ماي ئېيى كىرگەندىن بۇيان ، ئوچۇق ، ئىللىق ھاۋا ئىزچىل تۈردە شىنجاڭلىقلارغا ‹‹ھەمراھ›› بولدى . 6-ماي كۈندۈزى ، كورلا، تۇرپان ، قومۇل ، كۇيتۈن قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا ℃31 قا چىقتى ، بۇنىڭ ئىچىدە ، ‹‹ئاتەش ماكان›› تۇرپاندا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37.38 قا چىقىپ ، جۇڭگو ھاۋارايى تورىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى ، نۇرغۇن ئادەم ‹‹ئاخىرى ياز كەلدى ›› دېيىشتى . بىراق ، 7-ماي چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى خەۋەر ئېلان قىلىپ ، بوران ۋە قۇم-بورانلىق ھاۋانىڭ شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى ، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى جاڭ يۈنخۇينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، 7-ماي كېچىدىن 8-ماي كۈندۈزگىچە ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ، تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقى ، قومۇل ، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن ، بوران ئېغىزلىرىدا 8 ~ 9 بال بوران چىقىدىكەن ، 30 چاقىرىملىق ، 100 چاقىرىملىق بوران رايونىدا بوراننىڭ پەيتلىك ئەڭ يۇقىرى كۈچى 11 بالدىن ئاشىدىكەن ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم رايونلاردا بوران بىلەن تەڭ يەنە قۇم-بورانلىق ھاۋا كۆرۈلۈپ ، تېمپېراتۇرا ℃5 ~ ℃8 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن .
8-ماي كۈندۈزدىن 9-مايغىچە ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن ھەم چاڭ-توزانلىق ھاۋا كۆرۈلىدىكەن ، تېمپېراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن .
نېمە ئۈچۈن باش ياز كىرىپ بولۇپمۇ ، يەنە كىلىمات بۇنچە تۇراقسىز بولىدۇ ؟ بۇنىڭغا قارىتا ، جاڭ يۈنخۇي مۇنداق دېدى : تېمپېراتۇرا گەرچە بىر نەچچە كۈن يۇقىرى بولغان بولسىمۇ ، بىراق ، باش ياز ھەرگىزمۇ ھەقىقىي ياز پەسلىگە كىرگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ . ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھاۋا كىلىمات ئۆلچىمىگە ئاساسەن ، تېمپېراتۇرا ئۇدا بەش كۈن ℃20 تىن ئاشسا ، ئاندىن ھەقىقىي ياز پەسلىگە كىرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ . ئادەتتە ماينىڭ ئاخىرى ، ئىيۇننىڭ باشلىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەقىقىي ياز يېتىپ كېلىدۇ . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، 12-ماي ئەتراپىدا ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن .