ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-03

    ئۇنتۇپ قالمايلى - مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز......نىڭ داۋامى - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40433582.html

    باھارگۈل ئوسمان بىلەن سۆھبەت.

    (29-
    ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات، ئېنگىلىس تىلى ئوقۇتقۇچىسى. كۆپ قېتىم ئىلمى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان، مۇكاپاتلانغان. كونا، يېڭى دەرسلىكلەردىن بولۇپ 10پارچە دەرسلىك ماتىرىيالى تۈزگەن.)

       1- سۇئال. نۆۋەتتىكى دەرس ئىسلاھاتى يۈزلىنىشىگە قانداق قارايسىز؟

       جاۋاپ: دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلىشى ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق مائارىپ ئىسلاھاتى.مەن ئۆزەم ئۆتىۋاتقان دەرسكە ئاساسەن بۇ ئىسلاھاتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەرەپدارى. يېڭى تۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى مەيلى مەزمۇن رەڭدارلىقى ياكى ئۇسلۇپ جەھەتتىن بولسۇن، ئۆزىنىڭ ئەمەلىيلىكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى، پىكىر يۈزلىنىشىنى موللاشتۇرۇش جەھەتتە بولسۇن ئىلگىرىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسدىن خېلى كۆپ ئارتۇقچىلىققا ئىگە. لېكىن يېڭى تۈزۈلگەن بۇ دەرسلىكلەر تولىمۇ مۇكەممەل دىگەنلىك ئەمەس. تېخى سىناق باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاچقا تېخى يېتەرسىز تەرەپلىرى يوق ئەمەس. يەنى ئاز بىر قىسىم دەرسلىكلەرنىڭ سالمىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن تەرەپلىرى يوق ئەمەس. بىر قىسىم مەزمۇنلار بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى قىسمىدا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان تەرەپلەر بار. لېكىن بۇ يېتەرسىزلىكلەرنىڭ رەسمى يولغا قويۇلغىچە مۇتەخەسىسلىرىمىزنىڭ تۈزۈتىشىدىن ئۆتۈپ، مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

       2- سۇئال. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا تەجرىبە سىنىپ ئېچىش مۇۋاپىقمۇ؟

       جاۋاپ: جۈڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «مائارىپ قانۇنى» دا مۇنداق بەلگىلەنگەن.42  - ماددا: «ئوقۇش مەزگىلىدىكى ھەرقانداق ئوقۇغۇچى تەلىم تەربىيە پىلانىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، ھەر خىل ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن، كۈتۈپخانا ماتىرىياللىرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بار». يۇقارقىلاردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ئورتاق ھوقۇقى نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. بىراق ھازىر بىزدىكى «تەجرىبە سىنىپ» لىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشىلىرىنى تاللىۋېلىپ« بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم يېتەكلەش» دىگەن نام بىلەن، «ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلار سىنىپى» بەرپا قىلىپ، ئۇلارغا زىيادە ئېتىۋار بېرىش (ئالاھىدە مۇھىت، ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى، ئالاھىدە دەرسلىك، ئالاھىدە تاپشۇرۇق قاتارلىقلارنى سەپلەش) ئارقىلىق بىر قىسىم ئالاھىدە تەبىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنداقلا كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئاتا- ئانىلارنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ «تەجرىبە سىنىپى» نى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ۋاستىگە ئايلاندۇرىۋالغان مەكتەپلەرمۇ بار. مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ تەجرىبە سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مۇنداق دىگەن: «مەن ئاتا ئانامنىڭ ئارزۇسى بويىچە بۇ سىنىپقا كىرىپ ئوقۇۋاتىمەن. ئۆزەمنىڭ ھەرگىزمۇ بۇ سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇم يوق». مانا بۇ سۆزدىن بىز تەجرىبە سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانچىلىك بېسىم ھىس قىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. مېنىڭچە كۆپۈنچە مەكتەپلەرنىڭ تەجرىبە سىنىپ ئېچىش سالاھىيىتى يوق. چۈنكى تەجرىبە سىنىپنى نىمە ئۈچۈن ئېچىش؟ قانداق ئېچىش؟ نىمىنى تەجرىبە قىلىش؟ قانداق نىشانغا يېتىش؟ دىگەندەك مەسىلىلەردە تېخى ھىچقانداق پىلان يوق. شۇڭلاشقا گەرچە «تەجرىبە سىنىپى» ئېچىلىۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ھېچقايسى مەكتەپ «تەجرىبە سىنىپى» نىڭ تەجرىبە خۇلاسىسىنى چىقىرىپ ئىلمى بولغان بىر نەتىجىنى مەيدانغا كەلتۈرگىنى يوق.كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ھېچقانداق تەجرىبە نەتىجىسىنى چىقىرالمايدىغان بۇ سىنىپلارغا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئىككى قوللاپ تاپشۇرۇشقا شۇنچە ھېرىسمەنلىكى.
       مېنىڭچە ھازىرقى تەجرىبە سىنىپلار دەرسنى قاپلاپ ئۆتۈپ، تاپشۇرۇقنى كۆپلەپ بېرىدىغاندىن باشقا، يەنە سىنىپتىكى ئادەم سانىنىڭ كۆپلىكى ۋە دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى تاللىۋالغانلىقتىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمەس. بۇنداق سىنىپتىن ئاز- تولا نەتىجە كۆرۈلگىنى ھەيران قالغۇدەك ئىشمۇ ئەمەس. شۇڭلاشقا بۇنداق سىنىپنى ئېچىپ بالىلارنى تەجرىبە قىلىشنىڭ ھىچقانداق زۆرىرىيىتى يوق. بۇنىڭ سەۋەبى: بىرىنچىدىن، بۇ خىل سىنىپلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانتارلىق روھتا تەربىيىلىنىشىدە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنى ئوقۇغۇچىلاردا تەبىقە كۆز قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز. ئىككىنچىدىن، ھەر بىر سىنىپنىڭ سەركىلىرى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئادەتتىكى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش قىزغىنلىقىغا تەسىر يېتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، بۇ بىر ئىلمى بولمىغان تەجرىبە، ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتى نۇرغۇن ئادەمنى كاردىن چىقىرىپ تولدۇرغىسىز زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

      3- سۇئال. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۈگىنىش سېلىقى سىزنىڭچە مۇۋاپىقمۇ؟

       جاۋاپ: ھازىر مائارىپ تارماقلىرى ھە دەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېلىقىنى يەڭگىللىتىشكە چاقىرىق قىلىۋاتىدۇ. ئەكسىچە ئوقۇغۇچىلار كۈندىن كۈنگە بېسىم ھىس قىلىپ ئوقۇشتىن، مەكتەپتىن بىزار بولىۋاتىدۇ. بۇنى پەيدا قىلغان ئاساسلىق ئامىللار تۆۋەندىكىچە:
       1- مەكتەپلەرنىڭ نەتىجە چىقىرىش ئۈچۈن بىر تەرەپلىمە ئىش كۆرىشى.
       2- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىمتاھان نەتىجىسى ئارقىلىق باھالىنىپ سېلىشتۇرىلىدىغانلىقى.
       3- قوش تىللىق تەجرىبە سىنىپىنىڭ ئېچىلىشى.
       4- دەرسكە ماسلاشتۇرۇلغان تەكرار ماتىرىياللىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپلەپ تېڭىش...قاتارلىق ئامىللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە توسالغۇ بولدى.

       4- سۇئال. سىزنىڭچە بىز مىللى مائارىپىمىزدا ساپا مائارىپىنى ھەقىقى يولغا قويالىدۇقمۇ؟

       جاۋاپ: بىز تەشەببۇس قىلىدىغان ساپا مائارىپى ئادەمدىكى تۇغما تالانت ئاساسىدا، جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقنى ئاشۇرىدىغان، ئەقلى قابىلىيەتنى ئاچىدىغان، خارەكتىرنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان مائارىپتۇر. ساپا مائارىپى جەريانى ئادەملەرنىڭ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەم يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىش جەريانى، ھەم بالىلارنىڭ تەدرىجى ئىجتىمائىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئىجاتچانلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كەلگۈسىدىكى ئىجتىمائى فورماتسىيىدە ئىنتاھىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئوتتۇرا باشلانغۇچ دەۋرى ساپا مائارىپىدىكى ئاساس سېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزگىلى. مەكتەپلىرىمىزگە قاراپ باقىدىغان بولساق، ھەقىقى ماھارەت، قابىلىيەت يېتىلدۈرۈش جەھەتتە يەنىلا مەسىلە ئېغىر. نۆۋەتتىكى دەرس ئىسلاھاتى بۇ جەھەتتە بىر قىسىم ئەمىلى خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. بىراق يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرس سېتكىسىغا قاراپ مۇنداق ئەھۋالنى كۆرەلەيسىز. تولۇقسىز ئۈچ يىللىقنىڭ ھەممىسىدە ئەمگەك تېخنىكىسى، ساغلاملىق، مۇزىكا، رەسىم قاتارلىق دەرسلەرنىڭ ئورنى بەلگىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ بىر قىسىملىرى ئۆتۈلمەيدۇ. چۈنكى بۇلار بىر تۇتاش ئىمتاھانغا قاتناشمايدىغان ئادەتتىكى پەنلەر.
       يەنە بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى يوق بولغاچقا، مىللى مۇزىكىدىن قىلچە خەۋىرى يوق بىر ئوقۇتقۇچىنى دەرسلىك سائىتىنى توشقۇزۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان.دەرس ئۆتۈشكە ئامالسىز قالغان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا «مۆشۈك بىلەن چاشقان» فىلىمىنى قويۇپ بېرىپ ۋاقىتنى توشقۇزغان. مەكتەپ رەھبەرلىكى ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىنمۇ ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان. دىمەك، بىزنىڭ ساپا مائارىپىنى ھەقىقى ئېلىپ بېرىشىمىز ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلى ئىشلارنى قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

       5- سۇئال. سىزنىڭچە مىللى مائارىپىمىزنى «ئىلمى تەرەققىيات يولىدا كېتىۋاتىدۇ» دەپ، ئېيتىشقا بولامدۇ؟ ياكى ئىلمى بولمىغان تەرەپلەرمۇ بارمۇ؟

       جاۋاپ: مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا «ئىلمى تەرەققىيات يولىدا كېتىۋاتىدۇ» دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. يەنى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلىشى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسىملىرى خېلى كۆپ ئۆزگىرىش ياساپ، كۆز قاراشلىرىنى يېڭىلىدى. يېڭى دەرسنى قانداق ئۆتۈش جەھەتتە ئىزدىنىدىغان كەيپىيات ھازىرلاندى. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىدا خېلى كۆرىنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى.
       بىراق، مائارىپىمىزنىڭ ئىلمى بولمىغان، قارىغۇلارچە ئىش كۆرىۋاتقان تەرەپلىرىمۇ يوق ئەمەس. مەسىلەن: مەن 2004- يىلى 11- ئايدا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى 13ئوتتۇرا مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلغان «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتىم.تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەلۇم نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 1- يىللىق تەجرىبە سىنىپىدا جۇغراپىيە، سىياسەت قاتارلىق دەرسلەر خەنزۇ تىل يېزىقىدا ئۆتۈلۈپ ئىمتاھاندا سىنىپتىكى 50 ئوقۇغۇچىنىڭ  40 ئى لاياقەتسىز بولغان. ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكنى ئاساسەن ئۆزلەشتۈرەلمىگەن.
       2- يەنە بىر نامى بار ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 1- يىللىقىدا بىئولوگىيە قاتارلىق بىر قىسىم تەبىئى پەن دەرسلىرى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى يۈرۈش كىتاپ تارقىتىلىپ، دەرسلىك خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلگەن.نەتىجىدە ئىمتاھاندا ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن ئاق قەغەز تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتكەن. بۇ مەكتەپلەر ئاساسسىزلا بۇ خىل سىناقنى ئېلىپ بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر مەۋسۈملۈك ئۈگۈنىشىنى پەن ئۈگۈنىش ئەمەس خەت ئۈگۈنۈشكە ئايلاندۇرۇپ قويغان.
       3- يەنە بىر جەھەتتىن ھەر خىل ناملار بىلەن ئېچىلغان مەكتەپ ۋە سىنىپلار ئۆزىنىڭ «ئالاھىدىلىك»ىنى تېزدىن نامايەن قىلىش مەقسىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل كۈنلىرىدىمۇ دەرس ئۆتۈپ، ھەتتا ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىنىمۇ ئىگىلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ نورمال ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، ئۇلارغا قاچىلاش خارەكتىرىدە بىلىم بېرىۋاتىدۇ.
       4- تەكشۈرۈش جەريانىدا بىز يەنە بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مەلۇم پەنلەرنىڭ ئۆتۈلۈش سائەت ۋاختىنى خالىغانچە قىسقارتىپ ياكى خالىغانچە ئۇزارتىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋالنىمۇ بايقىدۇق.
    5-
    يەنە بىر قىسىم كىچىك مەكتەپلەردە دەرس نورمىسىنى تولدۇرۇش ياكى شىتات كاملىقىنى باھانە قىلىپ بىر خىل پەن ئوقۇتقۇچىسىغا بىرنەچچە خىل پەننى يۈكلەش ئەھۋالىمۇ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئەگەر مەكتەپلەردىكى بۇ خىل ئەمەلى مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىسا دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا زور قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

       6- سۇئال. مىللى مائارىپىمىزنىڭ مائارىپ تەتقىقاتى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبى نىمە؟

       جاۋاپ: بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

    1-
    مائارىپ تەتقىقات خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللاپ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى يېتەرلىك ئەمەس.
    2-
    مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس تارماقلارنىڭ فونكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇشى يېتەرلىك ئەمەس. مائارىپ تەتقىقات مەركەزلىرىمۇ تەتقىقات خارەكتىرىدىكى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىشقا ئېتىبار بەرمەيدۇ.

    3-
    ئۇزۇن يىللىق مائارىپ تەجرىبىسىگە ئىگە مائارىپچىلارنىڭ چە مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىلمى قاراشلىرىنىڭ نەزەرگە ئېلىنىشى، ئومۇملاشتۇرۇلۇشى يېتەرلىك ئەمەس.
    4-
    مائارىپ خىزمىتى بىلەن ئالدىنقى سەپتە ئىشلەۋاتقان كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش روھى كەمچىل.
    مەن يۇقۇرىدا ساناقلىق بىرقانچە كىشىنىلا زىيارەت قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى بىلەن مائارىپىمىزدىكى قىسمەن بولسىمۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەر ئالدىغا قويالىدىم، دەپ قارايمەن.
       مائارىپ خۇددى كۆچەت تىكىشكە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى دەرھاللا ، ھەتتا بىرقانچە يىلدىمۇ كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. بىراق، ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، تەسىرى زور. شۇ سەۋەپتىن، ئۇنىڭ ئىجابى تەسىرى كۆرۈلگەندە بىر دۆلەتنى، بىر مىللەتنى كۈچلەندۈرىۋەتكىدەك قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەكسىچە مەغلۇپ بولغان مائارىپ بىر مىللەتنى ۋەيران قىلىدۇ.شۇڭا ئۇنى پات پات ئوپىراتسىيە قىلىپ، مەسىلىنى بايقاپ تۇرۇش، مەسىلە كۆرۈلگەن ئىكەن ئۇنى ئېتىراپ قىلىش، ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش زۆرۈر. مەسىلەن: تەجرىبە سىنىپ ھادىسىسىگە نىسبەتەن زىيارەت ئوبىكىتلىرى ئاساسەن بىردەك قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.دىمەك، بۇ بىزنىڭ قايتا ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلە.بۇنىڭغا ئوخشاش بىزنىڭ ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ، ئەستايىدىل تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس. بۇلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش- مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جۇڭگو مائارىپىنىڭ تەكشى يۆلىنىشتىكى ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ئىنتاھىن پايدىلىق.بۇ ئارقىلىق پۇتكۈل جەمئىيەت ئاممىسىنىڭ ئومۇمى ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، «مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز» دەپ جار سېلىشقا ھەقلىقمىز.
    (
    ئەسكەرتىش: كورىيە مائارىپىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار قىسمى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى جاڭ خۇڭجې ئەپەندىنىڭ «جۇڭگولۇقلارنىڭ كورىيىلىكلەردىن نەرى كام» ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى)
    (
    ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰﻛﻪﭼﻠﻚ ﮔﯧﺰﺘﻰﺋﺪﺍﺭﺪﻩ)

    مەنبە: كۈلىۋال مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.