ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ1-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، ساياھەتچى دېيان بۇلغارىيەدىكى بالقان تاغ تىزمىسى ئىچىدە گىگانت دەرەختىن بىرنى بايقىغان بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ شەكلى داڭلىق كىنو فىلىمى «سېھىرلىك ئۈزۈك» تىكى دەرەخ ئادەمگە بەكمۇ ئوخشايدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 20 مېتىرلارچە كېلىدىغان بولۇپ، ئادەم شەكلىدە ئۆسكەن ئىكەن.