ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

جاڭ چۈنشيەن پاكىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

ۋاقتى : 2014-05-13  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

imgrsCAS337D1.jpg

ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىش كېرەك


فېڭ جىن خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 12 – ماي ئۈرۈمچىدە پاكىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى سەئىد بۇھارى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.


جاڭ چۈنشيەن سەئىد بۇھارىنىڭ ئۆمەك باشلاپ، شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ تاغ – دەريالىرى تۇتىشىپ كەتكەن، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. پاكىستان جۇڭگونىڭ ياخشى، قەدىناس دوستى، ياخشى ھەمراھى، ياخشى قېرىندىشى، ئىككى دۆلەتنىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇقى ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى ئۇيۇلتاشتەك مەزمۇت.
جاڭ چۈنشيەن رەئىس سەئىد بۇھارى ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى قوللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ ۋە پاكىستان باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىستراتېگىيەسى تەسەۋۋۇرى ئارقىسىدا ئىقتىساد، سودا جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتسە بولىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق؛ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە، جۇڭگو شىنجاڭ ۋە پاكىستان ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن بىرلىكتە ساقلىنىدىغان مۇستەھكەم سېپىل قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. جۇڭگو ۋە جۇڭگو شىنجاڭ پاكىستان بىلەن نۇرغۇن ساھەدە كەڭ تونۇش ۋە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، رەئىسنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئارقىلىق، جۇڭگو ۋە جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن پاكىستان خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ چىڭىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا زەربە بېرىشتە تېخىمۇ ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.


سەئىد بۇھارى مۇنداق دېدى: پاكىستان ۋە جۇڭگو دۆلەت، رايون ۋە دۇنياۋى زور مەسىلىلەردە ئوخشاش قاراشقا ئىگە، جۇڭگو بىلەن دوست ئۆتۈش پاكىستان دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشى. ئىككى دۆلەت خەلقى ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان، ئۇلارنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. پاكىستان ۋە پاكىستاننىڭ شەرقىي رايونى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.


ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، نۇرلان ئابىلمەجىن، بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۈ شىنخۇا قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا