![]() 1. كەمتەر بولۇپ، ئاز كۆرەڭلەپ كوپ ئىش قىلىڭ. قىيىنچىلىققا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىڭ.
2. ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ. ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز قۇرقۇتماڭ، ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا سېلىشتۇرماڭ.
3. ئەڭ قۇرقۇنۇشلىغى ئۈمىتنىڭ ئۈزلىشى، ئۈمىتۋار ياشاڭ.
4. غايىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ. داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلبە دىمەكتۇر.
5. مەغلۇبىيەت _ مۇھاپپىقيەتنىڭ ئانىسى. سىز ئورنىڭىزدىن تۇرالايدىغىنىڭىزغا ئىشىنىڭ.
6. ئوڭۇشسىزلىققا باش ئەگمەڭ. خاتالىغىڭىزنى شىرىن مىۋىگە ئايلاندۇرۇڭ.
7. تەقدىرىڭىزنىڭ يەنىلا ئۆز قولىڭىزدا ئىكەنلىگىگە ئىشىنىڭ. يىقىلىپ چۈشۈشتىن قۇرقماڭ.
8. تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۇپ، خۇشال ياشاڭ. پاسىپ ئويلاردىن تىزرەك قۇتۇلۇڭ.
9. قىيىنچىلىق چەكلىكتۇر. ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. قورقۇپ كەتمەڭ، سالماق بولۇڭ.
10. ئىقتىسادىي مەسىلە ئۈچۈن قايغۇرماڭ. قىيىنچىلىقنى دادىللىق بىلەن قارشى ئېلىڭ.
11. كەڭ قوساق بولۇڭ. تەنقىتنى توغرا قوبۇل قىلىڭ. مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق قاراڭ.
12. ئۆز خاتالىغىڭىزنى ئۆزىڭىز تۇزىتىڭ. بىر قەدەم يول قۇيۇشنى ئۇگىنىڭ.
13. تىرىشچانلىقتىن قەتئىي ۋاز كەچمەڭ. يىراقلارغا نەزەر سىلىڭ.
14. قولىڭىزدىكى نەرسىنى قەدىرلەڭ. ئەتىكى ئۈمىد بىزگە بۈگۈنكى ئازابنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
15. دۇنيادا ئازاپ- ئوقۇبىتى يوق ئادەم يوقلىغىنى بىلىڭ. پۇشايمانسىز ھايات ئىزلەڭ.
16. ئۈمىتۋار پوزىتسىيەنى يىتىلدۇرۇڭ. ھەر بىر كۈننى ئىللىق چىراي كۈتىۋىلىڭ.
17. ئاچچىقلىنىش ئەخمەقلىقتۇر. ھەقىقى خۇشاللىق نەدىن كىلىدۇ بۇنى بىلىڭ.
18. ئەستايىدىل ئويلىشىپ، جۈرئەتلىك بولۇپ، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ كىتىڭ.
19. ئارتۇقچىلىغىنى كۆرۈڭ، كەمچىلىگىگە ئېسلىۋالماڭ.
20. روھىي ھالەتنى تەڭپۇڭ تۇتۇش ئازاپنى يىڭىشتىكى ئاچقۇچ.
21. ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ قۇللاپ قۇۋەتلىشى، ئىززەت- ھورمىتى سىزنىڭ ئازاپنى يىڭىشىڭىزدىكى كۆۋرۈك.
22. ۋاقىت ئازاپنى يىڭىشتىكى _ ئەڭ ياخشى دورا.
23. ناچار كەيپىيات _ ئازاپنىڭ بۇلىغى.
24. ئۆزىنى ئالداش _بەختنى رەت قىلغان بىلەن باراۋەر.
25. ئەپۇ قىلىش_ئازاپتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.
26. مۇستەھكەم ئىرادە_نەتىجىنىڭ كاپالىتى. جاسارەتنى يوقىتىش_ھەممىنى يوقاتقانغا باراۋەر.
27. ئۆزىگە ئىشىنىش _ يىرىم مۇۋاپىقيەت بىلەن تەڭ. ئۇمىتسىزلىك _ يىرىم ئۆلگەن بىلەن باراۋەر.
28. ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش _ غەلبە قىلغانلىقتۇر.
29. قانائەتچانلىق _ بەختنى ھىس قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى.
30. جىددىلىك ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش_ئىشەنچنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.
31. ئازاپلىنىشنى بىلمىگەن قەلب _ ھەقىقى مۇھاببەتنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەيدىغان قەلب.
32. ساداقەتلىك قەلب _ مۇھاببەتنىڭ بىخەتەر مەنزىلى.
33. ئەخلاق _ مۇھاببەتنىڭ ئىپادىسى، مۇھاببەت ئەخلاقنىڭ كاپالىتى.
34. ۋاپادارلىق _ مۇھاببەتنىڭ دائىملىق ئارزۇسى.
35. ئەڭ كۈچلۇك نەپرەت _ ئەڭ كۈچلۈك مۇھاببەتنىڭ مەھسۇلىدۇر.
36. چۈشىنىش ۋە ئىشىنىش _ مۇھاببەتنىڭ ئۇل تىشى.
37. ۋاپاسىز قىزدىن _ تىزگىنسىز ئايال چىقىدۇ.
38. كۈنلەش _ مۇھاببەتكە قارىغاندا ئاداۋەتكە يىقىن.
39. كۈنلەش _ ئاشىق ئۈچۈن ئازاپ- ئوقۇبەت، مەشۇق ئۈچۈن _ رەنجىش ۋە ئەلەم مەنبەسى.
40. كۈنلەش _ دىتسىز ئەقىلنىڭ ئىللىتىدۇر.
41. مۇھاببەت _ ئازاپ چىكىدىغان بىھىش. گۇمان _ مۇھاببەت گۈلىگە چۈشكەن قۇرۇت.
42. ياسالمىلىق _ مۇھاببەت دەرياسىدىكى توسالغۇ.
43. مۇھاببەت _ يالقۇنى كۆرۈلمەس گۇلخان، مۇھاببەت _ ئاغرىغى بىلىنمەس يارا.
44. مۇھاببەت _ ئازاپقا تولغان خوشاللىق.
45. مۇھاببەت _ بارلىق ياخشىلىق، يۈكسەكلىك، قۇدرەتلىك، يېقىملىق ۋە يارقىن پەزىلەتلەرنىڭ ئجاتچىسىدۇر.
46. ئەرلەرنىڭ قىسمىتى _ ئاياللار ئۈچۈن توزاق.
47. ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ _ياراتقۇچىسى.
48. ئەخلاق _ھاياتنىڭ ئەڭگۈشتەرى.
49. قۇش پەرۋاز ئۇچۇن، ئادەم بەخت ئۇچۇن يارالغان.
50. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.
51. ھەر كۈنى ئۆزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!» دەڭ.
52. قۇياشقا يۈزلىنىڭ، شۇندىلا ئۈمىدسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يوقىلىدۇ. 53. ئوي - پىكىرىڭىز ھەرىكىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ھەرىكىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ئادىتىڭىز مىجەز - خاراكتېرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، مىجەز - خاراكتېرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. 54. ئىلكىڭىزدە بارىدا قەدىرلەڭ، ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايمان قىلماڭ. 55. ھەر ۋاقىت كەينىڭىزدىكى ئىشىكنى يېپىپ مېڭىڭ. (يەنى بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۆتمۈشكە مەنسۇپ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ). 56. ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا، ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. 57. ئەگەر ئايدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭىزغا يىغلاپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز، ئۇنداقتا يۇلتۇزلاردىنمۇ قۇرۇق قالىسىز. 58. تىرىشىپ ئۆگىنىڭ، بىلىملىك بولىسىز. تەنقىدتىن قورقماڭ، غەيرەتلىك بولىسىز. ئويلاپ سۆزلەڭ، ئىناۋەتلىك بولىسىز. بىرسىنى تاللاڭ، خاتىرجەم بولىسىز. 59. دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر خۇشال ئۆتىسىز. جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆتىسىز. كەسپىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت ئىچىدە ئۆتىسىز. 60. خۇشاللىق بىر خىل پوزىتسىيە، بىر كىشى خۇشال يۈرۈشنى چىن دىلىدىن نىيەت قىلسىلا چوقۇم خۇشال يۈرەلەيدۇ.
61. خۇشال ئۆتۈشنىڭ سىرى: ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن باشقىلارنى جازالىماڭ. . 62. بىزنىڭ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلىرىمىزنىڭ مەنبەسى: ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن، يەنى سېلىشتۇرغاندا قولدىن بىرىپ قۇيغان نەرسىگىلە ئىسىلىۋىلىپ، ئېرىشكەنلىرىمىزگە سەل قارىغانلىقىمىزدىن كېلىدۇ . 63. ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمەڭ، ھاياتىڭىزدا مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇش ــــ بەلكىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر. ئېزىپ قېلىش ــــ بەلكىم يېڭى يول ئىزلەشتۇر.
64. ئاچچىقلىنىش ــــ باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتۇر. 65. بەختكە ئېرىشىشنىڭ چارىسى ــــ ئىلكىدە بارىنى قەدىرلەش، ئىلكىدە بولمىغانلارنى ئۇنتۇپ كېتىش. 66. سىز مۇھەببەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشەلەيسىز، شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىلىپ قالىسىز. 67. ئاچكۆزلۈك ــــ ئەڭ ھەقىقىي نامراتلىق. قانائەت بولسا ئەڭ ھەقىقىي بايلىق. 68. خوشاللىق ئېرىشكەنلىرىڭىزنىڭ كۆپلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ھېسابلاشقانلىرىڭىزنىڭ ئازلىقىدىندۇر. 69. ئادەمنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرىغان ئاشۇ قىسقىغىنە مىنۇتلاردا بەلگىلىنىدۇ. 70. بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە ئۆزۈڭنىڭ خۇي - پەيلىدىن كۆر. 71. مەيلى قايسى ۋاقىتتا باشلاڭ، ئەڭ مۇھىمى باشلىغاندىن كېيىن توختاتماي داۋاملاشتۇرۇڭ. 72. مەيلى قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرۇڭ، ئەڭ مۇھىمى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلماڭ. 73. ئادەم ئەگەر قورقۇنچاق بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولىدۇ. ئادەم ئەگەر باتۇر بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولالايدۇ. 74. ئەڭ زور ئۈمىد ۋە بارلىق كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ، ئەمما ئەڭ يامان ئاقىۋەتكىمۇ تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ. 75. ھەربىر ئىشنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش، شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلىنىپ بېقىش كېرەك.
76. ئۈمىدلىك ئادەم ئازابنى خۇشاللىققا، «دوزاخ» نى «جەننەت» كە ئايلاندۇرالايدۇ. 77. بارلىق غەلىبىلەر ئۆزىنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ غەلىبىنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. بارلىق مەغلۇبىيەتلەر ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. 78. خۇدا كىشلەرنىڭ ئەخمەقلىقىدىن ئەسلا ئاغرىنمايدۇ، ئەمما كىشىلەر دائىم خۇدانىڭ تەڭسىزلىكىدىن ئاغرىنىدۇ. 79. ئادەم ئۆزىنىڭ نىشانىنى يوقىتىپ قويمىسىلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. 80 . ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ، سۆيەلەيدىغان ۋاقتىڭىزدا سۆيگۈدىن ۋاز كەچمەڭ.
81. بىز ئادەملەر بەك ئەخمەق، دائىم ئېرىشكەنلىرىمىزنى قەدىرلىمەي، ئەكسىچە ئېرىشەلمىگەنلىرىمىز ئۈچۈن ھەسىرەت چېكىپ يۈرىمىز.
82. ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆزگە ئىلغاندىلا، ئاندىن باشقىلار سىزنى كۆزگە ئىلىدۇ. 83. ئۈمىدلىكلەر ئاپەت ئىچىدىكى پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ، ئۈمىدسىزلەر پۇرسەت ئىچىدىكى ئاپەتنى كۆرىدۇ. 84. باتۇرلۇق قورقۇنچنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى قورقۇنچقا توغرا مۇئامىلە قىلالىغانلىق ۋە قورقۇنچنى يېڭەلىگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. 85. خاتالىقىنى تونۇغانلىق ــــ خاتالىقنى يېرىم تۈزەتكەنلىك. 86. بارلىق ئالداشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى ــــ ئۆزىنى ئالداش. بارلىق خاتالىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى ــــ توختىماستىن ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەش. 87. غايىنىڭ يولى ئىشەنچكە تولغانلارغا تەييارلاقلىق. مەغلۇب بولۇشتىن قورقۇپ قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرمىسىڭىز مەڭگۈ غەلىبە قازىنالمايسىز. مەڭگۈ پۇرسەتكە ئىگە بولالمايسىز. 88. ئەگەر كەم - كۈتىسىز دوست ئىزدىسىڭىز مەڭگۈ دوست تاپالمايسىز. 89. باشقىلارنى تۈزىتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىڭىزدە خاتالىق بارمۇ - يوق؟ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.
90. ئۆزىڭىز قىلىشقا مۇۋاپىق بولغان ئىشلارنى قىلىپ ئۆز رولىڭىزنى ياخشى ئېلىڭ، ئەڭ ياخشى ئۆزىڭىز بولۇڭ، باشقىلارنى دورىماڭ. 91. تۇرمۇشتىكى بىئاراملىق ۋە ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. 92. يەككە - يىگانىلىق ۋە ئەلنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قېلىش ـــــ ئەڭ قورقۇنچلۇق نامراتلىقتۇر. 93. ئىلگىرى ئېرىشكەنلىرىڭىزنى ئۇنۇتماڭ. ھازىر ئىلكىڭىزدە بولغانلىرىنى قەدىرلەڭ. ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغانلىرىدىن ۋاز كەچمەڭ. ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىز ئۈچۈن بار كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ. قولدىن بېرىپ قويغانلىرىڭىزنى ئەسلىمە ئورنىدا كۆرۈڭ. 94. ھېسسىيات ئەقىلنى ئەمەس، ئەقىل ھېسسىياتنى باشقۇرۇشى كېرەك. 95. بىز خۇدا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇد بولغانلىقىدىن بۇ دۇنيانى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلالايمىز. 96. ئوقۇش، خىزمەت، نىكاھ،، ئائىلە ــــ ھاياتنىڭ تۆت چوڭ مەزمۇنى، ھەممىسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. قايسى بىرسىگىلا كۈچەپ، قالغانلىرىنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. 97. ئەگەر بىز ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، كەينىمىزگە قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىمىزنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ بىز يەنە ئۆزئارا ئازارلىشامدۇق؟ 98. دۇنيادا گۈزەللىك كەم ئەمەس، كەم بولغىنى گۈزەللىكنى بايقايدىغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆز. 99. باشقىلار مېنى ھۆرمەتلىسۇن دېسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق ئادەم بولۇڭ. 100. تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز، ئەمما چوقۇم غەلىبە قازىنالىشىڭىز ناتايىن، بىراق ئەگەر ۋاز كەچسىڭىز چوقۇم مەغلۇب بولىسىز.
101. نىكاھ بىر جۈپ ئۆتۈك. پۇتنى قىستىغان ياكى قىستىمىغانلىقىنى پەقەت كىيگەن ئادەم بىلىدۇ. 102. نىكاھ - ئائىلە تۇرمۇشىدا، ھەر ۋاقىت قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنغاندىن كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ قارشى تەرەپكە ماسلىشىش ئەڭ ئاقىلانىلىقتۇر. 103. ھەممە ئىشنى ياخشى تەرەپكە تارتىپ ئويلاڭ، ئىش بەلكىم سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئوسال بولماسلىقى مۇمكىن. 104. سىزنىڭ توغرا بولغاندىن كېيىن ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، سىزنىڭ خاتا بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاچچىقلىنىشقا تېخىمۇ ھەققىڭىز يوق. ئۇنداقتا يەنە نېمىشقا ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋالالمايسىز؟ 105. باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلغانلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئاسرىغانلىق. 106. تاللاش خۇشاللىق ئىش، چۈنكى تاللاش ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغىنىغا ئېرىشەلەيسىز، شۇنداقلا تاللاش يەنە ئازابلىق ئىش، چۈنكى تاللاش جەريانىدا ئۆزىڭىز تاللىغانلىرىدىن باشقىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. 107. ئامال بار ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەننى تاللاڭ، شۇنداقلا تاللاپ بولغان ئىكەنسىز، چوقۇم ئۆزىڭىز تاللىغىنىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ. 108. بىز ئۆزىمىز تۇرغان مۇھىتنى ئۆزگەرتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ ناچار مۇھىتقا بولغان قارىشىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز. 109. ئەڭ ئاز پۇشايمان بىلەن ئۆتمۈشىڭىزگە يۈزلىنىڭ. ئەڭ ئاز ئىسراپخورلۇق بىلەن بۈگۈنىڭىزگە يۈزلىنىڭ. ئەڭ كۆپ ئارزۇ - ئۈمىدلەر بىلەن كەلگۈسىڭىزگە يۈزلىنىڭ. 110. ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاش كېرەك.
111. مىننەتخۇرلۇقنى تاشلاپ، مىننەتدار بولۇشنى ئۈگىنىۋىلىش، كەڭ قورساق بولۇش ياخشى پەزىلەتنى يىتىلدۇرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.
|