دۆلەتلىك سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى «تاۋار ماركا قانۇنى» نى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، «داڭلىق تاۋار ماركا» شان- شەرەپ نامى ئەمەس ئىكەن، بۇ يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ «داڭلىق تاۋار ماركا» نىڭ تاۋارلارنىڭ ئورالمىسىدا پەيدا بولۇشى چەكلىنىدىكەن، ھەمدە «داڭلىق تاۋار ماركا» نى ئېلان تەشۋىقاتى، كۆرگەزمىلەردە ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدىكەن.