ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  ھېكايە - رومانلار

ئالالمىغان تىلىفۇننىڭمۇ سەۋەبى بولىدۇ

ۋاقتى : 2013-04-24  مەنبەسى : خەلق تورى  يوللىغۇچى : قارگۈلىكۆرۈلىشى : قېتىم

بىرەرمىڭ ئادەم بىلەن لىق تولغان يىغىن زالىدا يازنىڭ قىسقا يەڭلىك كۆينەكلىرىنى كىيىشكەن كىشلەر ئىسسىقنىڭ تەپتىدىن تەرگە چۆمۈلۈپ ئولتۇراتتى.

  قېرىشقاندەك تارراق كەلگەن ئىشتىنىمنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغان يانفۇنۇم توختىماي تىتىرمەكتە ئىدى.

  بۇبىر تۇنۇشۇمدىن كەلگەن تېلېفون ئىدى، مەن يانغونۇمنى تىترەپ يىغىن ئىنتىزامىنى بۇزىۋەتمىسۇن دېگەن ئەندىشىىدە يانچۇقۇمدىن مىڭ تەسلىكتە ئېلىپ بېسىۋەتتىم.

  بىرنەچچە سائەتتىن كىيىن يىغىن ئاخىرلاشقاندا ھېلىقى تېلېفون كەلگەن ئىشنى ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن،ھەپتە ئۆتكەندە ئۇ تۇنۇشۇم يولدا ئۇچراپ تەتۈر قاراپ مەن بىلەن تۈزۈكمۇ ئەھۋاللاشمىدى، مەن ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالام - سائەت قىلىپ قىزغىن ئەھۋال سورىغان بولساممۇ، ئۇ سوغوققىنا ئەھۋاللىشىپ قۇيۇپلا كىتىپ قالدى.

  ئۇنىڭ تۇرقىدىن ھېلىقى تېلېفوننى ئالالمىغانلىقىمدىن قاتتىق رەنجىگەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.

  بۇ ئىش يۈز بېرىپ ئەتىسى شەھەر ئىچىدە ماشىنا ھەيدەپ كىتىپ بارسام، يەنە بىر تۇنۇشۇمدىن تېلېفون كىلىپ قالدى، بۇ تېلېفوننىمۇ ئالالمىدىم، بىردەمدىن كېيىنلا ئۇنىڭدىن «ھالىڭ بەك يوغىناپ كىتىپتۇ، تېلېفوننى قەستەن ئالمىدىڭ»دەپ ئۇچۇر كەپتۇ، ماۋۇ ئۇقۇشماسلىقنى كۆرمەمدىغان دېدىم مەن مۇشۇ ھەقتە خىيال سۈرگەچ.

  80ـ 90ـ يىللاردا شۇنداقلا 2000 ـ يىلىنىڭ باشلىرىدا تۇنۇش بىلىشلەر، دوستلار، ئۇرۇق ـ تۇققانلار ئىشقىلىپ كۆرۈشمەكچى بولغانلار بىربىرىنىڭ ئۆيىگە بىرىشاتتى.

  تېلېفۇن، يانفون دىگەنلەر ھازىرقىدەك كەڭ ئومۇملاشمىغان بولغاچقا ئەگەر ئۆيدە يوق بۇلۇپ قالسا كىچىك ياغاق پارچىلىرى، بىرەر يۇپۇرماق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشىككە قىستۇرۇپ قۇيۇپ، قارشى تەرەپكە بىرىنىڭ كېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى.

  كېيىن ئۇچراشقاندا گەپ ئارىلىقىدا ئىزدەپ كەلسەك ئۆزلىرىنىڭ ئۆيدە يوق ئىكەنلىگىنى سەمىگە سېلىپ قۇياتتى، قارشى تەرەپ ئاران بىر كەلگەندە بىز ئۆيدە يوق بۇلۇپ قاپتۇق، بوش ۋاقتىڭلاردا يەنە كىلىپ ئولتۇرۇپ كىتىڭلار دەپ ئۆزرىغالىق ئېيتىپ كىتەتتى.

  يېقىندا مەن بىر ئەر ـ ئايالنىڭ تېلېفوننى ۋاقتىدا ئالالماسلىق تۈپەيلى قاتتىق ئۇرۇشقانلىقىنى، يەنە بالا چېغىدىن باشلاپ يېقىن دوست بۇلۇشۇپ ئۆتكەن ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەننىڭ قارشى تەرەپ تېلېفونۇمنى ۋاقتىدا ئالمىدى دەپ ئېغىر رەنجىپ، دوسلۇقتىن ئادا ـ جۇدا بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم.

  ھازىر تېلېفۇن ئالالماسلىقتىن كۆرىلىۋاتقان ئۇقۇشماسلىقلار كۆپىيىپ كەتتىمۇ قانداق.
ھەممىگەئايان، دوختۇرخانا، رېستۇران، ماشىنا، يىغىن زالى، مەسچىد، لىفىت، ھاجەتخانا، مۇنچا قاتارلىق يەرلەردە تېلېفوننى ۋاقتىدا ئالغىلى بولمايدۇ ياكى تېلېفۇن ئېلىشقا ئەپسىز بۇلۇپ قالىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ بولغىلىمۇ بولمايدۇ.

  مېنىڭ بىر يېقىن دوستۇمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ئۇنىڭ ئىدارىسىدا تېلېفوننى ۋاقتىدا ئالمىغانلىققا دائىر مۇنداق بىر كۈلكىلىك ئىش يۈز بىرىپتۇ.خىزمەتنى شۇنداق ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەيدىغان بىرەيلەننى مۇنەۋەر قىلىپ سايلاش ئىشىدا بىر قانچەيلەن تىلىنى بىر قىلىۋېلىپ- ئۇ ھەممە جەھەتتە ياخشى بولغان بىلەن، تېلېفون ۋاقتىدا ئالمايدۇ دەپ ئۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدەپتۇ.

  ئەي قەدىردان دوستلار، بىرەرسى تېلېفوننى ۋاقتىدا ئالالمىسا ئالدىراپلا سەلبى تەرەپتىن ئويلىماي، قولايسىز ئوخشايدۇ ياكى تېلېفوننى يېنىدا ئالمىغان ئوخشايدۇ دەپ چۈشەنسەك نىمە دېگەن ئاقىلانە ئىش بولاتتى ھە!ھازىر خىزمەت، تۇرمۇش بېسىمى، ئايىقى ئۈزۈلمەس ئىجتىمائى ئالاقە سورۇنلىرى قاتارلىق ئىشلار سەۋەبلىك كىشلەر پۇرسەت بولسىلا ياخشىراق ئارام ئېلىۋېلىشنى ئويلاپ، تېلېفوننى ئىتىپ قويىدۇ ياكى ئاۋازسىز ھالەتكە ئەكىلىپ قويىدۇ.

  ئەتىگەن كەچكە مېڭىپ بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلار تېلېفۇنىنى ئۆيىگە قۇيۇپ چىقىشى مۆمكىن.

  بىز ۋاقىت بىلەن ھېساپلاشماي ھاجىتىمىز چۈشسىلا تەرەپ ـ تەرەپكە تېلېفۇن قىلىپ،قارشى تەرپ تېلېفوننى ۋاقتىدا ئالالمىسا ئورۇنسىز رەنجىسەك، بۇھەرگىزمۇ ئادىل بولماس.

  ئادەمگە كۈندە ھېيىت بايرام بولمىغاندەك، كۈندىلا كەيپىياتنىڭ ياخشى بۇلۇشى ناتايىن، يەنە كىلىپ بەزىلەر كەيپىياتى ناچار ۋاقىتتا باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈشنى، كەلگەن تېلېفۇننى ئېلىشنى تازا خالاپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، مىجەزى يوق ۋاقىتلاردا، ئۈلۈم-مۇسىبەت ئىشلىرىدا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

  تېلېفون ئالاقىسىدىكى ئانچىكى ئىشلارغا بەك ئېسىلۋېلىپ، دوستلۇق، نورمال ئىجىتىمائى مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزسەك بۇ ھەممىگە پايدىسىز.تېلېفون ئۇرىۋەرمەي، مۇھىم ئىشىمىز بولسا ۋاقىت چىقىرىپ شۇ ئىزدىمەكچى بولغان كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ سۆزلەشسەكمۇ بۇمۇ ئىجتىمائى ئالاقىمىزنىڭ نورمال بۇلۇشىغا پايدىلىق.

  دوستلار، زامانىۋىيلىق ئاتا قىلغان تېلېفون ئالاقىسى ھەمىمىزنىڭ كۆڭلىنى يېقىن قىلسۇنكى، ھەرگىزمۇ ئوتتۇرىمىزغا ئازارلىق يەتكۈزمىسۇن.

  ئېسىمىزدە بولسۇن، ئالالمىغان تېلېفوننىڭمۇ سەۋەبى بولىدۇ.

  ئېسىمىزدە بولسۇن، ئالالمىغان تېلېفوننىڭمۇ سەۋەبى بولىدۇ. (بايىنغولىن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى:تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم)

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا