2014-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 10:00دا، 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى گ گۇرۇپپا ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسى ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا ئوينالدى.
مۇسابىقىدىن ئىلگىرى ئاز كۆۈلىدىغان قاتتىق يامغۇر ياغقان بولسىمۇ، ئەمما فىفا مۇسابىقىنىڭ نورمال داۋاملاشتۇرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياش توپچى توماس مۇللېر بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگۈزگەپ توپ سانى توققۇزغا يەتتى.
مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىسى:
مۇسابىقە باشلاشتىن ئىلگرى ئىككى دۆلەت دۆلەت شېئىرى ئوقۇغان ۋاقىتتا كىلىنسىمان گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا ئىككىلا دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.
كىلىنسىمان ئىلگىرى80-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 90-يىللارنىڭ بېشىدىكى مەزگىلدىكى گېرمانىيەنىڭ غوللۇق ھۇجۇمچىسى ۋە 2006-يىللىق گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىدا گېرمانىيەنىڭ ترېنېرى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا لۆۋ كىلىنسىماننىڭ ياردەمچى ترېنېرى ئىدى، سەككىز يىلدىن كېيىن كىلىنسىمان لۆۋ بىلەن بىرگە مۇسابىقە مەيدانىدا قارمۇ-قارشى بولۇپ ئۇچىراشتى، ھەمدە كىلىنسىمان تۇنجى قېتىم گېرمانىيەگە قارشى مەيداندا تۇردى.
كىلوز ئالدىنقى ئايلانما گاناغا بىر توپ ئۇرۇپ، دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن توپى 15 كە يېتىپ رونالدو بىلەن تەڭلەشتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 45-مىنۇتتىن كېيىن پودولىسكىينىڭ ئورنىغا مەيدانغا ئالمىشىپ چىقتى، توپخۇمارلار تەقەززالىق بىلەن يېڭى بىر رىكورتنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كۈتمەكتە.
مېركېل مۇسابىقە كۆرگىلى كەلمىدى. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ئەزەلدىن گېرمانىيەنىڭ مۇسابىقىسىدە پەيدا بولاتتى، ئەمما بۇ قېتىم مۇسابىقە مەيدانىدا پەيدا بولمىدى. مېركېل ئىلگىرى گېرمانىيە بىلەن پورتوگالىيەنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەندە، گېرمانىيەدىكى مىدىئالار مۇسابىقە كۆرۈش تەننەرخى ئاز بولغاندىمۇ 300 مىڭ ياۋرو، بۇ پۇلنى بۇزغانلىق دەپ خەۋەر قىلغان.
مۇسابىقە باشلىنىپ 55-مىنۇتتا ئۆزىل ئوڭ تەرەپتىن بۇلۇڭ توپ چىقاردى، بېندىكىت خوۋدىس ۋارتاغا تەپتى، ئامېرىكا قاپقىچىسى خوۋارد توپنى چىقىرۋەتتى، توماس مۇللېر چەكلەنگەن رايوندا توپ ئۇردى. گېرمانىيە 1-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى.
ئەڭ ئاخىرىدا گېرمانىيە 1-0 نەتىجە بىلەن ئامېرىكىنى مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۈچ مەيدان تولۇق غەلبە قىلىپ، گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى. ئامېرىكا بۇ مەيدان مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، تۇنجى مەيدان گانانى مەغلۇپ قىلىپ، ئىككىنچى مەيدان پورتوگالىيە بىلەن تەڭلىشىپ تۆ نومۇرغا ئېرىشكەنلىكتىن، نومۇرى گانانى مەغلۇپ قىلغان پورتوگالىيە بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، ساپ توپ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقتى.
















