رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 6184 قېتىم كۈرۈلدى
پاكىستاندا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 42 ئادەم ئۆلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-04 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.okyan.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 20-ئاپرېل خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ 20-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان ساقچىلىرى دېيىشىچە، پاكىستانىڭ سىندىھ ئۆلكىسىدە يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ماشىنىسى سوقۇلۇپ كېتىپ، نۆۋەتتە ئۆلگەن ئادەم سانى 42 گە يەتكەن، باشقا يەنە 17 ئادەم يارىدار بولغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە 14 بالا ۋە 13 ئايال بار ئىكەن.
ۋەقە سىندھ ئۆلكىسىنىڭ سىككۇر بازىرىدا يۈز بەرگەن، سىككۇر بازىرى كاراچىنىڭ شىمالىغا 425 كىلومېتىر كېلىدۇ.
يەرلىك ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى نامۇۋاپىق ھەيدىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان. ئەينى چاغدا شوپۇر يولنىڭ ئىچكى يېقىدىن ئالدىدىكى ماشىنىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇدۇلدىن كەلگەن يۈك ماشىنىسى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن ھەمدە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىدار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203