نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 3154 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا تاراتقۇسى: پاكىستان ھۆكۈمىتى «چىرىكلىشىپ» بىن لادىننىڭ پاناھلىنىشىغا يول قويدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-07 -11
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : world.huanqiu.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئامېرىكا «خىرستىيان دىنى ئىلمى نەسىھەت گېزىتى» نىڭ 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكىلەر بىن . لادىننىڭ قوغلاپ تۇتۇلۇش ۋە ئۆلۈشىنى جەريانىدىكى بىر قىسىم تەپسىلىي دوكلاتلارنى ئېلىپ قىلغان، يەنى «بازا تەشكىلاتى» نىڭ كاتتىۋېشى بىن . لادىن پاكىستاندا توققۇز يىل يوشۇرۇنۇپ يېتىشى «پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلىشىشى ۋە ھەربىي قىسىمنىڭ ئىقتىدارسىز ئىكەنلىكىنى» ئىپادىلىگەن.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بىن . لادىننى تۇتقانلارغا 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىلىدىغان بولۇپ، ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ توققۇز يىل جەريانىدا «تۇتۇش پۇرسىتىنى» قولدىن بېرىپ قويغان. لادىن ئىلگىرى ماشىنىنى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ھەيدەپ توسۇۋېلىنغان بىراق قولغا ئېلىنمىغان. دوكلاتتا : «بىر قېتىم، ئۇلار بىر بازارغا بارغاندا يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ماشىنا ھەيدەپ توسۇۋېلىندى، ئەمما ئۇلار ساقچىنى سوقۇۋېتىپ، يولىغا راۋان بولغان» دەپ يېزىلغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، مەزكۇر دوكلات پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلىشىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان قىلمىشلارنى ئېلان قىلغان، مەسىلە، بىن . لادىن يالغان سالاھىيەت بىلەن ئۆي سېتىۋېلىپ، ئۆي-مۈلۈك تۈزۈمىگە دائىر قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا ئۆز ئالدىغا داچا سالغان ھەمدە باجدىن ۋە تەكشۈرۈشتىن قاچقان. 2010-يىلى بىن . لادىننىڭ تۇرالغۇسىدا قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ھەمدە بىن . لادىن يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن يىللاردا پاكىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ساقچىلىرى ئۇنى تەكشۈرمىگەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776