مەن كۆڭۈل رىشتىمىزنىڭ ئاللىقاچان ئۈزۈلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرساممۇ ، يەنىلا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بىزنىڭ قەلبىمىزنى تۇتاشتۇرغان ، بىزنى سۆيدۈرگەن ئاشۇ كۆرۈنمەس يىپنى تۇتۇپ قېلىشقا تىرىشاتتىم ...
سېنىڭ قەلبىڭ ئاللىقاچان مەندىن يىراقلاپ كەتكەن ، باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلانغان ئىدى ... مەن گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىمنى ، ئۈمىد - تىلەكلىرىمنى ، قايغۇ - ھەسرەتلىرىمنى يۈرۈگۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇردۇم ... دەل مۇشۇ دەقىقىدە مەن خۇددى كىنولاردىكىدەك ساڭا خوش دېيىشنى ، سەن بىلەن گۈزەل ئەسلىمىلەر ئىچىدە ئايرىلىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم ھە ! لېكىن مەن ئۇنداق قىلالمىدىم ... سەن ئارقاڭغا ئۆرۈلۈپ ماڭغان ئاشۇ مىنۇتلاردا مېنىڭ قەلبىم پارا - پارە بولۇپ كەتتى ...
قوللىرىم كومپىيۇتىر ئۈستىدە تىنىمسىز ھەركەت قىلاتتى ...
مەن ئۆزەمنىڭ ساڭا دېيەلمىگەن يەنە نۇرغۇن قەلب - سىرلىرىمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم ... ئەمدى دىمىسەم بۇندىن كېيىن تېخىمۇ دېيىش پۇرسىتى يوقلىقىنى بىلىپ تۇراتتىم ... بۇ ۋاقىتتىكى مەن ئۆزۈمنى شۇنچىلىك يىگانە ھېس قىلماقتىمەن ...
خەير ، ئۈمىدىم خەير ! بۇ قېتىم شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۈمىدلىرىم بىلەن ، ئۆتمۈشلىرىم بىلەن خوشلاشتىم ... ياڭراتقۇدا مۇڭلۇق << ئايرىلىش >> ناخشىسى ئاڭلىنىۋاتاتتى ... يۈزۈمگە ئىسسىق بىر نەرسە ئۇرۇلدى ، مەن يۈزۈمنى سىلىدىم ... بۇ مېنىڭ كۆزۈمدىن ... ياق ، ياق ... يۈرۈگۈمدىن چىققان ھەسرەتلىك كۆز يېشىم ئىدى ...
ئاھ ئۆتمۈشۈم ! ئاھ ئارزۇلىرىم ! سېنىڭ ماڭا قالدۇرغىنىڭ مۇشۇنداق ئازاپلىق ياشمۇ ؟ ؟ ؟
مەن تۇيۇقسىز ئۇيقۇمنى ئاچتىم ، بۇ قورقۇنۇچلۇق چۈش قوينىدىن قايتىپ چىقىشقا بەل باغلىدىم ... مەن ئەمدى سەن بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ھەرقانداق پۇرسەتلەردىن ۋاز كەچتىم ... ئۈمىد بىلەن كۈتكەن گۈزەل ئەتىنى ئارقامغا تاشلاشقا مەجبۇر بولدۇم ...
مەن ھېچبىر مەقسەتسىزلا ھەر بىر تور بېكەتلىرىنى ئارىلاۋاتاتتىم ، بىراق بىرمۇ تور بېكەتتە ماڭا ئورۇن باردەك ئەمەس ... بىزنى ئۇچراشتۇرغان شۇنداقلا تونۇشتۇرغان تور دۇنياسىدا ، سەن مەن بىلەن كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئاخىرقى بىر بېكىتىنى مېڭىشقا ھەمرا بولمىدىڭ ... مەن يەنىلا ئۆزەمنىڭ تەنھالىق دۇنياسىغا قايتىپ كەلدىم ... يۈرۈگۈم يىغلايتتى ... مېنىڭ ئىلگىرىكى ئىشەنچلىرىم ، ئەركىن پەرۋاز قىلغان قاناتلىرىم ، ئىككىمىزنى بىر - بىرىمىزگە باغلاپ تۇرىدىغان ئاشۇ ئارزۇلار تولىمۇ ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئاللىقاياقلارغىدۇر يوقاپ كەتكەن ئىدى ...
قاناتسىز چۈش قانچىلىك ئۇچار ؟ ؟ ؟
بىزنىڭ گۈللىرىمىز يەنە ئېچىلارمۇ ؟
سېنىڭ مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا پەيدا بولىشىڭ بىلەن مېنىڭ تەغدىرىم پۈتۈنلەي ئۆزگەردى ...
سەن بولغاچ قىيىنچىلىقلار ماڭا ھېچنىمە ئەمەس ئىدى ؛ سەن بولغاچ تۇرمۇشتىكى بوران - چاپقۇنلارغا پىسەنت قىلمايتتىم ... سەن ماڭا تېپىلغۇسىز خوشاللىق ئاتا قىلغان ئىدىڭ ... سەن خۇددى خوشاللىق ئەلچىسىدەك تۇرمۇشۇمغا خوشاللىق ئاتا قىلدىڭ ... شاتلىقتىن ، بەخىتتىن قاقاقلاپ كۈلدۈم ... لېكىن بۇ خوشاللىقلارنى ، بۇ بەخىتنى يەنە ئۆز قولۇڭ بىلەن مەندىن تارتىۋالدىڭ ... بىلەمسەن ، مەن سەن بىلەن بىللە ئاشۇ گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالماقچى ئەمەسمىتىم ... ئەمما سەن مېنى ئەپسۇس ئىچىدە ، پۇشايمان ئىچىدە قالدۇرۇپ ، مەندىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتتىڭ ...
ھەي ، نىمە دىگەن بىچارە تىللار بىلەن يېزىلغان ھىكايە بۇ ! نىمە دىگەن ئەخمىقانە نەتىجە بۇ !
خەير ! بولدى قىل ، ئۆزۈڭدىن باشقىغا ئىشەنمىگىن ... ھەم باشقىلار ئۈچۈن ئازاپلانما ... بىلگىنكى سەن باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس ، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياشاشنى بىل ... سەن خوشاللىقىڭنى باشقىلاردىن ئەمەس ، ئۆزۈڭنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىدىن ۋە ئۆزۈڭنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئىزلە ھەم تاپقىن ... سەن شۇندىلا بۇ ھاياتىڭنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن بولىسەن ھەم باشقىلاردىن ئاغرىنمايسەن ... ئېسىڭدە بولسۇن << تەغدىرىڭ ئۆزۈڭنىڭ قولىدا >> ﺋﯘﮬ ئۆز - ئۆزۈمگە ...
خەير ! ئامان بول ! ! !
ﮬﻪﺳﯩﺮﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ،
ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ .
ﺩﯨﻠﻨﻰ ﺷﺎﺕ ﺋﻪﻳﻠﯩﺴﻪ ﮔﯜﻝ - ﺑﺎﮬﺎﺭ ،
ﻛﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰ ﺯﯨﻤﯩﺴﺘﺎﻥ .
ﮔﯜﻝ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﭘﻮﺭﻩﻛﻠﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ،
ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺧﺎﺯﺍﻥ ﻛﯜﺯ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ .
ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﮕﻪ ﺗﻮﻟﺪﻯ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ - ﭘﯩﻐﺎﻥ ،
ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻳﺎﺵ ﺗﯘﻟﯘﭖ ،
ﭼﯩﺮﻣﺎﻳﺪﯗ ﺩﯨﻠﻨﻰ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺧﯩﻴﺎﻝ ،
ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﻢ ﻳﯩﺮﺍﻕ .
ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﭼﯜﺵ ،
ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮔﻪﺭ ﭼﯩﺮﺍﻕ .