نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 4901 قېتىم كۈرۈلدى
ئېرىنى ئۆلتۈرۈپ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقماقچى بولغان ئايال
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-07 -11
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : photo.huanqiu.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 9-ئىيۇل خەۋىرى، ئامېرىكا مىچىگان شتاتىدىكى بەخىتسىز نىكاھ تۇرمۇشى ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتقان جۇلىيا.مېرفىلىد كەسپىي قاتىل ياللاپ ئېرىنى ئۆلتۈرۈش خىيالىغا كەلگەن. مۇشۇنداق قىلغاندا يەنە كېلىپ 400مىڭ دوللار سۇغۇرتا پۇلىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، پۇلغىمۇ ئېرىشىپ ھەم بۇ ئەردىنمۇ قۇتۇلىشىنى ئويلىغان. ئەپسۇس ئۇ ياللىغان كەسپىي قاتىل ئەسلى ساقچى بولۇپ چىققان. جۇلىيا ھازىر ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان بولۇپ ئادەم ياللاپ يولدىشىنى ئۆلتۈرمەچكى بولغانلىقىنى ئىقرار قىلغان، ئۇ مۇشۇ قىلمىشى سەۋەبلىك مۇددەتسىز قاماقتا يېتىشى مۇمكىنكەن.

ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن جۇلىيا ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى بولۇپ، ئۇ دائىم يولدىشى بىلەن ئۇرىشىدىكەن، تۇرمۇشىمۇ بەخىتلىك بولمىغان. ئەگەر ئۇ ئاجرىشىپ كەتسە ئېرىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپلا قالماستىن يەنە ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ ئامالسىزلىقتىن ئېرىنى ئۆلتۈرگۈزمەكچى بولغان. جۇلىيا خىزمەتدىشى كارلوسقا 50مىڭ دوللار بېرىش ئارقىلىق بىر كەسپىي قاتىلنى ياللىغان، ئەمما كارلۇس بولسا ئەڭ تېز سۈرەتتە ساقچىلارغا بۇ ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلغان. 4-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا جۇلىيا كەسپىي قاتىل سىياقىغا كىرىۋالغان ساقچى بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشكەن، ھەم يولدىشىنى ئۆلتۈرۈش جەريانىنى تەپسىلىي دېيىشكەن، بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىس بولسا سىنغا ئېلىنغان ئىدى.

جۇلىيانىڭ ئوغرلىقچە تارتىلغان ۋىدىئۇسى توردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ۋىدىئودا ئۇ يۈزىدە تەبەسسۇم جىلۋىلانغان ھالدا ئېرىنى قانداق ئۆلتۈرۈشىنى پىلانلىغان ھەم چىسلاغا قاراپ قانچىنچى چېسلا ئۆلتۈرۈشنىمۇ بىكىتكەن. جۇلىيا يەنە مۇنداق دېگەن ئىدى، «ئۇنى ئۆلتۈرىۋىتىش قانداقلا بولمىسۇن ئاجرىشىتىن ئوڭايراق. مىنىڭ ھېچنىمىدىن ئەنسىرىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ھەممە پاكپاكىز تۈگەيدۇ.»

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776