ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  ھېكايە - رومانلار

رەڭلىك سورۇندىكى ئەيدىز

ۋاقتى : 2013-02-04  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : كۆرۈلىشى : قېتىم

 

رەڭلىك سورۇندىكى ئەيدىز

   

    جەمىيىتىمىزدە رەڭلىك سورۇن دەيدىغان بىر ئاتالغۇ كىلىپ چىققان بولۇپ، ئەرلەرنىڭ سورۇنىغا يات قىز-ئاياللارنى چاقىرىپ كىلپ، ئۇلار بىلەن بىللە يەپ-ئىچىدىغان، ئويۇن-تاماشا قىلىدىغان ھەم كۆڭۈل ئاچىدىغان مەناغا ئىگە بولغان پۇرسەتپەرەس يىغىلىش سورۇنىنى كۆرسۈتىدىغان ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. رەڭلىك سورۇن دېگەن مۇشۇ سۆزمۇ سەلبى، ئەخلاقسىز دېگەن چۈشەنچىنى ئۆزىدە نامايەن قىلغان بولۇپ، مەيلى خوتۇن-بالاۋاقىلىرى بولغان-بولمىغان   ئەرلەر بولسۇن، ئوخشاشلا باشقا قىز-ئاياللارنى چاقىرىپ-تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ، مېھمان قىلىپ ئەرلىك ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇش نىيىتىدە بولىدىغان شاللاق، راھەتپەرەس، پۇرسەتپەرەسلىككە ئادەتلەنگەنلەرنىڭ ئەخلاقسىز قىلمىشىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.

  رەڭلىك سورۇننى باشقا ئاياللاردىن پايدىلىنىشنى كۆزلىگەن ئەرلەر بىلەن مۇشۇ سورۇنىنى قىزىتىپ بىرىدۇ، رەڭلىك قىلىپ بىرىدۇ دېگەن ئاشۇ ئەرلەر بىلەن نىكاھلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان قىزلار-ئاياللار بىرلىكتە بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئەرلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ خوتۇن-بالاچاقىلىرى بولۇشى، شۇنداقلا سورۇننى رەڭلىك قىلىۋاتقان شۇ ئاياللارنىڭمۇ بەزىلىرىنىڭ  ئەرلىرى، بالىلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى، مۇشۇنداق سورۇنلارنى رەڭلىك قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان قىز-ئاياللار ئۆزئارا مۇناسىۋەت تورى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، قايسى ئەرلەر سورۇنى چاقىرسا ئادەم سانىغا ئاساسەن ئالاقىلىشىپ، قىز-ئاياللارنىڭ سانىنىمۇ ئەرلەرنىڭ سانى بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ، تېز سۈرئەتتە  ئىلگىرى كۈرۈشكەن-كۈرۈشمىگەن بولسۇن، چاقىرغان  ئەرلەرنىڭ يېنىغا ئۈنۈپ بولۇشۇپ سورۇننى رەڭلىك قىلىدىغان، ھەممىدىن ئويۇن-تاماشىنى مۇھىم بىلىدىغان ئويۇنچۇققا ئايلانغان قىز-ئاياللاردۇر. مۇشۇنداق سورۇننى  رەڭلەشتۈرۈشكە ئادەتلەنگەن قىز-ئاياللار يالغۇز بىر توپ ئەرلەرنىڭ سورۇنىنى رەڭلەشتۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە باشقىلارمۇ قاچان سورۇنغا چاقىرسا، خۇددى كۈتۈپ تۇرغاندەك دەرھال قوشۇن تارتىپ بېرىپ سورۇننى رەڭلەشتۈرۈدىغان بولغاچقا، بۇنداق سورۇننى رەڭلەشتۈرگۈچى قىز-ئاياللار توپتەك چۆرگىلەپلا يۈرۈيدۇ. يەنى ئۇلار سورۇن تۈزەيدىغان ئەرلەرنى ئالماشتۇرۇپ، يېڭىلاپ ئۇلارنىڭ سورۇنىنى رەڭلەشتۈرۈپ يۈرىۋېرىدۇ. سورۇننى رەڭلەشتۈرىمىز دېگەن ئەرلەر سورۇنمۇ-سورۇن پىرقىراپ يۈرۈيدىغان قىز-ئاياللارنى سورۇنىمىزنى رەڭلەشتۈرۈپ بەردى دەپ مېھمان قىلىشىپ كىتىشىدۇ.

     دېمەك، مۇشۇنداق رەڭلىك سورۇن تۈزەيدىغان يىگىت-ئەرلەر بىلەن سورۇننى رەڭلەشتۈرۈپ بىرىدىغان قىز-ئاياللار قالايمىقان ئۇچرىشىدىغان، ئارىلىشىدىغان مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، رەڭلىك سورۇن تۈزەشنىڭ مەقسىدى ئەر-ئاياللارنىڭ ئىنتىلىش-ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، رەڭلىك سورۇننى ئاياقلاشتۇرغان ئەر-ئاياللاردىن ئۇدۇل ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتمەي، ياتاق ئاچقۇزغىلى كىتىپ قالىدىغانلارمۇ چىقماي قالمايدۇ. مانا مۇشۇ چاغدا سورۇنمۇ-سورۇن چۆرگىلەپ يۈرۈپ، سورۇننى رەڭلەشتۈرىدىغان قىز-ئاياللارنىڭ جىنسى كېسىلى، ئەيدىز كېسىلى ئەنە شۇ رەڭلىك سورۇنغا ئامراق يىگىتلەرگە-ئەرلەرگە «سوۋغا» قىلىنماي قالمايدۇ. چۈنكى، توپ-توپ ئەرلەرنىڭ سورۇنىنى رەڭلەشتۈرىدىغان قىز-ئاياللارنىڭ جىنسى ھەمرايىنى ئاز دېگىلى بولمايدۇ. يەنى رەڭلىك سورۇنغا ئامراق ئەرلەر سورۇننى رەڭلەشتۈرىدىغان كۆپلىگەن قىز-ئاياللار بىلەن ئۇچراشقان بولسا، سورۇننى رەڭلەشتۈرىدىغان قىز-ئاياللارمۇ كۆپلىگەن ئەرلەر بىلەن ئۇچراشقان بولىدۇ. مۇشۇنداق ھالەتتىكى قالايمىقان ھەمرالىق مۇناسىۋىتى ئەيدىزدىن ئىبارەت يۇقۇملۇق كېسەلنى تارقاتمايدۇ دېيەلمەيمىز.

ئەر-ئاياللار بىرلىكتە رەڭلەشتۈرگەن سورۇندا ھاراقنى تەڭ ئىچىشىپ مەست بولغان «كۆڭلى تارتىشقانلار» مېھمانساراينىڭ كارۋىتىدا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش دېگەننى ئېسىگە كەلتۈرۈپمۇ قۇيۇشمايدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇلار پاھىشەخانىدىكى پاھىشەچىلىكمۇ ئېھتىيات قىلىشنى بىلىشمەيدۇ. مۇشۇ چاغدا تېخى يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئۇچراشمىغان ئەر ياكى ئايال قارشى تەرەپتىن مەينەتچىلىكنىڭ سوۋغىسىغا ئېرىشىدۇ. مانا مۇشۇنداق رەڭلىك سورۇندا پەيدا بولغان ۋاقىتلىق جىنسى خۇمارىنى قاندۇرۇپ بولغانلاردىن خوتۇنى ياكى ئىرى بولغانلار ئۆيلىرىدىكى نىكاھلىق تۇرمۇشىدا ھەمرايىغا خائىنلىقنىڭ «سوۋغىسى»نى بەرمەي قالمايدۇ.

      رەڭلىك سورۇننىڭ «قىممەتلىك» يۇقۇملۇق «سوۋغىسى» مۇشۇنداق ئۇسۇلدا ئائىلىگە سۇقۇنۇپ كىرىپ، ئەر-خوتۇنلارنى ئالدىغىمۇ ماڭالمايدىغان، كەينىگىمۇ ماڭالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇغۇلغۇسى ئەۋلاتلارنىمۇ يوقلىشى مۇمكىن.

  مۇشۇ يەردە شۇنى ئويلىماي تۇرالمايمىزكى، ئەر-خوتۇنلارنىڭ نىكاھلىق تۇرمۇشىغا قارىغاندا، رەڭلىك سورۇن دېگەن يەرنىڭ قانداق جەلىپ قىلارلىقى بار؟ ئەر-ئاياللار رەڭلىك سورۇندا ياشامدۇ ياكى نىكاھلىق ئائىلىدە ياشامدۇ؟


 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا