ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/65009525.html

    ئەسسالام كىتاپخان!

      سىز بىلەن كىشلىك، مىللەت ، شەخسىي تۇرمۇش ۋە  مەدىنىيەتتە ئەڭ مۇھىم بولغان  ئائىلە مەسلىسى توغۇرلۇق سوھبەتلەشكىنىم ئۇچۇن خۇشالمەن.

    ھەممىگە مەلۇمكى، ئائىلە بىلەن كىشلىك ، ئائىلە بىلەن مىللەت ئىنتايىن يېقىن بىر جۈپ  مەدەنى ئۇقۇم . ئائىلە- ئىنسان ماددى تۇرمۇشى ۋە مەدىنى تۇرمۇشىنىڭ ھەر بىر ئىندىۋدۇالى ئۇچۇن ئاساسلىق ئىجتىمائى بىرلىك قاتلىمى .ئائىلە- نوقۇل مەنىدىكى ئىككى جىنىس قۇشۇلمىسىنىڭ قانۇنى شەكلى بولۇپ  قالماي ، ئۇ يەنە،  ئىنسان ئەۋلادلىرىنىڭ تەۋەللۇتگاھى ؛ مېھىر- شەپقەت، ئەقىل- ئىدراك ، ئەخلەق ئادەت، بىلىم- مەدىنىيەتنى يېتىشتۈرىدىغان تۇنجى مەكتىپى؛ قوشنىلارغا ، ئىلىم ئۇچاقلىرىغا ، جەمىيەتكە ، كىشلىك دۇنياسىغا يۈزلىنىدىغان بىرىنچى بۇسۇغۇسى؛ ئۆمۈر ئەجىرلىرىنىڭ ئەڭ مۇپەسسەل مۇزېيى؛ كۆڭۈل جاراھەتلىرىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك شىپاخانىسى ؛ كىشىنى مەڭگۈلۈك دۇنياغا ئۇزىتىدىغان  مۇسىبەت ئۆيى ؛ ئەۋلادلار شەجەرىسىنىڭ يىلتىزى ۋە شېخى ؛ مىللەتنى قويۇپ چىقىدىغان قېلىپ.

      كىشلىك – ئىنسان ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇئەييەن تارىخى ۋە ئىجتىماھى مۇھىتتىكى مۇجەسسەم قىممىتىدىن ئىبارەت . كىشلىك نۇقۇل مەنىدىكى شەخىسنىڭ ئارزۇ ۋە غايىلىرى ياكى تەغدىر ۋە قىسمەتلىرى ئەمەس . ئۇ مۇئەييەن تارىخى دەۋىردىكى  مەدىنىيەت جۇغلانمىسى ، ئاڭ ۋە ئادەت چەمبىرى بىلەن مۇئەييەن ئىجتىمائى شارائىت يول قويغان  رىئال ئىمكانىيەتلەر جەمئىيىتىدە ئىنسان ۋە ئىنسان تۈركۈمىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە قالدۇرغان قىممىتىنىڭ ئىپتىخار – ئارمان قۇتۇپلىرى ئارىسىدىكى كونكىرېت كۆرسەتكۈچى.

      ئائىلە بىلەن كىشلىك ، كىشلىك بىلەن ئائىلە قان بىلەن مۇسكۇلدەك يېقىن بولۇپ ، ئائىلىسىز كىشلىكنى. كىشلىكسىز ئائىلىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس .

      ۋاھالەنكى ، ئائىلە بىلەن كىشلىك ئىلمىي تەپەككۇر شەكىلدە  ناھايتى ئاز تەتقىق قىلىنغان . كىشلىك ئىچىدە ياشاپ كىشلىكتىن خەۋەرسىز  خۇراپات ، پالچىلىق ، موللا تاپقاقلىققا ئەقىدە قىلىپ ئالەمدىن  كېتىدىغان  كىشلەر ساناقسىز بولغاندەك ، ئائىلىدە ياشاپ ئائىلە ھەققىدە ئىلمىي تۇنۇشتىن مەھرۇم بولۇپ  ، ئۆزى بىلگەن ياكى باشقىلاردىن  ئاڭلىۋالغان  نادانلىق چۈشەنچىلىرى بىلەن  ھايات يولىنى لاي سۇدەك  ئاخىرلاشتۇردىغان ئادەملەرمۇ ھىساپسىز !

     ئائىلە – قورامىغا يەتكەن  يىگىت- قىزنىڭ  ئۇچۇرما بولغان قۇش باچكىلىرىدەك  قانات قېقىپ قونۇشقا تەمشىلىدىغان باراخىسان بېغى! ئەمما ،  نۇرغۇن يىگىت – قىزلار

    ،ۋە ئەر- ئايالار ، ھەتتا بوۋاي- مومايلارمۇ ئائىلە دېگەن نىكاھتىن باشلغان تۇرمۇش دەپلا قارايدۇ . مىللىتىمىزدە سادىر بولۇۋاتقان ، ئائىلە قۇرغانلاردا سادىر بولۇۋاتقان  ، مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسىغا سساغ سېلىۋاتقان  بىر قاتار نۇقسانلار ، ئىللەتلەر ، بەخىتسىزلىكلەرنىڭ بىزنىڭ ئائىلە ۋە كىشلىك ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزنىڭ ئېچىلمىغانلىغى ، بۇنىڭ ئىلمىي ئاڭ روھى تەييارلىقسىزلىق بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگىنى ھىس قىلغانلار زادى قانچىلىك ؟! بىزنىڭ قاۋۇل يىگىتلىرىمىز بىلەن نازۇك قىزلىرىمىز بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن  مۇھەببەت ۋە ئائىلە ھەۋەسلىرىگە گىرىپتار بولسىمۇ ، ئۇلار بۇ جەھەتتە ھىچقانداق زۆرۈر تەربىيە كۆرمەيلا نىكاھلىق بولىدۇ ، پەرزەنتلىك بولىدۇ . ئۇلار تۇرمۇش سەپىرىدە كۈتۈلمىگەن  زىدىيەتلەرگە دۇچ كېلىپ  ، شامالدا دومىلىغان قامقاقتەك تەمتىرەيدۇ ، بۆھران ۋە پاجىئەلەرگە يولىقىدۇ . بۇ ئوڭۇشسىزلىقلار ئۇلار ئارقىلىق پەرزەنتلىرىگە ، ئۇلارنىڭ دوستلىرىغا ، پۈتۈن جەمىيەتكە كۈچلۈك مەنىۋى لەرزە ، ھاتتا روھى بۇلغىنىش ئېلىپ كېلىدۇ . يىللار ئەسىرلەر جەريانىدا بۇ ئىللەت ۋە بۇلغىنىشلار مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى ، جسمانى ساپاسىنى ، مەدىنىيەت ئەنئەنىسى ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە ئېغىر ، ھەتتا ھالاك قىلغۇسى تەسىر كۆرسىتىدۇ .

      قەدىرلىك كىتاپخان ! ئائىلە ۋە كىشلىك تۇرمۇش نەقەدەر مۇھىم ئىلمىي ،  ئەمەلىي ، تارىخىي تېما –ھە! ئۇ بىر ئۈلپەت- سۆھبەتلىشىدۇ ؛ ئۇ بىر ئەينەك ئېچىپ كۆرسىتىدۇ ؛ ئۇ بىر چىراغ – نەزەرنى يىراققا يېتەكلەيدۇ ؛ ئۇ بىر دورا -كىشىگە شىپالىق بەخش ئېتىدۇ .

     ئوقۇتقۇچى بىلەن ئانا ، مەكتەپ بىلەن ئائىلە ! مانا بۇ مىللەت ساپاسىنىڭ ھەقىقىي قېلىپى .

     شۇنى بىلىش لازىمكى ،  كىشلىك جەمىيىتى ئوخشىمىغان مەدىنىيەت تۈركۈملىرىگە ئۇيۇشقان كىشلىك جەمىيىتىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ھەرقايسى مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەت تۈركۈملىرى تارىخى ئۆتمۈشى ، مەدىنىيەت ئەنئەنىسى ، مىللى تۇرمۇش ئادىتى ، دىنىي – ئەخلاقىي دەرىجىلىرى جەھەتتە بىر – بىرىدىن پەرىقلىنىدۇ . ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمىنىڭ ئاساسلىق بىر ئەجدادى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، مەركىزى ئاسىيا مەدىنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ ئاساسلىق بىر ۋارىسلىرى سۈپىتىدە مەركىزى ئاسىياغا خاس مىللىي ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە. ئۇلار مىڭ يىللار داۋامىدا ئۇيغۇر – ئىسلام مەدىنىيىتى خاسلىقلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ كەلمەكتە . بۇ ھال ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  ئائىلە ، مۇھەببەت ، شەرمى- ھايا ، ئىجتىماھى ئەخلاق قاراشلىردىكى خاسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . شۇ سەۋەپتىن ، ئائىلە ۋە كىشلىك مەدىنىيىتى ھەققىدىكى ھەرقانداق كونا ياكى يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان كىتاپ – بىراشورىلارنى شۇ پېتىلا ئۇيغۇر خەلقىگە تېڭىشنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن . مانا بۇ مەزكۇر كىتاپ مۇئەللىپىنىڭ ئۇشبۇ << ئائىلە>> ناملىق كىتاپقا  قەلەم تەۋرىتىشىدىكى سەۋەپتىن ئىبارەت .

     كىتابىمىز سىزگە ئەڭ كېرەكلىك مەسلىھەت دەستۇرى ، ئەڭ سۈيۈملۈك قويۇن دەپتىرى بولسا ئەجەپ ئەمەس .

     

    بىرىنچى باپ مۇققەددىمە

     

    << ئىنسان تۇرمۇشتىن بىزار بولماسلىغى لازىم ، ئەكسى ھالدا ئالدىدىكى ھەۋزى كەۋسەرنىمۇ ئىچىشكە جۈرئەت قىلالماي ، چاڭقاپ ئۆلىدۇ .>>

    -        ۋ ،يېئاتس

    1. ئائىلە – مۆجىزىلىك تېما

     

    ئەڭ قەدىمقى ئىجتىمائى كاتىگۇرىيە. ئىنسانىيەت پەيدا بولۇپ  جەمىيەت شەكىلىدە تەشكىللەنگەندىن كېيىن ئائىلە تەدرىجى ئىجتىمائى ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى پائالىيەت بىرلىگە بولۇپ قالدى . ئىنسانىيەت جەمىيەتنى قايسى ئىجتىمائى تۈزۈم قاتلىمىغا كۆتۈرمىسۇن ، ئائىلە شەكلى قايسى خىل خاراكتېردا راۋاجلانغان بولمىسۇن ، ئائىلە ئىنسانىيەت بىلەن بىللە ، ئىنسانىيەت جەمىيىتى بىلەن بىللە ساقلاندى  ۋە راۋاجلاندى .

     ئائىلە –ئەڭ پائالىيەتچان ئىجتىمائى تۇرمۇش كاتىگۇرىيەسى . ئۇ بىر تەرەپتىن ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ ئومۇمى ئىجتىمائى تۇرمۇش شەكلى . يەنە بىر تەرەپتىن  ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كۈندىلىك پائالىيەت ۋە مەشغۇلاتى بىلەن  تۇتاشقان دائىمى جىددى ھەركەت ئىچىدە تۇرىدىغان  ئىجتىمائى كاتىگۇرىيە . مۇھەببەت ، نىكاھ ، تۇغۇت ، ئائىلە تەربىيەسى ، كۈندىلىك مەئىشەت ، كېسەل كۈتۈش، قېرىلارنى كۈتۈش قىز چىقىرىش ۋە ئوغۇل ئۆيلەش ، ئۆلۈم-يىتىم ، ئائىلە زىدىيەتلىرى ، ئائىلە دەۋالىرى ، مېھماندارچىلىق ، ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ، ئۇرۇق- تۇققانلىق نەسەپدارچىلىغى قاتارلىق لارنىڭ ھەممىسى ئائىلىنىڭ دائىمى جىددى ھەركەتتە تۇرىدىغان ئىجتىمائى مېخانىزىن ئىكەنلىگەنى كۆرسىتىدۇ .

    ئائىلە –<< ئۇنتۇلغان >> كاتىگۇرىيە . گەرچە ئۇ،ئەڭ قەدىمى، ئەڭ ئومۇمى ۋە ئەڭ پائالىيەتچان كاتىگۇرىيە بولسىمۇ،كىشىلەر تېخى ئائىلە تەتقىقاتىنى  نوختىلىق ئورۇنغا قويغىنى يوق . ئائىلە ناگان- ناگاندا مۇھەببەت ۋە نىكاھ تېمىسىبىلەن، بالىلار تەربىيەسى تېمىسى بىلەن ،نىكاھتىن ئاجرىشىش ۋە مىراس  دەۋاسىغا ئائىت قانۇن  تېمىسى بىلەن  ياكى ئومۇمى جەمىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ  بىر تارمىغى سۈپىتىدە  تىلغا ئېلىنسىمۇ ، ئائىلە توغۇرسىدا مەخسۇس ئېلىپ بېرىلىدىغان  تەتقىقات خاراكتىرلىق ئەسەرلەر كەمدىن- كەم بولدى .ھازىرقى زامان ئىلمى تەتقىقاتى نەزەر ئاغدۇرىۋاتقان  ۋە نەتىجە تاغدەك دۆۋىلەنگەن  شۇنچە نۇرغۇن ئەسەرلەرگە نىسبەتەن  ئائىلە ھەقىقەتەن ‹‹ئۇنتۇلغان ›› كاتىگۇرىيە ھالىتىدە تۇرماقتا . بۇنى ئاز دېگەندەك  يېقىندىن بېرى خىرىستىئان غەرىپنىڭ جىنسىيەت ، جىنسى خاھىش ، جىنسى مۇھەببەت ،جىنسى تۇرمۇش، جىنسى ئەركىنلىك ، جىنسى مەدىنىيەت ھەتتە جىنسى سەنئەتكە ئائىت كىتاپلار كۆپلەپ ئېقىپ كىردى . ئۇلار بىر تەرەپتىن ، بۇ جىھەتتىكى فېئوداللىق قاراشلار  ۋە غەيرى ئىلمىي نادان قاراشلارنى يېڭىشتە بەلگىلىك ئىنسان تەبىئىتىنى بىلدۈرۈش رولىنى ئوينىغان بولسىمۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن  مىللەتتىن ھالقىغان ، مەدىنىيەتنىڭ چەمبەرلىك ۋە تۈركۈملۈك ئالاھىدىلىكلىرىدىن ھالقىغان ھالدا  نىكاھ ۋە ئائىلە مەسىللىرىنى نوقۇل جىنسى تۈزۈلمە ،جىنسى خاھىشقا  مەركەزلەشتۈرۈپ قويدى ، بۇھال مەلۇم بۇزغۇنچى خاراكتېردىن  خالى ئەمەس . ئەبۇ رەيھان بىرونى:‹‹خەلىقتىن ھىچبىرىمۇ نىكاھتىن خالى ئەمەستۇر››،‹‹نىكاھ خۇسۇسىدا بىر مىللەتنىڭ  ئۆزىگە خاس رەسمى ۋە ئادىتى باردۇر›› دەپ ئېيتقانىدى . ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئۇنىڭ جۈملىسىدە ، ئەلۋەتتە!

     قىزىقارلىق ھادىسە ـ ئىنسانىيەت ھەمىشە ئائىلە ۋە جەمقيەت ئوقى ئەتىراپىدا  پائالىيەت ئېلىپ بارسۇن ، بىراق ئائىلە تەتقىقاتىنى ئەڭ ئاجىز ھالقا قىلىپ قويسۇن ! چاچ ۋە كىيىم پاسۇنلىرى، ئىگىلىك باشقۇرۇشتا مۇناسىۋەت سەنئىتى، ماقالا ۋە ئەدىبى ئەسەر يېزىقچىلىق قائىدىلىرى،ئۆي جاھازىلىرى ،بېلىق ۋە ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش ئۇسۇللىرىغا نىسبەتەن ئائىلىنڭ پۈتكۈل كىشلىك تۇرمۇشىدا  تۇتقان ئورنى قانچىلىك كاتتىلىغىغا قارىماي ، بۇ جەھەتتىكى ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي  تەپەككۈر مىۋىلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئازلىغى  ھادىسە ھە! بۇ ئىنسانىيەتنىڭ  ئۆ-ئۆزىنى ئۇنتىغانلىقىنىڭ، ئۆز ماھىيەتلىرىگە  نىسبەتەن  ياتلاشقان نۇقتىلارنى دېققەت – ئېتىبار مەركىزى ۋە پائالىيەت  مەقسىتى قىلغانلىغىنىڭ  گەۋدىلىك ئىپادىسى بولسا كېرەك.

    ئائىلە ــــ ئىجتىمائى بەخت- سائادەت ياكى  تۇرمۇش پاراكەندىچىلىگى ئىپادىلىنىدىغان مەركىزى ھالقا ، كىشلىكنىڭ پۈتۈن ئۇتۇقلىرى ، ھەر بىر شەخىسنىڭ  پۈتۈن مۇۋەپەقىيەتلىرى  ئاخىرقى ھىساپتا، مەيلى ئۇ پادىشا ياكى پۇقرا، سەركەردە ياكى ئەسكەر بولسۇن، ئوردا تەختلىرىدە ،، جەڭ بارگاھلىرىدا ئەمەس ، ئائىلىدە  ئىنسانى بەخت ھالاۋەت ، پەخىر- ئىپتىخار قىممىتىنى تاپىدۇ .

    شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى ، پۈتۈن ئائىلىلەر بەختلىك بولالمىغىنىدەك ، پۈتۈن ئائىلىلەر بەختسىز ئەمەس.بەخت- سائادەت  ئومۇمەن ئىجتىمائى مەسىلىلەر  بولۇش بىلەن بىرگە ، يەنە ئائىلىۋى مەسىلىدىن ئىبارەت .ئاباسسىلارنىڭ 10- ئەۋلارت خەلىپىسى مۇتەۋەككىلى ئىبىن جەففار(847-861 ) سەلتەنەتسۈرگەن زاماندا بىرسى ئۇنىڭدىن :<ھۆرمەتلىك خەلىپەئى ئىسلام، يەر يۈزىدە سىزدىنمۇ بەختلىك كىشى تېپىلماس >> دەپ سۇئال ئارىلاش تەسەننا ئېيتقاندا ،خەلىپە :<<خاتا سۆزلىدىڭ ! گۈزەل ئائىلىسى، ئىزگۇ خوتۇنى ، ياخشى مەشئىتى بولغان  ھەرقانداق ئادەم بىزگە قارىغاندا بەختلىكتۇر >> دەپ ئېيتقانىكەن .دەرۋەقە ئائىلىدە بەخت كۆرمىگەن كىشى ئائىلە سىرتىدىن بەخىت كۆرۈشى مۈمكىن ئەمەس .ۋاھالەنكى، خېلى كۆپلىگەن كىشىلەر  ماددى بايلىق بىلەن مەشئەت پاراۋانلىغىنى ھەقىقى بەخت دەپ چۈشۈنىدۇ . بۇ يولدا سەرسانلىققا چۈشۈپ گەرچە ماددى مەشئەتكە ئېرىشسىمۇ ، ئائىلىۋى بەخت سائادىتى ئاللىقاچان بۇزۇلغان بولىدۇ .

    ئائىلە ___ خۇددى گيوگۇ ئېيتقاندەك  جەمىيەتنىڭ دۇر ۋە گۆھىرى بولۇپ  بەخـ- سائادەت ئومۇمەن جەمىيەتنىڭ  ئومۇمى ئەھۋالى بىلەن ئائىلىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىگى ۋە مەنىۋى شەرتلىرىگە بېقىنغان بولىدۇ .  بىر تەرەپتىن ،<<بەختنى  پەقەت ئائىلىۋى  ھاياتتىنلا  كۈتكەن كىشى قۇم ۈستىگە ئىمارەت سالغان كىشىدۇر>> (گىرىتسېن) . بۇنداق كىشىلەر بەخت- سائادەتنىڭ ئۇلى __ ئىجتىمائى تۇرمۇشقا قىزىقمايدۇ ،پەقەت ئائئىلە غېمىنى  بەخت- سائادەت يولىدىكى تىرىشچانلىق دەپ  چۈشىنىدۇ . نىكولاي ئوستروۋېسكىي توغرا ئېيتقان :<< پەقەت ئائىلە غېمىنى يەپ ھايۋانى ئاچ كۆزلۈكتىن ئىبارەت .>>يەنە بىر تەرەپتىن ....

     

    بۇ مەزمۇن ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ << ئائىلە>> ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى .

     

    dawami bar..

     

     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.