ئىران كوماندىسى : ئەينى زامانلاردا ئاتلىق قىسىم سەپنىڭ باشلامچىسى شۇنداقلا كوزۇرى ئىدى. بىراق زامان تەرەققى قىلىپ ، قوراللار ئىلغارلىشىپ كەتكەن ھازىرقى زاماندا ئاتلىق قىسىمنىڭ ئاقمايدىغىنى ئېنىق. شۇنداقتىمۇ پارىس ئاتلىق قىسىملىرى يەنىلا ئاتلىرىنى چاپتۇرغىنىچە بىرازىلىيەگە قاراپ يۈرۈش قىلماقتا. بەلكىم ئۇلار غەلىبە ئۈچۈن ئەمەس، غورۇر ئۈچۈن كۈرەش قىلسا كېرەك...
پارىس قولتۇقىغا جايلاشقان ئىران پۇتبول جەھەتتە ئاسىيا قىتئەسىدە بەلگۈلۈك تەسىرگە ئىگە. نۆۋەتتە خەلقئارا پۇتبولچىلىر بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان رەت تەرتىپتە ئىران كوماندىسى 38-ئورۇنغا تىزىلغان، ئاسىيا قىتئەسىدىكى رەت تەرتىپتە بولسا 1-ئورۇنغا تىزىلغان. ئىران كوماندىسى غەربىي ئاسىياغا نىسبەتەن ئەڭ بۇرۇن خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان كوماندا بولۇپ، ئۇلار بۇ نۆۋەت بىلەن 4-قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولىدۇ. گەرچە ئىران كوماندىسى 1968-،1972-،1976 -يىللىرى ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيون بولغان،ئۇندىن باشقا يەنە بەش قېتىم تۆت كۈچلۈك كوماندا، ئۈچ قېتىم سەككىز كۈچلۈك كوماندا بولغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىزچىل ياخشى نەتىجە ئېلىپ بولالمىدى. 1978-يىلى ئۇلار تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ئەمما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، شوتلاندىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ، گوللاندىيە ۋە پېرو كوماندىلىرىغا يېڭىلگەنلىكى ئۈچۈن شاللىنىپ كەتكەن. 1980-يىلى پارتلىغان ئىران- ئىراق ئۇرۇشى سەۋەبلىك پۇتبول بۇ جايدا بىر مەزگىل پەسكويغا چۈشۈپ قالغان. 1990-يىللىرىغا كەلگەندە پۇتبول يەنە ئەسلىگە كېلىشكە باشلاپ، ئەلى دەھى، مەھدى ماخداۋىكا، خوداداد ئەزىزى، قارىم بەكرى قاتارلىق تالانتلىق پۇتبولچىلار بارلىققا كەلگەن. بۇلارنىڭ كۈچى بىلەن 1998-يىلى يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 32 كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە يەنىلا يۇگۇسلاۋىيە ۋە گېرمانىيەگە يېڭىلىپ شاللىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي رەقىبى ئامېرىكا كوماندىسىنى 2:1 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، چېمپىيون بولغاندىنمۇ بەكراق خوشال ھالدا يۇرتىغا قايتقان. 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە، ئىران كوماندىسى ياپونىيە كوماندىسى بىلەن بىللە ئەڭ دەسلەپتە ئۈزۈپ چىقىپ، 3-قېتىم قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. بىراق يەنىلا پورتىگالىيە ۋە مېكسىكا كوماندىلىرىغا يېڭىلىپ، ئانگولا كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغاچقا شاللىنىپ كەتكەن.
2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە ئىران كوماندىسى مالدىۋې، ھىندونېزىيە، قاتار، بەھرەيىن كوماندىلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، بەش مەيدان ئۇتۇپ، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ، گۇرۇپپىدا 1-لىككە ئېرىشىپ ئۈزۈپ چىققان. ئاسىيادىكى 10 كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىسىدە كورىيە، قاتار، ئۆزبېكىستان، لىۋان كوماندىلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، بەش مەيدان ئۇتۇپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ، يەنىلا گۇرۇپپىنىڭ 1-لىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىرازىلىيەنىڭ بېلىتىنى قولغان كەلتۈرگەن.
ئىران كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى چۆروز 1989-يىلىدىن باشلاپ پورتۇگالىيە ياشلار كوماندىسىنى تۇتقان بولۇپ، داڭلىق پۇتبول چولپانلىرى فىگو قاتارلىقلار ئۇنىڭ قولىدا تەربىيەلىنىپ چىققان. بىر مەزگىل مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىدىكى باش مەشقاۋۇل فېرگوسېنغا ياردەمچى بولغان، كېيىن خانلىق مادرىد كوماندىسىغا بىر مۇسابىقە پەسلى باش مەشقاۋۇل بولغان. 2008-يىلىدىن باشلاپ پورتىگالىيە كوماندىسىغا باش مەشقاۋۇل بولۇپ، ئۇلارنى 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 16 كۈچلۈك قاتارىغا ئەكىرگەن. بىراق سەككىز كۈچلۈك كوماندا بولۇش جېڭىدە كۈچلۈك رەقىبى ئىسپانىيە كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن. 2011-يىلى 4-ئايدا ئىران كوماندىسى بىلەن ئىككى يېرىم يىللىق توختام تۈزگەن.
ئىران كوماندىسىنىڭ ئەڭ نوچى پۇتبول چولپانلىرى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئوساسۇنا كوماندىسىدا توپ تېپىدىغان نېكونام ۋە شوجەئى بولۇپ، ئالى دەھى پۇتبول سەھنىسىدىن چېكىنگەندىن كېيىن ئۇ ئىران كوماندىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئادىمىگە ئايلانغان. ئوساسۇنا كوماندىسىدا نېكونام غوللۇق ماھىر بولسىمۇ، ئەمما شوجەئىنىڭ مەيدانغا چۈشۈش پۇرسىتى يوق دىيەرلىكلا. ئۇندىن باشقا گېرمانىيەدە توپ تېپىدىغان داۋارىنىڭ ۋاراتادا تۇرۇش تېخنىكىسىمۇ خېلى ئۈستۈن.
ئىران كوماندىسى بەدەن ساپاسى جەھەتتە باشقىلار بىلەن قېلىشمايدۇ. ئىران كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمى ئاساسلىق ئىككى ياندىن بۆسۈپ كىرىش ۋە ئومۇمىي گەۋدىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. تاللاش مۇسابىقىسىدە ئىران كوماندىسى كورىيە كوماندىسىنى مېھمان ۋە ساھىپخان مەيداننىڭ ھەممىسىدە يەڭگەن بولغاچقا، سەل قاراشقىمۇ بولمايدىغان كوماندا دېسەكمۇ بولىدۇ. ئىران كوماندىسى بۇ گۇرۇپپىدىكى ھەممە كوماندا بىلەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۇتۇشۇپ باقمىغان. ناۋادا گۇرۇپپىدىن ئۈزۈپ چىقىمەن دەيدىكەن تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە چوقۇم نېگىرىيە كوماندىسىنى ئۇتىشى كېرەك. ئەگەر بۇ مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قالسا، كېيىنكى مۇسابىقىلەردىن ئۈمۈت كۈتمىسىمۇ بولىدۇ. ئارگېنتىنا كوماندىسى ھەرگىزمۇ بۇلارغا بوي بەرمەيدۇ، بوسىنىيە گېرتسېگوۋېنا كوماندىسىمۇ بوش ئەمەس...
نېگىرىيە كوماندىسى :ئۆز ماكانىدا ئولجىغا ئېرىشەلمىگەن "ئافرىقا بۈركۈتى" ئەمدى بىرازىلىيەدىن ئۈمۈت كۈتۈپ، ئوۋلاش ئۈچۈن سەپەرگە چىقتى. "پامپاس بۈركىتى"گە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۇ "پامپاس بۇركىتى"دىن نېرى تۇرۇپ، ئاشقان ئوۋلارغا ئۈمۈت باغلىماقتا. ئۆز يۇرتىدا چىقمىغان ئوۋ كىشىنىڭ يۇرتىدا قانداق بولار؟ بۇنىڭغا بىر نىمە دېمەك تەس. بىراق ئۈمۈتمۇ يوق ئەمەس.
"ئافرىقا بۈركۈتى" دەپ تەرىپلىنىدىغان نېگىرىيە پۇتبول كوماندىسى ئۆتكەن نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، يەنى ئۆز يۇرتى ئافرىقىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە، گۇرۇپپىدىن ئۈزۈپ چىقالمايلا بىر تەرەپ قىلىنىۋېتىلگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئۇلار ئافرىقا قىتئەسى تاللاش مۇسابىقىسىدە 2-ئايلانمىدىن باشلاپ قاتناشقان بولۇپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۈچ مەيدان ئۇتۇپ، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ گۇرۇپپىدا 1- بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈچىنچى ئايلانمىغا ئۈزۈپ چىققان. 3-ئايلانمىدا ئېفىئوپىيە كوماندىسىنى چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتۇپ بىرازىلىيەگە ئۇچۇش بېلىتىگە ئېرىشكەن.
بۇ قېتىملىق بىلەن نېگىرىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 32 كۈچلۈكلەر قاتارىغا بەشىنچى قېتىم كىرىشى ھىساپلىنىدۇ. نېگىرىيە كوماندىسىنىڭ گەرچە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا ياراتقان ئەڭ ياخشى نەتىجىسى، ئىككى نۆۋەت 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىش بىلەنلا چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئافرىقا قىتئەسىدە خېلى كۈچلۈك ھىساپلىنىدۇ، مەسىلەن ئۇلار ئافرىقا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۈچ قېتىم چېمپىيون، تۆت قېتىم 2-لىككە ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا 1996-يىللىق ئاتلانتا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئالتۇن مېدالغا، 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ كوماندىنىڭ ياشلاشقانچە نەتىجىسى ياخشى بولۇپ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 20 ياشلىقلار مۇسابىقىسىدە ئىككى نۆۋەت 2-، بىر نۆۋەت 3- بولغان بولسا، 17 ياشلىقلار مۇسابىقىسىدە 1985-، 1993-، 2007-يىللىرى چېمپىيون بولغان، 1987-، 2001-، 2009-يىللىرى 2-لىككە ئېرىشكەن.
ئۆتكەن يىل ئافرىقا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان بۇ كوماندا ھازىر، بولۇپمۇ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئافرىقىدىن چىققان ئەڭ كۈچلۈك كوماندا ھىېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈشتە، ئارگېنتىنا كوماندىسىنى ھىساپقا ئالمىغاندا قالغان كوماندىلار يەنىلا تەڭتۈش ھىساپلىنىدۇ. ئافرىقا كوماندىلىرىنىڭ ئۈمۈدى ھېساپلىنىدىغان بۇ كوماندىنىڭ، تارىخنى يېڭىلاپ سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىلگىرلەش پۇرسىتى يوق ئەمەس. بۇ نۆۋەت مەقسىدىگە يېتەلەمدۇ يوق بۇ ئۇلارنىڭ قاتتىق تىرىشىشىغا باغلىق.
پۇتبولچىلىقىتىن چېكىنىپ مەشقاۋۇللۇققا قەدەم قويغان كېشى 2011-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ نېگىرىيە كوماندىسىغا باش مەشقاۋۇل بولغان. ئۇ تەنھەرىكەتچى ۋاقتىدا مۇداپىيەگە مەسئۇل بولۇپ، دۆلەت كوماندىسى بىلەن ئافرىقا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ باققان ھەمدە ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. كېشى بۇندىن بۇرۇن توگو كوماندىسىنى يېتەكلەپ، 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بۇ قېتىم ئۇ نېگىرىيە كوماندىسىغا باش بولۇپ، 2013-يىللىق ئافرىقا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى ھەمدە نېگىرىيە كوماندىسىنى 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
2006-يىلى ئافرىقىدىن چىققان يېڭى چولپان دەپ مۇكاپاتلانغان، ھازىر ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى چېلسى كوماندىسىدا، ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇم تەشكىللىگۈچىسى بولۇپ توپ تېپىۋاتقان مىكېل، نېگىرىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ غوللۇق ماھىرى ھىساپلىنىدۇ. ھۇجۇم سېپىدە لىۋىرپول كوماندىسىدا توپ تېپىدىغان موسېس ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھۇجۇم سېپىدە يەنە موسكىۋا پاراۋۇز كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان ئوبىننا ۋە نيۇكاسېر كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان ئاموبىمۇ بار. 2002-يىلى ۋە 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئېنياما بۇ بۇ قېتىم نېگىرىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ۋاراتارلىقىنى ئۆتەش بىلەن بىرگە كوماندا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
نېگىرىيە كومداندىسى ئاساسلىقى تۆت مۇداپىيەچى، ئۈچ ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچىسى ۋە ئۇچ ھۇجۇمچى سەپ تۈزۈلمىسىنى قوللىنىدۇ. كوماندا ئالاھىدىلىگى پۈتۈن سەپ بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ، كۆپ ھاللاردا جەڭگاھنى قارشى تەرەپ يېرىم مەيدانىغا ئاپىرىپ قويۇدۇ. ياندىن ھۇجۇم قوزغۇغۇچى ئىككى ماھىرى تېز سۈرئەتتە ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇم قوزغاش بىلەن بىرگە، كۆپ ھاللاردا ئوتتۈرا مەيدانغا قايتىپ، ئوتتۇرا مەيداندىكى سەپ تۈزۈلمىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىۋېتىدۇ. ناۋادا ھۇجۇم ئۆزلىرىنىڭ يېرىم مەيدانىغا مەركەزلىشىپ قالسا، كۆپىنچە ئۇزۇن پاس ئارقىلىق توپ ھۇجۇم سېپىگە يەتكۈزۈلۈپ بېرىلىدۇ.
بۇ گۇرۇپپىدا نېگىرىيە كوماندىسى ئۈچۈن پۇرسەت يوقمۇ ئەمەس، گۇرۇپپىنىڭ 2-لىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئىران كوماندىسىنى چوقۇم ئۇتۇشى كېرەك. ناۋادا ئىران كوماندىسىنىمۇ ئۇتالمىسا، ئۇنداقتا قالغان مۇسابىقىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار ئىران كوماندىسىنى ئۇتۇپ، 2-ئايلانمىدا بوسىنىيە-گېرتسېگوۋېنا كوماندىسىغا بۆزەك بولمىسىلا، گۇرۇپپىدىن چىقىشىدا ئۈمۈد تۇغۇلىدۇ.