-
2009-06-03
قۇتادغۇ بىلىكتىن گۈلدەستە - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40420384.html
قۇتادغۇ بىلىكتىن .....
ئادەم بالىسىنىڭ قىممىتى بىلىم ۋە ئەقىلدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا
ياراتتى ۋە يۈكسەلىتتى تاللاپ ئادەم
بېرىپ ھۇش ئەقىل پەزىلنى ھەم
تىلىنى چىقارىپ ئاڭا بەردى دىل
ئۇيات بەردى يەنە گۈزەل خۇشپىئىل
بىلىم بەردى ئىنسان زورايدى بۇ كۈن
ئەقىل بەردى شۇڭا يېشىلدى تۈگۈن
خۇدا بەرسە كىمگە ئەقىل ھۇش بىلىك
تولا ئەقىلگە ئۇزاتۇر ئېلىگ
بىلىمىنى بۈيۈك بىل ئوقۇشنى ئۇلۇغ
بۇ ئىككىسى يۈكسۈلتۇر قۇلنىمۇ تولۇق
بۇ سۆزگە گۇۋاھتۇر تۆۋەندىكى سۆز
بۇ سۆزنى ئىشتكىن سۆزۈڭ بۇندا ئۇز
ئەقىل قايدا بولسا ئۇلۇغلۇق بولۇر
بىلىم كىمدە بولسا بۈيۈكلۈك تاپۇر
ئەقىللىق ئۇقار ئول بىلىملىك بىلۇر
بىلىملىك ئەقىللىق تىلەككە يىتۈر
بىلىم مەنىسىن بىل نېمە دەر
بىلىم ئۇ ساقايتۇر كىسەل بولسا ئەر
بىلىمسىز كىشى بارچە ئاغرىق بولۇر
داۋالانمىسا ئۇ تىرىكلا ئۆلۈر
كىسەلنى داۋالات بار ئەي بىلمىگەن
ئەي ئالىم نادانغا داۋا ئەيلە سەن
ئەقىلدۇر بۇرۇندۇق ئاڭا يەتسە ئەر
تۈمەنمىڭ تىلەگى بولسا ھەم يېتەر
كىشىگە ئىرۇر كۆپ ئەتىل پايدىسى
بىلىم بىلسە ئىنسان ئەزىز بولغۇسى
جېمىكى ئىشىڭنى ئەقىل بىرلە قىل
بىلىم بىلەن بىرلە ۋاقتىڭنى ساقلاشنى بىل
داڭلىق ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇ بىلىك دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى历史上的今天:
ئائىلە 2010-06-03دانالار ھىكمەتلىرىدىن 2009-06-03ئۇنتۇپ قالمايلى - مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز 2009-06-03
收藏到:Del.icio.us