نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 486 قېتىم كۈرۈلدى
«دەررىچى پالۋان» يولدىن ئۆتكەن قىزلارنى ساۋاپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -31
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : news.163.com

تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن 2 دىن 50 مىنۇتلار ئۆتكەندە، قۇمتۈزلەڭ رايونى سەنشىيا خەلق مەيدانىدا بىر نەپەر «دەررىچى پالۋان» پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىۋاشلىرى جۇل-جۇل بولۇپ، قولىغا بىر دانە كالتەك ئېلىۋېلىپ، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا مەخسۇس ئۆتكەن كەچكەن بويتاق(يالغۇز ماڭغان قىزلار)نى كالتەكلەۋاتاتتى.

دەل شۇ چاغدا بىر نەپەر ئۈستىگە قىزىل-ئاق بالداقلىق مايكا كەيگەن قىزچاق بۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى ۋە تۇيۇقسىز «دەررىچى پالۋان» نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، بىراق قىزچاق ئۆزىنى دالغا ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەچ، ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر كالتەك يېدى ۋە ئوڭ مۈرىسىگە شۇ ھاما يوغان ھۈررەكتىن بىرسى ئۈنۈپ چىقتى.

كېيىن، بىر ئاز جۈرئىتى بار شەھەر ئاھالىسى بىر ئامال قىلىپ «دەررىچى پالۋان» نىڭ قولىدىن كالتەكنى تارتىۋالدى، ئۇڭغىچە چارلاش ساقچىسىمۇ يېتىپ كەلدى، ئويلىمىغان يەردىن «دەررىچى پالۋان» ساقچىنى كۆرۈپلا يىغلاشقا باشلىدى ۋە يۇۋاشلىق بىلەن قورالنى تاپشۇرۇپ، قىزچاقتىن كەچۈرۈم سورىدى، ئاندىن ساقچىلار بۇ پالۋاننى يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا سوراق قىلغىلى ئەكەتتى.

تەھرىردىن:  ياز پەسلىنىڭ تېمپراتۇرىسى يۇقىرى، ئوڭايلا ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، كىشىنى ئوڭايلا سەپرا قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىك يېمەك-ئىچمەككە، ياخشى ئارام ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىشى زۆرۈردۇر.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش