇلمۇ بار. مەسىلەن، ئۈچ بارماق كۆرسىتىلسە، ئۈچ، ئوتتۇز، ئۈچيۈز، ئۈچ مىڭ . . . ؛ بەش بارماق كۆرسىتىلسە، بەش، ئەللىك ، بەش يۈز، بەش مىڭ . . . نى ئۇقتۇرىدۇ. ئەگەر بەش بارماق تەڭ ئارقىغا، ئالدىغا قىلىپ ياكى ئىككى قولىنىڭ ئالقىنى ئالدىغا قىلىپ كۆرسىتىلسە، ئون، ئون مىڭ . . . نى ئۇقتۇرىدۇ، بەزىدە بۇ ئۇسۇل <گاچا ھېسابى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى سودىگەر گاچىلارغا مال باھاسىنى بارماق كۆرسىتىش ئۇسۇلى بىلەن ئۇقتۇرىدۇ. گاچىلار مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن باھالىشىدۇ.
    ئادەم بېشى توغرىسىدىكى ئوخشىتىشلار: ئەجدادلىرىمىز ئۆز تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن ئادەم يېشىغا قاراپ، ئادەمدە كۆرۈلىدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئوخشىتىشلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلگەن:
    ياش
    1
    ئەتىۋارلىق 40 ئارسىلان
    5
    خۇمارلىق 50 توختا
    10
    ئەكە 60 ئاختا
    20
    بۆرە 70 پاختا
    30
    قاپلان 80 تاختا
    2 -
    ۋارىيانتى
    20
    تەلۋە 60 كۆپىدە ياتمىش
    30
    سەركە 70 دۇنايدىن كەتمىش
    40
    بۇقا 80 يەر بىلەن يەكسەن
    50
    يىگىنىڭ يەللىك 90 كەم سان  

    مەنبە : <ئاتام يازغان بىر يۈرۈش كىتابلار> نىڭ <ئۇيغۇرلاردا ئىلىم - پەن> قىسمى .


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.