ئۇ چۈش كۆردى. چۈشىدە بىردە بىر توپ توڭگۇزلار بىلەن قىمار ئوينىسا،
بىردە بىر توپ ئىتلار بىلەن قىمار ئوينايتى.بەزىدە ئۇتاتتى،بەزىدە ئۇتتۇراتتى.ئۇتقۇنىدىن ئۇتتۇرغىنى كۆپ بولۇپ كېتىۋاتاتتى...
ئۇنىڭ كاللىسى خىلمۇ-خىل خىياللار بىلەن تولۇپ كەتكەنتى. خىياللىرى تولىمۇ تاپپى-تۇپپاڭ،تولىمۇ رەسۋا، تولىمۇ پۈچەك ئىدى.ئۇ بەزىدە ئۆز خىياللىرىدىن ھوزۇرلۇنۇپ كۈلسە، بەزىدە قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ، كۆزلىرى قانغا تولۇپ، تولىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ كېتەتتى.ئۇ قىمارغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەنتى،قىمار ئۇنى چاڭگىلىغىلا ئېلىۋالغانتى. چىرايىدا كىتىپ-كىتىپ چەكسىز خۇشاللىق پەيدا بولسا،كۆپ ھاللاردا ئېيتىپ تۈگۈتكۈسىز قايغۇ-ئازاپ ،ھەسرەت پەيدا بولاتتى.ئۇ ،ئۇتۇۋالغان چاغدا ئۆزىنى شەھەر ئالغان باھادىردەك ھىس قىلسا، ئۇتۇرىۋەتكەن چاغدا خوتۇن، باللىرى بىلەن ئۇرۇشقىنى يەتمەيدىغاندەك ، خىزمەتداشلىرى بىلەنمۇ ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرەتتى.باشقىلارنىڭ ياخشى نىيەتلەر بىلەن قىلغان نەسەھەتى، بۇ قۇلىقىدىن كىرىپ ،ئۇ قۇلىقىدىن چىقىپ كېتەتتى.ئۇ شاڭگاڭنىڭ ‹‹قىمار شاھى››دېگەن فىلىمىنى كۆرۈپ قانمايتى.پات-پات كورتنى بىر نەچچە يەرگە ساناپ ،ئۆزى بىلەن ئۆزى قىمار ئوينايتى.بەزىدە چىرايىدا كۈلكە،بەزىدە بولسا قايغۇ،مۇڭ...
ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك قىمار ئويناپ چۈش كۆرەتتى.چۈشىدىكى قىماردا كۆپ ھاللاردا ئۇتىۋالاتتى.لېكىن ئوڭىدا ئوينىغان قىماردا داۋاملىق ئۇتتۇرىۋىتەتتى.
ئۇ،قىماردا ئۇتۇۋالغانلارغا بەكمۇ ھەۋەسلىنەتتى،ھەسەت ،ئۆچمەنلىك قىلاتتى.ئۇ ئۆزىدىن باشقىلار قىماردا ئۇتۇۋالسا،ھەتتا ‹‹پۇستانچى ئۇتىۋاپتۇ›› دەپ ئاڭلىسىمۇ قاتتىق ئازاپلىناتتى،كۆڭلى بىئارام، پاراكەندە بولاتتىى.ئۇنىڭ ئۇتۇۋالغان كۈنلىرىدىن باشقا كۈنلىرى تولىمۇ مەنىسىز،كۆڭۈلسىز ئىدى.ئۇنىڭغا يىراق-يېقىن ناھيە (شەھەر) لەردىكى قىمارخانىلار، قىمارۋازلار بەش قولدەك تونۇش ئىدى.ئۇ، بار تاۋكادىكى قىمارۋازلار خۇددى غايىپ غەزىنىگە ئۇچراپ قالغاندەك خوش بولۇپ كېتىشەتتى.ئۇ باشتا ئۇتقاندەك قىلغان بىلەن ئاخىرىدا مىڭىسى قىزىپ، كونتورۇللۇقىنى يوقۇتۇپ،ئۇتىۋالغىنىغا يېنىدىكى بار دەسمىنى قوشۇپ ئۇتتۇرۇپ،كاكا سالتاڭ بولۇپ كېتەتتى-دە،‹‹سىللەر مەندىن بىرلىشىپ ئۇتىۋالدىڭلار،قىمارغا ھۈنەر ئىشلەتتىڭلار،ساختىلىق قىلدىڭلار... ››دەپ قىمارۋازلار بىلەن بىر ھازا تىركەشكەندىن كېيىن،باشقىلار بىلەن چوتو تالىشىپ ئۇرۇشاتتى،بوغۇشاتتى.قەرز سورايتى،ھىچكىم قەرز بەرمەيتى.ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇ تالاي قېتىم ياغلىق قاپاق بولۇپ كەتكەنتى.شۇنداق بولسىمۇ،ئۇ‹‹ چۇقۇم قايتۇرىمەن،قايتۇرمىسام ئادەم بولماي، ئىشەك بولۇپ كېتەي، قان قۇسۇپ ئۆلەي!...››دەپ قەسەملەرنى ئىچىپ، يالۋۇراتتى،يېلىناتتى ھەتتا كۆز يېشىمۇ قىلاتتى.بەزىدە بولسا ساق باللىرىنى‹ كېسەل بولۇپ قالدى،دەرھال ياتاققا ئالمىسا ئۆلۈپ كېتىدىكەن ›دەپ يالغان سۆزلەپ ،پۇل سورايتى.ئۇنىڭ بۇنداق يالغانچىلىقلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتكەچكە ھىچكىم ئۇنىڭغا قەرز بەرمەيتى. بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ قارامتۇل چىرايى ئاۋال تولىمۇ بىچارە بولسا، ئارقىدىنلا تېخىمۇ قارداپ،مىستەك پارقىراپ،كۆزلىرىگە قان تولۇپ كېتەتتى.
ئۇ بۈگۈن يەنە ئۇتتۇرىۋىتىپ ئۆيىگە كىردى.كۆز ئالدىدا،بىردەمدىلا قولىدىن چىقىپ كەتكەن 100 يۈئەنلىك بىر تېڭىق پۇل. ئۆيىدىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭ كۆزىگە غەلىتە،مېھرىسىز كۆرۈنىشكە باشلىدى.‹‹خەپ! مەنمۇ ئۇتارمەن،داۋاملىق سەمەت پاينەك بىلەن ياقۇپ تىتاڭ ئۇتۇۋەرمەس؟ ماڭىمۇ كېلەر؟ جەمشىت دېگەن گۇينىڭ نىمىسىنى بىر نىمە قىلغان بولغىتىم،ماڭا ئالدىنى قىلمايدۇ يا بۇ قىمار ...››ئۇ تا مۇشۇ چاققىچە، قىمار توغرۇلۇق باش قاتۇرغانچىلىك، ئويلانغانچىلىك ئاتا-ئانىسى،ئائىلىسى،خوتون-بالىلىرى توغرۇلۇق باش قاتۇرغان، ئويلىنىپ باققان ئەمەس.ئۇ بۇگۈن ئىشقىمۇ چىقماي ،ئۆزىنى ئوڭدا تاشلاپ،تورىسىغا قارىغىنىچە قىمار توغرۇلۇق ئاچچىق-چۈچۈك خىياللارغا غەرق بولدى.
-يەنە قىمار ئويناپسىز- دە؟-خوتۇنىنىڭ تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا سورغان سۇئالى، ئۇنىڭغا خۇددى مۇزغا تاياق ئاتقاندەك ئاڭلىنىپ كەتتى.
-ھەئە.
-نىمىشقا ئوينايسىز؟
-بۇرۇن ئۇتتۇرغىنىمنى ئۇتىۋالاي دەپ.
-نىمىشقا ئۆزۈڭىزنىمۇ،بىزنىمۇ پاراكەندە قىلىسىز دەيمەن،ئوينىمىسىڭىز بولمامدۇ؟
-ئوينايمەن قانداق؟ ئوينىسام قانداق قىلاتتىڭ؟
-ئوينايدىغان نىمىنى ئوينىماي، ئوينىمايدىغان نىمىنى ئوينايدىغان سىزدەكمۇ ئەقلى يوق ئادەم بولىدىكەن.
-ھې تېگى پەسنىڭ قىزى نىمە دەۋاتىسەن؟
-مېنى بەك بۇزەك ئىتىۋەتتىڭىز،بۇنىڭغا بوپتۇ دەي ،باللىلار ئىڭەككە تاقاشتى ،شۇلارنى ئويلاڭ،شۇلارنىڭمۇ باشقىلارنىڭ باللىرىدەك يىگۈسى، كەيگۈسى، خەجلىگۈسى كېلىدۇ.خوتۇن،باللىرىغا ئىگە بولماسلىق دېگەن ئىشەكنىڭلا ئىللىتى...
-تولا كاسىلدىمىغىنەۋا بىشەم، بېشىمنى ئاغرىتىپ.
-شۇنداق،بالىلارنىڭ گېپى چىقسىلا بېشىڭىز ئاغرىيدۇ،ئۆينىڭ گېپى چىقسىلا سەپىرايىڭىز تۇتىدۇ.سىزدە ئەرلىك، ئاتىلىق مەجبۇرىيەت بارمۇ زادى؟...
-سەن مۇشۇنداق قىلىپ ،مېنى ھالاكەت يولىغا قىستاپ ئاپارماقچىمۇ؟
-ئۆزىڭىزنى،ئۆزىڭىز شۇنداق يولغا قىستاۋاتىسىز.سىز بىزنى شۇنداق يولغا قىستاۋاتىسىز.
-شۇنداق بولسىمۇ سەن قانداق قىلالايتىڭ؟ سەن نىمە دىمەكچى زادى؟
-ئۆز مەسئۇلىيىتىڭىز،مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ دېمەكچى،قىمار ئوينىماڭ دېمەكچى...
-مانا مەسئۇلىيەت،مانا مەجبۇرىيەت دېگەن...-ئۇ ئەسەبيىلىك بىلەن خوتۇنىنى قاراقۇيۇق دۇمبالاشقا باشلىدى.
-ئۇرۇپلا ئۆلتۈرىۋىتە،شۇمپەن،بۇ جېنىمدىن تويدۇم...-ئۆي ئىچىدە قىيامەت-قايىم باشلاندى.بالىلارنىڭ قىيا-چىيالىرى، ئاھۇ-زارلىرى يۈرەكنى ئېزەتتى.
-ئانامنى تىللىغىچە بىزنى تىللاڭ.
-ئانامنى ئۇرغىچە بىزنى ئۇرۇڭ.
- جېنىم دادا ،نىمانداق قىلىسىز،بىزنى ئازىراق بولسىمۇ ئويلاپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟نىمە كۈن بۇ بىزگە؟ ...
-قاچانمۇ ئەتراپىڭىزغا قاراپ ياشاشنى ئۈگۈنەرسىز؟...
-ئاھ خۇدا،دادامغا ئىنساپ بەرگىن، ئۇمۇ باشقا دادىلارغا ئوخشاش ئائىلىسىگە كۆيۈنىدىغان، خوتۇن-باللىرىنى ئويلايدىغان دادا بولسۇن...
بۇ نالە-زارلار ئۇنىڭغا تەسىر قىلمىغان بىلەن ئانىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتتى،پارە-پارە قىلىۋەتتى.ئانا بالىلىرىنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان ياشلارغا قاراپ ئىچ- باغرىنى بىرى سۇغۇرۇپ كېتىۋاتقاندەك ئازاپلىنىۋاتاتتى.
-يىغلىماڭلار باللىرىم، يىغلىماڭلار، يىغلىساڭلار يۈرىكىم سۇغۇرۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك بولۇپ كېتىدىكەن،يىغلىماڭلار! بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر، يىغلىماڭلار...
ئۇ تولىمۇ غەلىتە بىر چۈش كۆردى.كېچە ئاسمىنى كۈندۈزدەك يورۇپ ،قويلار ئېشەككە،ئىتلار توڭگۇزغا ئايلىنىپ كىتىپمىش.ئۇ بىردەم توڭگۇزلار ئارىسىدا ،بىر دەم ئېشەكلەر ئارىسىدا باپكانىڭ مۇكىسىدەك قاتراپ يۈرۈيمىش.
-سەن كىم؟-سورىمىش بىر توڭگۇز ئۇنىڭدىن.
-مەن بىر جان باققۇچى- دەپ جاۋاپ بىرىمىش ئۇ.
-ياخشى،ناھايىتى ياخشى، مەن بىلەن ھەمكارلاشساڭ، مەن سېنىڭ جېنىڭنى بېقىشىڭغا ياردەم قىلىمەن.-دەيمىش توڭگۇز.
-بولىدۇ،بولىدۇ. قانداق ھەمكارلىشىمىز؟-دەيمىش ئۇ.
-سەن ئىتلارنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، نىمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىنى ماڭا پات-پات يەتكۈزۈپ تۇرساڭلا بولدى.-دەيمىش توڭگۇز.
-ماقۇل،بولىدۇ-دەيمىش ئۇ بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي.ئۇ توڭگۇز بىلەن قۇلاقنى قۇلاققا يېقىپ ئۇزاق كۇسۇرلاشقاندىن كېيىن،ھىچ نىمىنى بىلمەيدىغان بىغەم قىياپەتتە، ئىتلارنىڭ يېنىغا بارىمىش.
-سەن كىم –دەپ سورىمىش بىر ئىت ئۇنىڭدىن.
-كىملىكىمنى بىلمەيمەن،ئىش قىلىپ بىر جان باققۇچى- دەيمىش ئۇ ئەتىراپىغا تەپسىلى نەزەر تاشلىغاچ.
-ئۇنداق بولسا ، مېنىڭ بۇيرۇقۇم بويۇچە ئىش كۆرسەڭ، جېنىڭنى گۈلدەك باقىسەن،.-دەيمىش ئىت ئۇنىڭغا.
-ساڭا نىمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟-دەيمىش ئۇ ئالدىراپ.
-قىيىن ئەمەس،توڭگۇزلارنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ،نىمە ئىش قىلماقچى بولىۋاتقىنى ماڭا ۋاختى-ۋاختىدا يەتكۈزۈپ تۇرساڭلا شۇ كۇپايە. يانچۇقىڭدىن پۇل ئۈزۈلمەيدۇ.-دەيمىش ئىت.
-بۇ جان بېقىشنىڭ بەك ئوبدان يولىكەن،چۇقۇم شۇنداق قىلىمەن،سەن ۋەدەڭدە تۇرارسەن؟-دەيمىش ئۇ .‹‹ ئەمدى تازا قىمار ئويناپ ،راسا پۇخادىن چىقىدىغان بولدۇم-دە؟بۇ نۆۋەت چوقۇم سەمەت پاينەك بىلەن ياقۇپ تىتاڭدىن ئۇتۇۋالمايدىغان بولسام...››
-ھەلەك، ھوي ھەلەك...-بىرسىنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي توۋلاۋىرىشى ئۇنىڭ تاتلىق ئۇيقۇ ئىچىدىكى شىرىن چۈشىنى بۇزىۋەتتى.
-ھەي، ھەلەك...ھەلەك...-ئۇنىڭ يۈرىكى قارتىدە قىلىپ كەتتى.‹يامەت جازانىخور كەلدىمۇ نىمە؟ئۆيدە يوق دەڭلار دەي دىسەم خوتۇن-بالىلىرىم يوق.›
-ھې ھەلەك...ھەلەك...
-مانا.مانا يامەمىتىكا!
-ئۆيدە تۇرۇپ نىمانداق مۆ دېمەيسەن؟
-ئوخلاپ قاپتىمەن.
-سەن خاتىرجەم –دە.
-ئۆيگە چىرىڭ.
- مەن ئالدىرايمەن ،يەنە شۇ پۇلنى دەپ كەلدىم .
-ھازىر مەندە بىر نىمە يوق.
-قاچان سەندە بىر نىمە بولىدۇ؟
-بىر يەردىن پىچكە پۇل ھەل قىلىۋاتىمەن.
-بۇنداق گەپلىرىڭنى تولا ئاڭلاپ قۇلىقىم پىشىپمۇ كەتتى،بۈگۈن نەدىن بولسا تېپىپ بەر.بولمىسا ساقچىخانىغا سۆرەپ چىقىمەن.
-جېنىم يامەتكا،ھازىر ئۆيدە يىگۈدەكمۇ بىر نىمە يوق...
-بۇنداق گەپلىرىڭنى قويۇپ پۇلنى نەدىن بولسا تاپ.
-راست دەيمەن ،ئۆيدە ھازىر ھىچنىمە يوق ...
-يوق بولسا مەن سېنى باقامدىم...
-مەندىن يانمىسا خۇدادىن يانا،جېنىم يامەتكا بىر نەچچە كۈنلۈك مۆھلەت بىرىڭ مەن تېپىپ بىرەي.چوقۇم بىرىمەن.
- بەرمىسەڭ بولامتى ئەمىسە؟يەنە بىرىنىڭ دوپپىسىنى، بىرىگە كەيدۈرەي دەۋاتامسەن ،ئەمدى سېنىڭ قاپقىنىڭغا ھىچكىم دەسسىمەيدۇ،بولدى مېنى تولا كولدۇرلاتماي پۇلنى تېپىپ بەر...
-‹ياماننى ياردا قىستاڭ ›دەپ بۇنداق قىستىسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن،ئازراق پۇل ھەل بولغان زادى،مەن پۇل ئالماقچى بولغان ئادەمگە بىزنىڭ ھېلىقى پاكار باشلىقنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى دەپ بىرىپ ساپتىكەنمەن ، ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلسا ‹جازانىخور› دەپ تىللاپ سېسىتىۋىتىپتىكەن،پۇل بىرىشتىن يېنىۋالدى دەيمەن يامەتكا...نىمە كۈن بۇ ماڭا ؟... ھىچكىم ئىشەنمەس بولۇپ كەتتى...مۇشۇ تاپتا ئۆيدە يا كۆمۈر، يا ئۇن قالمىدى دەيمەن،كېسەلچان ئانامنىمۇ بىر جىڭ گۆش ئېلىپ يوقلىيالمايۋاتىمەن،مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز، ئۆيىمىزنىڭ ئارىلىقى 50 مىتىرمۇ كەلمەيدۇ..
-قاراقۇچقاچتەك سۆزلەپلا كەتتىڭغۇ،گەپ قىلمىسام ،تىز بول پۇلنى تاپ...
-ھازىر تاپ دەپ تۇرىۋالسىڭىز مەندە ئامال يوق. ئەتە –ئۆگۈنگىچە كىلىڭ مەن تېپىپ قوياي...مانا كۆردىڭىز ئۆيۈمدىن چاشقانلارمۇ يامانلاپ چىقىپ كەتتى...
-چاشقانلىرىڭ يامانلىسا يامانلىمامدۇ، ‹تاپىمەن-تاپىمەنلا›دەيسەن ،نەدىن تاپىسەن؟
-ئامال قىلىپ باقىمەن.
-ئامال قىلالمىساڭ يەنە يالغاننى توقۇيسەن شۇنداقما؟
-ئۇنداق بولماس.
ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ ئايىغى چىقماي تۇرۇپ ،يارى جازانىخور بىر كۆزىنى قىسقىنىچە پەيدا بولدى.ئۇنى كۆرۈپ، ھەلەك قىمارۋازنىڭ چىرايىنى تۈتەك ئېلىپ كەتتى.‹‹قونىچى قونىچىنى كۆرەلمەپتۇ››دېگەندەك، يامەت جازانىخورنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلدى.يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭدىن قەرز سۈيلەپ كېلىدىغانلار كۆپۈيۈپ كەتكەنتى.ئۇ قەرىز سۈيلەپ كەلگۈچىلەرنى بىر-بىرىدىن شىرىن يالغان گەپلەر بىلەن يولغا سالاتتى.ئۇنىڭدىن قەرز سۈيلۈگىچىلەر بۇ يەردە داڭقى چىققان يامەت بۇقا، يارى سىدىق،تىلىۋالدى بوبو قاتارلىق جازانىخورلار ئىدى.بۇلار ئۇنىڭدىن پۇلىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بەزىدە پوپۇزا قىلسا، بەزىدە يالۋۇرىشاتتى.‹‹پۇلنى جازانىغا بەرگۈچىمۇ،جازانىغا پۇل ئالغۇچىمۇ ھامان بىر كۈنى ۋەيران بولىدۇ دەيدىكەن، راست ئوخشىمامدۇ؟كۈندىن –كۈنگە ھەممە جەھەتتىن خاراپلىشىپ كېتىۋاتىمەن...شۇنچە قىلساممۇ ئۇتالماۋايتىمەن، ئۇتتۇرىۋىتىپلا يۈرىۋاتىمەن...››ئۇ پات-پات شۇنداق ئويلاپ، ئېغىر خۇرسىنىپ قوياتتى.بەزىدە تېخى ئۇ جازانىخورلارنىڭ بىر كېچىدىلا ئۆلۈپ قېلىشىنى تىلەيىتتى.
تۈنۈگۈن،ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئولتۇرسا شەھەردىكى بىر ئاساسلىق مەكتەپتە ئىشلەيدىغان سەمەت مۈلۈك كىرىپ كەلدى-دە،چالا-پۇچۇق سالامدىن كېيىن،‹نىمانداق ئىشەكنىڭ بىرنىمىسىدىنمۇ قېلىن نىمە سەن،پۇلۇمنى قاچان بىرىسەن؟...›دەپ ھازازۇل خوتۇندەك جار سالغىنىچە ئۇنىڭ گېلىدىن،ئىت توشقاننى بوققاندەك بوغىۋالدى.خىزمەتداشلىرى بۇ ئىشنى ئاران دېگەندە بىر تەرەپ قىلدى.
-ئۇنىڭدا نىمە قەرزىڭ بارتى؟-سوردى بىر خىزمەتدىشى،سەمەت مۆلۈك چىقىپ كەتكەندىن كېيىن.
-نىمە قەرز بولىدۇ شۇ ،قىمار ئويناپ، بوغۇلۇپ قالغان قەرز بولمامدۇ.
-ئۇمۇ قىمار ئوينامدىكەن؟
-ھەم قىمارۋاز ھەم جەزىخور. ئۇ ئۆيىدە قىمار ئورۇنلاشتۇرىدۇ.ئۇ قىمار ئوينىغاندا خوتۇنى چوتو ئالىدۇ، ئەگەر ئۇتتۇرىۋەتسە خوتۇنى ئوينايدۇ، ئۇ چوتو ئالدۇ.ئاڭلىسام ئۇ بۇرۇن خېلى نامى چىققان شائىر ئىكەن.بىز خەقنىڭ زىيالىلىرى شۇنداق ئېزىپ كېتىۋاتسا، مېنىڭ ئېزىپ كەتكىنىم نىمىتى...
-ئوينىمىسىلا بولىدىغۇ.
-ئوينىمايمەن دەپ ئوينىمىغىنى بولمايدۇ كۈنۈپ قالغاندا. مەن ئەمەس خېلى –خېلى ئادەملەر ئوينايدۇ دەيمەن.
-مەسلەن.
-شىركەتنىڭ باشلىقلرى دەمسەن،باشلىق،سېكرىتار دەمسەن،ئوغرى-قەلەندەر دەمسەن ئىش قىلىپ ھەممە ساھە،ھەر قانداق ئادەملەر توپىدىن قىمار ئوينايدىغانلار تېپىلىدۇ،مەن شۇلارنىڭ بىرى...سىلەرمۇ ئاڭلىغانسىلەر، ھېلىقى ناخشا ئوقۇپ ئازىراق نامى چىقىپ،كىچىككىنە پۇل تېپىپ قالغان قادى ناخشا ئۈلۈشكۈن 20 مىڭ يۈئەن نەق پۇل بىلەن ماشىنىسىنى بىراقلا ئۇتتۇرىۋىتىپ ،دەلدەڭشىگىنىچە قىمارخانىدىن چىقىپ كەتتى،مەنمۇ شۇ يەردە باتىم...پۇلۇم بولسا ئويناپ باقاي دېگەن ،پۇلۇم يوق ئوينالمىدىم ،ئوينىساملا كېلەتتى ھەي ي!- ئۇ شۇنداق دىدى-دە، ھىچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتتە سىرىتقا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ بەستىگە قارىغاندا پۇت-قوللىرىنىڭ سەل كالتە يارىلىپ قالغانلىقى، بىر قاراشقىلا بىلىنىپ قالاتتى.يول يۈرگەندە سەل ئالدىغا ئىڭىشىپ ماڭاتتى.بىلى كۈندىن-كۈنگە مۈكچىيىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.داۋاملىق قىزىللىق يوقالمايدىغان كۆزلىرىدىن ئادەمنىڭ قورقىسى كېلەتتى. نەسلى پەسلەرنىڭ قىلىقلىرىمۇ پەس بولىدۇ.كىلىپ چىقىشى ئېنىق بولمىغانلارنىڭ قىلىقلىرى سەت بولىدۇ.بۇنداقلارنىڭ قەلبىدە ئىپلاسلىقلار قۇترايدۇ.بۇنداقلار ئارىمىزدا كۆپۈيۈپ كېتىۋاتقاچقا، بىز بەختىگە كۆز تەككەن بەختسىزلەرگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتۇق.
ئۇ، بۈگۈن يەنە، بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان، كېسەلچان ئانىسى بىر ئۆمۈر يىغىپ، ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ساقلاپ كېلىۋاتقان،3000 يۈئەننى ئوغۇرلاپ چىقىپ كىتىپ ئۇتتۇرىۋىتىپ ،بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئۆيگە كىردى.بىچارە ئانا‹‹ مەن بالا ئەمەس بىر بالا تۇغۇپتىمەن››دەپ مۇڭ-مۇڭ يىغلىدى،قاخشىدى،نىمە ئامال، بولغۇلۇق بولىۋاتاتتى. خوتۇنى ئۈچ بالىسىنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنتى.ئۇنىڭ قورسىقى قاتتىق ئېچىپ كەتكەن بولۇپ ئاشقازىنى مۇجۇپ ئاغرىۋاتاتتى.يەي دېسە، ئۆيدە يىگۈدەك بىر نىمە يوقتى.ئىككى چىنە سوغوق سۇنى گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋىتىپ،يىغىلمىغىنىغا نەچچە كۈن بولۇپ كەتكەن ئورانغا ئۆزىنى تاشلىدى.قورسىقى تولغاپ ئاغرىيىتتى.‹‹كامىل قاراممۇ داۋاملىق ئۇتتۇرىۋىتەتتى، مانا ئالدىنقى كۈنى 30 مىڭ يۈئەن بىلەن بىر‹سانتانا›نى كوم سوقتىغۇ،قۇزى شاڭجاڭمۇ ئۇدا ئۇتتۇراتتى، ئاخشام بىر كىلىۋىدى، 40 مىڭ يۈئەنلىك بولۇپ قالدى.ماڭىمۇ كېلىدىغان چاغ بولۇپ قالغاندۇ؟داۋاملىق ئۇتتۇرىۋەرمەسمەن؟...قېيۇم مۇئەللىمنى ساقچىلار سولاپ قويۇپتۇ دەپ ئاڭلىدىم ،راستىنلا شۇنداق بولسا ئۇنىڭغا بەك ئۇۋال بولۇپ كېتىدۇ،ھەي!...ئۇنىڭ ئۇتتۇرغىنى ئالدىدا مېنىڭ 50 مىڭ يۈئەن ئۇتتۇرغىنىم نىمىتى؟ بىر يىللىق مۇئاشىنى ئالدىن قەرز ئېلىپ،75 مىڭ يۈئەنگە يەر سېتىپ قەرز تولىسىمۇ، يەنە 95مىڭ يۈئەن ئېشىپ قاپتۇ دەيدۇ...››
ئۇ ئون يىلدىن كېيىن تاپىدىغان پۇلنى ئالدىن قەرز ئېلىپ، ئۇتتۇرۇپ،شامالدا سورىغاندەك سورىۋەتكەنتى.‹‹ قاچانغىچە جازانىخورلاردىن سېسىق تىل ئاڭلاپ،رەسۋا بولۇپ ياشارمەن؟... باش قاتۇرۇپ نىمە كەپتۇ مەندىن نەچچە ھەسسە جىق ئۇتتۇرىۋەتكەنلەر نىمە بولسا مەنمۇ شۇ بولارمەن... ئېلىشى بارلار مەن ئۇتۇۋالغاندا ئالار...ئارانلا مەن ئۇتتۇرۇپمىتىم؟...ھېلىقى پاكار باشلىق‹ بۇنداق مال-ماتاڭ ئىش قىلىپ يۈرگۈچە قايت،سېنى ئىشلەتمەيمەن،ئەرز قىلىدىغان يىرىڭ بولسا ئەرز قىل،سېنى ئىشقا بۇيرىماي،كۈتۈرۈپ يۈرۈيدىغان ئورۇن بولسا شۇ يەرگە بېرىپ ئىشلە...›دەيدۇ-يا، ئوغامنى قاينىتىپ،ماڭا ئىش ھەققىنى ھۆكۆىمەت بىرىدۇ ،ئۇ بىرەمتى...ماقۇل دەپ قويۇپ ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى قىلىۋەرسەم بولمىدىمۇ؟...قاچانمۇ بىرئۇتۇۋالارمەن...خوتۇن دېگەن نائەھلىغۇ كەتسۇن پۇشتىمدىن بولغان ھاراملىقلارمۇ مەندىن يۈز ئۆرىدىغۇ...بىر ئۇتىۋالسام بولىتى... ››ئۇ باش-ئاخىرى چىقمايدىغان خىياللار بىلەن ئۇيان تولغۇنۇپ، بۇيان تولغۇنۇپ ئاخىرى ئۇخلاپ قالدى.
ئۇ چۈش كۆردى. چۈشىدە بىردە بىر توپ توڭگۇزلار بىلەن قىمار ئوينىسا، بىردە بىر توپ ئىتلار بىلەن قىمار ئوينايتى.بەزىدە ئۇتاتتى،بەزىدە ئۇتتۇراتتى...
ئۇ بىردىنلا ئۆزىنى ئەينەك ئالدىدا كۆردى.ئەينەككە قارىدى.ئەينەكتە ئوڭ قۇلىقى كىسىۋىتىلگەن، بىر ئىشەك تۇراتتى.ئىشەكنىڭ بۇرنى ئادەمنىڭ بۇرنىغا ئوخشسا،ئاغزى چوشقىنىڭ ئاغزىغا،كۆزلىرى ئىتنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشاپ كېتەتتى.ئەينەكتە بىردە ئىشەك پەيدا بولسا، بىردە ئىت پەيدا بولاتتى-دە، ئارقىدىنلا چوشقا ئىتنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيىتتى.ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆڭدى. يۈرۈكى قارتتىدە قىلىپ كەتتى.كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئېچىپ، ئېچىپ يۇمۇپ ئەينەككە قارىدى، ئەينەكتە ئىشەك،ئىت،چوشقا...ئىت چوشقا، ئىشەك...چوشقا،ئىشەك ،ئىت...‹‹ ئاھ،مەن، مەن يۈسۈپاخۇنىكامنىڭ قۇلىقى كۆتمەك ئىشىكىگە ئايلىنىپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟...››دەپ ۋاقىرىغىنىچە ئويغۇنۇپ كەتتى ئۇ.ئۇنىڭ چىرايىنى ئەنسىزلىك قاپلىغانتى...كۆزلىرىدىن ئەندىشە تۆكۈلەتتى...لاغىلداپ تىترەيىتتى.كۆز ئالدىدا داۋۇت مۇسانىڭ ئون مىڭ كويغا سېتىۋالغان تالاشچى تاغىل ئىتى پەيدا بولدى-دە، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئورنىنى، بۇرنىنى ئۆزىنىڭ پوق-سۈيدىكىگە تىقىپ،ماتىلاپ،خارتىلداۋاتقان بىر چوشقا ئىگىلىۋالدى.ئۇنىڭ چۈشى بىلەن خىيالى،خىيالى بىلەن چۈشى ئارىلاش بولۇپ كەتكەنتى