ئاپا، دادا بىلەمسىلەر؟ مەن سىلەرنى نەقەدەر سۆيىمەن، نەقەدەر ھۆرمەتلەيمەن-ھە! سىلەر مېنى ياخشى ئوقۇسۇن، ياخشى كەلگۈسىگە ئىگە بولسۇن دەپ، ماڭا ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويىسىلەر، ئەتىدىن كەچكىچە دەرس ئۆگىنىش، تاپشۇرۇق ئىشلەشكە بۇيرۇپ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە كىرىۋالىسىلەر. مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە ئۆزۈمنىڭ تۈزۈك ئۆي ئىشلىرىنى قىلغىنىمنى بىلمەيمەن. بىراق سىلەر ماڭا چەكسىز خوشاللىق ۋە بەخت ئاتا قىلىسىلەر. مېنىڭ توققۇزۇم تەل، ناھايىتى باياشات.
ھېلىمۇ ئېسىمدە، بۇلتۇر قىشتا مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ئالغان چاغ ئىدى. مەن ئەتىدىن كەچكىچە دەرسكە قاراش بىلەن ئۆتەتتىم. مەكتەپتىمۇ ئۆگىنىۋاتقان، ئۆيدىمۇ شۇ. مەن ئۆزۈمگە قاتتىق ئىشەنگەچكە، ئىنگىلىز تىلىگە بەكمۇ قاراپ كەتمىدىم. كىم بىلسۇن «ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ» دېگەندەك ئىنگىلىز تىلىدە ئۆتەلمەپتىمەن. ئۆيگە قانداق بېرىشىمنى بىلەلمىدىم. ئاپام بىلسە مېنى ئۇرۇشى ياكى تىللىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.بىراق ئامال يوق ئاخىرى ئۆيگە قايتتىم. ئاپام مىسكىن ھالىتىمنى كۆرۈپ :
− نېمە بولدى قىزىم؟ − دېدى ئەجەبلەنگەن ھالدا.
− ئاپا، كەچۈرۈڭ بىر پەندىن ئۆتەلمەپتىمەن، − دېدىم قورققان ھالدا.
− نېمە! − چىرايىڭىز دەرھال جىددىي تۈسكە كىردى، − ئۇنداق ئەمەستۇ؟! باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن باشلاپ مۇشۇ چاغقىچە بىرەر پەندىن قالمىغان ئادەم ئىدىڭىز ئەمدى پەن قالدىڭىزما؟! قېنى سىزنىڭ دەرستە ياخشىلىقىڭىز! قېنى سىزنىڭ ئۆگەنگەنلىرىڭىز…
ئاھ، نېمىدىگەن ئاللا-توۋا بۇ، بېشىمنى ئاغرىتىۋەتتىغۇ، بەكلا زېرىكتىم، مېنىڭ ئەركىنلىك دېگەندىن ئېغىز ئىچىشىم مۇمكىن ئەمەس. ھېلى ئۇنى قىلما، ھېلى بۇنى قىلما، ئۇ خاتا، بۇ خاتا، ۋايجان. ئاپام بىلەن دادام مەندىن مەڭگۈ رازى بولمايدىغۇ دەيمەن. چېچىڭىزنى ئۇنداق بۇغۇڭ، مۇنداق تاراڭ، بۇ كىيىمنى كىيمەڭ، ئۇنى كىيىڭ. مېنىڭ شەخسىي ئىشىمدىن تارتىپ ئۆگۈنۈش، يۈرۈش-تۇرۇشقىچە ئارىلىشىۋالىدۇ. مەن بۇنى بىر خىل بىسىم دەپ ئويلايتتىم، ئۇ قېتىم گەرچە مەن خاتا قىلغان بولساممۇ،لېكىن مەنمۇ پۇشايمان قىلدىم ئەمەسمۇ؟ شۇڭا قەتئىي غەيرەتكە كېلىپ :
− ۋايجان، ھەجەپ بېشىمنى ئاغرىتىۋەتتىڭىز، كەچكىچە كوتۇلداشتىن باشقىنى بىلمەيسىز، مېنى ياخشىمۇ كۆرمەيسىز! بىر قېتىم بىر پەندىن قالغانغا نېمە بولاتتى! يامان بولسىڭىز ئۆزىڭىز ئوقۇپ 100 ئېلىڭ!
ئاپام گېپىمنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى. كۆزلىرىدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك سۈزۈك ياشلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلاپ دومۇلاپ چۈشۈشكە باشلىدى. «ھەي، ئېسىت، نېمىشقىمۇ شۇنداق دېگەنمەن» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ئاپام :
− ھەي، قىزىم سىز مېنى پەقەتلا چۈشەنمەيكەنسىز، شۇنداق مەن سىزنىڭ ئىشىڭىزغا بەكلا ئارىلىشىۋالىمەن، بىراق سىز بىلىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ھەممىسى سىز ئۈچۈن! دادىڭىز ئاشۇ توپىلىق جاڭگالدا ھاردىم-تالدىم دېمەي ئشلەۋاتسا، مەنمۇ سىلەرگە كۈچۈمنىڭ بارىچە شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتسام، نېمىشقا شۇنچە ياخشى شارائىتتا ياخشى ئوقۇمايسىلەر؟!
− ھېلىمۇ ياخشى ئوقۇۋاتىمەنغۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق ئوقۇغىلى بولىدۇ؟
ئاپام مېھرىبانلىق كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ :
− قىزىم، بىلىمەن، سىز ناھايىتى ياخشى ئوقۇۋاتىسىز، بىراق قانائەتلەنمەسلىك كېرەك. بولىدۇ، بۇندىن كېيىن سىزگە ئازراق ئەركىنلىك بېرەي!
«ئەركىنلىك!» نېمىدىگەن ياخشى، مەن بۇ 12 يىل جەريانىدا تۇنجى قېتىم ئەركىنلىك ئېرىشىشىم ئىدى. يۈرىكىم چەكسىز ئىپتىخارلىققا تولدى. مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاپامنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ :
− ئاپا، سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىزنىڭ مېھرىبانلىقىڭىزنى ئەمدى چۈشەندىم. مېنى كەچۈرۈڭ! − دېدىم.
ئاپام :
− ئۇماق قىزىم، سىزنى كەچۈرمەي كىمنىمۇ كەچۈرەتتىم، مېنىڭ مېھرىبانلىقىمنى ھېس قىلغان بولسىڭىز شۇ كۇپايە. سىلەر مېنىڭ يۈرەك پارەم.
− پاھ، پاھ، نېمىدىگەن گۈزەل مەنزىرە بۇ، − ئاپام ئىككىمىز تەڭلا ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدۇق، دادام بىزگە قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى، − مەن بۇنداق بولۇشىنى بۇرۇنلا بىلەتتىم. قىزىم بىز سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىمىز، سىزگە ياخشى بولسىكەن دەيمىز، دادىڭىز سىزنى مەڭگۈ سۆيىدۇ.
بۇ بىر كىچىككىنە ۋەقە، بىراق بۇ ئىش تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتتى. چۈنكى مەندىمۇ ئەركىنلىك بار بولدى، ئەمدى مەن قەپەسكە سولانغان قۇش ئەمەس. مەن 13 ياشقا كىردىم. مانا بۇ ئىش بولغانغىمۇ بىر يىل بوپتۇ. ھازىر قەلبىمدە ئاپام، دادامغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت تېخىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ، مەن سىلەر ئۈچۈن ھەرقانداق قۇربانلىقلارنى بېرەلەيمەن، سىلەرمۇ ھەم شۇنداق. سىلەرنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن، مەڭگۈ ھۆرمەتلەيمەن. ئائىلىمىزدىكى كۈلكىنىڭ مەڭگۈ جىلۋىلىنىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.