پۇتخانىدىن چىققان قىزلار
(ھەقىقى ۋەقە)
-ھەي كىمۇ ئۇ؟
-ئاخشام قارا، باللارنىڭ دادىسى بىلەن چوڭ ئۆيدىن يىنىپ كىلىۋاتسام، "پۇت يۇيۇش ئورنى "دىگەن يەردىن ئىككى قىز چىقىۋاتىدۇ. يۈرۈگۈم جىغغىدە قىلىپ قالدى. ئۇ يەرنىڭ نىمە يەر ئىكەنلىكىنى كىم بىلمەيدۇ؟ ئەمدى يىگىرمە ياشلارغا كىرگەن تىخى ئۇيغۇر قىزى تۇرۇپ ئاشۇنداق مەينەت يەردىن چىقىۋاتقىنىنى كۆرۈپ جىم تۇرالايمەنمۇ ؟ئاچچىغىم كەلدى، لىكىن چاندۇرمۇدۇم. كىتىۋاتقان قىزلارنى چاقىرىپ يېنىغا باردىم.
-ياخشىمسىز مۇشۇ يەردە ئىشلەمسىز ؟-دىدىم. ئارىسىدىكى ياشاراق قىز
-ھەئە،- دەپ جاۋاپ بەردى.
-ھە نىمىدىگەن ئۇبدان! بەزى قىزلار ئىشلەپ پۇل تاپالايدۇ، بەزىللىرى تاپالمايدۇ. بۇ جاھاننىڭ نىمىسى بار ئىشلەپ ئۆزىنى ئۆزى باققان ياخشىغۇ؟! بەك جاسارەتلىك ئىكەنسىز، ئۆيىڭىزدىكىلەرگە تىلىفۇن قىلىپ قويۇڭ ئەنسىرەپ قالمىسۇن،- دىدىم.
ئۇ چاققىچە ئاۋۇ يىنىدىكى قاغدالمىراقى دوستىنى تارتىپ ماڭايلى دىگىلى تۇردى. مەنمۇ چاندۇرماي،
- مىڭىڭ سىڭلىم ئاۋۇ يەردە دۇكان بار، تىلفۇن قىلىپ قويۇڭ،- دەپ قولتۇغلاپ ئىلىپلا ماڭدىم .
دوستى قاراپلا قالدى. دۇكان يىنىغا بىرىپ،
- ئۆيىڭىز نەدە؟ دەپ سورىسام،
- نىلقىدا،- دەيدۇ.
-ھە ئۆيىڭىزدىكىلەر ئىشلەۋاتقىنىڭىزنى بىلەمدۇ؟ دىسەم،
- بىلىدۇ،- دىدى.
-تىلفۇن قىلىپ قويۇڭ،- دەپ زورلۇدۇم. شۇنداق قىلىپ ئۇ قىز بوتكا يىنىغا بىرىپ تىلفۇن قىلدى. باسقان نۇمۇرىغا قاراپ تۇردۇم. تىلىفۇننى ھەدىسى ئاپتۇ. ئۇ قىز تىلىفۇننى ئېلىپلا ھەدىسىگە قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدا ئىشلەۋاتىمەن دىدى. ئۇ چاققىچە مىنىڭمۇ ئەقلىم ئىشلەپ ئۇ قىزدىن تىلىفۇننى ئالدىمدە،
- مەن قۇرۇق يۇيۇش دۇكۇنىنىڭ خوجايىنى ئەنسىرمەڭ،- دەپ قويدۇم.
مىنىڭ بۇنداق قىلغىنىمنى كۆرۇپ ئۇ قىز ئىرىپلا كەتتى. ئۇ قىزغا يالغان-ياۋداق گەپلەرنى قىلپ يۈرۈپ بىزنىڭ ئۆيگە ئەكىلىپ قوندۇرۇپ قالدىم. ئەتتىگەندە ھىلىقى ياتلىۋالغان نۇمۇرغا تىلىفۇن قىلىپ ئەھۋالنى بىرەر قۇر چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. ئۇلار ھازىرلا كىلىدىغىنىنى، ئۇ قىزنى ئۆيدىن تالاغا چىقارماسلىقنى ئېيتىپ يالۋۇرۇشتى. بولغان ئىش مۇشۇ. ئۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ھازىر كىلىپ قالامدىكىن.
دىلنۇر ئاپىسى بىلەن چوڭ ئاپىسىنىڭ دىگەن گەپلىرىدىن مىھمانخانىدا ئۆلگىچە گىرىم بىلەن تار ئىشتانغا چاپلىشىپ، كۆزىنى پۇلى تۈگىگەن تىلىفۇندىن ئۈزمەي ئولتۇرغان قىزنىڭ كىملىگىنى بىلدى. ئۇ ھەم ھەيرانلىق ھەم ئاچچىقلىنىش ھىسياتى بىلەن مىھمانخانا ئۆيگە كىردى.
-ھەي ئىشىك ئوچۇقمىكەن؟-دەپ سورىدى ئۇ قىز.
-ياق تاقاق- دەپ سوغۇقلا جاۋاپ بەردى دىلنۇر، بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن يەنە سورىدى:-ئىسمىڭىز نىمە؟
-**
-ھە ..نىمىش قىلىسىز؟
-ئىشلەيمەن-، ئۇنۇڭ چىرايىدا ھودۇقۇش، نۇمۇس قىلىشتىن ئەسلا ئەسەر يوق ئىدى.
-نەدە ئىشلەيسىز؟ پۇت يۇيۇش ئورنىدىما ؟-دەپ سورىدى ئۇ ئاچچىقى بىلەن-خەقلەرنىڭ پۇتىنى يۇيامسىلەر؟
-ياق، ئۇ دىگەن بىر ۋىۋىسكا، كىرگەن مىھمانلارغا چاي قۇيۇپ بەرگەچ ئولتۇرۇشۇپ بىرىمىز شۇ-، دىدى ئۇ ئىزا تارتمايلا قاش كۆزلىرىنى سۈزگەش.
-يوغان ئىش قىلىسىزكەن، ياخشى ئىشما شۇ !قىزلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ....
-ۋىيەي، ھىلىغۇ بىزكەنمىزغۇ ،چىرايلىق بالىلارمۇ ئايالچە ياسىنىپ ئولتۇرۇپ بىزدىن ياخشى پۇل تاپىدۇ....
-بولدى سۆزلىمەڭ!
ئۇنۇڭ ئىچى ئېلىشىپ تالاغا يۈگۈرگەن پىتى چىقىپ كەتتى. يىرىم سائەتلەردىن كىيىن بۇ ئۆينىڭ ئالدىغا بىر تاكسى كىلىپ توختىدى. تاكسىدىن 60 ياشلار چامىسىدىكى چىرايىدىن تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقى، جەبىر-جاپاسىنى كۆپ تارتقانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرۇدىغان بىر ئادەم چۈشتى. كەينىدىن ھەربىر ھەركەتلىرىدىن مۇڭ ۋە يىغا تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بىر ئانا ھاسىراپ ھۆمۈدەپ دىگۈدەك چۈشۈپ كەلدى. نامراتلىق ۋە جەبىر-جاپا دەستىدىن ئىزىلىپ كەتكەن بۇ بىرجۈپ يۈگۈرگەن پىتى ئۆيگە كىرىپ كىلىشتى.
*******************************************************************************************
-ۋۇ بېششىڭنى يەيدىغان ھاياسىز ئىپلاس، سىنى تۇققىچە ئۆلۈپلا قالسامچۇ-، ئانا زەردە بىلەن قىزىنى بىر شاپىلاق ئۇردى- دە، ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. ئانىنىڭ مۇڭ باسقان چىرايىدىن چاچرىغان ھەسرەت ھىسلىرى ئۆي ئىچىنى سۈكۈتكە تولدۇرغان ئىدى. ئۇنۇڭ كۆزلىرىدىن سىرغىغان ھەربىر تامچە ياش پۈتمەس-تۈگمەس ئازاپ ۋە قايغۇلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ تۇرمۇش سەھنىسىدە قېرىپ، بالا ئۈچۈن جىنىنى بىرىپ مۇشۇ كۈنگە كەلگەن قەدىرداننىڭ ھايات يالدامىسى بولغان قورۇقلىرىدىن سىرغىپ ئاقاتتى.
ئاتىنىڭ ئاچچىقتىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ تۇراتتى. ئۇ لەۋلىرىنى زەردە بىلەن چىشلىدى دە، ئۆڭۈپ كەتكەن يىلىڭ چاپىنىنىڭ قوينىدىن پۇرلىشىپ كەتكەن يۈز يۈەنلىكنى ئىلىپ ھاجىگۈلگە تەڭلىدى.
-سىلىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت سىڭلىم. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بىرەر، ئاز بولسىمۇ بۇنى ...-ئۇ ئاچچىقتىن غال-غال تىترەيىتتى.
-نىمە دەۋاتىدىلا ئاكا !ھەممىمىز ئۇيغۇر، ھەممىمىز مۇسۇلمان. بىر-بىرىمىزگە كۆيۈنمىسەك بىزگە كىم كۆيىنىدۇ. قىزىڭىزنى بىقىۋالغۇچىلىكىممۇ بار. لېكىن قىزىڭىز ماڭا بوي بەرمەيدۇ، ھەم بۇ قىزنى شەھەردە تۇرغۇزماسلىقىمىز كىرەك. ئاكا قىزىڭىزنى يېزىغا ئېلىپ چىقىپ كىتىپ، ياخشى تەربىيە قىلىپ ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزۈڭ. ئەمدى شەھەرگە كىرمىسۇن. بۇ پۇلىڭىزنى يانچۇقىڭىزغا سىلىۋىلىڭ، بولمىسا مەن رەنجىپ قالىمەن.
-رەھمەت قىزىم،- ئاتا غەزەپ ۋە ھاياجان ئىلكىدە تىترەككە يەم بولۇپ دىگۈدەك دىدىدە، قىزىنى تاكسىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى. ئۇ قىزنىڭ تەلەتىدىن ئوڭشىلىدىغاندەك ئەمەس. ئىشىنىمەنكى ئۇ قىز يەنە قىچىپ كىلىۋالىدۇ.
ئويلۇنۇپ قالدىم. بىزدە ھاجىگۈلدەك ئاياللار كۆپ بولسا مىللىتىمىز مەڭگۈ ..........
ياخشىلارنى كۈيلەش كىرەك. غۇلجا شەھرى شەرق مەھەللىسىدىكى ھاجىگۈل خانىمغا چىن كۆڭلۇمدىن رەھمەت ئىيتىمەن. گەرچە مەن سىزنى تونىمىساممۇ مەن يەنىلا سىزدىن پەخىرلىنىمەن. چۈنكى سىز بۈگۈنكىدەك(ئۆزىگە ئىش تىپىشنى خالىمايدىغان)جەمىيەتتىكى ئىنسانىي خىسلەتكە ئىگە ئايال.
ياخشىلار ئۆلمەيدۇ. مىللەت ئۈچۈن، دىنىمىز ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈش ئىككى دۇنيالىقتۇر.
مەنبە: كۆك ھېلالنىڭ يازمىسى