ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

تۈركىيە نېمە ئۈچۈن روسىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ؟

ۋاقتى : 2015-11-26  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

روسىيەنىڭ 24-su تىپلىق بىر جەڭ ئايروپىلانى، تۈركىيە بىلەن سۈرىيە چېگراسىدا تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى تەرىپىدىن ھاۋا-ھاۋا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى. تۈركىيە نېمە ئۈچۈن روسىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ؟ روسىيە بۇنىڭدىن قانداق ئۆچ ئالىدۇ ؟

تۈركىيەنىڭ بۇنداق «قاراملىقى» ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالامدۇ ؟

11-ئاينىڭ 24-كۈنى، روسىيەنىڭ 24-su تىپلىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى، تۈركىيە بىلەن سۈرىيە چېگراسىدا تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى تەرىپىدىن ھاۋا-ھاۋا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى. تۈركىيە زۇڭتۇڭى «روسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلدى» دېدى، روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بولسا «كۈرەشچى ئايروپىلان تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلمىدى» دېدى.

مەيلى ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ روسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەندەك بۇ پاكىتنى تۈركىيە روسىيە ھەر ئىككى دۆلەت ئېتىراپ قىلدى، روسىيە ئۇزۇندىن بۇيان ئەنئەنىۋى ھەربىي كۈچلۈك دۆلەت دەپ قارىلىدۇ شۇنداقلا دەرىجىدىن تاشقىرى يادرو چوڭ دۆلىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، تۈركىيە نېمە ئۈچۈن «قاپلاننىڭ يۈرىكىنى يەۋالغاندەك» روسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ؟

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارقا تېرەك بولىدۇ

ئالدى بىلەن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئارقا تېرەك بولۇشى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە روسىيە ھەربىي ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشنىڭ ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئۇقۇم. ھازىر بىر خىل «سۈيىقەست نەزەرىيەسى» ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا، يەنى تۈركىيە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى ئارقىسىدا «ئۇزۇن مەزگىللىك قەستلەش پىلانى» غا ئاساسەن روسىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىپادىسىگە ئاساسەن، بۇ خىل مۇمكىنچىلىك ئانچە چوڭ ئەمەس.

 تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ روسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە ئالدى بىلەن جىددىي تۈردە جۇڭگو، ئامېرىكا، روسىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرىنى چاقىرتىپ ئەھۋال چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى. بۇ گەرچە بىر خىل نورمال دىپلوماتىيە تەرتىپى بولسىمۇ لېكىن مۇنداق ئىككى نۇقتىنى چۈشەندۈرىدۇ : بىرىنچى، ۋەقە ناھايىتى جىددىي يۈز بەرگەن، ئىككىنچى، تۈركىيە روسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەندىن كېيىن بىر ئاز جىددىيلەشكەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى چوڭ دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى ئىپادە بىلدۈرۈشكە باشلىدى، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىككى خىل بولۇپ، يەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بولسا تۈركىيە جىددىي يىغىن ئاچقاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئۆز زېمىن بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇخبىر روسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ھەقىقەتەن تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان قىلمىغانلىقىنى سورىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : «بىز شۇ كۈنى ئېرىشكەن بىرنەچچە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە باھالاپ بېكىتىش نەتىجىسى بىلەن، تۈركىيە تەرەپ بىزگە تەمىنلىگەن ئۇچۇر بىردەك بولغان.»

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ بىلدۈرگەن ئىپادىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، روسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى تۈركىيە چېگراسى ئىچىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوللىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.

ئەمما شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «چوڭ كاتتىبېشى» ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىش ئۈستىدىكى كۆز قارىشى باشقىچە بولۇپ، رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 25-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە: روسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى سۈرىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرگەن، بىراق بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ئايروپىلان تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. يەنى ئامېرىكا روسىيەنىڭ «تۈركىيە ئايروپىلانى چېگرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، روسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى» دېگەن سۆزىگە قوشۇلغان، روسىيە تاراتقۇلىرى نۇقتىئىنەزەرى بويىچە بۇ «ئۇرۇش قىلمىشى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەگەر تۈركىيەنىڭ روسىيە ھەربىي ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان دېيىشكە توغرا كەلسە، ئىككى تەرەپنىڭ بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە بۇنداق چوڭ پەرق كېلىپ چىقماسلىقى كېرەك ئىدى، يەنە كېلىپ ئامېرىكا ئارىلاشمىسا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمۇ ئۆز ئالدىغا ئويۇن ئوينىيالمايدۇ.

ئەگەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ بۇ قىلمىشىغا كۆرسەتمە بەرمىگەن بولسا، بۇ ھەرگىزمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەنى قوللىمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئېنىق قىلىپ، ش ئا ئە ت تۈركىيەنىڭ ئۆز زېمىن بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى خەلقئارا ھەربىي گۇروھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە روسىيەنىڭ ئەجدادى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان. يەنە كېلىپ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 21-ئەسىردىمۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ناھايىتى يۈكسەك دەرىجىدە روسىيەگە «تاقابىل» تۇرىدىغان ھەربىي تەشكىلات. ش ئا ئە ت روسىيەنىڭ ھەرقايسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى ئەتراپىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغان، قىرىم كىرىزىسى مەزگىلىدە بولسا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارقا-ئارقىدىن روسىيەگە تەھدىت سېلىش مەزمۇن قىلىنغان ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

تۈركىيە روسىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى، ئەگەر روسىيە ئەگەر تۈركىيەدىن ئۆچ ئالماقچى بولسا چوقۇم پۈتكۈل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي كۈچىگە يۈزلىنىشى كېرەك. تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىڭ قارار ماددىلىرىغا ئاساسەن، ئۆزلىرى بىلەن روسىيە ئوتتۇرىدىكى ھەربىي توقۇنۇشنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن روسىيە ئوتتۇرىدىكى ھەربىي توقۇنۇشقا ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئەمما شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەمدىكى ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرسە بۇ دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تەبىئىي تۈركىيە ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ روسىيە بىلەن تىركىشىشكە ئامالسىز، لېكىن پۈتكۈل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «يۆلەنچۈك» بولۇش ئارقىسىدا، تۈركىيە روسىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ.

تۈركىيەنىڭ «يادرولۇق مەنپەئەتى» گە چېتىلىدۇ

تۈركىيەنىڭ روسىيە جەڭ ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىشى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «مەدەت بېرىش» گە ئېرىشىشىدىن باشقا يەنە بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتى تۈركىيەنىڭ «يادرولۇق مەنپەئەتى» گە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى.

روسىيە سۈرىيەدە نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئۇلار «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش بىلەن ئالدىراش. تېررورچىلارغا زەربە بېرىش يالغان ئەمەس، لېكىن پۈتكۈل سۈرىيە ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ روسىيە، تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىشكە قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇددىئاسى ۋە ھەربىي ھەرىكىتى پەقەتلا «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش ئەمەس خالاس.

روسىيەنى مىسالغا ئالساق، روسىيەنىڭ ھەربىي كۈچى سۈرىيەگە كىرگەندىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا روسىيە بەشىر ھاكىمىيىتىنى قوللايدۇ. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ نەزىرىدە بەشار «ھاكىم مۇتلەق، مۇستەبىت ھۆكۈمران» يەنە كېلىپ «بالىلارغا قىرغىنچىلىق قىلغان زوراۋان پادىشاھ» شۇڭا ئۇ تەختتىن چۈشۈشى كېرەك. ئەمما سۈرىيە روسىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى، روسىيە بەشىرنى ئوچۇق ئاشكارا قوللايدۇ، روسىيەنىڭ ھەربىي كۈچى سۈرىيەگە كىرگەندىن كېيىن ،« ئىسلام دۆلىتى» رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشتىن باشقا يەنە بارلىق سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە زەربە بەردى. روسىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا «ئىسلام دۆلىتى» پەقەت سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ بىرى خالاس، شۇڭا ئۇ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى بىلەن، بەشار ھاكىمىيىتىنىڭ قارشى چىققۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە زەربە بېرىدۇ.

بەشار ئەسەد : تۈركىيە ۋە ئەردوغاندا «ئوسمان ئىمپېرىيەسى ئارزۇسى» بار

ئەمما تۈركىيەگە نىسبەتەن ئەھۋال باشقىچە. سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشار ئەسەد سۇمۇغ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان ئەرەب دۇنياسىدا ئوسمان ئىمپېرىيەسىنى قايتا تىكلىمەكچى، بۇنىڭدىكى بىردىنبىر توسالغۇ سۈرىيە» دېگەن ئىدى. سۈرىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ مەسىلىسىنى ھەرگىزمۇ ئىككى ئۈچ ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ، بىراق تۈركىيە بىلەن سۈرىيەنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيىتى بىر-بىرىنىڭ «كۆزىگە سىغمايدۇ». تۈركىيە، بەشار ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇپلا قالماستىن يەنە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە روسىيە ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن رايوندا ھەرىكەت قىلىدىغان «تۈركمەن برىگاداسى». روسىيە تاسى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركمەن برىگاداسى سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئوت ئېچىشقا ۋاقىتتا،   سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى كۈچلۈك ھاۋا ياردىمىگە ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى زور بىر قىسىم ھاۋا ياردىمى ۋەزىپىسىنى روسىيە جەڭ ئايروپىلانى ئىجرا قىلغان.

شۇڭلاشقا بۇ مەسىلە ئۈستىدە، روسىيە ئۆزىنى «ئىسلام دۆلىتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورچىلار (سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى) غا زەربە بېرىۋاتىمىز دەپ قارايدۇ. ئەمما تۈركىيە بولسا روسىيە تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامى بىلەن بەشىر ھاكىمىيىتىنى قوللاپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە پانتۈركىست ھەربىي كۈچىگە زەربە بېرىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ.

يەنى تۈركىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا روسىيە «دۈشمىنىمگە ياردەم قىلىپ، دوستۇمغا زەربە بېرىۋاتىدۇ». شۇڭا تۈركىيە ئۆزىنىڭ «يادرولۇق مەنپەئەتى» ئۈچۈن قەتئىي ئىككىلەنمەيلا روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ تاشلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ .

تاسادىپىي ئېتىپ قويۇش ئېھتىماللىقى چوڭ 

گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى يار-يۆلەك بولۇۋاتقان بولسىمۇ، روسىيە يەنىلا «ئىنتايىن قۇدرەتلىك دۆلەت»، روسىيەنىڭ ئايروپىلانىنى ئېتىپ تاشلاشقا خېلى چوڭ غەيرەت بولمىسا بولمايدۇ، شۇڭا تۈركىيەنىڭ قىلمىشى بىر تاسادىپىيلىق بولۇشى مۇمكىن.

 مۇستەقىللىق گېزىتى بۇ ئىشنى كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى بىلەن ئوخشاش دەپ تەھلىل قىلدى

بۈگۈن ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» بۇ ئىشنى «تۈركىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى» دەپ ئاتاپ، بۇ ئىشنى كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى بىلەن سېلىشتۇردى. ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى» بولسا «دۇنيا بىر خەتەرلىك تۇرماقتا» دېدى، بۇ خەۋەرلەر گەرچە ئازراق ئاشۇرۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن روسىيە ھەربىي ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ھەقىقەتەن دۇنيانى قاتتىق ھاياجانغا سالىدىغان چوڭ ئىش. ھەتتا ئامېرىكىمۇ ئىشتىن كېيىن ئىككى قېتىم بۇ ئىشنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، شۇڭا تۈركىيەمۇ روسىيە ھەربىي ئايروپىلانىنى قەستەن ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتىم دېيەلىشى ناتايىن.

 مۇستەقىللىق گېزىتى بۇ ئىشنى كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى بىلەن ئوخشاش دەپ تەھلىل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بۇنىڭدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن تۈركىيە ۋە سۈرىيە ئۆزئارا قارشى تەرەپنىڭ ھەربىي ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ۋەقەلىرىنى تىلغا ئالدى، ھالبۇكى ئالدىنقى ئايدا روسىيە ھەربىي ئايروپىلانى «ھاۋا ناچار شارائىتى» تۈپەيلى تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ قالغاندا، تۈركىيە قەتئىي تۈردە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن ئىدى «ھەتتا بىر قۇش تاجاۋۇز قىلىپ كىرسىمۇ» ھەممىسىنى ئېتىپ تاشلايمىز.

ئەگەر «تاجاۋۇز قىلىپ كىرگىنى» پەقەت روسىيەلا ئىشلىتىدىغان su-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى بولغان بولسا، تۈركىيە ئېھتىمال ئاسانلىقچە ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتمەيتتى (ئەلۋەتتە ئېتىپ چۈشۈرەلىشى ناتايىن)، ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئەھۋال بەلكىم، تۈركىيە ھاۋا بوشلۇقىغا نامەلۇم ئۇچقۇ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ۋاقىتتا، كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن. تۈركىيەنىڭ ھەرىكىتى روسىيەگە قارىتىلغان ئەمەس. تېخنىكا قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن-24 su ئۇرۇش ئايروپىلانى روسىيە ھاۋا ئارمىيەسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەندىن باشقا يەنە تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى سۈرىيە، ئىلاق، ئىران ۋە لىۋىيە قاتارلىق كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ئارمىيەلىرىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەيدۇ. تۈركىيە ھاۋا بوشلۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن-24 su ئۇرۇش ئايروپىلانى پەقەتلا روسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بولۇشى ناتايىن.

 «ئىسلام دۆلىتى» گە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە، روسىيە ۋە سۈرىيەدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت. تۈركىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ ئاخبارات ئالماشتۇرۇشى ناھايىتى راۋان ھەمدە ھاۋا تەۋەلىكى ئېچىۋېتىلگەن، روشەنكى تۈركىيە بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاخبارات ئالماشتۇرۇش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئالاقە ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلمايدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا تاسادىپىي ئېتىپ چۈشۈرۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، روسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ گەپ-سۆزلىرى ھەقىقەتەن قاتتىق بولدى، پۇتىن «باشقىلار روسىيەنىڭ كەينى تەرىپىدىن پىچاق ئۇردى»، «تۈركىيە چوقۇم ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ» دېدى. ئۇنداقتا روسىيە قانداق ئۆچ ئالىدۇ؟ دۇنيا ئۇرۇشى پارتلامدۇ قانداق؟

روسىيە دۇنياۋى چوڭ دۆلەت، بىراق قارا دېڭىزدا پەقەت «كىچىكلا بىر دۆلەت»

ئـەمـەلىيەتتە دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاش ئېھتىماللىقى 0 گە چەكسىز يېقىن، روسىيەنىڭ تۈركىيەدىن ھەربىي ئۆچ ئېلىش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك. بارلىق سىياسىي ئەھۋالنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، روسىيە ئارمىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۈركىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىشى ھەرگىز ئاسان ئىش ئەمەس. گەرچە روسىيە بىلەن تۈركىيە تارىختا نەچچە ئون قېتىم ئۇرۇش قىلىپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر روسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا چېگرىداش زېمىن يوق. روسىيە تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلماقچى بولسا ياكى «قارا دېڭىز» دىن كېسىپ ئۆتۈشى، ياكى «گىرۇزىيە» نى دەسسەپ ئۆتۈشى كېرەك.

تۈركىيە قارا دېڭىزنىڭ مۇھىم يول ئېغىزىنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ

تۈركىيە قارا دېڭىزنىڭ بىردىنبىر دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزى بوسفور بوغۇزىنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ، پۈتكۈل قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىنىڭ ھەممىسى تۈركىيەنىڭ زېمىن، لېكىن روسىيەگە تەۋە زېمىن ئەڭ كۆپ بولغاندا «قارا دېڭىزنىڭ بىر بۇلۇڭى». گەرچە روسىيە ھەربىي كۈچى ئىنتايىن زور بولسىمۇ، لېكىن مۇھىم يول ئېغىزىنى كونترول قىلىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە قارا دېڭىز فىلوتى قۇرۇپ، قارا دېڭىزنى ھەقىقىي كونترول قىلىشىغا بىر نېمە دېمەك تەس، يەنە كېلىپ تۈركىيەنىڭ كەينىدە يەنە پۈتكۈل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بار، بۇ خىل ئەھۋالدا بۇنىڭدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

 روسىيە قىرىم كىرىزىسىدىن كېيىن غەرب ئەللىرىنىڭ جازالىشى تۈپەيلى، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاللىقاچان ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، بىر مەيدان ئۇرۇش قوزغاشقا بەلكىم قۇربى يەتمەيدۇ.

 جەڭ قىلىش تۈرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا، روسىيەنىڭ ئۆچ ئېلىشى كۆپرەك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف تۈركىيە زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى، روسىيە ھەربىي باش ئىشتابى تۈركىيە بىلەن بولغان ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى، روسىيە پارلامېنتى يەنە تۈركىيەنىڭ بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن ھەمدە تۈركىيەگە بېرىپ ساياھەت قىلىشنى چەكلىگەن.

توغرا، بۇ جازالاش تەدبىرلىرى بىلەن روسىيە خەلقنىڭ غەزەپ ئوتى بېسىقمايدۇ، شۇنچە قاتتىق گەپ قىلغان روسىيە ھۆكۈمىتى ئاسانلىقچە بولدى قىلمايدۇ. زور كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، روسىيە يەنە تۈركىيەگە ئىقتىساد ياكى سىياسىي جەھەتتىن جازالاش يۈرگۈزۈپ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرالىشى تەس.

ئەمەلىيەتكە بىر قەدەر ئۇيغۇن بولغان تاللاش بولسا، تۈركىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش.

روسىيە تۈركىيە ئەتراپتىكى بولۇپمۇ سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قېلىش كېرەك، 24 ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، روسىيە باش ئىشتاب ھەرىكەت باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سېرگىي «بۇنىڭدىن كېيىن روسىيەنىڭ بارلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەرىكىتى قىرغۇچى ئايروپىلاننىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېدى. روسىيە جەڭ ئايروپىلانى تۈركىيە ۋە سۈرىيە چېگراسىدا «تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى سۈرىيە نىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى» دېگەننى باھانە قىلىپ تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشى مۇمكىن، بۇنداق ھەم ئابرۇيىنى ساقلاپ قالالايدۇ ھەم توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنالايدۇ.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240 ,13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا