نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1426 قېتىم كۈرۈلدى
«تىتانىك»نىڭ چۆكۈپ كېتىشىنى 100 يىل بۇرۇنقى ئاي شارى كەلتۈرۈپ چىقارغان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-04 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

2012-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى «تىتانىك» ناملىق پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كەتكىنىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنى، ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرىدىكى كىم ئارتۇق سودا ئورنى 4-ئايدا «تىتانىك»نىڭ 5500 دىن ئارتۇق يادىكارلىقىنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتماقچى. شۇنداقلا ھوللىۋودنىڭ كىلاسسىك فىلىمى «تىتانىك» 3D شەكلىدە قايتىدىن كەڭ كۆرۈرمەنلەرگە سۇنۇلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، 2012-يىلى تىتانىكنىڭ چۆكۈپ كەتكىنىنىڭ 100 يىللىقى بولۇپلا قالماي بەلكى ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق بولغان ئاي شارىنىڭ «يەرگە ئەڭ يېقىن نۇقتا» شەكىللىنىشىگە 100 يىل بولغان يىل. 1912-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، يەر شارى بىلەن قۇياش ۋە ئاي بىر تەكشىلىك سىزىقىغا كەلگەن، ئۇ كۈنى ئاي شارى بىلەن يەر شارى 1400 يىل ئىچىدىكى ئەڭ يېقىن ئارلىققا كەلگەن. ئامېرىكىنىڭ ئالىملىرى بۇ 100 يىلدا بىر قېتىم كۆرۈلىدىغان ئاستىرونومىيە ھادىسسى دېڭىز سۈيىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆتۈرۈلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. دەل مۇشۇنداق توختىماستىن ئېگىز-پەس ھەرىكەتلىنىش سەۋەبلىك «تىتانىك» ناملىق پاراخوت ئەينى يىلى مۇز تاغقا سوقۇلۇپ كەتكەن.

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn
 
1912-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى يەر شارى، قۇياش ۋە ئاينىڭ بىر سىزىق تەكشىلىكىگە كەلگەن سىخېمىسى
 
Www.AnAdiyar.Cn

 

كانادانىڭ شىمالىدىكى دېڭىز قىرغىقىغا يوشۇرۇنغان مۇز تاغ 

ئامرىكىنىڭ فىزىكا ئالىملىرى ئاي شارى بالا- قازاسى پەلسەپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
1912-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈبھى ۋاقتىدا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ھەشەمەتلىك پوچتا پاراخوتى «تىتانك» ئەنگىلىيەنىڭ جەنۇبى ئامپتوندىن ئامرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. لېكىن شىمالى ئاتلانتىك ئوكيانغا كەلگەندە مۇز تاغقا ئۇرۇلۇپ كېتىپ، 1523 ئادەم قازا قىلىدۇ.
100 يىلدىن بېرى بۇ پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشىگە قارىتا كىشىلەر ھەر خىل مۇنازىرىدە بولماقتا. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە پاراخوتنىڭ سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كىتىپ، مۇز تاغدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىغا ۋاقىت بولماي قالغان؛ يەنە بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، پاراخوتقا ئۆلچەمگە يەتمىگەن ماتىرياللار ئىشلىتىلگەن، بۇ ماتىرياللار پاراخوت مۇز تاغقا سوقۇلغاندىن كېيىن پاراخوتنىڭ پولات تاشقى قېپى دەرھال يېرىلىش ھادىسسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ باشقا بەزىلەر بولسا پاراخوت رولچىسى روبرد ئالاقزادىلىك ئىچىدە، بۇيرۇقنى خاتا ئاڭلىۋېلىپ، رولنى خاتا بۇراپ قالغان دېيىشىدۇ.
يېقىندا، ئامرىكىنىڭ تېكساس ئۇنۋېرستېتىنىڭ فىزىكا ئالىملىرى ئەڭ يېڭى ساندىكى ئامرىكا ئاستىرنومىيە ژورنىلى« ئاسمان ۋە تېلېسكوپ» دا، « تىتانك» نىڭ چۆكۈپ كېتىشىدە تاسادىپىي ئامىللارنىڭ بىرلىكتە كۈچ كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېھتىمماللىقى چوڭ بولغان بىر كۈچ دەل ئاي شارى بولىشى مۇمكىن دەپ يازغان.
«تىتانىك» نىڭ ئىككىنچى قول باشلىقى چارلىز قۇتقۇزىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە تەكشۈرۈش ئۆمىگنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ :« ئەينى ۋاقىتتا .ئاسماندا ئاي كۆرۈنمەيتتى» دېگەن. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ئاسماندا ئاي بولۇپ، ئەتراپ يورۇق بولغان بولسا بەلكىم پوسىتتا تۇرغان قاراۋۇل دەل ۋاقىتتا مۇز تاغنى بايقاپ، پاراخوت ئوڭۇشلۇق چەتكە ئېلىنغان بولاتتى.
ئالاقىدار تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، 1912-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاي بىلەن يەر شارىنىڭ ئارلىقى ئاران 3 مىليارد 563 مىليون 750 مىڭ كېلومېتىركەن. ئادەتتىكى ئارلىق بولسا 3 مىليارد 630 مىليون كېلومېتىركەن
      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش