ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

دۇنيا لوڭقىسى سەككىز كۈچلۈك شاللاش ئۇچىرىشىشى

ۋاقتى : 2014-06-27  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

20140627073159691.jpg

2014-يىلى 6-ئاينىڭ 26 كۈنى كەچ سائەت 10:00 ۋە 27-كۈنى سەھەر سائەت 2:00 دە گ گۇرۇپپا ۋە خ گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تۆت مەيدان مۇسابىقىسى ئوينالدى. بۇنىڭ ئىچىدە گ گۇرۇپپىدا گېرمانىيە 1-0 نەتىجىدە ئامېرىكىنىڭ مەغلۇپ قىلىپ گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى، ئامېرىكا ساپ توپ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقتى، پورتوگالىيە 2-1 نەتىجىدە گانانى مەغلۇپ قىلىپ، تەسەللىي غەلبىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسىدىن خوشلاشتى. خ گۇرۇپپىدا ئون ئادەملىك بېلگىيە كورىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى، ئالجىرىيە روسىيە بىلەن تەڭلىشىپ گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقتى.

بۇ نۆۋەتلىك برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى پۈتۈنلەي ئاياقلىشىپ 16 كۈچلۈك كوماندا ھەممىسى پەيدا بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈستۈنكى رايوندىن كىرودىيە، ئىسپانىيە، ئېنگىلاند، ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇرۇنلا خوشلىشىپ، گوللاندىيە بىلەن گىرىتسىيە 16 كۈچلۈككە كىردى. جەمئىي ئالتە ئامېرىكا قىتئەسى كوماندىسى 16 كۈچلۈككە كىرىپ دۇنيا لوڭقىسى« ئامېرىكا لوڭقىسى»غا ئۆزگۈرۈپ كەتتى، گوللاندىيە ياۋروپا كوماندىلىرىغا ۋاكالىتەن بىرازىلىيە ۋە ئۇرۇگۋاي بىلەن كېيىنكى مۇسابىقە باسقۇچىدا ئۇچىرىشىدۇ. ئاستىنقى رايوندا ئارگېنتىنا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئۈمىدى بولۇپ گېرمانىيە، فىرانسىيە بىلەن كېيىنكى مۇسابىقە باسقۇچلىرىدا ئۇچىرىشىدۇ. نىگىرىيە بىلەن ئالجىرىيە ئافىرقا كوماندىلىرىغا ۋاكالىتەن 16 كۈچلۈككە كىردى، ئاسىيا كوماندىسى تولۇق مەغلۇبىيەت بىلەن گۇرۇپپىدىن شاللاندى. بۇ نۆۋەتلىك برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا 13 ياۋروپا كوماندىسىدىن يەتتە كوماندا گۇرۇپپىدىن شاللاندى، كۈچلۈك دەپ قارالغان ئىسپانىيە، ئېنگىلاند، ئىتالىيە مۇدەتتىن بۇرۇنلا دۇنيا لوڭقىسىدىن خوشلاشتى.
دۇنيا لوڭقىسى بىر كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن 6-ئاينىڭ 28-كۈنى( شەنبە كۈنى) كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10:00 دا سەككىز كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسى باسقۇچىغا كىرىدۇ.

ئۈستۈنكى رايون: ئا گۇرۇپپا برازىلىيە، مېكسىكا. ب گۇرۇپپا گوللاندىيە، چىلى. س گۇرۇپپا كولومبىيە، گىرىتسىيە. د گۇرۇپپا كوستارىكا، ئۇرۇگۋاي. ئاستىنقى رايون: ئې گۇرۇپپا فرانسىيە، شىۋىتسارىيە. ف گۇرۇپپا ئارگېنتىنا، نىگىرىيە. گ گۇرۇپپا گېرمانىيە، ئامېرىكا. خ گۇرۇپپا بېلگىيە، ئالجىرىيە.


6-ئاينىڭ 28-كۈنى (شەنبە كۈنى) كەچ 10:00دا برازىلىيە VS چىلى
6-ئاينىڭ 29-كۈنى يەكشەنبە كۈنى) سەھەر 2:00 دە كولومبىيە VS ئۇرۇگۋاي
6-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ 10:00 دا گوللاندىيە VS مېكسىكا
6-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەر 2:00دە كوستارىكاVS گىرىتسىيە
6-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ 10:00دا فرانسىيە VS نىگىرىيە
7-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر 2:00دە گرمانىيە VS ئالجىرىيە
7-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ 10:00 دا ئارگېنتىنا VS شىۋىتسارىيە
7-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر 2:00 دە بېلگىيە VS ئامېرىكا
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا