مەن تەنھا ئولتۇرۇپ سېنى سېغىندىم، تەنھالىقمدا تەمكىن بىر سېغىنىش قېنىمغا قوشۇلۇپ تومۇرلىرىمدا ئاقماقتا ...لەۋلىرىڭ لەۋلىرىمگە ئوتلۇق نەيزىدەك سانجىلغان شۇ چاغلارنى چىڭقى چۈشتىكى قۇملۇق سۇنى سېغىنغاندەك سېغىنماقتا مەن بەلكىم سەنمۇ يالغۇزلۇقتا بىرىنىڭ ھەمرا بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ، سېغىنىش ئىچىدىكى ئەسلىمىلەر قاينىمىغا غەرق بولغانسەن، تەنھالىقتىكى گۈزەل خىياللار سېنى تاڭ ساباسىدەك ئەركىلىتىۋاتقاندۇ...كۈيۈك دىلدىكى سېغىنىشلىرىڭ غېرىپسىنغان يۈرۈكىمنىڭ قات-قاتلىرىدا گۈلخانغا ئايلانغان،يۈرۈكىمنىڭ چۇڭقۇرلىقىغا شۇڭغىغان چۇڭقۇر سېغىنىش! چۇڭقۇر سېغىنىشنىڭ چۇڭقۇرلىقىدا سېنى سېغىندىم، سېغىنىشق ا غەرق بولدۇم، سېغىنىشقا چۇڭقۇر چىلاندىم...بۇ سېغىنىشنىڭ پايانسىزلىقى...كەڭلىكلىكى... ئۇزۇنلۇقىغا... كۆز يەتمەيدۇ...بىز قاچان، قانداق چاغدا،قانچە يېشىمىزدا ئۇچراشقان بولغىتۇق ،جېنىم ؟!... قىشتىمۇ ؟ يازدىمۇ ؟ باغدىمۇ ؟ چۆلدىمۇ ؟ كېچىدىمۇ؟كۈندۈزدىمۇ ؟ ئوتتىمۇ ؟ سۇدىمۇ ؟ زادى قاچان، قانداق چاغدا، قەيەر ئۇچراشقان بولغىتۇق ،جېنىم؟؟!!...سېنىڭ قارا ئۇزۇن چېچىڭدەك سوزۇلۇپ ياتقان سېغىنىشلىرىم چۇل-چۇل بولۇپ كېتەرمۇ ئەمدى ؟! مەن يۈرۈكىمنى ئاتىغان ئەمەسمىدىم ساڭا. سېغىنىشنىڭ ئۇچلانغان ئوتلۇق تىغى يارا قىلغان باغرىمدىكى ھىجران قوقاقلىرى جۇدالىقنىڭ ئاچچىق شىۋىرغىنىدا ئېچىشماقتا خۇددى تۇز سەپكەندەك ، تۇز سەپكەندەك...ئازاپلارغا قامالغان قەلبىمدىكى سېغىنىش خۇشاللىقىمنى قاساپ -قاساپ يىمەكتە، سۈزۈك كۆز ياشلىرىم پىچىرلىماقتا ‹‹مەن سېنى سېغىندىم بەكمۇ سېغىندىم!...سېغىندىم سېنى!!!...››
‹‹جېنىم مەن ھىچكىمنى سۆيۈپ باقمىدىم، سېنى سۆيگەندەك››قۇلاق تۈۋىمدە ئوتلۇق ئاۋاز،ئوتلۇق نەپەس...باھاردىكى سۇنىڭ شىلدىرلىشىدەك چوغلانغان تىنىقلىرىڭ ، ئىللىق ئاۋازىڭ يۈرۈكىمگە ئېقىپ كىردى.كۆزلىرىڭ بىلەن كۆزلىرىم ئۇچراشتى، كىرپىكلىرىڭ بەئەينى يۈرۈكىمگە تەڭلەنگەن ئوتلۇق خەنجەر!!...نىگاھىڭ كۆزلىرىمگە يا ئوقىدەك سانجىلدى،كۆزلىرىمگە مىخلىنىپ تۇرغان كۆكسۈڭدىن ئېتىلىپ كەلگەن بىر ئوت قېنىمغا قوشۇلۇپ پۈتۈن تىنىمگە تارىدى،مەن كۆيۈشكە باشلىدىم، ياق بىزكۆيۈشكە باشلىدۇق،كۆيمەكتە لەۋلىرىمىز، تەنلىرىمىز ھەتتا دۇنيا كۆيمەكتە...ئوتلۇق بىر ناخشا يۈرۈكۈمدە لاۋۇلدىماقتا؛ ساڭا بولغان سېغىنىشىمدىن كۆيمەكتە يۈرەك، كۆيمەكتە زىمىن!... يالىڭاچلانغان ئەسەبىيى بىر تىتىرەك پۈتۈن تىنىمنى چىرمىۋالدى ، سېغىنغىنىمنى كىملەرگە دەپ بىرەي؟!...قېتىپ قالدى لىۋىمدە سۆزلەر... ‹ئىچىڭنى قويۇپ بىرىپ، ئىچىمنى تىڭشا...!›جېنىم!!...بارلىق يۇلتۇزلارنىڭ ئۆمۈرىنى ياشاپ بەرگىن جېنىم سەن ماڭا... مەنمۇ سەندىن باشقا بىرىنى سۆيۈپ باقمىغان،بارلىقىمنى ساڭا ئاتىغان بىر قارىسام ئوت كەتكەن دېڭىز،بىر قارىسام مۇز تۇتقان دەريا سەن ، سەن بەزىدە مۇز ئۈستىدە يېلىنچىغان چوغ ! ۋۇجۇدۇمغا گۈلخان ياقىسەن...مۆلدۈر تاشلاپ ئۆتۈسەن بەزىدە تۈرۈم –تۇرۈم قارا بۇلۇت بولۇپ ئەگىپ باش ئۈستۈمدە...يۇلتۇزدەك سانسىزلىغان ئازاپ-ئوقۇبەتتىن يۈرۈكىم كۆيۈپ چۈچۈل بولماقتا...گۈلدەك ئاۋازىڭ قۇلاق تۈۋىمدە... ئەتىراپىمدا لىققىدە سېغىنىش...لىققىدە كۆز ياش...مەن سېنىلا سېغىنىمەن...لىققىدە ھىجرانغا يولغان يۈرۈكىم سېنى سېغىنىپ نەرە تارتماقتا