ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-03

    تەرەققىيات، ئەنئەنە ۋە روھىيەتنىئڭ ....داۋامى - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40421143.html

    ئەنئەنە ئىچىدە ھەم ساغلام ھەم كېسەل روھىيەت ئامىللىرى تەڭلا مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. ساغلام روھىيەت ئامىللىرىنىڭ كۆپ بولۇشى ئەلۋەتتە بىر مىللەتنىڭ يۇقىرى تەرەققىيات سۈپىتىدىن دېرەك بېرەلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئىنسانىيەتنىڭ ئاتالمىش تەرەققىياتى يالغۇز بۈگۈنكى غەربكىلا مەنسۇپ ئەمەس. نۇرغۇن تارىختىكى ۋە زامانىمىزدىكى 3-دۇنيا ئەللىرىدىمۇ تەرەققىياتنىڭ ئۈلگىلىرى تېپىلىدۇ. لېكىن تارىخ يەنىلا ئۆتمۈش، رېئاللىق يەنىلا ئاچچىق. بۈگۈنكى تەرەققىي قىلىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تارىختا ئەڭ يۇقىرى تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلەر ئىدى. دەۋر چاقى ئايلىنىپ « ھۇما قۇشى» بۈگۈن غەربلىكلەرنىڭ بېشىغا قوندى. لېكىن شەرقلىقلەر بۇنىڭلىق بىلەن ئۆ ز ئەنئەنىسى ،غۇرۇرى ۋە كىملىكىنى تەرەققىياتنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇۋەتمەسلىكى، ئۆزىنىڭ ئېسىل مىللىي روھىيىتىنى تەرەققىياتنىڭ بىر مۇھىم بەلگىسى ۋە ئاساسى سۈپىتىدە چىڭ ساقلىشى كېرەك. ھالبۇكى بۇئەجدادلارغا ئۈمىد باغلاش، مەجنۇنلارچە چوقۇنۇش، ئەنئەنىلەرگە قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇنداق قىلىش پەقەت ئاجىز كىملىك سالاھىيىتىنى قوغداش يولىدىكى بىھۇدە تېپىرلاشتىن باشقا ئىش ئەمەس. بۇ خىل روھىي پاسسىپلىق تەرەققىياتنىڭ ئەڭ زور پۇتلىكاشاڭلىرىدىن بىرىدۇر.

    تەرەققىيات كۆپ تەرەپلىمە ھەم كەڭ دائىرىلىك يۈكسېلىشتۇر، يالغۇز جىقراق نەرسىگە ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى جىقراق سۈپەتكە ئېرىشىشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، «ھەقىقىي تەرەققىياتنىڭ تەبىئىتى شۇكى، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر ئورتاق قاتنىشىشى كېرەك، بولمىسا ئۇ چىن تەرەققىيات بولماي قالىدۇ.»(21) بىر قىسىملارنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە يەنە بىر قىسىملارنىڭ گۈللىنىشى ئىنسانىي تەرەققىياتتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۆز تارىخىي يىلتىزىدىن، ئېسىل ئەنئەنىلەردىن ئايرىلغان ۋە ياكى مىللەت پاجىئەلىرىگە ھامىي بولۇۋاتقان ئەنئەنىلەرگە جاھىللارچە چاپلاشقان تەرەققىياتمۇ ساختا تەرەققىياتتۇر. يالغۇز ئىقتىسادىي ياكى ماددىي ئېھتىياجلارنى چىقىش قىلغان تەرەققىياتمۇ ئىنساننى روھىي نامراتلىققا مۇپتىلا قىلىدۇ ۋە ئۆزىدىن ياتلاشتۇرىدۇ. قىسقىسى، ھەقىقىي تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئىنسانىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا روھىي ساغلاملىققا ۋە بېجىرىملىككە ھەم شۇ ئاساستىكى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك ماددىي ئاساسقا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە مەنىۋىيەتنىڭ پارلاق تەرەپلىرىنى توختىماي قېزىش شەكسىز زۆرۈر بولىدۇ.
    ئىزاھلار:

    (1)
    نەنسي بىردسەل:« ھايات ناھەقتۇر: دۇنيادىكى تەڭسىزلىك» ، « تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيا» (روبېرت ج. گرىففىس تەھرىرلىگەن) ناملىق كىتابتا ، گىلفورد ، 2001-يىل، 8-بەت
    (2)
    ۋىللي برەت :« جەنۇب –شىمال: جاننى ساقلاش پروگراممىسى» كامبرىج ، 1980-يىل،16-بەت
    (3)
    ستىفېن. س سمىس :« ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەققىدە يەككە نۇقتىلىق تەتقىقاتلار» جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتى 2003-يىل 3- بەت
    (4)
    ۋىللىيام خ. دراپېر : « ب د ت تەرەققىيات پروگىراممىسى» نىڭ كىرىش سۆزى ، 1990-يىل نيوروك، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 3-بەت
    (5)
    ،(6)،(14) دېنىس گولېت : « تەرەققىيات كۆرسەتكۈچلىرى»، «ئىجتىمائىي ئىقتىساد ئىلمىي ژورنىلى» ، 1992-يىل، 3-سان
    (7)
    بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتا ئىگىلەنگەن. ئۇ ئۇيغۇرلاردىمۇ مەھەللە ئەنئەنىسىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە سوئال قويدى.
    (8)
    داۋىد خ. پوللوك: «لاتېن ئامېرىكىنىڭ 2000-يىلغا بولغان ستېراتىگىيىسى»،«لاتېن ئامېرىكىسى ھەققىدە دوكلاد» كارلېتون ئۇنىۋېرسىتېتى،1-توم، 9-بەت
    (9)
    دېنىس گولېت: « كۈلتۈر، دىن ۋە تەرەققىيات ھەققىدە»، « دېموكراتىيەنى قايتا تەلەپ قىلىش» (مارگۇرېت مېندېل تەھرىرلىگەن) ناملىق كىتابتا، مكگىل –كۋىن ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، كانادا، 2005-يىل،21-بەت
    (10)
    جېف خەينېس:« ئۈچىنچى دۇنيا سىياسىيسىدە دىن»، لىن رىننېر نەشرىياتى، 1994-يىل، 2-بەت
    (11)
    ،(12) ئېرىچ فروم :«بېجىرىم جەمئىيەت»، جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى نەشرىياتى 1988-يىل 7-ئاي، 14-،19-بەتلەر
    (13)
    ئارنولد توينبى : « تارىخ ھەققىدە تەتقىقات» ، نيوروك، 1965-يىل نەشرى، 1-توم ، 59-بەت
    (15)
    دېنىس گولېت:« تەرەققىياتتا كۈلتۈر ۋە ئەنئەنىۋىي قىممەتلەر» ناملىق ماقالىدا ئېلىنغان نەقىل، « تەرەققىيات ئېتىكىسى»( سۇسان ستراتىگوس ۋە فىلىپ خۇگخېس تەھرىرلىگەن) ناملىق كىتابتا ، نيۇ گىنىيە نەشرىياتى، 1987-يىل
    (16)
    نائىك، ج، پ :« گەندى ۋە تەرەققىيات نەزەرىيىسى» «سىياسىي ھەققىدە تەھلىللەر» ژورنىلى ،1983-يىل، ئومۇمىي 45-سان 5-بەت
    (17)
    روس ۋ . د (تەھرىرلىگەن) :«ئارىستوتىل ئەسەرلىرى» كلارېندون نەشرىياتى، ئوكسفورد، 1921-يىل، 5-توم، 1265-بەت
    (18)
    دېنىس گولېت:« ھەقىقىي تەرەققىياتنى ئىزدەش» « ئىتتىپاقلىق لوگىكىسى» (گرىگورى بائۇن ۋە روبېرت ئېلسبېرگ تەھرىرلىگەن) ناملىق كىتابتا. نيوروك 1990-يىل 136-بەت
    (19)
    ئېرىچ فروم (تەھرىرلىگەن):« سوتسىيالىستىك گۇمانىزىم (ئىنسانىزم)—خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ كىرىش سۆزى، نيوروك ،1966-يىل، 9-بەت
    (20)
    دېنىس گولېت: «يەرشارىلىشىش داۋامىدىكى ئۆزگىرىۋاتقان تەرەققىيات ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر» ، «قانۇنىي ۋە ئىجتىمائىي سىناقلار ژۇرنىلى» ، 6- توم 1-بەت.
    (21)
    رىم پاپىسى جون پائۇل II: « ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە» ۋاشىڭگىتون ، ئامېرىكا كاتولىك دىنى يىغىنى ، 1987-يىل ،17-بەت
    مەنبە : شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2007-يىل 4-سان


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.