ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  ھېكايە - رومانلار

بىر جۈپ ئەتتىرگۈل

ۋاقتى : 2015-02-04  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلىكۆرۈلىشى : قېتىم

4.gif

  ﺑﯜﮔﯜﻥ ﯪﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ.ﻳﻮﻟﻨﯩﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﯸﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﮔﯜﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﯞﻩ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ. ﻣﻪﻥ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ كۆرۈﺷﻜﯩﻠﻰ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﯩﻢ، سېنىڭ بۈگۈنلىدەك بايرامدا مېنى تاماقتا تەكلىپ قىلىشىڭ ماڭا نورمالدەك تۇيغۇ بېرەلمىسىمۇ، نېمىشقىكى ئۆزەمنىڭ ئەڭ سەمىمىي قەلبى بىلەن سەن بىلەن كۆرۈشكىلى كېتىپ بارىمەن. بۈگۈنكىدەك بايرامدا ئۇ ئايالىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ قويسىچۇ؟ دەپ قەلبىمدە بىر غەليان كۆتۈرمەكتە.. ﺑﯩﺰ ﻛﻮﺭﯛﺷﺘﯘﻕ.ﺑﺎﻳﯩﻼ ﻣﻪﻥ ﻫﻪﯞﻩﺳﻠﯩﻨﯩﭗ يول بويىدا كۆرگەن بىر ئەرنىڭ ئايالغا گۈل سۇنغان ﻛﻮﺭﯛنۈشى ﻣﯧﻨﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﻤﺎ ﻗﺘﺎ .ﻳﺎﻕ، ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ،<<ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﯖﯩﺰ، ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ !>>ﺩﯦﺪﯨﯔ ﺑﯩﺮﺟﯜﭖ ﯪﺷﯘ ﯻﺸﭽﺎﻥ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﻮﻟﻠﯘﺭﯗﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ گۈلنى ماڭا سۇنۇپ.
   -ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ،- ﺩﻩﭖ ﯪﻟﺪﯨﻢ ﻛﻮﺯ ﯪﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜ ﮔﯜﻟﮕﻪ ،ﺑﯘ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﮔﻪ ﯻﺸﻪﻧﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،ﮔﯜﻟﻨﻰ ﯸﻠﯩﭗ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻼﺷﺘﯩﻢ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺧﻮشلىشىشنىڭ سەۋەبلىرى مېنى ئازابلايتتى. ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﻜﻰ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯰﺯﯗﻧﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗشنى، يەنى مۇشۇ يوللاردا ساڭا ھەمرا بولۇشنى راۋا كۆرمىدىم. ﺳﻪﻥ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﻴﯩﺸﻨﻰ ﯲﺗﯜﻧﺪﯛﯓ. مەن ﺋﯩﺸﯩﻢ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﯲﻳﺪﯨﻜﻰ ﯪﻧﺎﻡ - ﻫﻪﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻨﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ئېيتىپ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻼﺷﺘﯩﻢ.
   ﺑﯩﺮﺟﯜﭖ ﮔﯜﻟﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ.ﺑﯩﺮﺩﻩ ﺷﯘ گۈلنىڭ ﻗﯩﭙﻘﯩﺰﯨﻞ ﺑﻪﺭﮔﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﻩنسە، بىردە تەشۋىشلىك سوئاللىرىم مېنى قىينىماقتا، «سەن نېمە قىلىپ قويدۇڭ....» ﻣﻪﻥ ﮔﯜﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﯰ ﺳﻮﯪﻟﻼﺭنىڭ ﯻﭽﯩﺪﻩ ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﺎﯞﺍتىمەن . ﺑﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻘﻰ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎنلىرىم ماڭا ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﺎﻟﻼﻣﻨﻰ ﯻﮕﻪﻟﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺳﻮﯪﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﯜﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﻧﯩﻴﻪﺕ قىلدۇرماقتا. ئەتراپقا ﺳﻪﭖ ﺳﺎﻟﺪﯨﻢ .ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﻤﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻣﯩﺶ -مىش ﯪﺩﻩﻣﻠﻪﺭ،ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯜﺭﻛﯜﻟﯜﭖ ﯲﺗﯜﺷﻪﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.
   _ﮔﯜﻝ ئېلىڭ ﯪﭘﯩﯖﯩﺰﻏﯩﻤﯘ ﺑﻮلسىمۇ ئېلىپ ﺑﯧﺮﯨﯔ!- ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﻤﺪىكى ﺑﯘ ﯪﯞﺍﺯ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﻟﻨﻰ ﯬﺳﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺭﺩﯨﻢ ﮔﯜﻟﮕﻪ ،ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺑﻪﺭگىسى ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩسسىشىدﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ئىتتىك ئېلىۋالدىمدە گۈلنى يۆگىگەن سولياۋغا ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ. ھەمدە ﯪﻧﺎﻡ،ﻫﻪﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ئاتاپ ئالغان ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﺭقىراق ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﯮﺭﺍﭖ، ﻧﻪﭘﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﺪﻩ ﯲﻳﮕﻪ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ.
   - ھەدە گۈلىڭىز قالدى- دېگەن ئاۋاز بىلەن ئارقامغا قارىدىم. بايىلا نەرسىلەرنى ئوراتقان دۇكاننىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ تۇرغان بىر باش ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىمەكتە .
   - رەھمەت سىڭلىم. مۇشۇ ئۇنتۇلغانلىقىمنى - دېدىم ئۇ قىزنىڭ ئالدىدىكى ئەيىپىمنى ئاشكارىلاپ. ئۇ قىز كىرىپ كەتتى. قۇلۇمغا گۈلنى ئالدىم، خۇددى بىر پارچە چوغنى ئالغاندەك. گۈلگە قارىساملا باياتىنقى بىردەملىكىلا غايىپ بولغان سوئاللىرىم باشلاندى. كېتىپ بارىمەن، ئەتراپىمغا قاراپ، بىراق كاللامدا يەنىلا شۇ سوئال.
   - سەن گۈلنى ياخشى كۆرەتتىڭ؟ ئەمدى قۇبۇل قىلىپ خوش بولمايۋاتامسەن.-
   - خوش بولدۇم بىراق بىراق.... دېدىم دۇدۇقلاپ
   - بولدى سەن كىچىك بالا ئەمەس، سەن قەلبىڭدە ئەڭ سەمىمىي بولغان بىرخىل مۇناسىۋەتنى ئويلا. ئارتۇنچە ئويلانساڭ، ئۆزەڭنى ئۆزەڭ خۇدۇكسىرىتىپ قويۇسەن.
   - مەن نېمىشقىكى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى سەمىمىي ھېس قىلالمىدىمغۇ تاڭ- مەندە ئۆزىگە ئېلىش تۇيغۇم بەك يۇقىرالاپ كەتكەن ئوخشايدۇ ياكى سىزىمىم ئېشىپ كېتىپ بارامدۇ.
   - ئاخماق بولما، ئۇنىڭ باشقا مۇددىئاسى يوق.
   - ئەمسە ياخشى بولاتتى.
   - توغرا ئۇ 365 كۈندە كەلگەن - ھە، رەخمەت ساڭا. ئەمدى بۇ رەھمەتنى كىمگە دېدىم. ئۆزەمدىن قانائەت ھاسىل قىلغان سوئاللىرىمغا دېدىممۇ ئىشقىلىپ ئۆزەمنى بەزلىدىممۇ، پەسكويغا باشلانغان تىۋىشسىز بايانلىرىمنى تۈگىتىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. مانا بۇ ئىشلار ئۆتكىلى ئۈچ كۈنلەر بولدى. ئۇ ماڭا يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئېيتتى بىز كۆرۈشمەكچى بولدۇق. بەلكىم شۇ ئىككى تال گۈلنىڭ يۈزى بولسا كېرەك.
   بۈگۈن ھاۋا سۇغۇق قار ئۇچقىندىماقتا، يەرگە قارلار چۈشىشى بىلەن يامغۇر بولماقتا. بىز دىيىشكەن ۋاقىتتا كۆرەشتۇق. ئۇ شۇ كۈلكىسى بىلەن ماڭا خاتىرجەملىك ئاتا قىلىدىغاندەك سالام قىلدى.
   - ياخشىمۇسىز، ئاۋارە قىلدىم. سىز بىلەن پاراڭلاشقۇم كېلىپ.
   - رەھمەت، قېنى ماڭغاچ پاراڭلىشىلى-، گەپلىرىمىز پەقەتلا قولاشمايۋاتاتتى. بەلكىم...
   - مەن ئۆزەمنى سىزگە قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇشنى لايىق كۆردۈم-،
   - ھە،
   - مەن مانا مۇشۇنداق تۈز ئاغزىمغا نېمە كەلسە دەيدىغان ئادەم ئەگەردە خالىسىڭىز بىر سىردىشىپ باقايلى.- ئىچكى تۇيغۇلىرىمىز بىلەن گىرەلىشىپ باقايلى!
   - ماقۇل، مەنمۇ تۈزلا. بەلكىم ياخشى ئاكا - سىڭىل بولۇپ قالارمىز؟
   - سىز كىچىكمۇ ياكى گەپ چۈشەنمەمسىز، مېنى ئاكىلىق ئورنىدا ئەمەس...
بەدىنىم يىنىك تىترىدى، باياتىنقىدىن كۈچەيگەن شامال بارغانسېرى چىڭراق يۆگىنىشكە مەجبۇرلىماقتا. ئەتراپىمدا كېتىپ بارغان ئادەملەر «ھەي، قىز ، ئەخمەق قىز ، دەپ توۋلىماقتا»
   - سىزمۇ كىچىك ئەمەس، بەزەن گەپلەرنى ئوچۇق دىمىسەممۇ چۈشىنەرسىز.
   قار تېخىمۇ كۈچەيدى. دەسلەپ تىتىرەشكە باشلىغان بەدىنىم ئەمدى قاتتىق سىلكىنىشكە باشلىدى. ئەتراپىمغا سەپسالدىم. يول بويىدىكى بىر دۇكانغا تىزىپ قۇيۇلغان قىپقىزىل ئەتتىرگۈللەر ماڭا خىرىس قىلماقتا. بىر جۈپ ئەتتىرگۈل ماڭا توزانلىرىنى پۈركىمەكتە. ئۇ ئۆزىنى چۈشەندۈرمەكتە. ئىككىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق ئېزىپ تۇرۇپ ماڭا سىڭدۈرمەكتە. تۇرۇپلا تېخى ئۈچ كۈن بولمىغان ھېلىقى دەرىزە تەكچىسىدىكى بىر جۈپ گۈلنى چەيلىگۈم كەلدى.. قار كۆزلىرىمنى نەمدىمەكتە. ئەتراپىمدا تاپا - تەنە خۇددى شامالدەك مېنى تىترەتمەكتە. مەن بېشىمنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم. ئابتۇبۇستا كېتىپ بارىمەن، خىيالىم شۇ بىر جۈپ ئەتىرگۈلدە. ئۆيگە قانداق قايتىپ كىرگىنىمنى بىلمەيمەن. ئۇدۇل دەرىزە تەكچىسدە كەلدىمدە ئاشۇ كۈنى ئەكىرىپ مىنرال سۇ بۇتۇلكىسىغا سۇ قۇيۇپ چىلاپ قويغان بىر جۈپ گۈلنى ئالدىم، ئۇنىڭ يۇپۇرماقلىرىنى بىر تال بىرتالدىن يۇلۇپ دەرىزىنى ئاچتىمدە ئالتىنچى قەۋەتتىن پەسكە تاشلىۋەتتىم.
   گۈللەر ياپراقلىرى بىر تال - بىر تال بولۇپ ئاجىز شامالنىڭ كۈچى بىلەن تەرەپ - تەرەپكە تارالماقتا. دەرىزىنى غەيرەت بىلەن يېپىپ كارۋاتقان ئۆزۈمنى ئاتتىم. قاياقتىندۇر گۈللەر بەرگىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر تال بەرگى كارۋىتىم ئۈستىدە ماڭا ئاجايىپ بىرخىل ھەيۋىدە باقماقتا. مەن ئۇنى ئېلىپ قايتا دەرىزىنى ئاچتىم. بىراق يەرگە چۈشۈپ بولغان گۈل بەرگىلىرىنى كۆرۈشۈم بىلەن قولۇمدىكى گۈل بەرگىسىگە قارىدىم. ئۇنى دەرىزىدىن كىرگەن ساپ ھاۋا بىلەن پۇرۇدۇم. بۇ ۋاقىتتا بۇ گۈل ماڭا تولىمۇ ساپ بولغان قەلبىمدىكى ئۇنىڭغا بولغان دوستلۇقنىڭ تەبەسسۇمىنى ئاتا قىلدى. دەرىزىنى يېپىپ تاتمىدىن كۈندىلىك خاتىرەمنى ئالدىم. گۈل بەرگىسىنى كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ بىرتال ۋارقىغا قىستۇردۇمدە، ئۇنى ئاۋايلاپ قايتا يېپىپ تارتمامغا سېلىپ قويدۇم.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا