ناھايىتى قىزىقارلىق بىر كۈلدۈرگە نومۇرى بار، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
تۇغۇلۇش ئىسپاتى - بىر ۋاراق قەغەز، شۇندىن باشلىنار ئۇزۇن بىر ئۆمۈر.
دىپلوم - بىر ۋاراق قەغەز، كۈرەش بىلەن ئۆتەر بىر ئۆمۈر.
توي خېتى - بىر ۋاراق قەغەز، تاسقايدۇ ئۇ سېنى بىر ئۆمۈر.
مەنسەپنامە - بىر ۋاراق قەغەز، تالاش ئىچىدە ئۆتەر بىر ئۆمۈر.
پۇل: بىر ۋاراق قەغەز، جاپا ئىچىدە ئۆتەر بىر ئۆمۈر.
كېسەل تارىخى - بىر ۋاراق قەغەز، ئازاب بىلەن ئۆتەر بىر ئۆمۈر.
مۇسىبەتنامە - بىر ۋاراق قەغەز، شۇنىڭ بىلەن تامامدۇر ئۆمۈر.
تۇغۇلۇش ئىسپاتى - بىر ۋاراق قەغەز، بۇ بىزنىڭ تۇغۇلغانلىق گۇۋاھنامىمىز. مانا شۇ بىر ۋاراق قەغەز بىلەن ھەربىر ئادەمنىڭ ياكى ئۇزۇن، ياكى قىسقا، ياكى ئۇلۇغ، ياكى ئاددىي بىر ئۆمرى باشلىنىدۇ.
دىپلوم - بىر ۋاراق قەغەز، مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ دوكتورلۇقنى ئېلىپ ئوقۇش پۈتتۈرگىچە 20 نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ئادەم ئۆمرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ.
توي خېتى - بىر ۋاراق قەغەز، بۇنىڭ بەزىلىرىگە شېرىن ئەسلىمىلەر ھەم بەخت يېزىلغان بولۇپ، قېرىپ چاچقا ئاق كىرگىچە بىللە ئۆتۈشكە سەۋەب بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭدا كېيىنكى ئۆمۈرمۇ بەلگىلەنگەن بولىدۇ.
مەنسەپنامە - بىر ۋاراق قەغەز، بۇنىڭ خىزمەتكە تەيىنلەش خېتى، تەيىننامە ئىكەنلىكى تەبىئىي. بىر كىشىنىڭ مەنسىپى مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، ئۇنىڭغا ھامان بىر كۈنى چېكىت قويۇلىدۇ.
پۇل - بىر ۋاراق قەغەز، ئۇ تۇرمۇش ساپايىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى. ئەمما سۈپۈرۈپ ئالىدىغىنىمىز بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئەكسىچە ئادەمگە زىيان قىلىدۇ.
كېسەل تارىخى - بىر ۋاراق قەغەز، بۇ قەغەزدىن قورقۇپ، ئۇنىڭدىن داجىپ ئۆتمەيدىغان ئادەم يوق، ئەمما ئۇ ھېچكىمدە كەم بولۇپ قالمايدۇ.
مۇسىبەتنامە - بىر ۋاراق قەغەز، بۇ ھاياتىمىزدىن يەكۈن چىقىرىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋاراق قەغەز بولۇپ، ئائىلە تاۋابىئاتىڭلارنى رازى قىلىپ، ئاخىرەتتە ۋاپات بولغۇچىنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن بۇ بىر ۋاراق قەغەز كەم بولسا بولمايدۇ.