ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ھەج تاۋاب مەزگىلىدە سەئۇدى ئەرەبىستان يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالدى

ۋاقتى : 2014-09-19  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى

 

ئىسلام دىنى ھەج تاۋاب پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش

خەلقئارا سىملىق لىنىيەسى مەخسۇس خەۋىرى،  ئىراق «ئارسۇمالىيا» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 17 – سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان سەھىيە ۋەزىرى ئادىل فاگى 17 – چىسلا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن، پۈتكۈل مەككە مەدىنەدە ھەج تاۋاب پائالىيىتى، تازىلىق ئەھۋالى ياخشى، ئۇ «ھازىرغا قەدەر يۇقۇملۇق كېسەل بايقالمىغانلىقىنى» ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇنداق دېدى، سەئۇدى ئەرەبىستان تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ بولدى، ھەج تاۋاب مەزگىلىدە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
«ئارسۇمالىيە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەنگىلىيە ئاسمان ئاخبارات تورى خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى، سەئۇدى ئەرەبىستان سەھىيە مىنىسترلىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ئەسلىھەلەرنى تەييارلاپ، ھەج تاۋاب قىلغۇچىلارنى داۋالاش، كېسەللىكتىن ساقلىنىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشكە تەييارلىق كۆرۈپ قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇكەممەل دوختۇرخانا سىستېمىسى ۋە مەككە مەدىنەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ئاساسىي قاتلام سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركەزلىرىمۇ بار.
بۇ خەۋەردە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى، سەئۇدى ئەرەبىستان سەھىيە مىنىسترلىكى چەتئەللىك ھەج تاۋابچىلار تەۋە بولغان دۆلەتنى كۆزدە تۇتۇپ، بارلىق ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە تۈرلۈك كەسپىي داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەج تاۋاب پائالىيىتىنى زور كۈچى بىلەن قوللىدى

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 1389-نۇمۇر9-بىنا 102-ئىشخانا