مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن كېچىدىن باشلاپ، مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال قىسمى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، شىنجاڭمۇ بۇ يىل كۈزدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ھۆل يېغىنلىق، تۆۋەن تېمپراتۇرىلىق ھاۋارايى جەريانىغا دۇچ كېلىدىكەن. كېيىن، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار- يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بىر قىسىم جايلاردا قاتتىق قار يېغىپ، ھاۋارايى ئەڭ كۆپ بولغاندا 12 گرادۇستىن كۆپرەك تۆۋەنلەيدىكەن.

مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، سوغۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، بۈگۈن كېچىدىن 20- سېنتەبىر كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ھۆل يېغىنلىق، تۆۋەن تېمپراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسى، چۆچەكنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ھەمدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ بويى قاتارلىق جايلارنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ئوتتۇرىھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، ھەتتا يامغۇر قارغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن، تاغلىق رايوننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدىغان ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. مېتېئورولوگىيە تارمىقىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۆل يېغىنلىق، تۆۋەن تېمپراتۇرىلىق ھاۋارايى جەريانى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا تېمپراتۇرا 8- 10 گرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، بىر قىسىم جايلاردا تېمپراتۇرا 12 گرادۇستىن كۆپرەك تۆۋەنلەيدىكەن، بىر قىسىم تاغلىق رايوندا ئەڭ تۆۋەن تېمپراتۇرا مۇز تۇتۇش ھالىتىگە چۈشۈشى يەنى نۆل گرادۇستىن تۆۋەنلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، شىمالىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي رايونىدا يەنە جۇدۇن چىقىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭغا قارىساق، 19- سېنتەبىر كېچىدىن 20- سېنتەبىر كۈندۈزگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا قۇم بوران چىقىپ، تېمپراتۇرا بەش گرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

بۇ قېتىمقى ھاۋارايى ئۆزگىرىشى ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن غەربىي شىمال رايونىغا نىسبەتەن ئىلگىرىمۇ، كېيىنمۇ ئەمەس ھېسابلىنىدۇ؛ ئەمما بۇنىڭ كۆلىمى ۋە كۈچلۈكلىكىدىن قارىغاندا، بۇ يىل كۈز كىرگەندىن بۇيان دەرىجىسى ئەڭ كۈچلۈك، ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، تەسىرى دائىرىسى ئەڭ چوڭ بولغان ھاۋارايى جەريانى ھېسابلىنىدۇ. مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى ھاۋارايى جەريانى شىنجاڭنىڭ كەچكۈزگە كىرىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى بولۇپ، نورمال ھاۋارايى ھادىسىسىگە تەۋە. بۇ قېتىمقى ھاۋارايى جەريانىدا، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈششۈك چۈشىدىغان بولۇپ، ئېڭىز زىرائەتلىرى، شال قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئاشلىق قۇرۇتۇشقا پايدىسىز تەسىر يەتكۈزىدۇ، جايلار ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بورانلىق، قارلىق ھاۋارايى چارۋا يۆتكەشكىمۇ پايدىسىز تەسىر يەتكۈزىدۇ، جايلارنىڭ ۋاقىت ۋە مەشغۇلات پىلانىنى تەڭشەپ، زىياندىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە