ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-03

    قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40421297.html

    تۇرسۇن ئايۇپ


    ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى (744 - 840) بەربات بولۇشتىن ئىلگىرىلا، ھازىر ئىلىم ساھەسىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى  دەپ ئاتىلىۋاتقان يېزىقنى قولۇنىشقا باسھلىغان. ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ، بۇ يېزىقنى تۇرپان ئويمانلىقى، خەشى يئولىكى قەشقەر رايونىنى مەركەز قىلغان ئۇچ ئۇيغۇر ھاكېمىيىتى داىرىدە ئومۇميۈزلۈك قئوللانغان.

    قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى خاراكتېر جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىر بەلگە (ھەرپ) بىر تاۋۇشقا ۋەكئىللىك قىلىدىغان ئېلىپبەلىك يېزىق تىپىغا كىرىدىغان يېزىق. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبە تەركىبىدە جەمئىي 18 دىن 22 گىچە ھەرپ بار. ئاساسلىق بەلگىلەر ئون ئەتراپىدا بولۇپ، قالغئان بەلگىلەر بۇ ئونچە ئاساسلىق بەلگىلە ئاساسىدا شەكىللەنگەن.

    قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى مەنبە جەھەتتىن ، قەدىمدە ھازىرقى  ئۆزبېكىستان ۋە ئىراننىڭ شەرقى قىسمى ئەتراپىدا ياشىغان سوغدىلارنىڭ يېزىقىدىن كەلگەن. سوغدى يېزىقى بولسا، ئىرئامىزانىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئەرەب ئەللىرىدە قوللىنىلغان قەدىمكى ئارمىيە يېزىقى ( ئارامى يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)  دىن كەلگەن.

    قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن باشقا تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا قانداق تارقالغانلىقى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار ماۋجۇت. بەزىلەر دەسلەپتە ئۇيغۇرلئار بۇ يېزىقنى سوغدىلاردىن قوبۇل قىلغان، ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن باشقا تئۈركىي خەلقلەر قوبۇل قىلغان دەپ قارىسا، بەزىلەر بۇ يېزىقنى دەسلەپتە سوغدىلارغا زېمئىن جەھەتتىن يېقىن بولغان تۈركەشلەر قوبۇل قىلغان، ئاندىن تۈركەشلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر قوبۇل قىلغان دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككى خىل قاراشنىڭ قئايسىسىنىڭ توھگرىلىغى ھەققىدە بىر نېمە دېيىش قىيىن، ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ يېزىقنى ئومۇمىييۈزلىك ۋە ئۇززاق ئىشلەتكەنلەر ئۇيغۇرلار ، بۇ يېزىقتا ئەڭ كەڭ يازما يادىكارلىقلارنى قالدۇرغانلار ئۇيغۇرلار، بۇ يېزىقنىڭ ھازىرغىچە ئىشلىتىلىشكە سەۋەبچى بولگھانلار ئۇيغۇرلار. شۇڭا ھازىر بۇ يېزىق مەيلى مەملىكىتىمىز ئىچىدە بولسۇن ، مەيلى خەلقئارادا بولسۇن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىئ دەپ ئاتالماقتا.

    ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئەسلىدە قوللىنىۋاتقان قەدىمكى تۈرك يېزىقىنى قوللانماي ، ئۇنىڭ ئورنىغا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىدۇ؟ بۇ بەلكىم قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ خارئەكتىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى قوللىنىشتىن ئىلگىرى قوللانغان قەدىمكى تۈرك يېزىقىغا قارىغاندا ، كۆپ ئىلمىي ۋە ئاسان. چھۈنكى، (1) : قەدىمكى تۈرك يېزىقى گەرچە ئېلىپبەلىك يېزىق تىپىغا كىرىدىغان بولسىمئۇ ، ئەمما ئۇنىڭغا بۈغۈملۇق يېزىقنىڭ قىسمەن ئالاھىدىلىكىمۇ بار ئىدى. (2) : قەدىمقى تۈرك يېزىقىدا ھەرپلەرنىڭ سانى كۆپ، ھەرپلەرنىڭ ۋارىيانتلىرىنى قوشۇپ ھەسابلىغئاندا، بەلگە سانى يۈزگە يېتىدۇ. (3) : يېزىش ئەپسىز ، ھەرپلەرنى ئۇلاپ يېزىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ھەرپنىمۇ يېزىشقا بىر نەچچە قېتىم قول ئۈزۈشكە توغرا كەلىدۇ. (4) : ئىملا قائىدىسى مۇرەككەپ. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى يۇقىرىقى تۆرت جەھەتتىن قەدىمقى تۈرك يېزىقىغا قارىغاندا ئەۋزەللىككە ئىگە.

    ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغان ۋاقىتنىڭ ئاخىرقى چەكىگە كەلسەك، بۇ رايونلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ يېزىقنى قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا < XIII > ئەسىرلەرگىچە ئىشلىتىلگەن ؛ تۇرپاننى مەركەز قىلغان شەرقىي ئۇيغۇر رايونىدا < XIV , IV > ئەسىرگىچە قوللىنىلغان ، گەنسۇ ئولكىسىنىڭ رايونىدىكى  سېرىق  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  تاكى< XVII > ئەسىرگىچە قوللىنىلغان.

    قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا زور رول ئويناپلا قالماي ، ئۇيغۇرلار ئەتراپىدا ياشىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگىمۇ خېلى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قەدىمكى ئۇيھگۇر يېزىقى توغرىسىدىكى مۇنۇ بايانىنى ئەسلەپ ئۆتۈش كۇپايە قىلىدۇ : قەدىمدىن بېرى قەشقەردىن يۇقىرى چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرىدا ، بارچە خاقانلار بىلەن سۇلتانلارنىڭ يارلىق ۋە خەت-ئالاقىلىرى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىلىپ كەلگەن ، ( تۈركىي تىللار دىۋانى¡·، ئۇيھگئۇرچە ، 1-توم ، 11-بەت).

    گەرچە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى كېيىنكى تەرەققىيات داۋامىدا قوللىنىشتىن قېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى كونا ئۇيھگۇر يېزىقى ئالغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ يېزىق ئۆز ھايئاتىنى يوقاتمىدى.< XIII , XIV> ئەسىر ئەتراپىدا موڭغۇللار بۇ يېزىقنى  ئۈگۈنىپ ئۆزىنىڭ يەزىقى قىلدى.< XVI > ئەسىردە ، مانجۇلار بۇ يېزىقنى موڭغۇللاردىن ئۈگۈنىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ يېزئىقى قىلدى.

                ( 
    تۇرسۇن ئايۇپنىڭ : <<قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى>> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى).


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.