2014-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 10:00 دا، 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى گ گۇرۇپپا تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسى برازىلىيەنىڭ سالۋادور شەھىرىدىكى يېڭى سۇ مەنبەسى تەنتەربىيە مەيدانىدا گېرمانىيە بىلەن پورتوگالىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئوينالدى.
مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىسى: گېرمانىيە ترېنېرى لۆف بۈگۈن ھۇجۇمچىسىز سەپ شەكىلى چىقاردى، ئەمما ھۇجۇمچى بولماسلىق ھۇجۇم كۈچىنىڭ بولماسلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. گېرمانىيە كوماندىسى پەقەتلار 45 مىنۇت مۇسابىقىدىلا پورتوگالىيەگە ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، 3-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى. بۇ نۆئەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ھازىرغىچە ئالدىنقى يېرىم مەيداندىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر پەرق رىكورتىنى ياراتتى.
گېرمانىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىدىكى 100- مەيدان مۇسابىقىنى كۈتىۋالدى. پورتوگالىيە بىلەن بولغان مۇسابىقە گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى 100-مەيدان مۇسابىقىسى.
مۇللېر قالپاق كىيدى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا تۇنجى قالپاق كەيگۈچى بارلىققا كەلدى، مۇللېر گېرمانىيەنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، ئىككىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ، جەمئىي يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە سەككىز توپ كىرگۈزدى. ئۇ 2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىدا، بەش توپ كىرگۈزۈپ ئۈچ ياردەمچى توپ چىقىرىپ ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشمىگەن ئالتۇن بوتىسقا ئېرىشكۇچى بولغان.
پېپى قەستەن قىزىل كارتا يەپ، پورتوگالىيە كوماندىسىغا ئېغىر قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 10-مىنۇتتا پورتوگالىيە كوماندىسىنىڭ قارا چۈشى باشلاندى، گوتېز چەكلەنگەن رايونغا بۆئۈپ كىرىپ نۇقتا توپ ياسىدى، كېيىن توماس مۇللېر نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. گېرمانىيە 1-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى.
32-مىنۇتتا تونى كىروس ئوڭ تەرەپتىن بۇلۇڭ توپ چىقاردى، خۇمىلىس كاللا توپ ئۇردق، گېرمانىيە 2-0 ئۈستۈنلىككە ئۆتتى.
37-مىنۇتتا پېپى توماس مۇللېرغا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىدى، نەتىجىدى قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى، ئىككى توپ ئارقىدا قالغان پورتوگالىيە كوماندىسى پقەت ئون ئادەم بىلەن مۇسابىقە ئويناپ تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالدى.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت بۆلىكىدە، تونى كىروس پاس بەردى، توماس مۇللېر توپ ئۇردى. گېرمانىيە 3-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان گېرمانىيە 3-0 پورتوگالىيە نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.
بۇ تاسادىپىي نەتىجە بارلىق توپخۇمارلارنى ھەيران قالدۇردى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 78-مىنۇتتا توماس مۇللېر يەنە بىر توپ كىرگۈپ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا تۇنجى قالپاق كىيگەن توپچى بولدى . ئەڭ ئاخىرىدا گېرمانىيە كوماندىسى 4-0 نەتىجە بىلەن پورتوگالىيە كوماندىسىنى يۇقىرى نومۇر پەرقتە مەغلۇپ قىلدى.
















