
مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىسى: 6-ئاينىڭ 24-كۈنى مېسسىنىڭ 27ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئالاھىدە قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئۈچ مەيداندا تۆت توپ كىرگۈزۈپ، دۇنيا لوڭقىسى مەرگەنلەر رېتىدە نېيمار بىلەن تەڭلەشتى. مېسسى ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىدا مەيدانغا چىققان يېقىنقى سەككىز مەيدان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن توپى ئونغا يەتتى. نىگىرىيە گەرچە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، 1998-يىللىق فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇيان، 16 يىلدىن كېيىن قايتا تۇنجى قېتىم گۇرۇپپىدىن چىقىپ 16 كۈچلۈككە كىردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككىلا تەرەپ 433 سەپ شەكىلى چىقاردى. 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەمدىلا 27 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن مېسسى مۇسابىقە باشلىنىپ 3-مىنۇتتا توپ كىرگۈزدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 3-مىنۇتتا ماسچىرانو ئىتتىرىپ بەردى، دىمارىيا چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ ۋارتاغا ھۇجۇم قىلدى، توپنى نىگىرىيە قاپقىچىسى توسۇپ چىقىرۋەتتى، مېسسى ئۈلگۈرۈپ كېلىپ توپ ئۇردى. ئارگېنتىنا 1-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى.
مېسسى توپ كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ 27 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبىرىكلىدى ھەمدە مېسسى ئۇدا ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە توپ ئۇردى.
38-مىنۇتتا ئاگۈيرو يارلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى، سابېللا لاۋېززىنى ئورنىغا ئالماشتۇردى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت بۆلىكىدە ئارگېنتىناغا ئىختىيارى توپ تىپىش پۇرسىتى كەلدى، مېسسى ئىختىيارى توپنى بىۋاستە كىرگۈزدى.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئارگتنىنا 2-1 نەتىجىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىپ ئاياقلاشتى.
ئىككى مىنۇت ئۆتۈپلا 50-مىنۇتتا دىمارىيا كۈچەپ ۋارتاغا تەپتى، ئېنيېما توپنى ۋارتار توغرا لىمىدىن ئارتىلدۇرۇپ چىقىرۋەتتى، كېيىن لاۋېززى سول تەرەپتىن بۇلۇڭ توپ چىقاردى، روخو چەكلەنگەن رايوندا توپ ئۇردى. ئارگېنتىنا 3-2 نەتىجىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى.
نىگىرىيە گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقتى.











