ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

بىر ھەپتىلك جاھاندىكى ئىشلارغا نەزەر

ۋاقتى : 2015-07-06  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئەنگىلىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق مۇزىكا بايرىمى ھېسابلىنىدىغان ئەنگىلىيە گىلاستونبۇرىي مۇزىكا بايرىمى (Glastonbury Festival) ئاخىرلاشتى، 177 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بۇ يەردە ئۇدا تۆت كۈن قانغۇچە ئويناپ-يايرىدى ۋە شۇنداقلا 1650 توننىدىن ئارتۇق ئەخلەتنى قالدۇرۇپ قويدى. بۇنى ئىنچىكىرەك ھېسابلايدىغان بولساق، بۇ جەرياندا ھەر بىر كىشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 9.3 كىلوگىرام ئەخلەت تاشلىغان. ھازىر 800 دىن ئارتۇق پىدائىي بۇ مەيداننى تازلاش خىزمىتىگە ئاتلانغان بولۇپ، ئەڭ تېز بولغاندىمۇ ئالتە ھەپتىدە ئاندىن بۇ يەرنى تازىلاپ بولغىلى بولىدۇ.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، ھىندىنوزىيە مېدان (Medan)، ھىندىنوزىيە ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان 120 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ ماڭغان ھەربىي ئىشلار ئايروپىلانى سوئېۋېوندۇ (Soewondo) ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ كەلدى. سۈرەتتە: قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى ئازاب ئىچىدە يىغلاۋاتىدۇ.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 4، 44-قېتىملىق ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى سانتىياگو دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئارگېنتىنا بىلەن چىلى 120 مىنۇت كەسكىن ئېلىشىپ 0:0 نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى، ئاخىرىدا نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق ئارگېنتىنا 1 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى، چىلى تۇنجى قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. سۈرەتتە: مېسسى سالپايغان ھالدا مەيداندىن ئايرىلماقتا.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگىتون شىتاتىنىڭ مەركىزى قىسمىدىكى ۋېناچى (Wenatchee) دا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يەرلىكتىكى 200 دىن ئارتۇق كىشى جىددى تارقاقلاشتۇرۇلدى.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، روسىيە پايتەختى موسكىۋا، روسىيىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى پىرىماكوۋ (Primakov) نىڭ دەپنە مۇراسىمى روسىيە ياڭى نوۋودېرىچىي مۇناخ چىركاۋى (Novodevichy Monastery Cemetery) دا ئۆتكۈزۈلدى. روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، موسكىۋانىڭ جەنۇبىدىكى كىچىك بازار سان پېدرو خۇئامېلۇلا (San Pedro Huamelula) دىكى بىر ئەر تىمساھ بىلەن توي قىلدى.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، گرېتسىيە ئافېنا، كىشىلەر نامايىش قىلماقتا. ئۇلار پات يېقىندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتىدە قوللاپ ئاۋاز بېرىشنى چاقىردى. 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، گرېتسىيە خەلقئارا ھەقدار دۆلەتلىرىنىڭ ياردەم بېرىش تەلىپى بولغان مالىيىنى قىسىش لاھىيىسىگە قارىتا بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىدۇ.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، ياپونىيە توكايدو (Tokaido)يېڭى لىنىيىسى يوكوخاما (Yokohama) دىن ئوداۋارا (Odawara) غا قاتنايدىغان تۆۋەنگە ماڭىدىغان لىنىيىدە بىر پويىزغا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ لىنىيىدە قاتناش توختىتىلدى. ۋەقەدە يەنە كۆپ قىسىم ئادەم يارىلاندى.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، گېرمانىيە ۋۇپپېرتال ھايۋاناتلار باغچىسى (Wuppertal Zoo)، شىمالى قۇتۇپ ئېيىقى ئانورى (Anori) ئىسسىققا چىدىماي سۇ كۆلچىكىگە چۈشىۋالدى. ھاۋا رايىدىن مەلۇماتقا قارىغاندا، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق رايونلاردا كەلگۈسى بىر قانچە كۈندە قاتتىق ئىسسىق بولىدىكەن.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىسپانىيە مادرىدتا ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار چوقۇم ئىگىزلىكى 15 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىشى كېرەك. بۇ مۇسابىقىگە يەنە تېخى بىر قىسىم ئەرلەرمۇ يوپكا ۋە ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىپ ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىرۇسالىم، پەلەستىن خەلقى تامدىن ئارتىلىپ ئېرۇسالىمغا كىرىپ رامىزانلىق تىلاۋەت قىلىشتى.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى ساقچى ئەترىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، 173 ئادەم بار بىر پاراخوت 2-چېسلا ئورموك لايتې شەھىرى (Ormoc City, Leyte) ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونىدا چۆكۈپ كەتكەن.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا ھاۋاي، پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىپ ئۇچىۋاتقان، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيىلىك ئايروپىلان كارىي لوئا ئايرودرومى (Cary Loa Airport) غا قوندى.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاۋستىرالىيە پوئېرتىسچاچ (Poertschach) رايونىدا دۇنيا ئادەم بەدىنى رەڭ بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر بايرام 3-چېسلادىن 5-چېسلاغىچە داۋاملىشىدۇ.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا يېڭى خامپىشىر شىتاتى خانوۋېر (Hanover)، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمى دىمۇكىراتلار پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كىلىنتون سايلام ئالدىدىكى پائالىيەتتە سۆز قىلىۋاتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كىچىك بىر قىزچاق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا كولورودا شىتاتى فىرىسكو (Frisco)، بىر دانە قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى ئۇچۇش جەريانىدا چۈشۈپ كېتىپ ئۈچ ئادەم يارلاندى.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، گرېتسىيە ئافېنا، گرېتسىيە قەرز كىرزىسى كېلىشىمىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتىگە قويۇش ئېلىپ بېرىش ھارپا كۈنى، چوڭ-كىچىك كوچىلارنىڭ ھەممىسىگە ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، قوللايدىغان ۋە قارشى تۇرىدىغان ھەر خىل لوزۇنكىلار ئېسىلدى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا