ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-03

    بىزنىڭ بۈگۈنىمىز سىزنىڭ ئەتىڭىز بولۇپ قالمىسۇن - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40434870.html

    دوستۇم، سىز ھاراق ئىچىپ تۇرۇۋاتامسىز، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ھاراق ئىچىىپ جىنايات ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرامسىز؟
     ئۇنداق بولسا بىزگە ئوخشاش ھاراق ئىچىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭ.
        بىز ھاراق ئىچىپ جىنايەت ئۆتكۈزدۇق، ئەمدى پۇشايماننى ئالغىلى قاچا يوق. ئەسلىدە بىز ياشلاردىن ئىبرەت ئالساق بولاتتى.
    لېكىن بىز ئۆزىمىزنى ئاشۇنداق بەخىتلىك ياشاشقا تۆرەلگەندەك، ھېس قىپتۇق. «كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ» دېگەن گەپ بار.
    سىلەرمۇ بىلىسىلەر، مەدەنىيەتلىك كىشىلەرمۇ مەستلىكتە ئۆز قىياپىتىنى يوقىتىپ قويىدىكەن. ھاراقنى مۇۋاپىق ئىچمىسە ئاسانلا جىنايەت
    ئۆتكۈزۈپ قويىدىكەن. گەپ ئۇنىڭ بالدۇر ياكى كېيىن كىلىشىدە. بىزنىڭ بۈگۈنىمىز سىلەرنىڭ ئەتەڭلەر بولۇپ قالمىسۇن.
    1.  ماتورلۇق قاتناشنى ھاراق ئىچىپمۇ ھەيدەپ قويامسىز؟
    2.  سىزدە يولدا مەست يېتىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالامدۇ؟
    3.  ھاراق ئىچكەندە باشقىلار بىلەن  ئورۇنسىز ئۇرۇشۇپ قالامسىز؟
    4.  ھاراق ئىچكەندىن كېين خانىم - قىزلارغا غەيرىي ھېسسىياتتا بولامسىز؟
    5.  سىز بىلەن بىللە ھاراق ئىچكەن دوستلىرىڭىز ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالامدۇ؟
    6.  ھاراق ئىچكەندىن كېيىن خوتۇنىڭىزنى خورلاپ، ئۇرامسىز؟
    7.  ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئۆزىڭىز ھەۋەس قىلىدىغان ھاراقكەشلەرنى دوراپ باققىڭىز كېلەمدۇ؟
    8.  ھاراق ئىچكەندىن كېيىن بەزىدە نىمە ئىشلارنى قىلغىنىڭىزنى بىلمەيمۇ قالامسىز؟
    9.  ئىقتىسادىڭىز بىلەن ھىساپلاشماي، رېستۇرانلاردا دوستلىرىڭىزنى مېھمان قىلىپ، ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىپ قويۇشنى ئويلامسىز؟
       دوستۇم، قىسقىسى، ھاراق ئىچمەڭ ياكى ئاز ئىچىڭ. ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلمەي قالماڭ، كېيىنكى پۇشايمان ئۆزەڭگە دۈشمەن
    بولىدىكەن. سىزگە شۇنىمۇ دەپ قويايكى، ھاراقنى كۆپ ئىچكەن دوستىڭىز سىزگە ياخشى دوست بولالمايدۇ. بۇ ھەممىمىزگە ئورتاق بولۇپ
    قىلچە گۇمانلانماڭ. بۇ ھاراق ئىچىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئۆزگەرتىلىۋاتقانلارنىڭ سەمىنىي نەسىھىتىگە قولاق سالغايسىز.


    مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.