ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-03

    ئۇنتۇپ قالمايلى - مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40433308.html

    گۈلنار تىيىپ



       بىز ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ھەممىدىن زۆرۈر نەرسە نىمە؟ بۇ سۇئالغا ئىقتىسات، ئىجتىمائى ئەخلاقنىڭ ياخشىلىنىشى دەپ جاۋاپ بېرىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، بۇنىڭ توغرا جاۋابى شۇكى – بىز ئۈچۈن ھەممىدىن زۆرۈر نەرسە مائارىپ. بۇ بىز ئۈچۈنلا ئەمەس، توغرا يۆلىنىشلىك تەرەققىياتنى ئىزدەيدىغان بارلىق خەلقلەر ئۈچۈن ئورتاق جاۋاپ.چۈنكى، مائارىپ بولسا ئىقتىسادى تەرەققىياتمۇ، ئىجتىمائى تەرتىپنىڭ ياخشىلىنىشىمۇ بولىدۇ. بۇ جاۋاپتىن گۇمانلىنىپ «بىزنىڭ مائارىپىمىز بارغۇ، يېرىم ئەسىردىن بۇيان مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە سەۋەپتىن ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن ئومۇمى خەلقنىڭ ساپاسىدا تەڭ نىسبەتتە ئۆرلەشنى ئىشقا ئاشۇرالمىدۇق؟» دىيىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ھەقىقەتەن مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە. ئۇنداقتا بىزنىڭ مائارىپىمىزدا مەسىلە بارمۇ؟
       بىز نەزىرىمىزنى مىللى مائارىپىمىزنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تەرەققىيات تارىخىغا ئاغدۇرۇپ باقايلى. ئىلگىرىكى مەدرىس مائارىپىنىڭ ئەكسىچە، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان مىللى مائارىپ ھەرىكىتى ياۋرۇپاچە مائارىپ ئەندىزىسى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنى ئاساس قىلغان مائارىپ بولغان. بۇ خىل مائارىپ 20-ئەسىرنىڭ 30- ۋە 40- يىللىرى سۆۋىت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن زىيالىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، پۈتكۈل مائارىپ ئەندىزىسى سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىچە مائارىپقا ئۆزگەرتىلگىچە داۋاملاشقان. تاكى 1960-يىللارغىچە مەكتەپلەردە سۆۋىت ئىتتىپاقىدا تۈزۈلگەن دەرسلىكلەر ئۆتۈلگەن. ئاساسلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمۇ سۆۋىت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن زىيالىلاردىن، سۆۋىت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى جۇڭگودا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر تۈركۈم ئىلغار زىيالىلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.60-يىللاردىن كېيىنكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى پۈتكۈل جۇڭگودا مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقىنى پەيدا قىلىپ، شۇ قاتاردا مىللى مائارىپىمىزنىمۇ ۋەيران قىلغان. 1980-يىللاردىن كېيىنكى ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە، مائارىپىمىز يەنە قايتا ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىنغان ۋە مىللى مائارىپىمىزنىڭ ئاساسى مائارىپ ئەندىزىسى جۇڭگو مائارىپىنىڭ مائارىپ ئەندىزىسى بويىچە تۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇنداقتا، جۇڭگو مائارىپى قانداق مائارىپ؟
       1949-يىللىرىنىڭ ئالدى كەينىدە جۇڭگودىكى ساۋاتسىزلىق نىسبىتى ئومۇمى ئاھالىنىڭ % 80 نى تەشكىل قىلاتتى. ئازاتلىقتىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ساۋاتسىزلىق نىسبىتى ئومۇمى ئاھالىنىڭ%15نى تەشكىل قىلدى. بىز بۇ سانلىق مەلۇماتتىن جۇڭگونىڭ ئازاتلىقتىن كېيىنكى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ كۆز يۇمغۇسىز نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. بىراق، يەر شارى نوپۇسىنىڭ 1\4 قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان جۇڭگودا بىرەر نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىمنىڭ چىقماسلىقى، جۇڭگولۇقلاردا ئىجاتچانلىق، ئەمەلى ئىشلەش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىللىكى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى تەرەققىياتى بىلەن ئومۇمى خەلق ساپاسىنىڭ ئوڭ تاناسىپ بويىچە تەرەققى قىلالماسلىقى بىزنى يەنىلا بىئارام قىلىدۇ. ئۇنداقتا، مەسىلە جۇڭگو مائارىپىدىمۇ؟ بۇ بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك سۇئال بولغاچقا، بۇ سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. بىز جۇڭگو مائارىپىنى جۇڭگو بىلەن تەڭ قەدەمدە يېڭى مائارىپ يولىغا كىرگەن، دۆلەت قۇرۇلغان ۋاقتى ۋە تەرەققىيات ئاساسى ئاساسەن ئوخشاش، بىراق ھازىرقى مائارىپ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، ئىقتىسادى جەھەتتە تەرەققى قىلىپلا قالماي، ئومۇمى خەلقنىڭ ساپاسى جەھەتتىمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن دۆلەت -كۆرىيە بىلەن سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو مائارىپىدىكى، شۇنداقلا مىللى مائارىپىمىزدىكى مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەپ باقساق بولىدۇ. 1948-يىلى كورىيە ھۆكۈمىتى دەسلەپ قۇرۇلغاندا كورىيىدىكى ساۋاتسىزلار ئومۇمى ئاھالىنىڭ %78 نى تەشكىل قىلاتتى. 1996-يىلىغا كەلگەندە كورىيە ساۋاتسىزلىق نىسبىتىنى تۈگۈتۈپ، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇمى نىسبىتىنى %38 گە يەتكۈزدى. جۇڭگودا بولسا بۇ سان پەقەت ئاھالىنىڭ % 5 نى ئىگىلىدى. 1948-يىلى كورىيە ھۆكىمىتى يېڭى قۇرۇلغاندا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى جۇڭگوغا سېلىشتۇرغاندا سەل كەينىگە تىزىلاتتى. بىراق، كورىيە دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردىن باشلاپلا مائارىپنى دۆلەت ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈر قاتارىغا قويۇپ، زور كۈچ بىلەن مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا ماڭدى. شۇنىڭ تۈرتكىسىدە 20-ئەسىرنىڭ 60 يىللىرىدىن كېيىن كورىيە ئىقتىسادى ئاستا ئاستا تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. بىراق، دۆلەتنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئىزچىل دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى تەرەققىياتىدىن ئۈستۈن بولدى.ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن ئالى مەكتەپ مائارىپىغا سېلىنىدىغان مەبلەخ جەھەتتە، كورىيەنىڭ جۇڭگوغا ئوخشاشلا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ماكتەپ مائارىپىغا سالغان دۆلەت مەبلىغى بىلەن ئالى ماكتەپ مائارىپىغا سالغان دۆلەت مەبلىغى ئوتتۇرىسىدا پەرق بولدى.بىراق كورىيە ھۆكىمىتىنىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپكە سالغان مەبلىغى، ئالى مەكتەپ مائارىپىغا سالغان مەبلىخىدىن كۆپ بولۇپ، بۇ جەھەتتە جۇڭگو بىلەن ئەكسىچە يولدا ماڭدى.كورىيە ھۆكۈمىتى ئاساسى مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش يولىنى تاللاپ، باشلانغۇچتىن ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش، ئوتتۇرا مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، 12يىللىق مەجبۇرى مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى % 98 تىن ئاشۇردى.بۇنىڭدىن باشقا كورىيەدە نامرات چەت جايلارغا سېلىنىدىغان مائارىپ سېلىنمىسى مەركىزى شەھەر مەكتەپلىرىگە سېلىنىدىغان مائارىپ مەبلىغىدىن كۆپ بولۇپ، بۇ ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ باراۋەر مائارىپ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. يۇقارقى مەزمۇنلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولۇدۇكى، جۇڭگو مائارىپىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىمۇ ئېتىراپ قىلىش زۆرۈر. شۇنداق قىلغاندىلا جۇڭگو مائارىپىدا ھەقىقى توغرا يۆلىنىشلىك تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور كۈچ بىلەن مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنداقلا، مائارىپتا ئىلگىرىكى نۇقۇل بىلىم قاچىلاش خارەكتىرىدىكى ئوقۇتۇشنىڭ ئورنىغا تەدرىجى ھالدا، ئىقتىدار ئېچىش خارەكتىرىدىكى ئوقۇتۇش يولىدا مېڭىشقا ئۆتۈشتەك يېڭى يولدا مېڭىشنى سىناق قىلىۋاتىدۇ.بۇ دەل جۇڭگونىڭ مائارىپ يولىدا خەلقئارا مائارىپ يولىغا قاراپ قەدەم تاشلاۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بىز مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت تەشەببۇس قىلىۋاتقان يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىمىز، ئىلمى بولغان مائارىپ ئەندىزىسىنى تېزرەك مىللى مائارىپىمىزدا ئەمەلىلەشتۈرىمىز، دەيدىكەنمىز، مائارىپ ئىسلاھاتىغا ئاكتىپ قاتنىشىش بىلەن بىرگە، مائارىپ ئەمەلىيىتىدىكى كۆرۈلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا، مائارىپ ئىسلاھاتى سىنىقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، شۇنداقلا دەرس ئىسلاھاتى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپچىلار بۈگۈنكى دەرس ئىسلاھاتىغا قانداق قارايدۇ؟ بۇ بىزنىڭ دىققەت ئېتىۋارىمىزنى ئاغدۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.مەن مۇشۇ مەقسەتتە بىرقانچە مائارىپ خىزمەتچىسىنى ۋە مائارىپ تەتقىقاتچىسى بىلەن سۆھبەتلەشتىم. تۆۋەندە ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇم.

    شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ پىنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى، مائارىپ تەتقىقاتچىسى مەخمۇت ئېلىياس ئاكا بىلەن سۆھبەت:

       1- سۇئال. نۆۋەتتىكى دەرس ئىسلاھاتىغا قانداق قارايسىز؟

       جاۋاپ: دەرس ئىسلاھاتى – مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى. ئۇ دەۋر تەرەققىياتىغا تامامەن ئۇيغۇن. ئاساسى مائارىپتا مەكتەپلەردە ئۆتىلىدىغان دەرسلەر دۆلەت تەرەپىدىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مىللى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تىل-ئەدەبىيات، خەنزۇ تىلى، ناخشا-مۇزىكا، گۈزەل- سەنئەت قاتارلىق بىر قىسىم دەرسلەرنىڭ دەرسلىك كىتاپلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ئۆزىدە تۈزىلىدۇ. بۇ دەرسلىكلەرنى تۈزۈشتە قويۇق مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە ماتىرىياللار تاللىنىشى كېرەك. دەرس ئىسلاھاتى لاھىيىسىدە يەنە «يەرلىك دەرس»، «مەكتەپ دەرسى» دىگەن دەرسلەر تەسىس قىلىنغان. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز يېرىنىڭ تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، جۇغراپىيىلىك يەر تۈزۈلۈشى، كېلىمات، مۇھىت، سۇ ئىنشاھاتى، تارىخ-تەزكىرە ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرى ھەققىدىكى بىلىملەرگە ئىگە قىلىدىغان بۇ خىل دەرسلىكنى تۈزۈپ چىقىش بىرقەدەر تەسكە توختىشى مۇمكىن. لېكىن بۇنى يېتەرلىك مالىيە كۈچى ئاجرىتىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ.

       2- سۇئال. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا نۇقتىلىق سىنىپ ئېچىش توغرىمۇ؟

       جاۋاپ: ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى مەكتەپلەردە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا نۇقتىلىق مەكتەپ، نۇقتىلىق سىنىپلارنى تەسىس قىلىش بىر خىل خاتا ئىش.دۆلەت غەزىنىسىدىن مەجبۇرىيەت مائارىپىغا ئاجرىتىلغان مەبلەخ دۆلەت پۇقرالىرى ئورتاق ياراتقان بايلىق بولغانلىقتىن ئۇنىڭدىن پۈتكۈل خەلق تەڭ بەھرىمان بولۇشى كېرەك.قانداقتۇر نومۇر چەك سىزىقى پەيدا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى نۇقتىلىق مەكتەپ، نۇقتىلىق سىنىپلارغا ئاجرىتىش، زور بىر تۈركۈمدىكى كىشىلەرنى سىرتتا قالدۇرۇپ، ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ مائارىپ مەبلىغىدىن بەھرىمان قىلىش بىر خىل ئادالەتسىزلىك.سەر خىل مائارىپ كۈچلىرىنى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە تەڭ تەقسىملەپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن تەڭ بەھرىمان قىلىش كېرەك.

       3- سۇئال. سىزنىڭچە بىز مىللى مائارىپىمىزدا ساپا مائارىپىنى ھەقىقى يولغا قويالىدۇقمۇ؟

       جاۋاپ: ساپا مائارىپىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققىنىغا 10نەچچە يىل بولدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا ساپا مائارىپى تا ھازىرغىچە ھەقىقى مەنىسى بىلەن قانات يايالىغىنى يوق. بىر قىسىم ئۆزگۈرۈشلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ كىشىلەر تېخىچىلا ئىمتاھان مائارىپىدىن ۋاز كېچەلمەيۋاتىدۇ. خەنزۇ مەكتەپلەردىكى ئەھۋال شۇنداق، مىللى مەكتەپلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. قارىغاندا جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالى ساپا مائارىپىنىڭ كۆكلەپ مىۋە بېرىشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تۇپراق بولالمايۋاتقان ئوخشايدۇ.

       4- ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئوقۇش يۈكى سىزنىڭچە مۇۋاپىقمۇ؟

       جاۋاپ: مىللى مائارىپنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كەتمەيمەن. شەھەرلەردە، مېنىڭچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكى بۇرۇنقىغا قارىغاندا يەڭگىللىدى. بۇ ئىمتاھان قېتىم سانىنىڭ ئازايغانلىقى، ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتاھان نومۇر چېكىنىڭ قاتتىق ئۆلچەم قىلىنىپ كەتمەيدىغان بوللغانلىقىدىن بولسا كېرەك. شۇنداقتىمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە تاپشۇرىقى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى يەنىلا مەۋجۇت. ئۇلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەنىلا ئائىلە تاپشۇرۇقى ئىشلەش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈگىنىش يۈكى تېخى يەڭگىللىكىنى يوق. ئىمتاھان بېسىمى تۈپەيلىدىن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنىڭ ئامالىنى قىلالمايۋاتىدۇ.

       5- سىزنىڭچە مىللى مائارىپىمىزنى «ئىلمى تەرەققىيات يولىدا كېتىۋاتىدۇ» دەپ، ئېيتىشقا بولامدۇ؟ ياكى ئىلمى بولمىغان قارىغۇلارچە ئىش قىلىۋاتقان تەرەپلەر بارمۇ؟

       جاۋاپ: مىللى مائارىپىمىز دۆلەتنىڭ ئومۇمى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، بۇ جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە. مەسىلە بار دىيىلسە، مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللۇنىۋاتقان مائارىپ مەمۇرىلىرى ۋە تۆۋەندىكىلەرنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرىنى چۈشۈنىشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئىجرا قىلىشتا مەسىلە بار دىيىشكە بولىدۇ.

       6- سۇئال. مىللى مائارىپىمىزنىڭ مائارىپ تەتقىقات خىزمىتىگە قانداق قارايسىز؟

       جاۋاپ: يېقىنقى 10يىل ئىچىدە مىللى مائارىپ تەتقىقاتىدا خېلى جانلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. مىللى مائارىپ تەتقىقاتى ھەققىدىكى ماقالىلار گېزىت جورناللاردا ئانچە مۇنچە ئېلان قىلىنىپمۇ تۇرىۋاتىدۇ. «شىنجاڭ مائارىپى» جورنىلى، «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى»دە ئىلگىرى ئوقۇيدىغانلىرىمىز ئومۇمى سىياسەت خارەكتىرلىق ماقالىلەر ۋە قىسمەن ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا ئائىت ئادەتتىكى ماقالىلار ئىدى. ھازىر خېلى قىممىتى بار مائارىپ تەتقىقات ماقالىلىرىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. ئەگەر مىللى مائارىپ تەتقىقاتى خىزمىتىنى ھەقىقى كۈچەيتىمىز دەيدىكەنمىز، ئاساسى قاتلامدىكى كۈچلەرنى تەشكىللەپ ئۇلارنى مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات تۈرلىرىگە ئۇيۇشتۇرساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

       ئېلى خوجاخۇن بىلەن سۆھبەت

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى
    (
    دەرس ئىسلاھاتى تەلىۋى بويىچە دەرسلىك تۈزۈشكە قاتناشقان، ئوقۇتقۇچىلارغا كۆپ قېتىم يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىگەن، ھازىر يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.)

       1- سۇئال: نۆۋەتتىكى دەرس ئىسلاھاتى يۈزلىنىشىگە قانداق قارايسىز؟

       جاۋاپ: دەرس ئىسلاھاتى- ئەنئەنىۋى مائارىپىمىزدىكى بىلىمنى ھەددىدىن زىيادە مەركەز قىلىدىغان ھادىسىگە قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بىر نۆۋەتلىك مائارىپ ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. ئىلگىرى دەرسلىكلىرىمىز بىلىم كۆپ، بىر تەرەپلىمە، قىيىن، مۇجىمەل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپلەپ ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.دەرس ئىسلاھاتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ تۈزۈلگەن ئوقۇتۇش ماتىرىياللىرىمىز ئادىمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ياشاشنى ئۈگىتىش، ساغلام روھى ھالەت يېتىلدۈرۈش، پايدىلىق بىلىم ئىگىلىتىش ئامىللىرى بىلەن تويۇنغان. ئوقۇتقۇچىغا قويىلىدىغان تەلەپتە ئوقۇتقۇچى باشقۇرغۇچى، يېتىلەپ ماڭغۇچى، ئۈگەتكۈچىدىن باراۋەر مۇناسىۋەت قىلغۇچى، ھەمكارلاشقۇچى، ئوقۇغۇچىنى ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈشكە يېتەكلىگۈچىگە ئايلىنىش تەلىۋى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مائارىپ باشقۇرۇش، باھالاش تەلەپلىرىمۇ ئىلگىركى « ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى» دىن، بىر بىرىگە تەكلىپ بەرگۈچىگە، ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھالىتىگە ئۆتۈش تەلەپ قىلىندى. بۇنداق يۈزلىنىش مۇقەررەركى بىزگە ئۈمۈت، ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. بۇ مائارىپ نەزىرىيىسى ھەققىدىكى يېڭىلىق. ئەمدىكى گەپ، مىللى مائارىپىمىز دەرس ئىسلاھاتىدىن قانچىلىك نەپكە ئېرىشتى؟مەسىلىسىدۇر. مىللى مائارىپىمىز گەرچە يېڭى دەرس ئىسلاھاتى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئەدەبىيات، مۇزىكا قاتارلىق پەنلەرنى مۇستەقىل تۈزۈش ھالىتىدە ساغلام تەرەققى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، تارىخ، جۇغراپىيە پەنلىرى يەنىلا تەرجىمە قىلىنىدىغان بولغاچقا، يەنىلا«يېڭى دەرس ئىسلاھاتى»بىزدىن كۈتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى قېزىش، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاپقا ئېرىشكىنى يوق. شۇڭا دەرس ئىسلاھاتى مىللى رايۇنلارنىڭ مىللى پەرقىنى تولۇق ئېتىۋارغا ئالغاندىلا ھەقىقى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن يېڭى دەرس ئىسلاھاتىمۇ «نىشانلىق ئوقۇتۇش»، «ساپا مائارىپى» چاقىرىقلىرى بىر مەزگىل تازا ئەۋجىگە چىقىپ، ئۆزلۈكىدىن پەسكويغا قالغاندەك بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلىكىدىن ھاياتى كۈچىدىن قېلىشى مۇمكىن.يەنە بىر مەسىلە شۇكى، «دەرس ئىسلاھاتى»گەرچە دەرسلىكنىڭ، مائارىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىقىنىڭ، ئوقۇتۇش تەرتىپىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىمتاھاندىن ئىبارەت قوماندانلىق كالتىكىنىڭ شەكلى، تۈرى، رولى، خارەكتىرى ئۈستىدە تۈپتىن ئېنىق بىر ئىسلاھات تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمايۋاتىدۇ. بۇ تەرەپ چوقۇمكى، «دەرس ئىسلاھاتى» ماشىنىسىنىڭ راۋان ئايلىنىشىنى توسالغۇغا، ھەتتا مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا « ئىمتاھان» نۆۋەتتىكى بېشىمىزنى قاتۇرىدىغان ئامىل بولۇپ تۇرماقتا. يەنە بىر تەرەپ، ئالى مائارىپمۇ دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىۋىگە يارىشا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش زۆرۈر بولغان تەرەپتۇر. ئالى مائارىپنىڭ «دەرس ئىسلاھاتى » نىڭ سىرتىدىكى مائارىپ ئىكەنلىكى ھەقىقەتلا بولىدىكەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، كەسپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئوقۇتقۇچى مىخاينىزىمى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئوخشاشلا زۆرۈر. بولمىسا سۇ سۈزۈك ئېقىپ كەلگىنى بىلەن ئاخىرىدا لاي سۇغا قۇيىلىدىغان گەپ.
      
    2-
    سۇئال. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا تەجرىبە سىنىپ ئېچىش توغرىمۇ؟

       جاۋاپ: خاتا. بۇنىڭ سەۋەبى بىرىنچىدىن، تەجرىبە قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلا كوزۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ تەجرىبە قىلمىساقمۇ، تەجرىبە ئۈنىمىنى ئالدىن ھىس قىلغىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئىجتىمائى پەنلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا، تەبىئى پەنلەرنى خەنزۇچە ئوقۇتۇش ئوقۇتۇشنىڭ ئۇلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا قانچىلىك پايدىسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن. ھەتتا بۇنىڭ ئەكس تەسىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. يەنى تەجرىبە سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلاردا پەندىن شەكلىنىش، بىلىمدىن زېرىكىش، مىللى ئەخلاق، قىممەت ئۆلچەملىرىدىن ئايرىلىپ غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ قېلىشتەك «ئاينىش» ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بىز مەكتىۋىمىزدە سىناق قىلغان ئوقۇغۇچىلاردا دەل شۇنداق بىنورمال ئەھۋاللار سادىر بولدى. تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ، ئاتالغۇ تېرمىنلارنىڭ بىردىنلا ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان «تۇيۇقسىز زەربە» ئۆسۈپ يېتىلىش ھالىتىدىكى ئوقۇغۇچىلاردا غەلىتە ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئۈچۈنچىدىن، كوزۇر ئوقۇغۇچىلار بىر سىنىپقا يىغىلغاندىن كېيىن ئاسانلا ئۈگۈنۈش بېسىمى ئارتىپ، بۇ بېسىم ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا ئوقۇغۇچىلاردا پىسخىكىسى بىنورماللىشىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. ۋاھاكازالار...

       3- سۇئال. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۈگىنىش يۈكى سىزنىڭچە مۇۋاپىقمۇ؟

       جاۋاپ: مۇۋاپىق ئەمەس. بولسا تېخىمۇ يەڭگىللىتىش كېرەك.

       4- سۇئال. سىزنىڭچە بىز مىللى مائارىپىمىزدا ساپا مائارىپىنى ھەقىقى يولغا قويالىدۇقمۇ؟

       جاۋاپ: ياق. چۈنكى ساپا مائارىپى چاقىرىق، تەشەببۇس ھالىتىدىلا قېلىپ دەرسلىك، ئوقۇتۇش پائالىيىتى، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش، مائارىپ تۈزۈلمىسى، ئىمتاھان ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەرلىك ئەمەلى تەرتىپلەرنى تۈزۈپ يولغا قويالمىدى.

       5- سۇئال. مىللى مائارىپىمىزنى « ئىلمى تەرەققىيات يولىدا كېتىۋاتىدۇ» دەپ ئېيتىشقا بولامدۇ؟ ياكى ئىلمى بولمىغان قارىغۇلارچە ئىش كۆرىۋاتقان تەرەپلەرمۇ بارمۇ؟

       جاۋاپ: بار دىسەكمۇ بولىدۇ. بۇ ئاساسلىقى مىللى مائارىپنىڭ، «مىللى» خاسلىقنىڭ بارغانسېرى سۇسلاپ كېتىۋاتقانلىقىدا كۆرىلىدۇ.

       6- سۇئال. مىللى مائارىپىمىزنىڭ مائارىپ تەتقىقاتى جەھەتتى ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبى نىمە؟  

       جاۋاپ: ئاساسلىقى يېتىلگەن مائارىپ مۇتەخەسىسلەر قوشۇنىنىڭ بولماسلىقى، يەنە بىر جەھەتتىن، سېلىشتۇرما مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ بولماسلىقى قاتارلىق تەرەپلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. مائارىپ تارماقلىرى ئەسلى نىشانلىق تۈردە چەتئەللەرگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىپ بېكىتىلگەن تارماق پەنلەر بويىچە ئوقۇغۇچى تەربىيەلەپ، مائارىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا سەپلىشى كېرەك ئىدى. ئۆزلىرى چەتئەللەردە مەخسۇس كەسپلەر بويىچە تەربىيەلىنىپ كەلگەنلەرمۇ ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالماسلىقتەك قىسمەتكە دۇچار بولغانلىق ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇت. بۇ خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ ئورگانلىرى جىددى تەدبىر قوللىنىشى زۆرۈر....


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.