-
2009-06-03
«ئات » بىلەن «ئات مىنگەن كىشى » - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40432810.html
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ
ئىنسان جىسمانى جەھەتتە بىر ھايۋن بولۇپ، ئۇنى «ئات» قا ؛ مەنىۋى جەھەتتە بىر كارامەت مومكىنلىكىدىكى بىر زات بولۇپ ، ئۇنى «ئات مىنگەن كىشى» گە تەمسىل قىلىش مومكىن .
ئىنسان ماددى ھايات ۋە مەنىۋى ھايات نا تەكشىلىكىدە ھەركەتلىنىدىغان شەيئى . ئەگەر ئات مىنگەن كىشى دانا بولسا ، ئاتنى كامالەتكە يىتەكلەيدۇ . نادان بولسا ، ئاتنى ئوقۇرغا باشلايدۇ .ئ ىنسان روھىيتى ھايۋان ئوزۇقىنىڭ ـ ئات يىمىنىڭ «ئىنكاسى » «ئىپادىسى» ئۈچۈن ئىشلىگۈچى قۇلغا ئايلىنىدۇ .
كامالەتتىن خالى ئىنسان مۆتىۋەر ياكى گۈزەل ، نازاكەتلىك ياكى قەيسەر بولىشىدىن قەتئى نەزەر ، ئۆزلۈكتىن بىخەۋەر بولۇپ ، ئۆزى ھەققىدە غەم يىمەيدۇ . بەلكى ئات يېمى غېمىدا پايپېتەك بولىدۇ . سېنىڭ شىرىن خىيالللىرىڭغا يوشۇرۇنغان ، پۈتۈنلەي سەن ئۈچۈن جانىجان بولغان نىيەتلىرىڭنى تارتىنماي ئالقىنىڭغا تۆكۈپ كۆرچۇ ! قاراپ باق ، ئۇلارنىڭ قانچىسى ئىنسان ساھىيەتلىرى غىمىدە ، قانچىسى ئات بوغۇزى غىمىدە !؟
خۇسراۋ دېسلەۋىنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى ئوقۇ !:
پەقەت ھۆسنى بىلەن گۈزەل ئەمەستۇر ئادەم ،
گۈزەلدۇر ئۇ يەنە ئىنسانىيلىق جەۋھىرى بىلەن ھەم .
سەن ئاسمان- زىمىن ھەققىدە يېتۈك بىلىمدان ، ئەمما «ئۆزلۈك» ھەققىدە بىر تەلۋە نادان ! بىلىمدان بىلەن ئاقىلنى، ئاقىل بىلەن دىلى قەلبى كامىلنى پەرىق ئىتىشنى بىل .
ئابدۇقاىر بېدىل مۇنداق دەيدۇ :
ھاياتلىق گۈلىستاندۇر دىل ھىممىتىدىن،
باسقان ئىزىڭ بوستانىدۇر قول قوۇدىتىدىن .
بىلىملىك ، ئاقىل ، تەدبىرلىك، ئىقتىدارلىق كىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئارىفنى ـ قەلبى ئۆزلۈك تېڭىدا ئويغانغان كامىلنى پەرىقلەندۈر .
بىلىم ئوزۇقتۇر ، ئۇنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن رىزىق قىلىشىڭ، ئاۋام ئۈچۈن مەئشەت قىلىشىڭ مومكىن ، ئوزۇق يەنىلا ۋاستە ۋە بايلىق .
ئەقىل چىراغدۇر ، دىلى كور كشى ئۈچۈن چىراغ بەلكى ناشايان بىر ۋاستە .
ئىقتىدار كۈچتۇر، ئىزگۈسىز قۇدرەت جاللات پالتىسىنى ئەسلىتىدۇ . بىلىم –ئەقىل –ئىقتىدارلارنى ئىپتىخار غەزىنىسىگە سالماي ، «ئۆزلۈك» ئەينىكى ئالدىغا قويۇپ ، ئۇنى تەلقىن قىل !
«ئۆزلۈك» ئەينىكىدە ئاتقا مىنگەن كىشى ئۆلمەس چەۋەندازدۇر . ئات ئۇنىڭ تېنى ۋە تۇرمۇش پائالىيتى ، بۇ پائالىيەت ئۇنىڭ فىزىئولۇگىيسى، پىكىر –تۇيغۇلىرى ، تۇرمۇش مەشغۇلاتى بولۇپ، بىر قاراشتا ئۇ پىرسوناژنىڭ بارلىقى . ئات بىلەن ئات مىنگۈچى ئارىسىدا بىر چاك مەۋجۇدكى ، ئۇلارمۇ ئالەمنىڭ «ئىككىگە پارچىلىنىش قانۇنىيتى » نىڭ ئىلكىدە . ئادەم قېرىپ خۇددى ئاتتەك ھالسىرايدۇ . بۇ دەل ئات مىنگەن كىشىنىڭ پىشقان ، ئاتنى ئۆز ماھىيەتلىرىگە كۆندۈرگەن ۋە كامالەت ماقامىنىڭ بوسوغىسىغا يىقىنلاشقان چېغى سادىر بولىدىغان «ھېجراندۇر». مانا بۇ ئات سۈپىتىدىكى ئىنساننىڭ ئۆمرى دىگەن سۆز . ئىنسان ئۆمرىنى بالىلىق بىلەن قېرىلىق ئارىسىدىكى يېرىم ئەسىرلىك مۇساپە قىرقىيدۇ ، پۇچۇلدۇرىدۇ .ئەمما ئۇنىڭ بەدىلى مەنىۋى يېتىلىشتۇر .
ئەتتەڭەي ! «ناۋا مۇقامى » ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەندە ، چالغۇ تارىسى «چارس» قىلىپ ئۈزۈلىدۇ ! تارا ئالماشتۇرالمايسەن ، بۇ خۇددى ئات يەڭگۈشلىيەلمىگەنگە ئوخشايدۇ . قولۇڭدىن كىلىدىغىنى ئەلشىر ناۋائىدەك خاتىرجەم ئۈمۈد :
نەۋەئى بىناۋالىق بىرلە دائىم مەي ئىچۈر، بىر كۈن،
ناۋا سازىنى دەۋران مۇترەبى بەزمىدە چالغاي، دەپ.
نەۋائى دائىملىق بىناۋالىقنى ۋە كەلگۈسى ئۈمىدىنى ئىيتقان .
بىز ئۇنى «نەۋائى بىناۋالىق بىرلە ئاخىر مەي ئىچەر ، بىر كۈن . ناۋا سازىنى دەۋران مۇترەبى بەزمىدە چالغاي، دەپ » دىگەن ئۇلۇغ ھىجران ۋە مۇقەددەس مەنىۋى ئىزچىللىق (ۋىسال) مەنىسىدە ئىستىئارە قىلىمىز .
ئىنسان ئۆلىدۇ ، ئەمما مۇتلەق مەنىدە ئەمەس.
ئابدۇلھەسەن ھەرە كانىىي: «يەر يەزىدە يۈرگەن بەزى ئادەملەرنى بىز تېرىك دەيمىز ، ئەسلىدە ئۇلار ئۆلۈك . يەر ئاستىدا ياتقان بەزى زاتلارنى بىز ئۆلۈك، دەيمىز ، ئەسلىدە ئۇلار تىرىك » دىمىگەنمىدى ؟!
ئىنساننىڭ قىممىتى ، ئاتنىڭ سۈرىتىنىڭ باھاسى ئەمەس ، بەلكى ئات مىنگۈچىنىڭ ماھىيەت ۋەزنى ! ئۆزۈڭگە ئات باھاسىدا، ئويناقلاپ تۇرغان ۋە ياكى پۇشۇلداپ قالغان ئات نەرقىدە قاراپ تەمەننا ياكى غەمكىنلىك يولاتما! بەلكى ئات مىنگۈچى قىممىتىدە قاراپ نەپرەتلەن !
ئۆزىدىن نەپرەتلىنىشنى بىلمىگەن ئىنسان ئۆزىنى بارغانسىرى نەپرەتلىك سىماغا ئايلاندۇرىۋاتقان غاپىل ئىنساندۇر .
ئات چەيلەپ پىتىقلىۋەتكەن بۇ ئىنسانى قىممەتتىن ساڭا يەنە قانداق تەقدىر نىسىپ بولاتتى ، ئەي نادان !
«يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت» دىن历史上的今天:
ئائىلە 2010-06-03دانالار ھىكمەتلىرىدىن 2009-06-03ئۇنتۇپ قالمايلى - مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز 2009-06-03
收藏到:Del.icio.us